ھاراق:ساق ئادەمنى ۋاقىتلىق ساراڭغا ئايلاندۇردىغان دۇرا.
چاچ:چېچى يۇقلار ئەڭ كۆڭول بۇلىدىغان قىزىق نۇقتا.
خورەك:دىرىژورسىز ئۇرۇندانغان مۇزىكا.
مېڭە:ئىشلىسە تەڭدىشى يوق ،ئىشلىمىسە بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان بىر قاچا قېتىق.
ئىش تاشلاش:قانۇنغا ئۇيغۇن باھانە بىلەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشى پائالىيىتى.
ياتلىق بۇلۇش :ماڭغۇدەك يولى قالمىغاندا پۈت قۇيغىدەك جاي تېپىشى،ئەرنىڭ كۆزىگە توپا چېچېش.
رېتسىپ:دورا ئىسمىنى بىلگىلى بولمايدىغان ،ئەمما باھاسىنى ئېنىق كۆرگىلى بۇلدىغان قەغەز.
مۇئەللىم:ئىمتىھان ۋاقتىدا ئەتراپقا قارىيالايدىغان بىردىن بىر كىشى.
يول قۇيۇش:يېڭىشكە كۆزى يەتمىگەندە ،ئۇزىنى قوغداشنىڭ ئۇنۇملۈك چارە.
خمىيىۋى ئۇغۇت:مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ ،ئۆمۇرنى قىسقارتىدىغان دورا.
گال:ئىنسابنى سۇغۇرۋالسا ،مەڭگۇ تولدۇرغىلى بۇلمايىدىغان كامار.
ئەركىنلىك :تۇيدىن بۇرۇنقى تۇرمۇش.
ئەتە:ھۇرۇنلارنىڭ لوغىتىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايىدىغان سۆز.
بۇغالتىر:دىرېكتورنىڭ خۇتۇندىن قالسىلا ،پول قاپچۇقىنى قانۇنلوق رازۋىتكا قىلالايدىغان ئادەم.
مەسىت:پادىشاھقا يارلىق چۈشۈرەلەيدىغان <<پادىشاھ>>
:مەنبە قانۇنچىلىق گىزىتى.
داۋامى ..
ئىشخانا-پاراڭ سىلىشى،چاي ئىچىش ۋە گېزىت كۆرۇشكە ئەپلىك جاي
دۇختۇرخانا -گۆركارغا خېرىدار تۇنۇشتۇردىغان ئۇرۇن .
خۇشاللىق -ئامانەتكە قۇيۇلغان قايغۇ-ھەسرەتنىڭ ئۆسۈمى
قانائەت-توكۇرنىڭ پالەچنى كۆرگەن ۋاقتىدىكى ھالىتى
ئوبزۇرچى-ئۆزى چۇشەنمەيدىغان ئەسەرلەرنى ئۆزىمۇ چۇشەنمەديىغان نۇقتىنەزەرلەر بىلەن باشقىلارغا چۇشەندۇرۇپ بەرگۇچى.
ھەسەت-ئەڭ ئىقتىدارسىز رىقابەت
ئەر-خۇتۇن -بىر -بىرسىنى زادى كۆرگىسى بۇلمىسىمۇ،كۇندە كۆرۈشۇشكە مەجبۇر بۇلىدىغان كىشىلەر
ئەر-تامىقىنى يەپ بۇلوپ قاچىسىنى جايىدىن قىمىرلاتماي قويۇپ قويىدىغان ئادەم
كەمبەغەل -سۇغۇق سۇنى مېنرال سۇ قاتارىدا سېتىشىنى بىلمەديىغان دۆت ئادەم
باي -نامراتلىىقدىن پۇلىلا قالغان ئادەم،
[ بۇ يازمىنىرەسسام 2012-02-11 20:26قايتا تەھرىرلىدى ]