باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 936 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەسەر،مۇھەررىر ۋە ئوبزورچى ھەققىدە
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-05-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-22 00:52

ئەسەر،مۇھەررىر ۋە ئوبزورچى ھەققىدە

ئەسەر،مۇھەررىر ۋە ئوبزورچى ھەققىدە
(ماقالە)


        مەن جەمئىيىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرگە ئوخشاشلا ئاددى بىر ئوقۇرمەن شۇنداقلا،ئەمدىلا قولۇمغا قەلەم ئالغان ئەدەبىيات ھەۋەسكارى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە   گېزىت-  ژۇرنال،  كىتاب- ماتىرىياللارنى ئوقۇپ قويىمەن.يېقىندىن بېرى دىققىتىمنى تارتقىنى ئەدەبىياتىمىزدا شەكىللەنگىنىگە ئانچە ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ،ئەدەبىياتىمىزدا مۇئەييەن ئورۇنغا ئىگە بولغان ۋە بەلگىلىك ئۈنۈم ياراتقان ئەدەبىي ئوبزور بولدى.مانا مۇشۇ قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن90-يىللاردا يېزىلغان بىرقىسىم ئوبزورلارنى ۋە ھازىر يېزىلىۋاتقان بىرقىسىم ئوبزور- لارنى تاپالىغىنىمچە ئوقۇپ چىقتىم.ئوقۇش جەريانىدا بىر تەرەپتىن ئىنتايىن خۇشال بولغان بولسام،يەنە بىرتەرەپتىن بىر ئازئەجەبلەندىم ۋەئۈمىدسىزلەندىم.خۇشال بولۇشىمنىڭ سەۋەبى <<باھاسىز قىلىۋاتقان ۋە داۋاسىز قېلىۋاتقان قەلەمكەش >> لەرنى داۋالايدىغان ۋە باھالايدىغان بىر ئەدەبىي ژانىرنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا شەكىللەنگەنلىكى ۋە خېلى ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقى بولسا،ئەجەپلىنىشىم ۋە ئۈمىدسىزلىنىشىمنىڭ  سەۋەبى  شەكىللەنگىنىگە 40نەچچە يىل بولغان بىر ژانىرنىڭ تېخىچە بىر قېلىپتىن چىقىپ كېتەلمىگەنلىكى ، بىرەر ئەسەرنى ياكى ئاپتۇرنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكچى بولسا خۇشامەتلەرچە ماختاپ-كۈيلەشتىن،بىرەر ئەسەرنى ياكى ئاپتۇرنى تەنقىدلىمەكچى بولسا ئەسەر ۋە ئاپتۇرنى ھاقارەتلەشتىن قۇتۇلالمىغانلىقى ۋە يەنە بەزى مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەنلىكى ئىدى.مەن بۇ ھەقتە توختىلىشتىن ئاۋۋال ئەسەر ۋە مۇھەررىر ھەققىدە ئويلىغانلىرىمىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن:                    

يېقىندا مۇشۇ يازمىغا تەييارلىق قىلىش جەريانىدا بىرەيلەندىن

<<ھازىر مەتبۇئاتلىرىمىزدا بىر قىسىم<ناچار،كېرەكسىز>ئەسەر-  لەرنىڭ ئېلان قىلىنىپ كېتىشىدە مۇھەررىرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقمۇ؟>>دەپ سورىدىم.ئۇ كىشى ماڭا<<شۇنداق  ئەسەرلەرنى ئاپتۇرلار ئۆزلىرى رازى بولۇپ بەرگەندىكىن،شۇ ئەسەردە پىرىنسىپال خاتالىقلار ۋە سىياسىيغا چېتىلىدىغان گەپ-سۆزلەر بولمىسىلا،مۇھەررىرلەر ئۇ ئەسەرنى ئېلان قىلسا بولىۋېرىدۇ،مۇھەررىرلەرنىڭ باشقا مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈل  مەيدۇ،ھەتتا،بەزىدە جەمئىيەتتە غۇلغۇلا،بەس-مۇنازىرە قوزغاش ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇنداق ئەسەرلەرنى قەستەن ئېلان قىلىدۇ>>دەپ جاۋاب بەردى.مەن بۇ جاۋابتىن ناھايىتى ھەيران قالدىم ھەمدە<<ئۇنداقتا،مۇھەررىرلەر ئاپتۇرلارنىڭ نام- ئابرويىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە جەمئىيەتتە غۇلغۇلا قوزغاپ، گېزىت-ژۇرناللارنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرىدىكەندە، ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ ناھەقچىلىك بولىدۇ.يەنە  بىرمەسىلە، مۇھەررىرلەرنىڭ ئەسەرلەردىكى سىياسىيغا چېتلىدىغان گەپ- سۆزلەرنى تېپىشتىن باشقا مەسئۇلىيىتى بولمىسا،ئۇلارنىڭ ساقچى،تەپتىش ۋە سوتچى خادىملاردىن نېمە  پەرقى قالىدۇ؟ ئەسەرلەرنى مۇھەررىرلەرنىڭ كۆرۈشىگە بېرىشتىكى مەقسەت سىياسىيغا چېتىلىدىغان گەپ-سۆزلەرنى تاپتۇرۇش بولسا، ئەسەرلەرنى مۇھەررىرلەرگە بەرگەندىن كۆرە،ساقچى،سوتچى ۋە تەپتىشلەرگە تەھرىرلىتىپ، خاتالىقلاردىن خالىي قىلىپ ئاندىن مۇھەررىرلەرگە بەرگەن ياخشى ئەمەسمۇ؟شۇنداق قىلساق مۇھەررىرلەرگە چۈشىدىغان بېسىممۇ يېنىكلەيدۇ.>>دەپ جاۋاپ بەردىم.شۇندىلا ئۇ كىشى ئويغا چۆكۈپ قالدى.                           دېمىسىمۇ، جەمئىيىتىمىزدىكى خېلى كۆپ قىسىم ئوقۇرمەندىن تارتىپ،ئەنە شۇنداق ئەسەرلەرنى تەھرىرلەيدىغان مۇھەررىر لەرگىچە مۇھەررىرنىڭ ئەنە شۇنداق گەپ-سۆزلەرنى تېپىشتىن باشقا مەسئۇلىيىتى يوق دەپ قارىسا كېرەك.ئەمما مەن ئۇنداق قارىمايمەن.مەلۇم بىر ئەسەر ئاپتۇرنىڭ قولىدىن چىقىپ مۇھەررىرنىڭ قولىغا كەلگىچە <<ناچار، كېرەكسىز >> دېگەن قالپاقنى كەيمەيدۇ.چۈنكى،ئاپتۇر ئۇ ئەسەرنى قايتا- قايتا پىششىقلاپ،ئۆزى رازى بولغاندىلا ئاندىن مەتبۇئاتقا بېرىدۇ. يەنى،ئاپتۇر شۇ ئەسەرگە نىسبەتەن بىلىم چېكىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ئاندىن قولدىن چىقىرىپ مەتبۇئاتقا بېرىدۇ.ئەسەر مۇھەررىرنىڭ قولىغا چىققاندىن كېيىن،مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىش-قىلماسلىق مۇھەررىرنىڭ ھوقۇقى.ئەگەر ئېلان قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارىسا،ئەسەردە ئىشلىتىلگەن سۆز- جۈملىلەردىكى گىرامماتېكىلىق،لوگېكىلق خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ،  جۈملىلەرنى راۋانلاشتۇرۇش،قىسقارتىشقا تېگىشلىك يەرلەرنى قىسقارتىش،قوشۇشقا تېگىشلىك يەرلەرنى قوشۇش مۇھەررىرلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. چۈنكى،ئۇلار ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ توغرا يېزىلىشىغا كېپىللىك قىلىدىغان،خەلقىمىزگە ياخشى ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىپ ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىدىغان ئاۋانگارت قوشۇن.قاتتىقراق قىىلپ ئېيىتقاندا،ئۇلار ئۆزلىرى شۇنداق قىلالايمەن دەپ ۋەدە بېرىپ،شۇ كەسىپنىڭ نېنىنى يەۋاتقانلار،شۇڭا ئۇلار يۇقۇرىقىدەك مەسئۇلىيەتلەردىن قاچماسلىقى كېرەك.بۇ ھەقتە مۇھەممەت شاۋۇدۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ<<تەھرىرلىك ئىلمى ۋە تەھرىرلىك سەنئىتى>>ناملىق كىتابىدا يېتەرلىك ۋە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە توختالغان.                             

                          

 ئەمدى ئوبزور ۋە ئوبزورچىلىرىمىرىمىزغا كەلسەك،بۇلاردا مەن يازمامنىڭ بېشىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك مەسىلىلەر ھەقىقەتەن مەۋجۇت.يەنى،بىزنىڭ ئىزچىل تۈردە ئوبزور يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوبزورچىلىرىمىزدىن تارتىپ ئەمدى شۇ قاتارغا قېتىلىۋاتقان يېڭى ھەۋەسكارلارغىچە ھەممىسى مەلۇم بىر ئەسەرنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكچى بولسا،جاھاندىن تېپىلىدىغان ھەممە ياخشى گەپنى قىلىپ،شۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرىنى زىيادە كۆپتۈرىۋىتىدىغان ئىش تېخىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.مەلۇم ئەسەرنى تەنقىدلىمەكچى بولسا،ئەسەردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنغا قارىتا،ئەسەرنىڭ بەدىئى قىممىتىگە قارىتا تەنقىد ئېلىپ بارماي،تەھرىرلىك جەريانىدا مۇھەررىرلەرنىڭ بىپەرۋالىقى،كوررىكتورلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن ئەسەردە  كۆرۈلگەن  گىرامماتېكىلىق،لوگېكىلىق خاتالىقلارغا ئېسىلىۋېلىپ<<ئاپتۇر ئۆز ئەسىرىدە مۇنداق،مۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلغان>>دەپ ،چەكتىن ئاشقان تەنقىد سۆزلىرى ئارقىلىق ئەسەرنى ئىنكار قىلىدىغان،ئاپتۇرنىڭ نام-ئابروي ھوقۇقىغا چېقىلىپ،ئاپتۇرنى ھاقارەتلەيدىغان ئىش يەنىلا داۋاملىشىپ كەلمەكتە.بۇ ھەقتە بىرقىسىم ئوقۇرمەنلىرىمىز كۆزقاراشلىرىنى دەپ ئۆتكەن بولسىمۇ،بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ تۈزەلگىنى يوق.شۇڭا مېنىڭ شۇنداق ئوبزور- چىلاردىن<<مۇھەررىرلەرنىڭ خاتالىقىنى ئاپتۇرغا يۈكلەپ،ئۇلار- غا ھاقارەت قىلىدىغانغا نېمە ھەققىڭلار بار؟ >> دەپ سورىغۇم بار.                                              

ئەگەر مەتبۇئاتلاردا بىرقىسىم ئوبزورچىلىرىمىز باھالىغاندەك <<ناچار،كېرەكسىز>>ئەسەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى مەلۇم جىنايەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە ئوخشاتساق،بۇ دەل دۆلىتىمىز <<جىنايى ئىشلار قانۇنى>>دىكى<<ئورتاق جىنايەت>>بولىدۇ.  ئەمدى بۇ قىلمىشنى <<ئورتاق جىنايەت>>بويىچە تەھلىل قىلساق،ئاپتۇر شۇ<<جىنايەت>>نى پىلانلىغۇچى بولىدۇ.       مۇھەررىرلەر بولسا<<جىنايەت>>نى ئۆز قولى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغانلار بولىدۇ.شۇڭا مۇھەررىرلەرمۇ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى،ئوبزورچىلارمۇ ئوبزور يازغاندا مۇھەررىرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشى لازىم ئىدى.ئەمما،ئوبزورچىلىرىمىز ئۆزىنى ئېلىپ قېچىۋاتقان مەسىلە مۇشۇ بولۇپ قالماقتا.مۇشۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا،بىزنىڭ ئوبزورچىلىرىمىزمۇ مۇھەررىرلەردە مەسئۇلىيەت يوق دەپ قارىسا كېرەك.ئەمدى مەن بىر قىسىم ژۇرنال-كىتابلاردىن خاتىرىلىۋالغان بەزى مىساللارنى ئېلىش ئارقىلىق مۇھەررىرلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلىشى كېرەكلىكىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن:                                         

بىرىنجى،<<شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى>>(ئىجتىمائىي پەن قىسمى)نىڭ2011-يىللىق1-       سانىنىڭ مۇقاۋا 2-بېتىگە تەھرىر ھەيئەتلەرنىڭ ئىسمىنى يازغاندا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،  ئوبزورچى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەپەندىنىڭ ئىسمى ئابدۇسەبىر شۈكۈرى دەپ يېزىلغان مانا بۇ مۇھەررىرلەرنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى ۋە ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەپەندى ئىسمىنى ئۆزگەرتكەنلىك خەۋىرى بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەپەندىنىڭ ئىسىم-فامىلە ھوقۇقىغا چېقىلىپ،ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەپەندىگە قىلىنغان ھاقارەت.                                                

ئىككىنجى،<<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>>ژۇرنىلىنىڭ2010-يىللىق

5-سانى<<تەپەككۇر مېۋىلىرى>>سەھىپىسى23-بەتكە

<<ئىپپىتى بۇزۇلغان قىز_چىۋىن چۈشكەن ئاش>>دېگەن <<تەپەككۇرمېۋىسى>>نىڭ ئاپتۇرى مۇھەممەتجان توختى دەپ يېزىلغان.ئەسلى بۇ<<تەپەككۇر مېۋىسى>>نىڭ ئاپتۇرى مۇھەممەتجان مۇھەممەتئىمىن ئىدى.يەنى،مەن ئىدىم.مانا بۇمۇ مۇھەررىرلەرنىڭ سۇرۈشتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى ھەم مېنىڭ دادام ئىسمىنى ئۆزگەرتكەنلىك خەۋىرى بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا دادامنىڭ ئىسىم-فامىلە ھوقۇقىغا چېقىلىپ،دادامغا ۋە ماڭا قىلىنغان ھاقارەت.               

دېمەك،يۇقىرىدا مىسال ئالغىنىمىزدەك ۋە بىرقىسىم ئوبزورچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇچراۋاتقان بەزى خاتالىقلاردا ئاپتۇرنىڭ قىلچىلىك سەۋەنلىكى يوق.ئۇنداق خاتالىقلارنىڭ مەتبۇئاتلىرىمىزدا پات-پات ئۇچراپ تۇرۇشى كوررىكتورلارنىڭ خەت بېسىش جەريانىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە مۇھەررىرلەرنىڭ تەھرىرلەش جەريانىدىكى بىخەستەلىكى ياكى بىرقىتىم تەھرىرلەپ بولغاندىن كېيىن قايتا تەھرىرلىمەي ۋەياكى تەھرىرلىسىمۇ ئەستايىدىل بولماسلىقنىڭ نەتىجىسى،خالاس.شۇڭا مەن بەزى ئوبزورچىلارنىڭ ئوبزورلىرىدىكى تەنقىد قىلىنغان بىر قىسىم سەۋەنلىكلەرنى ئاپتۇرغا قىلىنغان تۆھمەت دەپ قارايمەن.                          

ئۈچىنجى،

<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلىنىڭ2011-يىللىق1-سانى45-

بەتكە<<چاچقان تۆشۈكى_

قەسىر روجىكى>> دەپ   يېزىلغان بولسا،ئارقىدىنلا يەنە مۇشۇ بەتكە<<چاشقان تۆشۈكىنى رۇجەك دەپ تۇنۇيدىغان...>>دەپ

يېزىلغان.بۇ مىسالغا قارايدىغان بولساق،بىزنى ئويغا سالىدىغان مۇنداق ئىككى مەسىلە بار:بىرى،<<چاچقان>>دەپ يېزىلسا توغرا بولامدۇ؟ياكى<<چاشقان>>دەپ يېزىلسا بولامدۇ؟يەنە بىرى،<<روجەك>>دەپ يېزىلسا بولامدۇ؟ياكى<<رۇجەك>>دەپ يېزىلسا بولامدۇ؟مەن بۇنى ئايرىپ يۈرمىسەممۇ،<<ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيەسى>> ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ،<<لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى>>ئېلىپ ئىشقا چۈشكەن ياكى خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن بۇ كىنىشكىنى ئېلىپ تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇھەررىرلەرگە قايسىسىنىڭ توغرا،قايسىسىنىڭ خاتالىقى بەش قولدەك ئايان. ئەمما،بۇ خاتالىقلار بىخەستەلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ تۇغۇندىسى بولۇپ،ئانا يېزىقىمىزغا <<ئانا يېزىقىمىزنى توغرا يېزىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان>>لار تەرىپىدىن قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئىشىنىمەنكى،بۇ خاتالىقلار بەزى ئوبزورچىلارنىڭ قەلىمىگە چىقسا،ئاپتۇرغا يۈكلىنىپ،ئاپتۇر كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز تىللار بىلەن تەنقىدلەنگەن بولاتتى.چۈنكى،ئۇ ئوبزورچىلار بىزنى ئاللىقاچان شۇنداق تەنقىدكە كۆندۈرۈپ بولغان.بىزمۇ ئۇنداق ئوبزورلارنى ئوقۇپ بەزىدە ئىنكاس قايتۇرساقمۇ،كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا كارىمىز يوق يۈرىمىز.<<چۈنكى بىز كۆنۈپ كەتتۇق،بىز ھەرقانداق ئىشقا پەقەت كۆنۈپ كەتسەكلا ، شەرىئەتنىڭ  ئىلغار ماددىلىرى سۈپىتىدە گۈزەل خۇلق دەپتىرىگە كىرگۈزىمىز.>>(ئابدۇقادىر جالالىدىن).           

مانا مۇشۇنداق خاتالىقلارنى مىسال كەلتۈرۈش ئىنتايىن ئاسان. ئەمدى يەنە مىسال كەلتۈرۈش ھاجەتسىز.دېمەك،بىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى دۆلىتىمىزدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلىدىغان باشقا قېرىنداشلارغا ھەم چەتئەلدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا بەزى ژۇرنال-كىتابلىرىمىزدا بۇنداق خاتالىقلارنىڭ كۆرۈلۈشى ئاپتۇرنىڭ ئەمەس،بەلكى مۇھەررىر-

لەرنىڭ سەۋەنلىكى.شۇڭا ئوبزورچىلىرىمىز مۇشۇ مەسىلىگە قارىتا باشقىدىن ئويلىنىشى كېرەك.                       

بەزىدە بىرقىسىم ژۇرنال-كىتابلاردا ھەقىقەتەن<<ناچار، كېرەكسىز>>ئەسەرلەر ئېلان قىلىنىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.بۇنداق ئەسەرلەرنى <<ناچار،كېرەكسىز>>بولۇشى، قانداقتۇ،ئەسەردە ئىشلىتىلگەن سۆز-جۈملىلەردىكى بەزى بىر خاتالىقلار سەۋەبىدىن بولماستىن،بەلكى،بىرلا گەپنى تەكرارلاۋەرگەن،تەكرارلىغاندىمۇ باشقىلاردىن ئۆزگىچە يولدا باشقىلاردىن سەل ئاشۇرۇپ يازماي،قۇرۇقتىن-قۇرۇق گەپ چۆرگىلەتكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.بۇنداق ئەسەرلەر ئەدەبىياتىمىزدىن ئىبارەت مۇنبەت يەرگە قونغان <<توپا-چاڭ>>دىن ئىبارەت.ئوبزورچىلارنىڭ بۇنداق ئەسەرلەرگە قارىتا ئوبزور يېزىپ،ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئىسراپ قىلىپ يۈرۈشىنىڭ شۇنداقلا ئۇنداق <<توپا-چاڭ>>لارنى سۈپۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنداق ئەسەرلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلىمىساقمۇ ئۆمەر ھەييام <<تامچە سۇ دەريادا يوق بولۇپ كەتتى،/يەرگە چاڭ قوندىيۇ،كۆمۈلۈپ كەتتى.>>دېگىنىدەك.ئۇنداق ئەسەرلەر ئۆزلىكىدىن كۆمۈلۈپ قالىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئوبزورچىلىرىمىز<<ئەدەبىيان زېمىنى>>غا قونغان <<توپا- چاڭ >>لارنى سۈپۈرىدىغانلار ئەمەس،بەلكى<<مەنا قازغۇچى>>،<<قىممەت ياراتقۇچى>>.شۇڭا ئۇلار قولىغا قەلەم ئالغاندا بەت يۈزىنى پۈتۈنلەي ،مەدھىيە سۆزلىرى بىلەنلا توشقۇزىۋەتمەي ياكى قەلەمنى<<تەنقىد كالتىكى>>قىلىپ ، ئاپتۇرلارنى ئەسەر يازغانغا تويغۇزىۋەتمەي، ئەسەرگە ئىلمى مۇئامىلە قىلىشى،ئەسەردىكى مەنانى قېزىپ چىقىشى لازىم.شۇنداقلا،ئۆزى تەنقىد قىلماقچى بولغان ئەسەردە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى گىرامماتېكىلىق،لوگېكىلىق خاتالىقلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ،يېڭى پىكىر،يىڭى كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا،ئۇنداق ئەسەرگە نىسبەتەن ئىلمى كۆزقاراشتا بولۇپ،مۇھەررىرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى مۇھەررىرلەرگە ئارتىپ، ئاپتۇرنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىنى تەنقىد ئەخلاقىغا ئۇيغۇن سۆزلەر بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتۈشى،شۇ ئەسەردە دېيىلىشكە تېگىشلىك بولغان،ئەمما دېيىلمىگەن مەسىلىلەرنى دېيىشى،دېيىلگەن بولسىمۇ تولۇق،مۇكەممەل دېيىلمىگەن مەسىلىلەرنى تولۇقلىشى،شۇ ئارقىلىق ئەسلىدىكى كەمتۈك ئەسەرنى پۈتۈن قىلىشى لازىم.شۇندىلا،بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز بىرقەدەر ساپلىشىپ،ئەسەرلەردىكى يېزىق خاتالىقى تۈگەيدۇ ياكى ئازلايدۇ.ئاپتۇرلىرىمىزمۇ ئەسەر يازغاندا دىققەت قىلىدىغان،ئوبزورچىلار بىلەن سەمىمىي دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بولىدۇ.چۈنكى،بالىنى ئۇرۇپ-تىللاپ تەربىيىلىگەندىن،ئىلمىي تەربىيە بىلەن تەربىيىلىسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

مەنبە:تاش
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6693
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2011-09-26

بەزى يەرلىك مەتبۇئاتلاردىكى ئاتالمىش مۇھەررىرلەرنىڭ كەسپى سەۋىيىسى شۇنچىلىك تۆۋەنكى ، ئەۋەتكەن ئەسەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىگىنى ئۆز خاھىشى بۇيىچە « تەھرىر » لەپ ، بىر خېلى ياخشى چىققان يازمىنى باشقىلا بىر نەرسىگە ئوخشىتىپ قويىدۇ . بۇ يېڭى يىتىلىۋاتقان ئۈمىدلىك يازغۇچىلارنى بايقاش ، رىغبەتلەندۈرۈش ئىشلىرىغا چوڭ سەلبى تەسىر پەيدا قىلىدۇ ،  بۇ خىل ھادىسە خېلى كۆپ جايلاردا مەۋجۈت ، شۇ خىل مۇھەررىرلەرنىڭ كەسپى سەۋىيىسى كىشىدە گۇمان پەيدا قىلىدۇ . . .
ئۈلۈم ھامان بىر كۈنى يىتىپ كېلىدۇ !
دوستلىشىش
ئىزھار1
كۆپ كۈلۈش قەلىبنى ئۆلتۈرىدۇ
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8187
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 181
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە181دانە
ئۆسۈش: 320 %
مۇنبەر پۇلى: 2110 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-04-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-23 14:12

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەنچە مۇھەررىرلىك بۇلۇپمۇ ھازىرقى جەمىيتىمىزدە  بىر لىنىيەنىلا بۇيلاپ ماڭىدۇ . بۇ خىل مۇھەررىرلىك ھەقىقەتتىن تۇلىمۇ يىراق .
دۈشمەننىڭ پىلانى بۇيىچە ئىش قىلىپ  دۈشمەننىڭ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بۇلۇش نىمە دىگەن دانالىق ھە !