باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1784 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئەردۇغاننىڭ يەنە بىر نۇتقى
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1230
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1230دانە
ئۆسۈش: 5590 %
مۇنبەر پۇلى: 16284 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-18 23:21

ئەردۇغاننىڭ يەنە بىر نۇتقى





ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن باتۇر قاراخانلې
باش نازىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەرەب بىرلىكى تاشقىي ئىشلار نازىرلىرى يىغنىدا بىر نۇتۇق سۆزلىدى.ئەردوغاننىڭ نۇتۇقىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
     تۈركلەر ۋە ئەرەبلەر نەچچە ئەسىرلىك دوستلۇق رىشتىگە ئىگە. غەززەدە يىغلىغان پەلەستىنلىك بىر بالا ئەنقەرەدىكى بىر ئانىنىڭ يۈرەك – باغرىنى تىترىتىدۇ. بىز بىر بەدەننىڭ ۋە بىر رۇھنىڭ ئامىللىرىمىز. بىز چوڭقۇر يىلتىز تارتقان چوڭ بىر ئائىلە. تارىخى بىر باسقۇچتا تۇرىۋاتىمىز. بىر بىرىمىزنى ھەر زاماندىكىدىن تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنىمىز، تېخىمۇ ئوبدان بىلىشىمىز. تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن كېلەچەككە قاراۋاتىمىز.تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق شۇئارى بولىشى كېرەك. خەلقلىرىمىزنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى قانۇنىي يوللار بىلەن قاندۇرۇشقا مەجبۇرمىز. قانۇنسىز يوللار بىلەن كۈچ ئىشلىتىپ باستۇرۇشقا ئۇرۇنغانلار بۈگۈن بىلىپ يەتمىسە، ئەتە ئۆزىنىڭ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىشىمىز زۆزۈر. تارىخ بۇرۇلۇش ياسىغان بۇ مەزگىلدە قېرىنداش ئەرەب خەلقىنىڭ سالماقلىق بىلەن تىك تۇرۇشىغا چىن قەلبىمدىن ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.قېرىنداشلىرىمنىڭ شان – شەرەپلىك بىر كېلەچەككە ئىگە بولىشى ئۈچۈن بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.
  تۈرك ۋە ئەرەب خەلقى، ئەبەدىي قېرىنداشلىقىمىزدىن ئالغان كۈچ بىلەن ئارىمىزدىن شامال ئۆتمىگىدەك دەرىجىدە سېپىمىزنى مۇستەھكەم تۇتىشىمىز كېرەك. ئوخشىاش بولمىغان تىلغا ئىگە، ئەمما ئوخشاش بىر جۇغراپىيگە ۋە ئوخشاش بىر قىسمەتكە ئىگە بولغان بىزلەر ئۈچۈن، قايتىدىن ئورتاق كېلەچەككە ئىگە بولىدىغان زامان يېتىپ كەلدى.خەلقنىڭ يوللۇق تەلەپلىرى ئالدىدا بۈگۈن بىلدۈرىدىغان پوزىتسىيىمىز ۋە باسىدىغان قەدەملىرىمىزنىڭ ھېسابىنى پەقەت خەلق سورالايدۇ. بۇ چاقىرىقىم، رايونىمىزدىكى پۈتۈن ئەللەر ۋە ئىسرائىل ئۈچۈن.بەزىلەرگە ئوخشاش لىۋىيىنىڭ يەر ئاستى بايلىقغا كۆز تىككەنلىكىمدىن ئەمەس، بەلكى لىۋىيە خەلقىنى سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن سۆزلەۋاتىمەن.نەچچە ئەسىر بويىچە تەبىئىي پەندىدىن ئەدەبىياتقا، سەنئەتتىن پەلسەپىگىچە گۈللىنىش مەيدانغا كەلتۈرگەن بۇ رايوننىڭ كىشىلىرى بۈگۈن ئىگە بولىشى كېرەك بولغان يەردە ئەمەس.لىۋىيە خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۆرىشىنى زەپەر بىلەن ئاخىرىلاشتۇرىشى كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ.ئوتتۇرا شەرقتە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگۈرۈشلەرگە قارىتا سۈكۈتتە تۈرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بۇنى پەقەت بۇ رايوندا يەر ئالغانلىمىز سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئەبەدىي قېرىنداشلىقىمىزنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ ئېيتىۋاتىمەن.ئوتتۇرا شەرقتە يېڭىلىققا ئۆتۈش جەريانىدا بىزگە ھاجىتى چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسىگە دوستلۇق قولىمىزنى ئۇزاتتۇق. قولىمىزنى تۇتمىغانلار بولدى. دوستانە نەسىھەتلىرىمىزنى قايتا – قايتا بىلدۈردۇق.
     ئىسرائىل ئۆزىنىڭ قانۇنىي مەۋجۇدىيىتىنى تەۋرىتىدىغان مەسئۇلىيەتسىز ئىش – ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. ئىسرائىل خەلقئارالىق دېڭىزدا ياردەم كېمىسىگە ھۇجۇم قىلغۇدەك دەرىجىدە ھۇشۇنى يوقۇتۇپ قويدى. ئىسرائىل خەلقى ئىسرائىل ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قامال قىلىندى. ئىسرائىل، ئەپۇ سوراش ۋە تۆلەم تۆلەش تەلپىمىزگە قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالماقتا.تەييارلانغان دوكلاتنىڭ ھېچقانداق ئىناۋىتى يوق. غەززە قامالىنى ئىتىراپ قىلمايمىز، قۇبۇل قىلمايمىز. ئىسرائىل قاچان يوللۇق، مەسئۇلىيەتچان ۋە كىشىلىك ھەقلەرگە ھۆرمەت قىلىدىغان بىر دۆلەت سۈپتىدە مۇئامىلە قىلسا، ھازىرقى يېتىم قالغان ۋەزىيىتىدىن قۇتۇلىدۇ. تۈركىيىنىڭ ئىسرائىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرماللىشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان شەرتلەر ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە. ئىسرائىل ئەپۇ سوراپ، ئۆلتۈرگەن شېھىدلىرىمىزنىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم تۆلىمىگىچە ۋە غەززەگە يۈرگۈزىۋاتقان قامالنى بىكار قىلمىغىچە، تۈركىيە – ئىسرائىل مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن ئەمەس، مۇمكىن بولمايدۇ. تۈركىيە ئىسرائىلنىڭ غەززەگە يۈرگۈزگەن قامالىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ.ھېچقانداق بىر دۆلەت خەلقئارا قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەس. دۆلەتلەر ئۆتكۈزگەن جىنايەتنىڭ جازاسىنى تارتىشى كېرەك. تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا ئۈچۈن دۆلەتلەرمۇ تېرورلۇق جىنايەتلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىشقا مەجبۇر.بولۇپمۇ شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى، ب د ت باشچىلقىدىكى خەلقئارا جامائەتچىلىك ئىسرائىلنىڭ بىر ئۆز ئالدىغا يۈرگۈزىۋاتقان تەنتەك سىياسىتىگە يول قويىۋەرسە، بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىگە كۆز يۇمۇۋەرسە، ئۆتكۈزۈلگەن بۇ جىنايەتنىڭ بىر شېرىكى سۈپتىدە ياد ئېتىلىشتىن قۇتۇلالمايدۇ.بۇ داۋا پەلەستىننىڭ ئەمەس، ئادالەت ۋە قانۇننى ياقالايدىغانلارنىڭ ئورتاق داۋاسى. ئىسرائىل – پەلەستىن مەسىلىسى بىر ئىنسانى مەسىلە. غەززەدە بۇ ۋەزىيەت داۋاملاشقان مۇددەتچە خەلقئارا سەھنىدە ھەق ۋە قانۇننىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كرىز داۋاملىشىدۇ. زۇلۇمغا تايىنىپ سىياسەت يۈرگۈزگەنلەر چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىم سېغىنىش ئىچىدە تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتقان مۇستەقىل دۆلىتىگە ئىگە بولىشى كېرەك. « كېلىڭلار، بايراق خادىسىغا پەلەستىن دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى ئاسايلى ۋە ئۇ بايراق ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق، ئادالەتنىڭ سىموۋۇلى بولسۇن! كېلىڭلار، ئوتتۇرا شەرققە ئىگە بولىشىغا تىگىشلىك بولغان تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ھەسسە قوشايلى! ».
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دوستلىشىش
توران
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 942 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-10-18

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! تۈركىيە نىڭ ھازىرقى ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ!!!!
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
دوستلىشىش
ئەركىنلىك
burkut
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8880
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 105 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-07
ئاخىرقى: 2011-09-21
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-19 10:16

ھەقىقەتنى  سوزلەپتۇ ، ئادالەتنى سوزلەپتۇ ، شۇ  ئزىلۋاتقانلار  ئوچۇن  دادىل  ئوتتۇرغا  چۇشۇپ  ئادالەتنى  ياقلاپتۇ ، ھچكىم  قىلالمىغان  ئشنى  قىپتۇ،  ئاللاھ  رەھمەت  قىلسۇن.  
دوستلىشىش
illikbahar
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 417
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە417دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 4250 سوم
تۆھپىسى: 15 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-03
ئاخىرقى: 2011-10-18
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-19 12:40

ئەرەپ   ئاچكۇز     سىياسىيۇنلانىڭ  ئاغزىدىن   چىقمىغان  سوز  تۇرۇكلەرنىڭ    ئاغزىدىن   ئللاھ     رەھمەت   بۇ  كىشىگە
دوستلىشىش
كۈرەش
‹بارلىق ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ...›ھەدىس شە& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4954
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 280
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە280دانە
ئۆسۈش: 1380 %
مۇنبەر پۇلى: 3905 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2011-10-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-19 12:48

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن رەجەپكا!
‹ئىنسان پەقەت ئۆزقىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ›سۈرەنەجمە-39ئايەت
دوستلىشىش
ئىزھار1
fgngfnghnmghjm
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8187
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 89
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە89دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1097 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2011-10-18
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-19 16:37

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ئىسلام دۇنياسىدا ئويغىنىشلار ۇلىۋاتىدۇ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيە ئاساسلىق رول ئويناۋاتىدۇ دىسەك بىز خاتالاشمايمىز . تۈركىيەنىڭ بۇنداق ئاساسلىق رول ئوينىشىدىكى سەۋەپ ئۈستىدىكى ئىمانى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش بۇلىشىنى باشقا پۈچەك سۋەپلەر بولماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارىمىز بولغان ئاللاھقا ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئىماننى تىخىمۇ ئارتۇق قىلىپ بىرىشىنى ، ئۇلارنى ئۈممەتنىڭ غىمىنى يەۋاتقانلار قاتارىدا ئۈممەت غىمىنى يىيىشىنى بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۈلەشكىمۇ رازى بۇلىشىنى سۇرايمەن .
ئى ئاللا ئۇلارغا مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلغىن !
ئىزھار1
mp3
شېھىتلەر ئۆلمەس..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 786
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە786دانە
ئۆسۈش: 1220 %
مۇنبەر پۇلى: 8656 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2011-10-19
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-19 18:04

شەرىقتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇنتۇلدى...................................................................................................................................................................................................................................................................................................................  ئاھ  ئۈرۈمچى يىغلايدۇ
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 827
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە827دانە
ئۆسۈش: 3240 %
مۇنبەر پۇلى: 10567 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-20
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-19 20:12

illikbahar؛يازمىسىغا

ياراتقۇچىڭىزنىڭ ئىسمىنى خاتا يازغىنىڭىز نىمىسى.




ئىملاغا ھەممىمىز ئەھمىيەت بىرەيلى ...


ئەپۇ قىلىڭ بۇرادەر باشقا سۆز بولغان بولسا كايىمايتىم...
ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى،
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 236
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە236دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 2655 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2011-10-18
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-19 21:12

ياخشى بالا جۇمۇ بۇ ئەردوغان.
يىمە نامەرت ئېشىنى ئاچلىق سېنى ئۆلتۈرسىمۇ،ئۆتمە نامەرت كۆۋرۈكىدىن سۇ سېنى چۆكتۈرسىمۇ.
دوستلىشىش
جەڭچى
JANG PALTISI+UYGUR
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 541
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە541دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 5620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2011-10-17
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-20 19:36

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى zero903 نىڭ 2011-09-19 18:04 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
شەرىقتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇنتۇلدى...................................................................................................................................................................................................................................................................................................................  ئاھ  ئۈرۈمچى يىغلايدۇ

كىم دەي دۇ . ئۇلارمۇ ئۇنۇتمىدى . مۇھىمى بىزلەرنى ئاللاھ ئىگىمىز ئۇنۇتمۇسۇن .بىز مۇ ھەم ئاللاھنى ۋە قىرىنداشلىرمىز نى ئۇنۇت مايلى.
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن،دوسلۇرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.