باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 403 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پايچەك ئېلىپ سېتىشنىڭ ھۆكمى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 838
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە838دانە
ئۆسۈش: 3300 %
مۇنبەر پۇلى: 10717 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-21 01:44

پايچەك ئېلىپ سېتىشنىڭ ھۆكمى

                            ئاكسىيە بازىرىدا شىركەت پايچەكلىرىنى ئېلىپ- سېتىش




                                               بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم





بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.





ئاللاھ تائالا ئايەتتە سودا-سېتىقنى، تىجارەتنى ھالال قىلىپ مۇنداق دېگەن: (ئاللاھ ئېلىم-سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانىنى ھارام قىلدى) (بەقەرە سۈرىسى 275-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)    



    )پەقەتلا ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودا بولۇپ قالسا) (بەقەرە سۈرىسى 282-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)



(بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا)(نىسا سۈرىسى 29-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.)



ئاكسىيە بازىرىدىكى پاي چېكى ئەمەلىيەتتە بار بولغان بىر شىركەتنىڭ سەرمايىسىگە مەلۇم پىرسەنت ھەسسىدار بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئاشۇ شىركەتكە مەلۇم پىرسەنت بىلەن ئورتاق شېرىكلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەسسىدارلىقتىن كېلىپ چىققان ھەر بىر شەخسنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى پاي ئېلىم-سېتىم، مىراس، ھىبە قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق مۇئامىلىلەردە مالىي قىممەتكە ئىگە مۈلك ھېسابلىنىپ، شەرئى جەھەتتىن مال-مۈلۈككە دائىر ئەھكاملارغا بويسۇنىدۇ.



شىركەتكە ھەسسىدار بولغان پايچىكلار شىركەتنىڭ سەرمايىسىدىلا شېرىك بولماستىن، بەلكى ئۆزى بىۋاسىتە تىجارەت قىلمىسىمۇ شىركەت قىلىۋاتقان تىجارەت ۋە باشقا پائالىيەتلەردىمۇ شېرىك بولغان بولىدۇ.





پاي چېكى تىجارىتى مۇباھ تىجارەت. لېكىن ئالىملار بۇ خىل تىجارەتنىڭ ھالال بولۇشى ئۈچۈن شەرىئەتكە خىلاپ بارلىق ئىشلاردىن خالىي بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. مەسىلەن:



1-پاي تەۋە بولغان شىركەت ئەمەلىيەتتە جىسمى بار مەۋجۇت شىركەت بولۇپ ھالال ساھەدە شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇشى، قۇرۇق قەغەزدىلا قۇرۇلغان مەۋھۇم ياكى قۇرۇلۇش ئاستىدا تۇرغان شىركەت بولماسلىقى كېرەك.



2-پاي چېكى ئېلىپ-سېتىلماقچى بولغان شىركەت جازانە- ئۆسۈم بىلەن ۋە ياكى ھاراق ئىشلەپ چىقىرىشتەك، قىماردەك باشقا ھارام تىجارەت بىلەن شۇغۇللانمايدىغان، مەسىلەن قۇرۇلۇش ۋە سىمۇنت زاۋۇتىدەك ھالال ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر بولۇشى شەرت. ئەسلى پائالىيىتى ھالال، لېكىن ئۆسۈملۈك قەرز ياكى باشقا ھارام ئىشلار ئارىلاشقان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىپ-سېتىش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە چەكلىنىدۇ. بۇ تۈرلۈك پايلارنى ئېلىپ-ساتماسلىق تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىن.



3-پايچېكى سودىسى قىلغاندا نەخ ۋە نېسى بولسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بىر پۇلنى يەنە بىر خىل پۇلغا ئايلاندۇرۇش ئەھۋاللىرىغا ئۇدۇل كەلگەندە نەخمۇ نەخ بولۇشى شەرت.



4-ئۆزىنىڭ سېتىۋېلىش مەقسىتى بولمىسىمۇ باشقىلارنى بىرەر شىركەتنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە پاي سېتىۋالماسلىق ياكى بىرەر شىركەتنىڭ پېيىنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىش ئۈچۈن يالغان-ياۋىداق، مىش-مىش گەپلەرنى تارقاتماسلىق ياكى ساختا خېرىدار بولماسلىق.



ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەھرالىقنىڭ مېلىنى يەرلىك ئادەم سېتىپ بەرمىسۇن. خېرىدارنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ساختا خېرىدار بولماڭلار، كىشى قېرىندىشىنىڭ قىلىۋاتقان سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودىلاشمىسۇن. قېرىندىشى سۆز ئاچقان لايىقىغا سۆز ئاچمىسۇن. ئايال كىشى ئۆزى تېگىش ئۈچۈن ھەمشىرىسىنىڭ ئۆيىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ ئېرىدىن ئۇنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلمىسۇن، دەپ توسقان.(سەھىھەين: بۇخارى: 2140-ھەدىس. مۇسلىم: 1413-ھەدىس)



5-بەزى شىركەتلەر زىيان تارتىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەسسىدارلارنىڭ پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆسۈملۈك بانكىلاردا قويۇپ ساقلاپ ئۆسۈم ئالىدۇ. ئاندىن بۇ ئۆسۈمنى تىجارىتىنىڭ پايدىسى بىلەن ئارىلاشتۇرىدۇ. بۇنداق شىركەتلەرنىڭ پېيىنىڭ سودىسىنى قىلىشمۇ چەكلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئۆسۈم يېيىشتىن ئىبارەت.





1992-يىلى 5-ئايدا جىددە شەھرىدە ئېچىلغان ئىسلام فىقھى مەجمەئىنىڭ يەتتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا پاي جېكى ھەققىدە مۇنداق قارار ماقۇللانغان:



1-مۇئامىلىلەردە ئەسلى قائىدە ھالاللىقتۇر، بۇنىڭغا ئاساسەن شەرىئەتكە زىت بولمىغان پائالىيەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن ھەسسىدارلىق شىركىتى قۇرۇش جائىز ئىشتۇر.



2-ئاساسلىق مەقسىتى جازانە ۋە ھارام نەرسىلەرنى ئىشلەپ چىقىرىش ۋە ئۇنىڭ تىجارىتىنى قىلىشتەك ھارام پائالىيەتتىن تەركىب تاپقان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇشنىڭ ھاراملىقىدا ئىختىلاپ يوقتۇر.



3-ئاساسلىق پائالىيىتى ھالال بولسىمۇ بەزىدە جازانە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھارام مۇئامىلىلەرنى قىلىدىغان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇش ھارامدۇر.





يەنە 1995-يىلى رابىتىغا تەۋە ئىسلام فىقھى مەجمەئىنىڭ 14- قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا پاي جېكى ھەققىدىكى بىر قارارىدا مۇنداق كەلگەن:



1-مۇسۇلمان كىشىنىڭ بەزىبىر مۇئامىلىلىرىدە جازانە بار بولغان شىركەت ۋە بانكىلارنىڭ پېيىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىشى جائىز ئەمەس.



2-بىر شىركەتنىڭ ھارام مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي قېلىپ پېيىنى سېتىۋېلىپ كېيىن بىلگەن بولسا، ھارام پائالىيەتكە شېرىك بولماسلىق ئۈچۈن بۇ ئىشتىن دەرھال چىقىپ كېتىش لازىم.





يۇقىرىقىغا ئوخشىغان ئىسلام چەكلىگەن ئىشلاردىن خالىي بولغان ئەھۋالدا پاي چېكى سودىسى قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. شۈبھە ئارىلاشقان ئەھۋالدا شۈبھىلىك دائىرىگە كىرىپ مۇسۇلمان كىشى بۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىشى لازىم بولىدۇ.



بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك:



1-ئادەتتە پاي چېكى بازىرىدا پاي چېكى تىجارىتىلا بولماستىن باشقا نۇرغۇن مەۋھۇم تىجارەتلەرمۇ بولىدۇ. شۇڭا بۇخىل تىجارەتكە قەدەم قويماقچى بولغانلار بۇ ھەقتە ئەتراپلىق دىنىي چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ ئاندىن تۇتۇش قىلمىسا ھارامغا ياكى زىيانغا ئۇچرايدۇ.



2-پاي چېكى تىجارىتى مەلۇم سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان بىر قەدەر مۇرەككەپ تىجارەت بولغاچقا، بۇ ساھەدە ئەتراپلىق مەلۇماتى بولمىغان كىشىلەر ئاسان زىيان تارتىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ تىجارەتنى بۇ ھەقتە يېتەرلىك بىلىمى بارلار قىلغىنى تۈزۈك.



3-پاي چېكى بازىرى ھەر مىنۇتتا نەچچە خىل ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئىنساننى دەككە-دۈككىگە سېلىپ ئاسانلا يۈرەك كېسىلى قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. چوڭ زىيان تارتىپ كەتكەن ئەھۋالدا ئۆلگەنلەرمۇ بار. شۇڭا ئىنسان ئۆزىنى بۇنداق بازارلاردا كۆپ ئۇپراتماسلىقى، رىزىقنىڭ ئەزەلدىن پۈتۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسلەپ ھالال، چىرايلىق، ساغلام يول بىلەن پايدا تېپىشنى كۆزلىشى لازىم.



ۋەللاھۇ ئەئلەم.





مەنبە؛ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى
[ بۇ يازمىنىnida0998 2011-09-21 22:58قايتا تەھرىرلىد ]
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 422
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە422دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 4517 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2011-10-02

3-پاي چېكى بازىرى ھەر مىنۇتتا نەچچە خىل ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئىنساننى دەككە-دۈككىگە سېلىپ ئاسانلا يۈرەك كېسىلى قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. چوڭ زىيان تارتىپ كەتكەن ئەھۋالدا ئۆلگەنلەرمۇ بار. شۇڭا ئىنسان ئۆزىنى بۇنداق بازارلاردا كۆپ ئۇپراتماسلىقى، رىزىقنىڭ ئەزەلدىن پۈتۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسلەپ ھالال، چىرايلىق، ساغلام يول بىلەن پايدا تېپىشنى كۆزلىشى لازىم.

ئەمىليەتتە  پاي چەك بازىرىدا غەلبە قىلىشنىڭ ئاساسى بىرسى يىتەرلىك ئۇچۇر، ئىككىنجىسى
چىۋەلىك ،  ئۈچۈنجىسى  تەمكىنلىك.
شۇڭا پاي چەك بازىرىدا تەمكىنلىكنى يىتىلدۈرۈشنىڭ  ئۇسۇلى رىزىقنىڭ ئەزەلدىن پۈتۈلۈپ  كەتكەنلىكىگە ئىشىنىش.
32 دۆلەتكە ۋىزا بىجىرمەن.
دوستلىشىش
ئۆزئۇيغۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8994
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-18
ئاخىرقى: 2011-10-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-23 19:41

توردا ئالتۇن كۈمۈش سودىسى قىلىشمۇ دۇرۇس ئەمەس دەپ  كۆرگەنمەن.