查看完整版本: [-- بالىلىقىم --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> موزىكا -> بالىلىقىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مەمەتجان 2011-09-16 13:03

adiham 2011-09-16 18:42
بالىلىقىڭغا قېنىۋال بالام

قاسىم سىدىق



بالىلىقىم كەلسەڭچۇ يېنىپ،

بالىلىققا ئالسامچۇ قېنىپ.

چاپايمىكىن قۇياش كەينىدىن،

بالىلىقنى قوغلاپ ئات سېلىپ.



مەن قانمىغان ئەللەيلەر قېنى،

مەن قانمىغان ۋاللەيلەر قېنى.

چۈشۈپ قاپتۇ كۆكسۈمگە ساقال،

قانداق تاپاي ئالەمدىن سېنى.



مەن زارىققان لەگلەكلەر نەدە؟

ساددا،سەبىي تىلەكلەر نەدە؟

بەختىمگە پال تۆتقۇلاق نەدە؟

ئىسىت،مەسۇم يۈرەكلەر نەدە؟



قېنى،ئاتام ھاپاشلاشلىرى؟

قېنى،ئانام باغاشلاشلىرى؟

قاندۇرمىغان مېنى مىھرىگە،

بۇ ھاياتنىڭ چامپۇتلاشلىرى!



زاكامدىلا قېرىغان ئىدىم،

بىھودىلا خورىغان ئىدىم.

تەقدىر شۇنداق،تاغدەك توپاننى،

مۇشتتەك تۇرۇپ سورىغان ئىدىم.



بالام ساڭا بېراۋا ئۇ كۈن،

تۈنۈگۈنگە ئوخشىماس بۈگۈن.

قېنىۋالغىن بالىلىقىڭغا،

يۈرۈكۈڭدە قالمىسۇن تۈگۈن.



خوشلىقىڭدا سەن بىلەن تەڭمەن،

تۆگە-تۆگىلەڭ ئوينار تۆگەڭمەن.

ئوينىغىنا،شادلانسۇن ۋۇجۇد،

ئېرىپ كېتەي ،ئۈگە-ئۈگەڭمەن.



بەخىتلىكسەن تۆتقۇلاقسىزمۇ،

نۇر ئوغلىسەن جىن چىراقسىزمۇ.

ئوينا،بالام،سېنى باغاشلاپ،

بالىلىققا قانايلى بىزمۇ.

قاسىم سىدىق ـــ 1952-يىلى غۇلجا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان .شائىر ۋە تەتقىقاتچى.ئۇنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى ئاھاڭغا سېلىنىپ  خەلىق ئارىسىغا تارقىلىپ كەتكەن.  ( بۇ ئەسلى ئىزاھات)

مەمەتجان 2011-09-16 21:12
بەك ياخشى ئىزاھات بىرىپسىز.رەھمەت


查看完整版本: [-- بالىلىقىم --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.191605 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us