دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 9 – سېنتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 8 – ئايدىكى CPI بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %2.6 ئۆسكەن، ئۆسۈش نىسبىتى 7 – ئايدىكىدىن %3.0 پوئېنت تۆۋەنلىگەن. ئېلىمىز مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش بولدىمۇ؟ پۇل سىياسىتى تەڭشىلەمدۇ؟ كەلگۈسىدە پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بېسىم قانچىلىك؟ پۇل پاخاللىقى ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش بولدىمۇ؟
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 9 – سېنتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، باھانىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان ئامىللار ئىچىدە يېمەكلىك يەنىلا باشلامچى رول ئويناپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %13.4ئۆسۈپ، مال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە كۆرسەتكەن تەسىرى تەخمىنەن %4 پوئېنت بولغان. 1 – ئايدىن 8 – ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ CPIسى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئۆسكەن.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: بۇنى يىللىق ‹‹بۇرۇلۇش نۇقتىسى›› دەپ بېكىتىش مۇمكىن، لېكىن، دۇنيا بويىچە مەبلەغنىڭ ئېقىشچانلىقىغا چەك قويماسلىق ۋەزىيىتىدە قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ ئۆسۈش بېسىمى يەنىلا مەۋجۇت، كېيىنكى يېرىم يىلدا باھانىڭ ئاز نىسبەتتە ھەم تەدرىجىي تۆۋەنلەش ئېھتىماللىقى چوڭراق، يىللىق پۇل پاخاللىقى يۈزلىنىشىدە ‹‹ئاۋۋال ئۆرلەش، كېيىن تەڭشىلىش››تەك تىزگىنلىگىلى بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى جاڭ شياۋجىڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي ئومۇمىي ئېھتىياج تۆۋەنلەپ، يۇقتۇرما پۇل پاخاللىقى ئامىللىرى ئاجىزلىماقتا، يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى تىزگىنلىنىۋاتىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، CPIنىڭ بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ئۆسۈش نىسبىتى ئاساسەن يۇقىرى چەككە يەتتى.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سۇڭ گوچىڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇرۇلۇش نۇقتىسى››نىڭ چوڭ يۈزلىنىشى خېلى ئايدىڭلاشتى. چۈنكى ئالدىنقى مەزگىلدە مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان يېمەكلىك باھاسى مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىمۇ نىسبەتەن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ.
يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر: مال باھا سەۋىيەسى تۆۋەنلەشكە باشلىدى، لېكىن، ‹‹بۇرۇلۇش نۇقتىسى››نىڭ راستىنلا كۆرۈلگەن – كۆرۈلمىگەنلىكىگە ھازىرچە ھۆكۈم قىلىش تېخى بالدۇر، دەپ قارىدى.
دۆلەت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باش مەسئۇل ئىقتىسادچىسى فەن جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر خەلقئارا ئىقتىسادتا يوشۇرۇن ئېقىم كۈچىيىپ، يۇقتۇرما پۇل پاخاللىقى ۋە قۇرۇلمىلىق باھا ئۆسۈش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئۆسۈشى يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن، كېيىنكى مەزگىللىك يېڭى باھا ئۆسۈش ئامىللىرىدىن مۇداپىئەلىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ يۈەنچۈن مۇنداق دېدى: ‹‹بۇرۇلۇش نۇقتىسى››نىڭ كۆرۈلگەن – كۆرۈلمىگەنلىكى 9 – ئايدىن كېيىن ئايدىڭلىشىدۇ. كېيىنكى يېرىم يىلدا بىرلەمچى مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلارغا تەسىر كۆرسىتىشى، مائاش ئۆستۈرۈش، باھا ئىسلاھاتىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدا داۋاملىق يولغا قويۇلۇشى قاتارلىق يېڭى باھا ئۆسۈش ئامىللىرىغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن.
پۇل سىياسىتى ‹‹ئېھتىيات مەزگىلى››گە كىردى
8 – ئايدا مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى يۇقىرى چەكتىن تۆۋەنلىدى، ئېلىمىزنىڭ پۇل سىياسىتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى يۈزلىنىشى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
فەن جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىشتا پۇل، مالىيە سىياسىتىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، ئىقتىسادنى مۇقىم راۋاجلاندۇردى، مەجبۇرەن باھا چۈشۈرۈش خەۋپى مەۋجۇت ئەمەس. لېكىن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 2 – قېتىم ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈش ئېھتىماللىقىنى يەنىلا نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسەت يۈزلىنىشىدىمۇ تۇيۇقسىز يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ، تەڭشەش – تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى يوققا چىقىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
قاتناش بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ليەن پىڭ مۇنداق قارىدى: مال باھاسىنىڭ ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشى ئېلىمىزنىڭ ھازىر پۇل سىياسىتىنى تاللىشىغا يەنىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇلتۇردىن بۇيانقى ئېغىر پۇل پاخاللىقى ۋەزىيىتىگە قارىتا يولغا قويۇلغان تەدرىجىي قىسىلىدىغان پۇل سىياسىتى توختىتىلىشى مۇمكىن. ليەن پىڭ مۇنداق قارىدى: يىل بېشىدىكى سىياسەتتە بېكىتىلگەن پۇل پاخاللىقىغا كۈچەپ تاقابىل تۇرۇشقا سېلىشتۇرغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى پۇل سىياسىتىدە پۇل ئامىلىنى ئاساسلىق نەزەرگە ئېلىش بىلەن بىللە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مەسىلىسى، پۇل قورالدىن پايدىلىنىشتىمۇ تېخىمۇ ئېھتىياتچان، باراۋەر بولۇشقا، تېخىمۇ تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
يۇقتۇرما پۇل پاخاللىقى ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتىدۇ.تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ
8 – ئايدا مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ۋاقتىنچە ئاستىلىغان بولسىمۇ، لېكىن، بۇ قېتىمقى پۇل پاخاللىقى دەۋرى تېخى ئاخىرلاشمىدى، كەلگۈسى ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكىمۇ ئېلىمىزنىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش قىيىنچىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ يېقىندا: مال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش يەنىلا ماكرولۇق تەڭشەشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، ھەم مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىمىز، ھەم ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە چوڭ تەۋرىنىش پەيدا قىلماسلىقىمىز كېرەك، دېدى.
تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا، ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ساقلاش ئۈچۈن، ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت ھالقىسىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ نورمالسىز تەۋرىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
فەن جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەڭ مۇھىمى ئەنئەنىۋى تەرەققىيات ئۇسۇلىدىكى ‹‹يولغا تايىنىۋېلىش››تىن ساقلىنىش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇشىمىز، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قانداق كاساتلىشىشىدىن قەتئىينەزەر تاقابىل تۇرۇش ئاساسىمىز بولۇشى كېرەك.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى