باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1237 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جەننەتنىڭ خۇشپۇرۇغىنى ھايات ئادەم پۇرىيالامدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2097
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2097دانە
ئۆسۈش: 5500 %
مۇنبەر پۇلى: 15839 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-22 15:41

جەننەتنىڭ خۇشپۇرۇغىنى ھايات ئادەم پۇرىيالامدۇ؟

                                              بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم



بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا، دۇرۇد-سالاملار رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتىگە ۋە ساھابە كىراملىرىگە بولسۇن.

بىر نەچچە سەھىھ ھەدىسلەردە جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇراش تىلغا ئېلىنغان.

مەسىلەن: ئەنەس ئىبنى نەزر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جەڭگە ئاتلانغاندا: جەننەتنى خالايمەن. ئاتام نەزرنىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇھۇدنىڭ يېنىدا جەننەتنىڭ بۇيىنى پۇراۋاتىمەن، دېگەن.(سەھىھۇل بۇخارى 2805-ھەدىس)

بۇ ساھابە جەننەتنىڭ پۇرىقىنى بۇرنى بىلەن پۇراپ ئالالىغان بولىشىمۇ ئېھتىمال، ئالىملاردىن بۇ ھەدىسنى زاھىرى بويىچە چۈشەنگەنلەرمۇ بار. يەنى ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ پۇرىقىنى جەڭ مەيدانىدا پەيدا قىلىپ بەرگەن. سەھىھ ھەدىسلەردە ئۇنىڭ پۇرىقى قىرىق يىللىق، يەتمىش يىللىق ۋە بەش يۈز يىللىق مۇساپىدىن پۇراپ تۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.(نەۋەۋىينىڭ شەرھى مۇسلىم)

ئىمام ئىبنى قاييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: "جەننەتنىڭ پۇرىقى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى دۇنيادا بولۇپ، بۇنى بەندىلەر پۇرىمىسىمۇ ئەرۋاھلار بەزىدە پۇرايدۇ، يەنە بىرى: خۇددى گۈل-چېچەكلەرنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغانغا ئوخشاش بەدەنلەردىكى پۇراش ئەزالىرى ئارقىلىق پۇرىلىدىغان پۇراق بولۇپ، بۇنى جەننەت ئەھلى ئاخىرەتتە يېقىندىن ھەم يىراقتىن پۇرايدۇ. ئەمما دۇنيادا بولسا ئۇنى ئاللاھ پۇرىشىنى خالىغان بەندىلىرىدىن پەيغەمبەرلەر پۇرايدۇ، ئەنەس ئىبنى نەزر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پۇرىغان پۇراقمۇ مۇشۇ تۈردىكى پۇراق بولىشىمۇ مۇمكىن، بىرىنچى تۈردىن بولىشىمۇ مۇمكىن".(ھادىل ئەرۋاھ ئىلە بىلادىل ئەفراھ 1-109)

يەنە بەزى ئالىملار بۇنى ھەقىقى پۇراش ئەمەس مىسال قىلىش دەپ چۈشەنگەن. يەنى ئۇھۇدنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈلۈش جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ۋە ئۇنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىگە نائىل بولۇش ۋە پۇراقلىرىنى پۇراشنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئىش، دېمەكچى. ياكى ھەقىقەتەن بىر خىل خۇش پۇراق پۇرىغان بولۇپ، بۇ خۇش پۇراق ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ خۇشپۇرىقىنى ئەسلەتكەن بولىشىمۇ مۇمكىن. ياكى جەننەتكە مۇشۇنداق جايلاردا كۆرەش قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى يادىغا ئەكىلىپ ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە ئىنتىلدى، دېگەننى بىلدۈرىشىمۇ مۇمكىن. (فەتھۇل بارىي ۋە ئەددىيباج)

تىل جەھەتتىن بىر نەرسىنىڭ پۇرىقىنى پۇراش ھەم ھەقىقى پۇرىقىنى پۇراشقا، ھەم يېقىنلىقنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئېھتىماللىق.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.



پەتىۋادا: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ  .

مەنبە؛ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى
ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى،
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 501
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە501دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 2960 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-05-08

جەننەتنىڭ خۇشپۇرۇغىنى پۇراش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى،قېرىنداشلار.
ئىشەنىچ ۋە ئۈمىد بىلەن ياشايمەنكى،ئاخىرقى ھىساپتا غەلبە بىزلەرگە مەنسۇپ.
دوستلىشىش
نۇرئىسلام
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9026
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-21
ئاخىرقى: 2012-05-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-24 11:14

ئاللاھ   ھەممىمىزنى   بۇ خۇشپۇراقلارنى  پۇرىغىلى  نىسىپ  قىلسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!     امىن