شەيخ يۇسۇف قەرداۋى
دوكتور يۇسۇف ئابدۇللاھ قەرداۋى پىكىر، دەۋەت ۋە فىقھې (ئىسلام ھۆكۈملىرى) ئىلمىدە ئوتتورا ھال پوزىتسىيە تۇتقان، مۇبالىغە ياكى پەرۋاسىزلىق ئېقىمىدىن يىراق دىنىي ئالىم بۇلۇپ، بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ جانلىق نامايەندىلىرىدىن بىرى. ئۇ زات يۇقىرىقى ئىلىملەردە ئەنە شۇنداق نورمال پوزىيسىيىدە، قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىي كۈچلۈك بولغان يەتمىش پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يېزىپ قالدۇرغان. بۇ ئەسەرلەردە بىر دەۋەتچىگە خاس قىزغىنلىق، بىر ئەدىبكە خاس بەدىئىيلىك ۋە يېتىشكەن ئالىمغا خاس ئىنچىكىلىك ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.
ئۇنىڭ دەۋەتچىلىكتە كىتاب يېزىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن يەنە ئىسلام ئەللىرىنىڭ جاي - جايلىرىدا لېكسىيە سۆزلەش، خۇتبە (نۇتۇق) ئۇقۇش، ۋە مۇدەررىسلىك بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. شەيخ يۇسۇف قەرداۋى يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەرنى، دەۋەتچىلىك ۋە خاتىپلىق (ئىماملىق) سۈپىتى بىلەن زىيارەت قىلغان ۋە نەچچە ئون قېتىم ئىسلامىي كونفېرىنسلارغا، مەجلىسلەرگە ئىشتىراك قىلغان.
ئۇنىڭ بۇنداق تاۋلىنىپ چىقىشىدا ئىسلامىي مۇھىتتا ياشىغانلىقى، بالىلىق ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن داڭلىق ئالىملار ۋە تۇرمۇشىدا يۇلۇققان بىر قېسىم قېيىن ئۆتكەللەر ئاساسلىق رول ئوينىغان.
بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى
دوكتور يۇسۇف ئابدۇللاھ قەرداۋى 1926 - يىلى مىسىرنىڭ غەربىي قىسمىدىكى سەفت تۇراب يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.
پىقىرانە ياشاپ ئۆتكەن، بىر دىندار ئائىلىنىو يېتىم بالىسى بۇلۇپ ياشىغان دوكتور يۇسۇف ئابدۇللاھ قەرداۋىنىڭ ھاياتىغا ئاجايىپ زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. ئۇ بەش ياش ۋاقتىدا يېزىسىدىكى بىر قۇرئان يادلاش ئورنىغا (قارىخانىغا) كىرىپ ئۇقۇغان؛ كېيىن، مائارىپ مېنىستىرلىكىگە قاراشلىق بىر مەدرىسگە تىزىملىتىپ، ئون ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا قۇرئان كەرىمنى تۇلۇق يادلاپ بولغان... ئۇنىڭ قىرائەتتىكى مۇكەممەللىكى يېزا ئەھلىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىززىتىنى قۇزغىغان ۋە «شەيخ يۇسۇف»دەپ ئاتايدىغان بولىۋالغان. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا يېزىسىدىكى كىشىلەرگە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بېرىش بىلەن نامازلىرىغا ئىمام بۇلۇپ بېرىشنى باشلىغان.
ئوقۇش تارىخى
دوكتورنىڭ ئۇقۇش سەپىرى ئىزچىل ئەلاچىلىق بىلەن داۋام قىلىپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگىچە بولغان توققۇز يىللىق ھاياتى ئەزھەرنىڭ تەنتادىكى قىسمىدا ئۆتكەن؛ باكلاۋۇرلىق ئۇقۇشى بولسا، ئۇسۇلۇددىن (دىن مېتودولوگىيىسى) بۇلۇپ، 1952 -يىلى ئۆزى بىلەن ئۇقۇش پۈتتۈرگەن 180 ئۇقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بىرىنچى بۇلۇپ تاماملىغان. ئارقىدىنلا ئوخشاش كەسىپ بويىچە لىيسانسىلىققا تىزىملىتىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن، ئەزھەرنىڭ ئۈچ فاكۇلتېتىدىن لىيسانسىلىققا ئېرىشكەن 500 ئۇقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدا بىرىنچىلىك بىلەن ئۇقۇش پۈتتۈرگەن.
1952 -يىلى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قاراشلىق «ئەرەب ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئىنىستىتوت»ىدىن ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى بويىچە يۇقىرى لىيسانىسلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئوخشاش ۋاقىتتا، ئۇسۇلۇددىن فاكۇلتېتىنىڭ ھەدىس - تەپسىر قىسمىغا ماگىستىرلىققا تىزىملىتىپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن، يەنى 1960 -يىلى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئۇنى تاماملىغان.
كېيىن ئۇ «ئىسلامدا زاكات» تېمىسى بويىچە دوكتورلۇق دېسىرتاتسىيسى ياقلاپ، ئەسلىدىكى ئىككى يىلدا تاماملاشقا بېكىتىلگەن بۇ دېسىرتاتسىيىنى، مىسىردا يۈز بەرگەن بىر قاتار سىياسىي ئۆزگىرىشلەر سەۋەبلىك ئون ئۈچ يىلدىن كېيىن تاماملاپ، 1973 -يىلى يازدا، شەرەپ بىلەن بىرگە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەر
دوكتور يۇسۇف ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئۇستازلىرى، داڭلىق ئالىملار ۋە ئىلمىي ھاياتتا بىرگە تەربىيلەنگەن نۇرغۇن كىشىلەردىن چوڭقۇر تەسىر ئالغان.
ئۇنىڭغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەرنىڭ بىرى شەيخ ھەسەن ئەلبەننا، ئۇستاز ئەلخۇلى، شەيخ مۇھەممەد غەززالى، دوكتور مۇھەممەد ئابدۇللاھ دراز، شەيخ مەھمۇد شەلتۇت، شەيخ ئابدۇھېلىم مەھمۇد قاتارلىق كىشىلەر بۇلۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەققىدە دوكتورنىڭ ئادەمنى تەسىرلەندۈرگۈدەك ئەسلىمىلىرى بار. يۇقىرىقى كىشىلەر دوكتورنىڭ مەدىيەلىرىگە ساھىب كىشىلەردۇر.
مەنبە: دوكتور يۇسۇف قەرداۋىنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇسۇلمان ئايال دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى