ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
زامانىمىزدىكى داڭلىق دەۋەتچى ئابدۇرېھىم گرىننىڭ «ھەق دىن ئىسلام» Islam is the religion of truth ناملىق 86 مىنۇتلۇق ئېنگلىزچە تەبلىغى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ خەت كىرىشتۈرۈلدى.
تەرجىمە قىلغۇچىلار: ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى نامسىز پىدائى تەرجىمانلار.
ئاساسلىق مەزمۇنى: ئىسلامنى ھەقىقەت دىنى دېيىشنىڭ ئاساسى نېمە؟ بۇنىڭغا قانداق پاكىت بار؟ ئىسلام دىنى بىلەن ھىندى دىنىنى سېلىشتۇرۇش، خرىستىئان دىنى بىلەن بولغان پەرقى، پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈپەتلىرى، قۇرئاندىكى مۆجىزىلەر، ياۋرۇپادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىپىسى ... قاتارلىق مەزمۇنلار يۇمۇرىستىك بىر تىلدا قىزىقارلىق بايان قىلىنغان. ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىككى سائەت ۋاقتىنى چىقىرىپ بىر كۆرۈپ، ئاڭلاپ قويۇشىغا ئەرزىيدۇ.
فىلىمنى كۆرۈش ئادرېسى:
61054708
شىنلاڭ تورىدىكى يۇقارىقى ئادرېستىن تېز ئېچىلمىسا، ماۋۇ تور بەت بوشلۇقىدا تېز ئېچىلىدۇ:
http://www.tubeislam.com/video/10336/Islam-the-religion-of-truth
دىققەت:
فىلىمنىڭ توردىكى ئېچىلىشى ئاستا بولۇپ كۆرەلمىگۈچىلەر بولسا، سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئېلخەت ئادرېسىڭلارغا ياكى QQ نۇمۇرۇڭلارغا ئەۋەتىپ بېرىمەن.
يەنە بىر گەپ: ئېنگلىزچە ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئاڭلاپ ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ فىلىمگە ئۇيغۇرچە ئاۋاز كىرىشتۈرۈشكە ۋاقتىنچە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.