
مۇسۇلمان بالا بىلەن پوپنىڭ سۇئال-جاۋابى
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر بالا ئامىرىكىدا ئۇقۇيدىكەن ، ئامىرىكىدا بىر تەرەپتىن ئۇقۇشىنى ئوقۇغاچ ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدىكەن . بۇ بالا بىر كۈنى بىر خىرىستىئان بالا بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ ، كۈن ئۆتكەنسىرى ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ خېلى قۇيۇقلىشىپ قاپتۇ . مۇسۇلمان بالا ئولتۇرسا – قوپسا خىرىستىئان تۇنۇشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قۇلىدىن كەلگەننى قىلىدىكەن .
بىر كۈنى بۇ ئىككى بالا مەھەللە ئايلىنىۋېتىپ بىر چېركاۋنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ . بۇ ئەسنادا خىرىستىئان بالا مۇسۇلمان ئاغىينىسىدىن ئۆزى بىلەن بىللە چېركاۋغا كىرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ ، مۇسۇلمان بالا باشتا ئۇنىماپتۇ ، لىكىن ئاخىرى خىرىستىئان ئاغىينىسىنىڭ قاتتىق تەلىۋىگە ماقۇل بوپتۇ .
نەتىجىدە بۇ ئىككى بالا بىرلىكتە چېركاۋغا كىرىپ ئۈستەللەرنىڭ بىرىدە ئولتۇرۇپتۇ ، بىرئاز جىمجىتلىقتىن كىيىن پوپ كىرىپ چېركاۋدىكىلەرگە بىر قاراپ چىقىپ : «ئارىمىزدا بىر مۇسۇلمان كۆرۈنىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ چىقىپ كىتىشى لازىم» دەپتۇ . ھېلىقى مۇسۇلمان بالا مىدىرلىماي ئولتۇرۇۋېرىپتۇ . پوپ سۆزىنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلاپتۇ ، مۇسۇلمان بالا ئاۋۋالقىدەكلا ئولتۇرۇۋېرىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن پوپ : «ئۇنىڭ چىقىپ كىتىشى لازىم ، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئېلىنىدۇ ، ئۇنىڭغا ھىچكىم چېقىلمىسۇن» دەپتۇ .
مۇسۇلمان بالا بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كىتىشكە مېڭىپتۇ ، لىكىن ئىشىك ئالدىغا بېرىپ توختاپ تۇرۇپ پوپتىن : «مىنى قانداق تۇنۇدۇڭ؟» دەپ سوراپتۇ . پوپ : «مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزلىرىدە نىشانى بار» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇسۇلمان بالا ئىشىك تەرەپكە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتمەكچى بۇلۇپتۇ . بۇ ئارىدا پوپ بۇ مۇسۇلمان بالىدىن بىر قانچە سوئال سوراپ يېڭىۋېتەي دىگەن مەقسەتتە ئۇنىڭغا : «توختا! مەن سەندىن سوئال سورايمەن» دەپتۇ . مۇسۇلمان بالا بۇنىڭغا ماقۇل بوپتۇ .
پوپ : «ئۇنداق بولسا مىنىڭ سەندىن سورايدىغان يىگىرمە ئالتە سۇئالىم بار ، سىنىڭ ھەممە سوئالىمغا جاۋاب بىرىشىڭ لازىم» دەپتۇ . بىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ : «خالىغىنىڭىزنى سوراڭ» دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ پوپ بىلەن مۇسۇلمان بالىنىڭ ئارىسىدا تۆۋەندىكى سۇئال – جاۋاپلار باشلىنىپتۇ .
1- سۇئال : ئىككىنچىسى يوق بىر؟
جاۋاپ : – ئاللاھ !
2- سۇئال : ئۈچىنچىسى يوق ئىككى؟
جاۋاپ : – كېچە بىلەن كۈندۈز.
3- سۇئال : تۆتىنچىسى يوق ئۈچ؟
جاۋاپ : – مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ خىزىر ئەلەيھىسالامغا ئېيتقان ئۆزرىلىرى.
4- سۇئال: بەشىنچىسى يوق تۆت؟
جاۋاپ : – تەۋرات ، ئىنجىل ، زەبۇر ۋە قۇرئان كەرىم.
5- سۇئال : ئالتىنچىسى يوق بەش؟
جاۋاپ : – بەش بەش ۋاخ ناماز.
6-سۇئال : يەتتىنچىسى يوق ئالتە؟
جاۋاپ : – ئاللاھ كائىناتنى ياراتقان ئالتە كۈن.
7 – سۇئال : سەككىزىنچىسى يوق يەتتە؟
جاۋاپ : – يەتتە قات ئاسمان.
8- سۇئال : توققىزىنچىسى يوق سەككىز؟
جاۋاپ : – ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان سەككىز پەرىشتە.
9- سۇئال : ئونىنچىسى يوق توققۇز؟
جاۋاپ : – مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توققۇز مۆجىزىسى.
10- سۇئال : كۆپەيتىشنى قۇبۇل قىلىدىغان ئون؟
جاۋاپ : – ياخشى ئەمەلدۇر ، ئاللاھ تەئالاھ ئۇنى كۆپەيتىدۇ.
11- سۇئال : ئون ئىككىنچىسى يوق ئونبىر؟
جاۋاپ : – يۇسۈف ئەلەيھىسالامنىڭ بىر تۇغقانلىرى.
12- سۇئال: ئون ئۈچىنچىسى يوق ئون ئىككى؟
جاۋاپ : – مۇسا ئەلەيھىسالام ھاسىسى بىلەن تاشقا ئۇرغاندا تاشتىن ئېتىلىپ چىققان ئون ئىككى بۇلاق. 13- سۇئال : ئون تۆتىنچىسى يوق ئون ئۈچ؟
جاۋاپ : – يۇسۈف ئەلەيھىسالامنىڭ 11 بىر تۇغقىنى ۋە ئاتا – ئانىسى.
14- سۇئال : نەپەس ئالىدۇ ، جېنى يوق؟
جاۋاپ : – تاڭنىڭ يۇرۇشى.
15- سۇئال : ئېگىسى بىلەن ماڭغان قەبىر؟
جاۋاپ : – يۇنۈس ئەلەيھىسالامنى يۇتۈپ كەتكەن بېلىق.
16- سۇئال : يالغان ئېيتقان ۋە جەننەتكە كىرگەن كىشىلەر؟
جاۋاپ : – يۇسۈف ئەلەيھىسالامنىڭ بىر تۇغقانلىرىدۇر . بۇلار دادىسى ياقۇب ئەلەيھىسالامغا يالغان ئېيتقان ، كىيىن ياقۇب ئەلەيھىسالام بۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلغان.
17- سۇئال : ئاللاھ ئۆزى ياراتقان ۋە ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن نەرسە؟
جاۋاپ : – ئېشەكنىڭ ئاۋازى
18- سۇئال : ئاللاھ ئاتا – ئانىسىز ياراتقان شەيئىلەر؟
جاۋاپ : – ئادەم ئەلەيھىسالام ، پەرىشتىلەر ۋە سالىھ ئەلەيھىسالامنىڭ تۆگىسى.
19- سۇئال : ئوتتىن يارىتىلغان كىشى؟
جاۋاپ : – ئىبلىس.
20 – سۇئال : ئوت بىلەن ھالاك قىلىنغان كىشى؟
جاۋاپ : – ئەبۇ جەھىل ۋە ئۇنىڭ تەرەپتارلىرى.
21 – سۇئال : ئوتتىن ساقلانغان كىشى؟
جاۋاپ : – ئىبراھىم ئەلەيھىسالام.
22- سۇئال : تاشتىن يارىتىلغان نەرسە؟
جاۋاپ : – سالىھ ئەلەيھىسالامنىڭ تۆگىسى.
23- سۇئا ل: تاش بىلەن ھالاك بولغانلار؟
جاۋاپ : – ئەسھابۇلفىيل.
24- سۇئال : تاش بىلەن ساقلانغانلار؟
جاۋاپ : – ئەسھابۇلكەھىف.
25- سۇئال : ئاللاھ ئۆزى يارىتىپ ئۆزى چوڭ سانىغان نەرسە؟
جاۋاپ : – ئاياللارنىڭ ھىيلىسى.
26- سۇئال : بىر دەرەخ بار ، ئۇ دەرەخنىڭ 12 پۇتىقى بار ، ھەر پۇتاقتا 30 دىن شاخ بار ، ھەر شاختا 5 دىن مىۋە بار ، مىۋىنىڭ ئۈچى سايىدا ، ئىككىسى ئاپتاپتا ، بۇ نىمە؟
جاۋاپ : – دەرەخ بىر يىلدۇر ، ئون ئىككى پۇتىقى ئون ئىككى ئايدۇر ، ھەر پۇتاقتا 30 دىن شاخ دىمەك ھەر ئايدا ئوتتۇز كۈن بار دىمەكتۇر ، ھەر شاختا بەشتىن مىۋە بار ، ئۈچى سايىدا ، ئىككىسى ئاپتاپتا دىگەن گەپ بىر كۈندە بەش ۋاخ ناماز بار ، ئۈچى قاراڭغۇلۇقتا ئوقۇلىدۇ ، ئىككىسى يورۇقلۇقتا ئوقۇلىدۇ ، دىگەن بولىدۇ . مۇسۇلمان بالا سۇئاللارغا ھىچ دۇدۇقلاپ قالماستىن جاۋاب بەرگەندىن كىيىن پوپ ۋە چېركاۋدىكى پۈتۈن خىرىستىئانلار بۇ بالىنىڭ ھۇشيارلىقىغا ھەيران قاپتۇ . بۇ بالا چىقىپ كېتەي دەپ تەمشىلىۋېتىپ پوپتىن بىر سۇئال سوراشنى تەلەپ قىپتۇ ، پوپ ماقۇل بوپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ ياش مۇسۇلمان پوپتىن : «جەننەتنىڭ ئاچقۇچى نىمە» دەپ سوراپتۇ . پوپ بۇ سۇئالنى ئاڭلاپ گاڭگىراپ قاپتۇ ، تىل چاينىغىلى باشلاپتۇ ، رەڭگى ئۆزگىرىپتۇ ۋە قورقۇنچىسىنى يوشۇرالماپتۇ .
چېركاۋدىكىلەر پوپتىن بالىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بىرىشنى تەلەپ قىپتۇ ۋە : «سەن بۇنىڭدىن يىگىرمە ئالتە سۇئال سورۇدۇڭ ، ئۇ ھەممە سۇئالىڭغا جاۋاب بەردى ، ئەمدى ئۇ سەندىن بىر سۇئال سورىسا جاۋاب بېرەلمەمسەن؟» دەپتۇ . پوپ: «جاۋاب بېرەلەيمەن ، لىكىن سىلەردىن قورقىمەن» دەپتۇ . ئۇلار : «سىنى ھىچنىمە قىلمايمىز ، بۇ سۇئالىنىڭ جاۋابى نىمە بولسا قورقماي دىگىن» دەپتۇ . پوپ ئۇلاردىن ئامانلىق ۋەدىسى ئالغاندىن كىيىن سۇئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بىرىپتۇ : – جەننەتنىڭ ئاچقۇچى «ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھدۇر» دەپتۇ ۋە مۇسۇلمان بوپتۇ . بۇنىڭغا ئەگىشىپ چېركاۋدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بوپتۇ.
مەنبە:ئاناتۇپراق.