باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 746 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بالىلىقىم
دوستلىشىش
مەمەتجان
mamatjan88
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8816
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 23
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە23دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 540 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-01
ئاخىرقى: 2011-10-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-16 13:03

بالىلىقىم

دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1553
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 221
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە221دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 2490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-05
ئاخىرقى: 2012-01-14
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-16 18:42

بالىلىقىڭغا قېنىۋال بالام

قاسىم سىدىق



بالىلىقىم كەلسەڭچۇ يېنىپ،

بالىلىققا ئالسامچۇ قېنىپ.

چاپايمىكىن قۇياش كەينىدىن،

بالىلىقنى قوغلاپ ئات سېلىپ.



مەن قانمىغان ئەللەيلەر قېنى،

مەن قانمىغان ۋاللەيلەر قېنى.

چۈشۈپ قاپتۇ كۆكسۈمگە ساقال،

قانداق تاپاي ئالەمدىن سېنى.



مەن زارىققان لەگلەكلەر نەدە؟

ساددا،سەبىي تىلەكلەر نەدە؟

بەختىمگە پال تۆتقۇلاق نەدە؟

ئىسىت،مەسۇم يۈرەكلەر نەدە؟



قېنى،ئاتام ھاپاشلاشلىرى؟

قېنى،ئانام باغاشلاشلىرى؟

قاندۇرمىغان مېنى مىھرىگە،

بۇ ھاياتنىڭ چامپۇتلاشلىرى!



زاكامدىلا قېرىغان ئىدىم،

بىھودىلا خورىغان ئىدىم.

تەقدىر شۇنداق،تاغدەك توپاننى،

مۇشتتەك تۇرۇپ سورىغان ئىدىم.



بالام ساڭا بېراۋا ئۇ كۈن،

تۈنۈگۈنگە ئوخشىماس بۈگۈن.

قېنىۋالغىن بالىلىقىڭغا،

يۈرۈكۈڭدە قالمىسۇن تۈگۈن.



خوشلىقىڭدا سەن بىلەن تەڭمەن،

تۆگە-تۆگىلەڭ ئوينار تۆگەڭمەن.

ئوينىغىنا،شادلانسۇن ۋۇجۇد،

ئېرىپ كېتەي ،ئۈگە-ئۈگەڭمەن.



بەخىتلىكسەن تۆتقۇلاقسىزمۇ،

نۇر ئوغلىسەن جىن چىراقسىزمۇ.

ئوينا،بالام،سېنى باغاشلاپ،

بالىلىققا قانايلى بىزمۇ.

قاسىم سىدىق ـــ 1952-يىلى غۇلجا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان .شائىر ۋە تەتقىقاتچى.ئۇنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى ئاھاڭغا سېلىنىپ  خەلىق ئارىسىغا تارقىلىپ كەتكەن.  ( بۇ ئەسلى ئىزاھات)