ئەسلەشمۇ ئۇنتۇشمۇ ؟دىنى سامالار ۋە رەقىس سورۇنلىرى ئاستا- ئاستا كۆزدىن يۈتۈشكە باشلىدى.
مۇشۇ شەكىلدىكى دىنى بىدئەتلەرنىڭ يوقىلىشىنى ساغلام بولغان ئىبادەت قارىشى، توغرا دىنى ئاڭنىڭ ئالغا باسقانلىغى دەپ قاراشقا بولامدۇ ؟
ياق، - بۇ ئەمىلىيەتتە ھەق – ناھەق ئارىلىشىپ كەتكەن چېكىدىن ئاشقان بىر خىل ئەقىدە سولچىللىغىنىڭ ئۇنىڭ ئورنىىنى باسقانلىغىدىن بولىۋاتىدۇ.
ئىسلامىيەت ساپ ئىلم بىلەن ساغلام تارقىلالمىغان يەرلەردە بىر مۇنچە كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئىسمى قېتىلغان مەنىسىز ، مەنبەسىز باش-ئاخىرىنى چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدىغان ۋاقىراش-جاقىراشلارنى ئىبادەت دەپ قاراپ مەشغۇل بولىۋاتىدۇ.
مەن سۇداننىڭ چىگرىسىغا يېقىىن زەۋرە دىگەن يەردە جۈمە نامىزىدىن كىيىن تۈرلۈك سوپى مەزھەپلىرىگە تەۋە بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مۇشۇ شەكىلدىكى خۇراپاتچىلىققا ياش – قېرى دىمەستىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ مەسجىدنىڭ خانقاسىدا «ھا ، ھۇ » دەپ توۋلاپ ئوڭ-تەتۈر سەكرىشىپ پۈتۈن دۇنيانى ئۇنۇتقان ھالدا ئاللاھنىڭ زىكىرى دەپ مەۋھۇم نەرسىلەرنى جۈيلىشىۋاتقانلىغىنى كۆرگەن ئىدىم.
مەسجىتتىن چىقسام باشقىچە بىرخىل مەنزىرە، فىرانسوز لارنىڭ باللىرى تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىق، بىرخىل ئىشەنىچ بىلەن تۈگىمەس ئارزۇلار ئارقىسىدا چېپىپ يۈرىشىپتۇ . ئۇلار ئۆزلىرىدە بار بولغان بارلىق نەرسىسى ، پۇلى ، مېلى،ھِۆسنى – جامالى..... بىلەن بازار ئىگەللىشىپ قايەردىن، قايسى تەرەپتىن كەلسە يۇلۇپ ئېلىپ بايلىق توپلاۋېتىپتۇ. بىر خىل خېجالەتچىلك بىلەن نېرى كەتتىم .
ئۇياندا بىرخىل چېكىدىن ئاشقان بىخۇتلۇق ، تۇرمۇشقا سەل قاراش، بۇياندا بولسا تورمۇشقا بولغان ئىشەنىچ ۋە قىزغىن ئىنتىلىش.
ھەي مۇسۇلمانلار ! ناماز جۈمەنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن خۇدانىڭ بۇيرۇقىغا ئۇيغۇن ھالدا تۇرمۇش بىلەن شۇغۇللانساڭلار ، ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن رىزقىنى ئىزدىسەڭلار بولماسمىدى ؟ . قارىغاندا ئالتۇن تۇپراق ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ ئاچ-يالىڭاچ ئۆتىدىغان كۈنلەر خېلى ئۇزۇن ئوخشايدۇ. مۇشۇ بىدئەت زىكرىلەرنى ( ئەسلەش ) كەشىپ قىلغۇچىلار مىللەتكە چىگىش بىر يولنى كۆرسىتىپتۇ . مۇشۇ زەھەرلىك كەشپىياتلارنى ئاللاھ بىكىتكەن شەرىئەتكە قوشۇپ قويغانلار ئېزىتقۇلار بولماي نىمە ؟
ئەگەر مۇشۇ كەشپىياتلارنى ئىختىرا قىلىغۇچىلار دىققىتىنى مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىغا قاراتقان بولسا تولىمۇ ياخشى بولماسمىدى ؟
دەسلەپكى دەۋىرلەردىلا مۇجتەھىد ئىماملار (نوپۇزلۇق ئىسلام قانۇنشۇناسلىرى ) بۇنداق ئارتۇقچە ئىبادەت شەكىللىرىگە – گەرچە ئۇلار بىدئەتچىلكتە ھازىرقى دەرىجىگە يېتىپ بارمىغان بولسىمۇ - ئىنكار قىلىش پوزىتسىيسىدە بولغان . ئىمام ئەھمەد توغرۇلۇق ئىبنى ئىسھاق دىگەن كىشى مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى ھېكايە قىلىدۇ:
بىر كۈنلەردە ئەھمەد ماڭا ھارىس مۇھاسىبىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ باققىسى بارلىغىنى ئېيتىۋىدى مەن بۇنىڭغا خوشاللىق بىلەن ياردەم بېرىدىغانلىغىمنى ئېيتىتىم ۋە بېرىپ ھارىسنى ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىدم . ھارىس ئۆزىنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ كۆپلىگىنى ، ياخشىراق تەييارلىق قىلىشىمنى تاپىلاپ رازىلىق بەردى .
شام – خۇپتەن ئارىلىغىدا ھارىس يېتىپ كەلدى. ئىبنى ھەنبەلمۇ ئۇنىڭدىن بالدۇرراق كېلىپ بالىخانىدا يۆشۈرۈنچە ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدى.
ئۇلار خۇپتەننى ئۆتەپ بولغاندىن كىيىن بىرەر رەكىئەت نەپلى نامازمۇ ئۆتىمەستىن ئۆي ئىچىدە باشلىرىغا قۇش قونىۋالغاندەك باش سېلىپ جىمجىت ئولتۇرۇشتى. تۈن تەڭ بولغاندا بىرى ھارىستىن بىر مەسىلە سورىدى ، ھارىس ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرگەچ سوپىلىقنىڭ شۇنىڭغا ئالاقىدار يوللىرى ۋە تەقۋالىق ھەققىدىكى ۋەز – نەسىھەتلىرىنى بايان قىلشقا باشلىدى . كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ يىغلىشاتتى . ھارىس تەمكىنلىك بىلەن سۆزىنى داۋام قىلاتتى.
ئىمام ئەھمەدنىڭ يېنىغا چىقىپ قارىسام ئۇمۇ تەسىرلەنگىنىدىن ئۆكسۈپ يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ .
كىشىلەر قايتىشقا يېىقىن مەن ئىمام ئەھمەدتىن ئۇلار ھەققىدىكى قارىشىنى سورىسام ئۇ : « تەقۋالىق ھەققىدە بۇ كىشىدەك سۆزلەيدىغان ئادەمنى كۆرمىگەن ئىكەنمەن، لىكىن بۇلارنىڭ مۇشۇنداق سورۇنلىرىنى توغرا دەپ قارىمايمەن » دەپ جاۋاپ بەردى .
بۇ ۋەقەنى ئىبنى كەسىر ئۆز كىتاۋىدا نەقلى قىلغان بولۇپ ،ئۇ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىىڭ كۆز قارىشىنى مىسكىنلىك ، دوگىمىلىق، شەرىئەت بىكىتمىگەن ئارتۇقچە مەسىللىلەردە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ۋە قاتتىق ھېساپ ئېلىش..... قاتارلىق ئىشلاردىكى مەسىلىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ ئىزاھلىغان .ئەبۇ زۇرئە رازى « رىئايە » دىگەن كىتابىنى ئېلىپ كېلىپ دەلىل قىلغان كىشىگە مۇشۇ نوقتىدىن تەنقىد بىېرىپ ،ئۇنى بىدئەت دەپ كۆرسەتكەن
تەسەۋۋۇپقا باھا بەرگەن نۇرغۇن ئالىملارمۇ تەسەۋۋۇپ ئوتتۇرىغا چىقارغان مۇشۇنداق ئارتۇقچە ئىبادەت شەكىللىرىگە قارىتا بىردەك ھالدا « خۇراپاتلىق ئارىلاشقان نادانلىقتىنمۇ ئارتۇقچە جاھالەت بولماس » دىيشكەن .
بىز شەخسنىڭ ئاللاھقا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلىغى ، ئىلمى قابىلىتىنىڭ يۇقۇرى –تۆۋەنلىگىگە ئاساسەن ئۇنىڭ ئاللاغا يېقىنلىشىشى ۋە ئاللاھنى زىكرى ( ئەسلەش ) قىلىشىنىڭ پەرىقلىق بولىدىغانلىغىنى ئىنكار قىلمايمىز ، لىكىن زىكرى ( ئەسلەش ) دىگەن سۆزنىڭ ئۇنتۇش دىگەن سۆزنىڭ ئەكسى مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغانلىغىنىمۇ بىلىمىز ۋە بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ مىزانىغا ئاساسەن ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى باھالاپ چىقالايمىز .
ھەر قانداق بىر كىشى تىلىنى مىدىرلاتماي تۇرۇۇپمۇ ئاللاھنى زىكرى ( ئەسلەش) قىلالايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ قەلبىدە سۈكۈت ئىچىدە ئاللاھنى ئەسلىشى ئۇنىڭ تىلى ئارقىلىق زىكرى ئېيتقىنىدىنمۇ ياخشىراق بولىدۇ. چۈنكى سۈكۈت بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئاللاھنىڭ سىماسى تېخىمۇ مۇجەسسەملىشىدۇ . شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى ئۇلار جىمجىت ئۆز ئىشى بىلەن يۈرسىمۇ ئۇلارنىڭ قەلبى ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن مەشغۇل. يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى ئۇلار ئاغزىدا كۆپلەپ زىكرى تەسبىھ ئېيتسىمۇ خۇددى قۇرئان لىنتىسى قويۇلۇۋاتقان ئۇنئالغۇدەك قەلبىگە قىلچە تەسىر قىلمايدۇ.
مەن بۇ ئارقىلىق ئىسلامدا تىل ۋە دىل بىلەن ئادا بولىدىغان تۈرلۈك زىكرى –دۇئالارنىڭ بارلىغىنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن ، ئەلۋەتتە مۇشۇ دۇئالارنىڭ كامالىتىمۇ تىل- قەلبكە ئاچقۇچ بولغاندىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ . ئۇندىن باشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئەسەر ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتى ئارقىلق يولغا قويۇلغان ) بولغان ، سەھىھ ( ئىشەنچىىلك ) ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان دۇئالارنىڭ بارلىغى ئېىنىق.
پەقەت مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئاشۇ دۇئا ۋە زىكرىلەرنىڭ ئىسلامدىكى غايسى ۋە رولى ھازىرقى زامان مەكتەپ ۋە كان-كارخانىلاردا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشچىلارغا ئۈگىتىلىپ، سورۇنلاردا ياڭراق ئاۋاز بىلەن ئوقۇلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىللىرى ۋە مىللەت كۈيلىنىدىغان ، جەڭگىۋارلىققا چاقىرىلىدىغان ناخشىلارنىڭ رولىدىن ئېشىپ چۈشمەيدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشچىلار مۇشۇ ناخشىلارنى جاراڭلىق ئوقۇشۇپ كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ، ۋەتەن ۋە مىللىتىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشكەن ۋاقىتلىرىدا قەلبى بىر خىل ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىغا چۈمۈلىدۇ.
لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچ بىرسىمۇ ۋەتەن مىللەتنىڭ خىزمىتىنى مۇشۇ ناخشىلارنى جاراڭلىق ئوقۇش بىلەنلا ئادا قىلىپ بولدۇم دەپ چۈشىنىپ قالمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە خىزمىتى ياخشى ئوقۇپ ياخشى ئۈگىنىش، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ بولسا ،ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدا بارلىق ئىجىتىھادى بىلەن ئۈنۈملۈك خىزمەت قلىش .
مىللى ناخشا ، ۋەتەنپەرۋەرلىك شۇئارلىرىنىڭ ئەڭ موھىم ۋەزىپە، ئەڭ چوڭ مەجبۇرىيەتلەر بىلەن ئالاقىسى يوق ، ئۇ پەقەت ئارام ئېلىش مەزگىللىرىدىلا ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان بىر خىل پائالىيەت . ئەگەر بىر ئوقۇغۇچى ياكى بىر خىزمەتچى خادىم ۋەتەن-مىللەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىمنى ئاشۇ مارىشلارنى بىرنەچچە ئون قېتىم ئوقۇش بىلەنلا ئادا قىلىپ بولدۇم دىسە كىشىلەر ئۇنى ئادىشىپتۇ دەيدۇ.
مانا شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ دىنىدىمۇ – يۇقىرىدىكى مىسالغا ماھىيەت نوقتىسىدىن پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتىمىسىمۇ –ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىش ، مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى يورۇتۇپ، ۋىجىدانىنى ئويغۇتۇش قاتارلىق ئۇلۇغ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۇئا – زىكرىلەر يولغا قويۇلغان. ئۇنىڭ رولى قەلىبنى بىۋاستە ،قىزغىن بىر ئۇسۇل بىلەن ئاللاھقا باغلاش ۋە مۆئمىنگە ئاللاھنى دائىم ئەسلىتىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت . مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇ دۇئالارنى داۋاملىق ياد ئېىتىشى ئۇنىڭ ئېسىل تەسىرىنى ئۈزلەشتۈرۈپ قەلبىنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇشى ئەلۋەتتە ياخشى ئىش .
لىكىن ئىنساننىڭ زىمىن ئۈستىدىكى بارلىق ۋەزىپىسى ۋە ھايات كەچۈرۈش يوللىرىنى ئۇنتۇپ تىجارەت ۋە سانائەتتىن مۇستەسنا ھالدا زىكرى –سانالار بىلەن مەشغۇل بولىشى ۋە جىسمانى ئەمەل =ئىبادەتلەرنىڭ ئۇرنىنى يۈزدە-يۈز باسالايدۇ دەپ قاراش تولىمۇ ئوڭچىل خاتالىق . مۇسولماننىڭ تىلى بىلەن ئاللاھنى زىكرى ( ئەسلەش ) قىلىشى ئۇنىڭ ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالماسلىغى ئۈچۈن موھىم بولسىمۇ، لىكىن ئەسلى زىكرى ( ئەسلەش ) ئۇنىڭ ھەر قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانغاندا ئاللاھنى كۆزدە تۇتىشىدىن ئىبارەت . ٍئۇنىڭ چىقىم قىلغاندا ئاللاھنى كۆزدە تۇتۇپ ساخاۋەتچان بولىشى ، مۈشكۈل قىيىن ئىشلارغا دۈچ كەلگەن ۋاقتىدا، خۇداغا تەۋەككۈل قلىپ جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىشى مۇشۇنىڭ قاتارىدىندۇر. ئەگەر ئۇ مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالسا خۇددى ئاللاھ تائالانىڭ :« ئى مۆئمىنلەر ! سىلەرنى مال-مۈلۈك ، بالا – چاقىلار ئاللاھنىڭ زىكرى ( ئەسلەش ) دىن غاپىل قويمىسۇن . كىمىكى شۇنداق قىلسا شۇنداق قىلسا ئۇ زىيان تارتقان بولىدۇ. » دىگەن ئايەتتىكى زىيانكارلار قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ.
شۇنداق، ئۇلار زىيانكار بولىدۇ . ئۇلار « ئاللاھ ، ئاللاھ » دەپ ۋاقىراپ، ئوڭ – تەتۈر چۆگىلىشىپ كۆكنى يېرىۋەتسىمۇ زىيانكار ھېسابىلىنىدۇ . چۈنكى زىكرى دىىگىنىمىز ،مىڭ – مىڭلاپ تەكرارلىنىدىغان سۆزلەر ئەمەس، بەلكى چۈشەنچ ۋە ھېكمەت ، ئوي – پىكىر ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ.
مەسىلەن ؛سەن ئۆمەر دىگەن بىر ئادەمنى ئەسلىمەكچى بولساڭ تەسۋىنى قولۇڭغا ئېلىپ ئۆمەر –ئۆمەر دەپ قايتا_قايتا ئوقۇمسەن ياكى قەلبىڭدىنلا ياد ئىتەمسەن ؟ ئاللاھنى ئاللاھتائالانىڭ: «ئى ئىنسانلار، سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىمنى ئەسلەڭلار» دىگەن سۆزنى ئاڭلىغان ۋاختىڭدا ئاللاھنىڭ بۇ بۇيرۇقىنى گۆ ش،نان ، ئالما ، ئامۇت دىگەنلەرنى قايتا- قايتا دىيىش بىلەن ئادا قىلىمەن دىيەلەمسەن ؟
كىشىلەر ئارىسىدا مۇشۇ تەقلىتتىكى چۈشەنچە پىكرى ،كەمتۈكلۈك ھېسابلىنىدىغان يەردە خودانىڭ كالامىغا بولغان مۇئامىلىدە مۇشۇ خىل پىكىر قىلىشنى نىمە دىيىش مۇمكىن ؟
بىز ئىسلامدا ھەر قانداق كىشىنىڭ –قانچە ئولۇغ ئەۋلىيا-ماشايىخ بولىشىدىن قەتئى نەزەر – ئاللاھنى ئەسلەش ئۇسۇلىغا ئۆزىچە تەبىر بىرىش ، ئۆزگەرتىش ۋە كىشىلەرگە باشقىچە ۋىردە –ۋەزائپلارنى بىكىتىپ بىرىش ھوقۇقى بار دەپ قارىمايمىز .
بۇلارلا ئەمەس ،ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئەركىن ئىختىيارغا قويۇۋەتكەن ئەسەر (پەيغەمبەر ئۆزى تەلىم بەرگەن ) دۇئالارغىمۇ باشقىلارنىڭ سان ۋە مۇددەت بەلگىلەپ بىرىشىگە قارشى تۇرىمىز لېكىن مەلۇم بىر كىشى ئۈزىنىڭ ۋاختى ۋە ئېھتىياجىنى نەزەرگە ئېلىپ مەلۇم دوئا ۋە تىلاۋەتلەرنى مەلۇم ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرسا ،ئۇنى جەمئىيەتكە تېڭىپ پىرىنسىپغا كۆتەرمىسە بۇ باشقا گەپ .
تارىختا ئەرەپلەردە مەئەررى ئىسىملىىك بىر شائىىر «ئارتۇقچە مەجبۇرىيەت» دىگەن بىر كىتاپنى يېىزپ شېئىر قاپىيەلىرىنى مەلۇم ھەرىپلەردە توختۇتۇش دىگەن بىر خىل ئېقىمنى بازارغا سالماقچى بولغان بولسىمۇ ،ئەركىن قاپىيە بىلەن شېئىر يېزىشقا كۈنۈپ قالغان ئەرەپلەر بۇنى قۇبۇل قىلمىغان. ئەگەر مەئەررىنىڭ ئۆز قارىشىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى بۇ خىل خاھىشىنى ئەدەبىيات ساھەسىدە بىر خىل ئىزدىنىش دىيىلسىمۇ، لېكىن ، دىن ساھەسىدە بۇ خىل ئىجادىيەتنى< بىدئەت> دىيلىدۇ . ئەتىگەن ئاخشاملاردا ئاللاھ ۋاقتىنى ئىنىق بىكىتكەن بەش ۋاخ ئىبادەتكە قوشۇپ ،ئارتۇقچە زىكرى -سامالارنى ئورۇنلاشتۇرغان كىشىلەرمۇ مانا شۇنىڭدەك . ئارتۇقچە مەجبۇرىيەتنى ئەرەپلەر ئۆزىنىڭ ئۇزۇن قىسقا شېئىرلىرىدا قوبۇل قىلمىغان يەردە ،بىز ئاللاھقا بولغان ئىبادىتىمىزدە ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايمىز .
سىز زىكرى دىگەن يامان ئىش ئەمەس ،ئۇنى قانچە كۆپ قىلساڭ شۇنچە ياخشى دەپ قالماڭ . زىكرىنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىگىنى – ئاللاھ ، پەيغەمبەر كۆرسەتكەن يول بۇيىچە ئېلىپ بېرىلغاندا – بىزمۇ بىلىمىز ، بىزمۇ كىشىلەرنى شۇنىڭغا چاقىرماقچى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە ئاللاھنى ئەسلەتمەكچى. بىر مۇسۇلماننىڭ زىكرى –ساناغا قارشى تۇرۇشى تەسەۋۋۇر قىلىنىدىغان ئىش ئەمەس. لېكىن ئاللاھ ، پەيغەمبەر تەلىم بەرگەن زىىكرىلەر نىڭ پەقەت ئېغىزدا قايتا –قايتا ئوقۇش ،تەكرارلاشلا ئەمەسلىگىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش لازىم .
ئاللاھ رازى بولىدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق بىزگە يىتىپ كەلگەن دورۇت – دۇئالار بىلەن ھەرقانچە كاتتا ماشايىخلار ئورۇنلاشتۇرغان زىكرلەر ئارىسىدا ئاسمان زېمىن پەرىق بار . ئۇلار بۇ ئارقىلىق «يولنى – يولغا ئۇلايدۇ »ئەمەس، تۈز يولنى ئۈچ ئاچماق قىلىىپ، ئوتتۇرسىدىن ئۈزۈپ قويىدۇ .
ئاللاھنىڭ ئىبادەتلەرنى يولغا قۇيۇشتىكى بىر شەرتى ھەرقانداق ئىبادەتنى ئۆز ئەينى بويىچە ئېلىپ بېرىشتۇر . ئاللاھ تائالا < قۇرئان كەرىم >دە: « ئاللاھقا،سىلەرگە قانداق تەلىم بەرگەن بولسا شۇ بويىچە ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ئىنىق كۆرسەتمە بەرگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاشۇرۋىتىشىگە ، ئۆزگەرتىشىگە ۋە كىمەيتىشىگە بولمايدۇ .ئاللاھنىڭ زىكرى بولغان <قۇرئان كەرىم> گە سەل قاراپ، پەيغەمبەر تەلىماتىدىن چەتنەپ ،كىشىلەر تۈزۈپ قويغان زىكرىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش ئەمەلىيەتتە زىكرى (ئەسلەش) ئەمەس ،ئونتۇش ھىسابلىنىدۇ .
ئىبادەت ، ياخشى ئىشلار، قانچە كۆپ قىلىنسا شۇنچە ياخىش بولىدۇ دىيىش پىكرى جەھەتتىكى چىكىنشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .
سىز بېشىڭىز ئاغىرغاندا ئاسپىرىندىن دۇختۇر كۆرسەتكەن بويىچە بىر ئىككىنى يىسىڭىز ئاللاھ شىپالىق بەرسە ساقىيسىز ، ئەگەر ئۆزىڭىزنى ئۆلتۇرۋالماقچى بولسىڭىز نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئون تال يىسىڭىز لا كۇپايە .
دىنى مائارىپ سورۇنلىرى بولغان مەسجىتلەرنى سۇپىلارنىڭ تۈرلۇك مەنبەسىز ئىبادەتلىرى قاپلاپ كىتىۋاتىدۇ . بىز ئىسلام ئىلمىنىڭ مۇشۇ سەۋەپلىك چىكىنىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمىز ،بىز بۇلارنى <بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر كۆرسەتكەن ھەق يولدىن چەتنەپ پىرلىرى ئىجاد قىلغان مەنبەسىز يوللارغا ئەگىشىۋاتقانلىغىدىن> دىمەي تۇرالمايمىز .
مەنبە؛
http://www.saqiye.com/news_list.asp?id=220