查看完整版本: [-- مىسىرنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ئايال بولىدىغاندەك قىلىدۇ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> موزىكا -> مىسىرنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ئايال بولىدىغاندەك قىلىدۇ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

jula520 2011-09-16 16:11
          جۇڭشىن تورى 16-چېسلادىكى تېلىگراممىسى        تەيۋەن «جۇڭگو ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئايدا مىسىرنىڭ ئىلگىرىكى تېلىۋىزىيە رىياسەتچىسى بوسەينە.كامىل كېيىنكى قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دەسلىپىدە ئانچە قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر مىسىرنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە بارغانسېرى كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. ئۇ ئاياللار ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر قاتلام، ھەر مىللەت-ئۇرۇقلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ياشلارنى ھۆرمەت قىلىشقا، مىسىرنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە چاقىرغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنى قوللايدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.
          خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، كامىل يېڭى باش كۆتۈرگەن «سىياسىي ئەرباب» ئەمەسكەن؛ئۇ ئىلگىرى تېلىۋىزىيە قانىلىدا رىياسەتچى بولغان شۇنداقلا سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەنمۇ پائال شۇغۇللانغان بولۇپ، بىر مەزگىل رىياسەتچىلىك خىزمىتىدىنمۇ ئېستىپا بەرگەنىكەن، سەۋەبى ئۇ «ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان پىروگراممىلارنىڭ مەزمۇنىنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمىگەن».
          كامىل 8-ئايدىلا ئۆزىنى تۇنجى نۆۋەتلىك ئايال زۇڭتۇڭلۇق نامزاتى بولۇشقا، كېلەر يىلنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىنى قاتنىشىشنى جاكارلىغان ئىدى. ئىلگىرى خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئەرابات ۋە ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ كاتىى مۇسانىڭ ئېيتقانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇ دەسلىپىدە ئانچە قارشى ئېلىنمىغان، ئەمما ئۇ ئۆزىنى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك زات دەپ ئاتاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلغان ئىكەن. ئۇ « خەلقنىڭ قەلبىنى ئەڭ چۈشىنىدىغان نامزات» بولۇپ سايلىنىپ چىقىشىغا قەسەم قىلغان.
           ئۇنىڭ سايلام شوئارى « مىسىر مېنىڭ سىياسى پروگراممام» بولۇپ، بۇ يىل 1-،2-ئايدىكى 18كۈنلۈك نامايىشتىكى تەجرىبىسىدىن كەلگەن. ئۇ سىياسىي جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان بولۇپ، ئىنقىلابنى تېخى ئاخىرلاشمىدى دەپ قاراپ، ھازىرقى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى ھالەتنىڭ ساقلاپ قېلىش ئارزۇسىنى تەنقىدلەپ، مىسىر خەلقنى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تايانچسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى، مىسىر خەلقىگە ھاكىمىيەت ئالمىشىشتىن كەلگەن ياخشى تەرەپلەرنى ھېس قىلدۇرالمىدى دەپ ئەيىبلىگەن.
          خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كامىلنىڭ ئىلگىرىكى ئېرىدىن بولغان بىر قىزى بولۇپ، ئۇ يېقىندىلا يەنە نىكاھتىن ئاجراشقان، ھازىرقى ئېرى بولسا ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بارۇت ئىكەن. ئۇ ئاللىقاچان پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ نۇتۇق سۆزلەشنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، يەنە پات-پات خەلقئارالىق ئاياللار مەسىلىسى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، بوش ۋاقتى چىقىرىپ ئالىي مەكتەپكە كىرىپ قانۇنچىلىقنى تاللاپ ئوقۇشنى ئويلىشىۋىتىپتۇ.

oghuzkhan 2011-09-16 18:17

تاھىربەگ 2011-09-16 19:12
بۇ ئالۋاستى نەدىن پەيدا بولدى ئەمدە ...

sebire 2011-09-16 22:13
ۋاي ئاللاھ، مىسىرنى ئەرلەر باشقۇرالماي ئاياللار ئوتتۇرغا چىقىپتۇدە ئاخىر.  ئاز دېگەندە ھىجابلىق بولسىچۇ كاشكى. بۇ غۇرۇرى كۈچلۈك ئەرەپ ئەرلىرى ئۈچۈن ئەلەم بولىدىغان بوپتۇدە ئەمدى.  ئاللاھ ئاياللارغا ئىنساب ۋە دىيانەتنى ئەرلەرگە غۇرۇر ۋە مەردانىلىكنى كەم قىلمىغايسەن!

لۇتفى 2011-09-16 22:48
  بۇ ئايالنىڭ ئارقىسىدا شەيتان باردەك قىلىدۇ ، ئىسىت ئەگەر مەرھۇمە زەينەپ غەززالى بولغان بولسا بۇ نداق ھىجابسىز شەيتان سۈپەت ئايال ئۇنچە قوللاشقا ئېرىشەلمەيتتى . اللە ئۆزى ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر .

abduwali123 2011-09-16 22:49
ۋاي ئۇسۇرۇق گەپلەر ئۇ ، بۇنىڭغا مەن قۇشۇلمايمەن ھەرگىز

sad~da 2011-09-16 23:08
نىمە ئىشلار بۇپ كىتىپ باردۇ ئەمدى  ئايال كىشى ئۆيدە باللىرنى تەربىلىمەي نىمە قىلدۇ دۆلەتنىڭ ئىشلىرغا ئارلىشىپ ئىشنىمەنكى قوللاش نىسبىتى 10% يەتمەيدۇ

天山的野花 2011-09-18 10:16
بۇ يەردە ئەرلەر قايناپ قاپتۇغۇ ؟

!adiyat 2011-09-21 10:32
ئايال  كىشى  باشلىغان  قەۋىمدە خەيرىيەت يوق.

كۆكئاي 2011-09-21 10:40
بۇ خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارغاندا ئۇنىڭ سىياسى مۇنبەردە پۇت تىرەپ تۇرالىشىغا بۇ ئۈمرى يەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ.


查看完整版本: [-- مىسىرنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ئايال بولىدىغاندەك قىلىدۇ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.042229 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us