باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2767 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مىسىرنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ئايال بولىدىغاندەك قىلىدۇ
ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر بىر كۇنى يىڭى بىر ھايات...
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 418
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 279
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە279دانە
ئۆسۈش: 1250 %
مۇنبەر پۇلى: 3717 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-25
ئاخىرقى: 2012-02-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-16 16:11

مىسىرنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ئايال بولىدىغاندەك قىلىدۇ

          جۇڭشىن تورى 16-چېسلادىكى تېلىگراممىسى        تەيۋەن «جۇڭگو ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئايدا مىسىرنىڭ ئىلگىرىكى تېلىۋىزىيە رىياسەتچىسى بوسەينە.كامىل كېيىنكى قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دەسلىپىدە ئانچە قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر مىسىرنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە بارغانسېرى كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. ئۇ ئاياللار ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر قاتلام، ھەر مىللەت-ئۇرۇقلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ياشلارنى ھۆرمەت قىلىشقا، مىسىرنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە چاقىرغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنى قوللايدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.
          خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، كامىل يېڭى باش كۆتۈرگەن «سىياسىي ئەرباب» ئەمەسكەن؛ئۇ ئىلگىرى تېلىۋىزىيە قانىلىدا رىياسەتچى بولغان شۇنداقلا سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەنمۇ پائال شۇغۇللانغان بولۇپ، بىر مەزگىل رىياسەتچىلىك خىزمىتىدىنمۇ ئېستىپا بەرگەنىكەن، سەۋەبى ئۇ «ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان پىروگراممىلارنىڭ مەزمۇنىنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمىگەن».
          كامىل 8-ئايدىلا ئۆزىنى تۇنجى نۆۋەتلىك ئايال زۇڭتۇڭلۇق نامزاتى بولۇشقا، كېلەر يىلنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىنى قاتنىشىشنى جاكارلىغان ئىدى. ئىلگىرى خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئەرابات ۋە ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ كاتىى مۇسانىڭ ئېيتقانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇ دەسلىپىدە ئانچە قارشى ئېلىنمىغان، ئەمما ئۇ ئۆزىنى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك زات دەپ ئاتاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلغان ئىكەن. ئۇ « خەلقنىڭ قەلبىنى ئەڭ چۈشىنىدىغان نامزات» بولۇپ سايلىنىپ چىقىشىغا قەسەم قىلغان.
           ئۇنىڭ سايلام شوئارى « مىسىر مېنىڭ سىياسى پروگراممام» بولۇپ، بۇ يىل 1-،2-ئايدىكى 18كۈنلۈك نامايىشتىكى تەجرىبىسىدىن كەلگەن. ئۇ سىياسىي جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان بولۇپ، ئىنقىلابنى تېخى ئاخىرلاشمىدى دەپ قاراپ، ھازىرقى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى ھالەتنىڭ ساقلاپ قېلىش ئارزۇسىنى تەنقىدلەپ، مىسىر خەلقنى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تايانچسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى، مىسىر خەلقىگە ھاكىمىيەت ئالمىشىشتىن كەلگەن ياخشى تەرەپلەرنى ھېس قىلدۇرالمىدى دەپ ئەيىبلىگەن.
          خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كامىلنىڭ ئىلگىرىكى ئېرىدىن بولغان بىر قىزى بولۇپ، ئۇ يېقىندىلا يەنە نىكاھتىن ئاجراشقان، ھازىرقى ئېرى بولسا ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بارۇت ئىكەن. ئۇ ئاللىقاچان پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ نۇتۇق سۆزلەشنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، يەنە پات-پات خەلقئارالىق ئاياللار مەسىلىسى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، بوش ۋاقتى چىقىرىپ ئالىي مەكتەپكە كىرىپ قانۇنچىلىقنى تاللاپ ئوقۇشنى ئويلىشىۋىتىپتۇ.
باراۋەرسىزلىك ئىتپاقلىققا ئۆچ.ئىتپاقلىق دۆلەت
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 712
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە712دانە
ئۆسۈش: 800 %
مۇنبەر پۇلى: 8049 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2012-03-22
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-21 10:40

بۇ خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارغاندا ئۇنىڭ سىياسى مۇنبەردە پۇت تىرەپ تۇرالىشىغا بۇ ئۈمرى يەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ.
http://bbs.meripetyoli.com