ئۆزمىللىتىنى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى چۈشىنىش ناھايىتى مۇھىم . بىز ئۆز تارىخىمىزنى سۇدەك يادقا بىلەلمىسەكمۇ ، يۈزەكى بولسىمۇ بىر تونۇشقا كېلىپ قالغىنىمىز ياخشى . 
مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن 
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا-بوۋىسى بولغان تۇغلۇقلار شەرقىي ۋە غەربى قىسمغا بۆلۈنگەن بولۇپ ، ئۇلار ئالتۇن تاغ ( ئالتاي تېغى ) نىڭ ئىككى تەرىپىدىكى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئىدى . بۇزېمىننىڭ شەرقى قىسمى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدە ، غەربى قىسمى بولسا بايقال كۆلى بىلەن ئېرتىش دەرياسى ئارلىقىدىكى جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . 
مىلادى 4 -ئەسىرلەردە تۇغلۇقلار جەنۇپقا پىيادە يۈرۈش قىلدى . شەرقى تۇغلۇقلار ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا ، غەربى تۇغلۇقلار تىيانشاننىڭ شىمالىي ۋە غەربى قىسمىدىكى يايلاقلاردا كۆچمەنلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈردى . بۇچاغقا كەلگەندە تۇغلۇقلار دىگەن نامنىڭ ئورنىنى تۇرالار دىگەن نام ئىگەللىدى . شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھارۋىسىنىڭ چاقى ئىگىز بولغانلىقتىن ، ئىگىز قاڭقىللار( ئېگىز ھارۋىلىقلار ) دەپمۇئاتالدى . ئون ئوغۇز دېگەن نام بارلىققا كەلدى . بىرقىسىم قاڭقىللارنىڭ سىلىنگادالاسىدا ياشىدى . 
مىلادىنىڭ 429-يىلى 
بايقال كۆلى ئەتراپىدىكى ئېگىز قاڭقىللارنىڭ شەرقىي قىسمىدىكىلەردىن نەچچە ئونمىڭ كىشى ۋېي سۇلالىسىگە ئەل بولدى . 
مىلادىنىڭ487-يىلى 
ئىگىز قاڭقىلار بوركلى قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاۋۇزلۇ چوڭچىلار ، ئۆزقەۋمىدىن 100مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ ئېگىز قاڭقىلارنىڭ غەربىي شىمالىغا كۆچۈپ بېرىپ ، ئۆز ئالدىغا خانلىق تىكلىدى . 
مىلادىنىڭ 490-508-يىللىرى 
مىلادى 490- يىلى ئاۋۇزلۇ سودىگەر خۇيۇ جېنى شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ پايتەختىگە ئەۋەتىپ ئىككى دانە ئوقيا تەغدىم قىلدى ... 
مىلادىنىڭ 951-يىلى 
قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى كېيىنكى جۇسۇلالىسى پادىشاھىغا تۇتۇق ئەۋەتىپ ، ئىچكىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادى ، مەدەنىي مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن . كېيىنكى جۇسۇلالىسى ھۆكىمىتى تەدبىر قوللىنىپ ، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان خەلق ئوتتۇرسىدىكى سودىنى كەڭ قۇيۇۋەتكەن . ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئاساسلىقى قاش تېشى ، يۇڭ ، تېرە ، دورا - دەرمەكلەرنى ئالتۇن كۆمۈشكە ئالماشتۇرغان . 
مىلادىنىڭ 956-يىلى 
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتتى . ئۇنىڭ جەسىتى ئاتۇشقا دەپنە قىلىندى . ئوغلى بايتاش ( مۇسا بىننى ئابدۇكېرىم ) خانلىققا ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۆزىنى « ئارىسلانخان » دەپ ئاتىدى ۋە قەشقەردە تۇردى . سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 2 - ئوغلى سۇلايمان بالا ساغۇنغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى . 
مىلادىنىڭ 960-يىلى 
200 مىڭ ئۆيلۈك تۈرك خەلقى ئىسلام دىنىغا كىردى . مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم ئارىسلانخان ئسلام دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىدى . 
مىلادىنىڭ 981-يىلى 
ئىدىقۇت ئۇيغۇر پادىشاھى ئۆزىنى شىجۇدىكى جىيەن شىر ئارسلانخان دەپ ئاتاپ ، موسوۋىنى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتتى . سۇڭ سۇلالىسىمۇ ، جاۋابەن ۋاڭيەندى قاتارلىقلارنى سۇجۇغا ئەۋەتتى . 
مىلادىنىڭ 982-يىلى 
ۋاڭ يەندى بەشباللىقتا ئۇيغۇر خانى بىلەن كۆرۇشتى . ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا تارتۇق تەقدىم قىلدى . 983 - يىلى ۋاڭ يەندى قايتىدىغان چاغدا ، ئىدىقۇت پادىشاھى 100 كىشلىك ئەلچىلەر ئۆمىكىنى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتتى . 
مىلادىنىڭ 990-يىلى 
قارخانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بۇغراخان ھەسەن لەشكەر تارتىپ ئىسىپىجان شەھرىنى ئالدى . 
مىلادىنىڭ 992-يىلى 
بۇغراخان ھەسەن ماۋرا ئۈنھەرىگە ھۇجۇم قىلىپ سەمەرقەند بىلەن بۇخارانى ئشغال قىلدى . شۇنىڭدىن تارتىپ سامانلار خانلىقى زەئىپلىشىشكە يۈزلەندى . 
مىلادىنىڭ 999-يىلى 
قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ئىلىك ناسىرى سامانلار خانىلىقىنى ئۇزۇل -كېسىل يوقاتتى . 
مىلادىنىڭ 1069-1070-يىللىرى 
بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتادقۇ بىلىك » داستانىنى يېزىپ چىقتى . 
مىلادىنىڭ 1072-1074يىللىرى 
قەشقەرلىك مەھمۇت قەشقىرى « تۈركى تىللار دىۋانى » نى يېزىپ چىقتى . 
مىلادىنىڭ 1141-يىلى 
غەربىي لياۋ لەشكەرلىرى سەمەرقەندنىڭ شىمالىدىكى كاتۋان يايلىقىدا سالجۇقلارنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشتى ، سالجۇقلارنىڭ لەشكەرلىرى يىڭىلىپ قالدى . ماۋرا ئۈنەھرى رايونى لياۋنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن غەربىي قاراخانىيلار سۇلالىسى غەربىي لياۋغا قارام بۇلدى . 
مىلادىنىڭ 1211-يىلى 
نايمانلار خانى كۈچلۈك گورخان غەربىي لياۋ پادىشاھى چورۇقنىڭ خانلىق ئورنىنى تارتىۋالدى. غەربىي لياۋ سۇلالىسى مۇنقەرىز بولدى . 
مىلادىنىڭ 1212-يىلى 
خارەنزىم شاھى مۇھەممەت بىننى مەسئۇد سەمەرقەندنى ئىشغال قىلىپ ، غەربىي قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى ئوسمان بىننى ئىبراھىمنى ئۆلتۈردى . غەربىي قاراخانىلارسۇلالىسى مۇنقەرىز بولدى . 
مىلادىنىڭ 1219-يىلى 
چىڭگىزخان لەشكەر تارتىپ چىقىپ غەرىبكە يۈرۈش قىلدى . قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىدىقۇتى تۈمەنمىڭ لەشكەربىلەن چىڭگىزخانغا قوشۇلدى . 
مىلادىنىڭ 1225-يىلى 
چىڭگىزخان ئۆزى بويسۇندۇرغان جايلارنى ئوغۇللىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى . 2- ئوغلى چاغاتايغا ۋە 3- ئوغلى ئوگدايغا غەربتىكى كەڭ زېمىننى بەردى . 
قوجۇ ئىدىقۇت مۇڭغۇللارغا ھەممىدىن بۇرۇن قارام بولدى . شۇڭا قۇجۇ رايونى يەنىلا ئۆزىنىڭ قارمىقىدا بولىۋەردى . 
مىلادىنىڭ 1251-يىلى 
مۇڭغۇللار بەشباللىق قاتارلىق جايلاردا ئۆلكە دىۋان ۋازارىتى تەسسىس قىلىپ ، غەربىي رايوننىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلارنى تەيىنلىدى . بۇ تارىختا غەربىي رايون بويىچە ھەممىدىن ئەۋزەل تەسسىس قىلىنغان ئۆلكە ۋازارىتى ئىدى . 
مىلادىنىڭ 1274-يىلى 
يۇەن سۇلالىسى ئودۇن ، يەركەنلەردە 13 سۇلۇق ئۆتەڭ قۇردى ۋە خوتەن قاش تېشى ئىشچىلىرىنى ھاشغا تۇتۇشنى كەچۈرۈم قىلدى . 
مىلادىنىڭ 1275-يىلى 
چاغاتاينىڭ نەۋرىسى دۇۋا قاتارلىقلار 12 تۈمەن لەشكەر تارتىپ چىقىپ ، قۇجۇنى ئالتە ئايغىچە مۇھاسىرە قىلۋالدى . ماھاسىرە تۈگىگەندىن كېيىن ئىدىقۇت قۇجۇنىڭ جەنۇبىدىكى قۇمۇلدا بوز يەر ئاچتى . 
مىلادىنىڭ 1324-1328-يىللىرى 
ئۇيغۇرلار زىمىنىغا كېيىنكى چاغاتاي خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلدى . 
مىلادىنىڭ 1346-يىلى 
مۇڭغۇل قەبىلىلىرىدىن دوغلات قەبىلىسىنىڭ باشلىقى پىداجى چاغاتاي جەمەتىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈرنى خانلىققا كۆتۈردى ( ئاقسۇدا ). 
مىلادىنىڭ 1370-يىلى 
چاغاتاي خانلىقى مۇنقەرىز بولدى . 
مىلادىنىڭ 1383-يىلى 
تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئوغلى قىدىر خوجا بەشباللىقنىڭ چاغاتاي خانىلىقىغا كۆتۈرۈلدى . 
مىلادىنىڭ 1391-يىلى 
قىدىرخان خوجا ئەلچى تەيىنلەپ مىڭ سۇلالىسىگە تارتۇق ئەۋەتتى . مىڭ سۇلالىسى پادىشاھىمۇ ئەلچى تەيىنلەپ قىدىرخان خوجىغا نامە يوللاپ مىڭ سۇلالىسىنىڭ سىياسىتىنى ئىزھالىدى . شۇنىڭدىن كېيىن تاكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭلار يىلىغا قەدەر قىدىر خوجا ھەريىلى دېگۈدەك مىڭ سۇلالىسىغا تارتۇق ئەۋەتتى . 
مىلادىنىڭ1403-يىلى 
قۇمۇل ۋاڭى ئوڭغۇ تۆمۈر مىڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ 4700 ئات تارتۇق قىلدى . مىڭ سۇلالىسىمۇ پۇل قايتۇردى . تارتۇق قىلىنغان ئاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى چىگرا قوغدۇغۇچى ئاتلىق ئاتلىق ئەسكەرلەرگە تارقىتىپ بەردى . 
مىلادىنىڭ 1404-يىلى 
مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قۇمۇل ۋاڭنى ئوڭغۇ تۆمۈرنى ساداقەتلىك ، ئىتائەتمەن دەپ ئاتىدى ھەم ئالتۇن مۆھۈر ئىنھام قىلدى . 
مىلادىنىڭ 1680-يىلى 
17- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جەنۇبى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان خوجىلار « ئاق تاغلىق » « قارا تاغلىق » « ئاق تاقىيە » « قارا تاقىيە » دەپ ئىككگە بۆلۈندى ، ۋە ئۆزئارا ھوقۇق تالاشتى . 
17 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە بۇلار ئوتتۇر سىدىكى زىدىيەرت كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلەشتى . يەركەن خانلىقىنىڭ سۇلتانى ئىسمايىل خان قارا قاغلىقلارنى قوللاپ ، ئاق تاغلىقلار نىڭ غوجىىسىنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقاردى . ئاپئاق دالايلاما ۋە جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان بىلەن كۆرۈشۈپ ، جەنۇبى شىنجاڭ دىكى سەئىدىيە دۆلىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەربىي ياردەم سورىدى . شۇيىلى غالدان قوشۇپ بەرگەن ئەسكەرلەرنى باشلاپ كېلىپ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى . ئاپئاق خوجا جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قورچاق خانى بولدى . بۇ قورچاق خانلىق ھەريىلى جۇڭغارلارغا 100 مىڭ سەر كۈمۈش خىراجەت ، 100 مىڭ ئۇلاغ ماتاچەكمەن تۆلىدى . 
مىلادىنىڭ 1696-يىلى 
جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان ئۆلدى . ئۇنىڭ ئورنىغا چىۋان ئاراپتان ۋارىسلىق قىلدى . جەنۇبىي شىنجاڭدىكلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى . 
مىلادىنىڭ 1700-يىلى 
چىۋان ئاراپتان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتا بويسۇندۇردى ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھۆكىمرانلىق ھوقۇقى ئاق تاغلىقلار قولىدىن قارا تاغلىقلار قولىغا ئۆتتى . جۇڭغار خانى چىۋان ئاراپتان قارا تاغلىقلارنىڭ ئاقساقىلى دانىيال خوجىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خانى قىلىپ تەيىنلەپ ، ھەر يىلى جۇڭغارلارغا ئون تۈمەن كۈمۈش پۇل ئولپان تاپشۇرۇشنى بەلگىلەپ ئىلىغا قايتىپ كەتتى . 
مىلادىنىڭ 1755-يىلى 
چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ ، ئۇنىڭ 70 نەچچە يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى . 
مىلادىنىڭ 1759-يىلى 
چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى لەشكەر تارتىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ- چوڭ خوجا ( بۇرھاندىن خوجا ۋە خوجا جاھان ) لارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىپ شىنجاڭ رايونىنى يىڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈردى . 
مىلادىنىڭ 1762-يىلى 
چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى شىنجاڭغا قارىتا ھەربىي مەككىمە تۈزىمىنى يولغا قويۇپ ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسىنى تەسس قىلدى . 
جاڭجۈن مەھكىمىسى ئىلىدىن كۈرەدە تۇردى . ئۇنىڭ قارمىقىدا ، مەسلىھەتچى ئامبال ، دوتۇڭ ، ئىش باشقۇرغۇچى ئامبال ، لەشكەر بېشى ئامباللار بېكىتىلدى . 
ئۇيغۇرلار رايونىدىكى بەگلەرنىڭ نەسەپ بويىچە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ ، بەگلەرنىڭ ھۇقۇقىنى چەكلىدى ۋە تارقاقلاشتۇردى . 
مىلادىنىڭ 1765-يىلى 
ئۈچتۇرپان ئۇيغۇرلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا ، يەرلىك فېئوداللارنىڭ ئېزىشىگە قارشى قوزغىلىپ ئۈچتۇرپاننى ئازات قىلدى . قوزغۇلاڭ يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قەشقەر ، ئاقسۇ ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن ئەسكەر يۆتكەپ بۇ قوزغىلاڭنى باستۇردى . 
مىلادىنىڭ 1815-يىلى 
قەشقەر ئۇيغۇرلىرى زىياۋۇدۇنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ، بۇ ۋەقە چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا يېزىلغان كىتابلاردا « زىياۋىدىن ۋەقەسى » دەپ ئاتالدى . 
مىلادىنىڭ 1822-1828-يىللىرى 
بۇرھاندىن خوجىنىڭ نەۋرىسى جاھانگىر خوجا جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىڭسۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغۇلىڭىغا باشچىلىق قىلدى . 
1826-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى لەشكەر يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنى باستۇردى . 1828-يىلى جاھانگىر خوجىنى ئەسىر ئىلىپ ، بېيجىڭغا باردى ، ۋە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى . 
مىلادىنىڭ 1848-يىلى 
جاھانگىر خوجىنىڭ جىيەنى مۇھەممەت ئىمىن ( كاتتا خوجا ) بىلەن ۋەلى خان قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى يەتتە خوجا قوقەندىن لەشكەر تارتىپ كېلىپ قەشقەر ، يىڭسار ، يەكەن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەسكەر يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتتى . جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېغىر قىرغىنچىلىق يۈز بەردى . خەلق بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىدى . 
مىلادىنىڭ 1857-يىلى 
ۋەلىخان تۆرە يەنە بىر قىتىم توپىلاڭ كۆتۈردى ، بۇ ، بىر قانچە قېتىملىق خوجىلار توپىلىڭىنىڭ كېڭىيىشى ئىدى . توپىلاڭ تۆت ئاي داۋاملاشتى . چىڭ سۇلالىسى توپىلاڭنى ئاخىر تىنچىتتى. ئۇزاق ئۆتمەي كۇچاردىكى ئۇيغۇرلار ئېغىر ئالۋاڭ -ياساققا ، خورلۇققا قارشى قوزغۇلاڭ كۈتۈردى . قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىدە بىرئاز يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى . 
مىلادىنىڭ 1864--يىلى 
كۇچاردىكى ئۇيغۇر ، خۇيزۇ خەلىقلىرى ئالۋاڭ -ياساق ، خورلۇق ، سىتەمگە قارشى ئۇمۇميۈزلۈك قوزغۇلاڭ كۆتۈردى . قوزغۇلاڭ يالقۇنى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىڭى رايونلارغا كېڭىيىپ ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلىڭى بۇلۇپ شەكىللەندى . 
مىلادىنىڭ 1865-يىلى 
قوزغۇلاڭ نەتىجىسىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ ، بىر -بىرىگە بىقىنمايدىغان بەش ھاكىميەت شەكىللەندى . ئۈرۈمچىدە خۇيزۇ تودىلىن ھاكىمىيتى ، كۇچاردا راشىدىن خوجا ھاكىميىتى ، قەشقەردە سىدىق بەگ ھەكىميىتى ، جىڭ شاڭيىڭ خۇيزۇ ھاكىميىتى ، ئىلىدا مىزامزات ھاكىميىتى مەيدىنغا كەلدى . 
قەشقەردىكى سىدىق بەگ بىلەن شاڭيىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن قوقەند خاندانلىقىدىن ياردەم سورىدى . قوقەند خاندانلىقى جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇك خوجا بىلەن قوقەندنىڭ قۇربىشى ياقۇپ بەگنى لەشكەر بىلەن جەنۇبى شىنجاڭغا ئەۋەتتى . 
مىلادىنىڭ 1865-1867-يىللىرى 
ياقۇپ بەگ قەشقەر ، يەكەن ،خوتەن ، ئاقسۇ ، ئۈچتۇرپان ، كۇچار ، كورلا ، قاتارلىق جايلارنى ئشغال قىلىپ ، ئۆزىنى « بەدۆلەت» دەپ ئاتاپ قەشقەردە يەتتە شەھەر خانلىقىنى قۇردى . 
مىلادىنىڭ 1870-يىلى 
ياقۇپ بەگ نىڭ ئەسكەرلىرى تۇرپان ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى ئشغال قىلدى . شىمالىي شىنجاڭدا ئۇنىڭ تەسىر دائىرسى ماناسقىچە كېڭەيدى . تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىرقىسىم رايونلىرى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى . 
مىلادىنىڭ 1875-يىلى 
چىڭ سۇلالىسى ياقۇپ بەگ ھاكىميىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ، زوزۇڭتاڭنى چىنچەي داجىن ھەم شىنجاڭنىڭ ھەربىي دوبەنى قىلىپ تەيىنلىدى . 
مىلادىنىڭ1876-يىلى 
زوزۇڭتاڭ قوماندانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ، ياقۇپ بەگكە ھۇجۇم قىلدى . فۇكاڭ ، كومودى، ئۈرۈمچى ، قاتارلىق جايلانى قايتۇرۋىلىپ ، داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلىدى . 
مىلادىنىڭ1877-يىلى 
چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى تۇرپان ، توقسۇن ، داۋانچىڭ قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى . ياقۇپ بەگ كورلىدا باشقىلار تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى . 
چىڭ ئەسكەرلىرى داۋاملىق ئىلگىرلەپ كورلا ، كۇچار ، باي ، ئاقسۇ لارغا كىردى . ياقۇپ بەگ 14 يىل ئىشغال قىلغان قەشقەر ، يىڭسار ، يەكەن ، خوتەنلەرنىمۇ ئىشغال قىلدى . ياقۇپ بەگكە قارشى تۇرۇش بىر يېرىم يىل داۋامقىلىپ 1878 - يىلى 1- ئايدا غالىبە بىلەن ئاخىرلاشتى . 
مىلادىنىڭ 1884-يىلى 
چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى شىنجاڭنى مەمۇرى ئۆلكىگە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاپ ، ليۇ جىڭتاڭنى پاشاپ بەگلىككە ، خې كوڭتاڭنى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئامباللىقىغا تەيىنلىدى . 1885 - يىلى ليۇ جىڭتاڭ قاتارلىقلار ئارقا -ئارقىدىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى . 
مىلادىنىڭ 1911-يىلى 
جۇڭگودا سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىي پارتىلدى . ليۇ شەنجۇن باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلار ئۈرۈمچىدە قوراللىق قوزغۇلاڭ كوتۈردى . قوزغۇلاڭغا « گېلاۋخۇي » جەميىتىنىڭ ئەزالىرىدىن 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى . 
مىلادىنىڭ 1912-يىلى 
ياڭ زەيشۇي قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى ئىنقىلاپچىلار ئىلىدا قورالىق قوزغۇلاڭ كۆتۈردى . ئىلى چىگرا مۇداپىئەسىدە تۇرۋاتقان چىڭ سۇلالىسى چىرىكلىرىنى تېزلا تارمارقىلىپ ئىلىنى ئىشغال قىلدى . ئىلى جاڭجۈنى ئۆلتۈرۈلدى . ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، مانجۇ ، مۇڭغۇل ، زاڭزۇ لاردىن ئىبارەت « بەش مىللەت ئورتاق ئىلگىرلەش جەميىتى » ۋە« يىڭى ئىلى چوڭ دودو مەھكىمىسى » قورۇلدى . ئىلى ئىنقىلاپچىلىرى قوشۇنى شەرىققە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرلەپ ، جىڭ ناھىيەسىدە چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىرىنى تارمار قىلدى . شىنجاڭنىڭ پاششەپ بېگ يۇەن داخۇ جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى . شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى . 
شىنجاڭنىڭ ئەدلىيە ئامبىلى قوشۇمچە ئۈرۈمچىنىڭ ۋالىسى ياڭ زىشىن دودو لىققا تەيىنلەندى. شۇ يىلى قۇمۇلدا تۆمۈر خەلىپە ، خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ياڭ زىشىن ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈلدى . خوتەندە چىريە ناھىيسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چار روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشى يەنى « چىرا ۋەقەسى » پارتىلدى . 
مىلادىنىڭ 1928-يىلى 
بىر قەدەر ئىلغار ئىدىيىگە ئىگە بولغان ، كونا سىياسەتنى ئسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلدىغان فەن ياۋنەن باشچىلىقىدىكى بەزى ياش ئەمەلدارلار 7 - ئاينىڭ 7-كۈنى سىياسى ئۆزگىرىش قىلپ ، ياڭ زىشىننى ئۆلتۈردى. بۇۋەقە شىنجاڭدا « 7 -ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتالدى . سىياسىي تېزلا بېسىقتۈرۈلدى . شىنجاڭ مەمۇرى ئىشلار نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى جىڭشۇرىن پۇرسەتتىن پايدىلنىپ شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولىغا كۈرگۈزۋالدى . 
مىلادىنىڭ1931-يىلى 
قۇمۇلدا خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى پارتىلدى . گەنسۇدىكى خۇيزۇ ماجۇڭيىڭ بىلەن بىرلىشىپ جىڭشۇرىن قىسىملىرىغا زەربە بەردى . ئۇزاق ئۆتـمەي بۇ قوزغىلاڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيدى . 
مىلادىنىڭ1933-يىلى 
4-ئاينىڭ 12 -كۈنى جىڭشۇرىن ھۆكىمىتىدىكى ياش ئەمەلدار تاۋمىڭيۇ ، ئۈرۈمچىنى مۇداپىئە قلۋاتقان ئاق ئورۇس سالداتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ، ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ جىڭشۇرىننى ھەيدىۋىتىپ ، ليۇۋىنلۇڭنى ۋاقىتلىق ھۆكمەتنىڭ رەئىسى ، شىڭ شىسەينى چىگرا مۇداپىئە دوبەنى قىلىپ تەيىنلەيدۇ . 
شۇيىلى 11-ئايدا قەشقەردە سابىت داموللا « شەرقىي ئىسلام جۇمھۇرىيتى » قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى . ئەمما جۇڭگودىن ئايرىلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى . 
مىلادىنىڭ 1935-يىلى 
مۇشۇ يىلى 6-ئايدا يوشۇسۇڭ قاتارلىق كىشىلەر شىنجاڭغا كېلىپ ، تەشۋىقات ، تەشكىللەش خىزمەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ كومپارتىيەنىڭ تەسىرنى كېڭەيتتى . شىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەككەملەش ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتە سوۋىت ئىتپاقى بىلەن دوست بۇلۇش ، كومپارتىيەنى ھىمايە قىلىش پوزىت سىيىسىنى بىلدۈردى . ئۇ جۇڭگو كومىنىستىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ۋە تەسىرى ئاستىدا ، « جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش'» ، « سوۋېت بىلەن دوست بۇلۇش » ، « مىللەتلەر ھوقۇقى باراۋەر بۇلۇش » ، « تىنىچلىقنى ساقلاش » ، « شىنجاڭنى ئىسلاھ ۋە تەمرقىلىش » دېگەن ئالتە بۇيۈك سىياسەتنى ئوتتۇرغا قويدى . 
مىلادىنىڭ 1937-يىلى 
9- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈرۈمچىدە 9- يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باشقارمىسىنى قۇردى . بۇ دەسلەپ قۇرۇلغاندا چىڭ يۈن مەسئول بولغان ئىدى ، كېيىن دىڭفا ، چىڭ تىيەنجۈ لەر مەسۇل بولدى . 
مىلادىنىڭ 1942-يىلى 
شىڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل قىياپىتىنى ئاشكارلىدى . شۇ يىلى 9- ئايدا چىڭ تىيەنجۇ ، ماۋزىمىن ، لىن جىلۇ قاتارلىق يولداشلارنى قولغا ئالدى ۋە 150 نەپەر كىشىنى نەزەربەند قىلىپ كېيىن ئۇلارنى تۈرمگە قامىدى . 
مىلادىنىڭ1943-يىلى 
چىڭ تىيەنچۇ، ماۋزىمىن ، لىن جىلۇ قاتارلىق كوممۇنىستلار شىڭ شىسەي تەرپىدىن مەخپى ئۆلتۈرۈلدى . 
مىلادىنىڭ 1942-يىلى 
شىڭ شىسەي ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرپىدىن دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق ۋازارىنىڭ ۋازىرلىقىغا تەيىنلىنىپ شىنجاڭدىن كەتتى . شۇ يىلى 9 - ئايدا نىلقا ناھىيسىنىڭ خەلقى ئات تەقدىم قىلىشقا قارشى تۇرۇپ ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى . 11- ئايدا خەلىقمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غۇلجىنى ئىشغال قىلدى ، ۋە ۋاقىتلىق ھۆكىمەت قۇردى . قوزغۇلاڭ ناھايىتى تېزلا ئىلى ، تارباغاتاي ، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتكە كېڭەيدى ۋە « ئۈچ ۋىلايەت ئنقىلابىي » دەپ ئالدى . 
مىلادىنىڭ1946-يىلى 
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1945-يىلى 10- ئايدىن باشلاپلا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكىمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . 1946- يىلى 6- ئايدا تىنىچلىق بىتىمى ئمزالىنىپ ، شىنجاڭدا مىللىي بىرلەشمە ھۆكىمەت قۇرۇلدى . مەسئۇد سەبۇرى ئۆلكە رەئىسى ، ئەخمەتجان ئەپەندى ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف باش كاتىپ بولدى . 
مىلادىنىڭ 1947-يىلى 
مۇشۇ يىلى 2- ئاينىڭ 25 -كۈنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى «25- فېۋرال » ئەكسىيەتچىلىك ۋەقەسىنى پەيداقىلىپ ، «تىنىچلىق» بىتىمىنى يىرتىپ تاشلىدى،ۋە بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرى ئىلىغا قايتىپ كەتتى . 5-ئايدا مەسۇد سەبۇرى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكمەتنىڭ رەئىسى بولدى . 
مىلادىنىڭ 1949-يىلى 
شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكىمەت ئۆزگەر تىپ تەشكىل قىلىندى . بۇرھان شەئىدى ئۆلكىلىك ھۆكمەتنىڭ رەئىسى بولدى. 8- ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان ئەپەندى ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ،ئېسھاق بېك ، دەلىلقان سۈرگۈن بايوف ۋە لوجىسلار جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت يىغىنىغا قاتناسماقچى بولۇپ يولغا چىقتى . ئۇلار سوۋېت ئىتپاقى تەۋەسىدىن ئۆتۈپ كېتۋاتقاندا ۋەقەگە ئۇچراپ مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ۋا خەلق دېموكراتىيە ئىنقىلابى ئىشلىرى يولىدا شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى . 
شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 25-26 - كۈنلىرى ئاۋسىيۆ ، بۇرھان شەھىدىلەر تېرگىرامما يوللاپ ھەقىقەتكە قايتتى ... 1949 -يىلى 10-ئايدىن 1951-يىلى 1-ئايغىچە خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى 600 چاقىرىم يول يۈرۈپ شىنجاڭغا يۈرۈشقىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقلابى مىللىي ئارمىيىسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ، جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى بىلەن ئۇچراشتى ، ۋە بۇ ئارمىيە جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى . 
مىلادىنىڭ 1955-يىلى 
10 -ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى . دوڭبىۋو جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزى كومىتىتىغا ، مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە رەئىس ماۋزۇدوڭغا ۋاكالىتەن يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى . 
مەنبە:
http://darslik8.blogbus.com/logs/104987862.html