بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى ئالدىدىن بىرەر نەرسە ئۆتۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئالدىغا دالدا بولغۇدەك مەسىلەن: تام، تۈۋرۈك ياكى بىرەر ئورۇندۇق، سومكا ياكى بىر تال تاياققا ئوخشاش بىر نەرسە قويۇپ قويۇشى سۈننەتتۇر.
نافىئ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالدىغا كالتا نەيزە تىكلەپ بېرىلسە، شۇنىڭغا قاراپ ناماز ئوقۇيتتى.(سەھىھۇل بۇخارى 498-ھەدىس)
ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدا دالدا بولىدىغان بىر نەرسە بار بولسا، دالدىنىڭ ئارقىدىن نېمە ئۆتسە نامازغا تەسىر يەتمەيدۇ.
ئەبۇ جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئەۋن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئاتامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەتھائ دېگەن جايدا ئالدىغا نەيزينى تىكلەپ قويۇپ، نەيزىنىڭ ئۇ تەرىپىدىن ئاياللار ۋە ئېشەكلەر ئۆتۈپ تۇرغان ھالدا پېشىننى ئىككى رەكئەت، ئەسىرنى ئىككى رەكئەت ئوقۇدى.(سەھىھۇل بۇخارى 495-ھەدىس)
يەنە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغاندا جامائەت سەپلىرىنىڭ ئارىلىقىدىن ئادەم ياكى باشقا بىر نەرسە ئۆتسىمۇ نامازغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
ئۇبەيدۇللا ئىبنى ئابدۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن بىر مادا ئېشەككە مىنىپ مىنادا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدا تام (توساق) يوق ھالدا جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقان جايغا كەلدىم، بۇ مېنىڭ بالاغەتكە يېتەي دەپ قالغان چاغلىرىم ئىدى، مەن بەزى سەپ ئالدىدىن ئۆتۈپ، ئېشىكىمنى ئوتلاشقا قويۇۋېتىپ سەپكە كىردىم، بۇنىڭغا قارىتا ھېچكىم ماڭا بىر نەرسە دېمىدى.(سەھىھۇل بۇخارى 861-ھەدىس)
ئىمامنىڭ ياكى يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ئالدىدا دالدا بولمىغان ئەھۋالدا ئالدىدىن مۈشۈك، قوي، توشقان ۋە توخۇ قاتارلىقلار ئۆتسە نامازنى بۇزمايدۇ. چۈنكى بۇلار ئۆتسە ناماز بۇزۇلىدۇ، دەيدىغانغا دەلىل يوق.
لېكىن بۇ تۈرلۈك ھايۋانلار نامازنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە، نامازنى بۇزمىغىنى بىلەن نامازنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا مۇمكىن قەدەر ئۆتكۈزمەسلىككە تىرىشىش لازىم. رەسۇلۇللاھ ساللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر تامنى دالدا قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتقىنىدا بىر ئوغلاق كېلىپ ئالدىدىن ئۆتمەكچى بولغىنىدا ئۇنى ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن تىرىشىپ ئاخىرى قورسىقى تامغا جاپلىشىپ ئوغلاق ئارقىدىن ئۆتۈپ كەتكەن.(سۈنەنى ئەبى داۋۇد 708-ھەدىس. ئالبانى: ھەسەن سەھىھ، دەپ باھالىغان)
شۇنداقلا ئەر كىشىنىڭ ئۆتۈشىمۇ نامازنى بۇزۇۋەتمەيدۇ، لېكىن ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ. شۇڭا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەركىشىنىڭ ئۆتىشىنىمۇ توسۇش لازىم.
ناماز ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشمۇ دۇرۇس ئەمەس، چۈنكى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى چەكلىگەن.
ئۆمەر ئىبنى ئۇبەيدۇللاھنىڭ ئازادگەردىسى ئەبۇ نەزر بۇسر ئىبنى سەئىيدتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: زەيد ئىبنى خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى ئەبۇ جۇھەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن كىشى توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قانداق ھەدىس ئاڭلىغانلىقىنى سوراش ئۈچۈن ئەۋەتتى، ئەبۇ جۇھەيم: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچى ئۆزىگە قانداق گۇناھ بولىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىدىن كۆرە قىرىق تۈرغىنى ياخشىراق بولاتتى» دېگەن، دېدى. ئەبۇ نەزرى مۇنداق دېدى: بۇسرى: قىرىق كۈن يا قىرىق ئاي ياكى قىرىق يىل دېدىمۇ بىلمەيمەن.(سەھىھۇل بۇخارى 510-ھەدىس)
ئەمما ئايال كىشى ئۆتسە نامازنى بۇزىدىغان ياكى بۇزمايدىغانلىقىدا ئالىملارنىڭ كۆز قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. بەزىلەر بۇزىدۇ، دەيدۇ. يەنە بەزىلەر بۇزمايدۇ دەپ قارايدۇ.
ھەدىستە ئايال كىشى، قارا ئىت، ئېشەك نامازنى بۇزىۋېتىدۇ، دەپ كەلگەن.(سەھىھى مۇسلىم 510-ھەدىس)
مەسرۇق رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئالدىدا نامازنى بۇزۇۋېتىدىغان نەرسىلەر تىلغا ئېلىنىپ كىشىلەر: نامازنى ئىت، ئېشەك ۋە ئايال كىشى بۇزىۋېتىدۇ، دېيىشىۋېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: سىلەر بىزنى ئىتلارغا ئوخشاش قىلىۋەتتىڭلارغۇ، مەن كارىۋاتتا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن قىبلىنىڭ ئارىلىقىدا ياتسام، رەسۇلۇللاھ ناماز ئوقۇۋىرەتتى، ئىشىم چىقىپ قالسا، قوپۇپ رەسۇلۇللاھقا يۈزلىنىپ قىلىشنى ياقتۇرماي، سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كېتەتتىم، دېدى. .(سەھىھۇل بۇخارى 511-ھەدىس)
بەزى ئالىملار ئالدىدا يېتىش بىلەن مېڭىپ ئۆتۈشنى ئايرىپ، ئالدىدا ياتسا بۇزمايدۇ، ئۆتسە بۇزىدۇ، دېگەن. يەنە بەزىلەر يات ئايال بىلەن ئايالىنى ئايرىغان. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
ھايۋانلاردىن پەقەتلا قارا ئىت بىلەن ئېشەك دالدا قىلماي ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە نامازنى بۇزۇپ قويىدۇ.
ھەدىستە «قارا ئىت شەيتان» دەپ كەلگەن.(سەھىھى مۇسلىم 510-ھەدىس)
ناماز ئوقۇچى بىلەن توساقنىڭ ئارىلىقىنىڭ قانچىلىك بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئەبۇ ھازىم رىۋايەت قىلىدۇكى، سەھل ئبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان جايى بىلەن مەسجىدنىڭ قىبلە تېمىنىڭ ئارىلىقى بىر قوي ئۆتۈپ كەتكۈدەك ئارىلىق ئىدى.(سەھىھۇل بۇخارى 496-ھەدىس)
دالدا بولمىغان ئەھۋالدا ئۆتكەن ئورۇن بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. يېقىن بولسا ئاندىن تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئالىملار ئۈچ گەزدىن تۆۋەن ئارىلىق بولسا تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۈچ گەز بىر يېرىم مېتىرغا يېقىن كېلىدۇ.
نافىئ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما كەئبىگە كىرسە ئىشىكنى كەينىگە قالدۇرۇپ، ئالدىغا مېڭىپ، ئۆزى بىلەن تامنىڭ ئارىلىقى ئۈچ گەزچە قالغاندا، بىلال ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشۇ يەردە ناماز ئوقۇغان دەپ كۆرسىتىپ بەرگەن ئورۇننى نىشانلاپ ناماز ئوقۇيتتى، ۋە: بىرىمىز كەئبىنىڭ ئىچىدە خالىغان جايدا ئوقۇسا كېرەك يوق، دەيتتى.(سەھىھۇل بۇخارى 506-ھەدىس)
ئالىملار بۇ ھەدىستىن توساق بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن كىشىنىڭ ئارىلىقى ئۈچ گەزدىن يىراق
بولسا تەسىر يەكۈزەلمەيدىغانلىغىقا دەلىل چىقارغان.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
مەنبە؛ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى