كىشى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى ئەڭ پىنھان يەرلەردە يۆگەپ ساقلايدۇ. گۇھەر، ياقۇت، ئالماس، ئالتۇنلارنى خالىغانچە چېچىۋەتكەننى كۆردىڭىزمۇ؟ ئەمما تاش ھەممە يەردە ئۇچۇق-ئاشكارا بار. تاش بىلەن ئالماسنى سېلىشتۈرغىلى بولامدۇ؟
قىممەتلىىك نەرسىنى ئۇچۇق تاشلاپ قويسىڭىز، چوقۇمكى، ئوغرى ئېلىۋېلىشى مۇمكىن. ئاياللار ئۆزىنى قەدىرلىسە، قىممىتىنى ساقلاپ يۈرەي دېسە، يۆگەشكە تېگىشلىك يېرىنى يۆگەيدۇ. ئەگەر ئۆزىنىڭ قىلچىلىك قىممىتى يوقلۇقىنى ھېس قىلسا، ھەممە «دەسمىيسىنى» جاراستانغا تۆكمە قىلىپ، «باھاسىنى چۈشۈرۈپ» ..... مۇمكىن.
ئەگەر كىيىمنى ئاز كېيىش مەدەنىيەت ھېسابلىنىدىغان بولسا، ھايۋانلار ئەڭ مەدەنىيەتلىك. چۈنكى، ئۇلار كىيىم كىيمەيدۇ ئەمەسمۇ؟!