باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 353 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۈرك ئاياللىرى - 06
دوستلىشىش
ozturkler
Benim Için Yazilmiş Bir Şarkisin
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 224
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە224دانە
ئۆسۈش: 4540 %
مۇنبەر پۇلى: 5345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-15 23:11

تۈرك ئاياللىرى - 06

رەسىم:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
تۈرك ئايللىرىنىڭ تۈركىيە نىكاھ قانۇنىدىكى ئورنى
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار!  ئۆتكەن قېتىمقى پىروگراممىمىزدا، تۈرك ئايللىرىنىڭ تۈركىيە نىكاھ قانۇنىدىكى ئورنىنى تەتقىق قىلىپ ئۆتكەن ۋە ئۇنى بەزىدە ئوسمانلى قانۇنىغا سېلىشتۇرۇپمۇ كۆرگەن ئىدۇق. ئەڭ ئاخىرقى قانۇندا ئەرنىڭ ئائىلە باشلىقى بولۇپ بەلگىلەنگەنلىكىنىمۇ بىلدۈرگەن ئىدۇق.

ئەسلىدە بۇ ھوقۇق ئەرگە بېرىلگەن ئالاھىدە ئىمتىياز ئەمەس، بەلكى بىر ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئائىلىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئائىلىدە رەھبەرلىك ئىتتىپاقىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى مەقسەت قىلىنغان ئىدى. بۇ يەردە ئائىلە رەئىسى بولغان ئەرنىڭ قانداقتۇر ئايالنىڭ رەئىسى ئەمەسلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم. مەزكۇر قانۇندا ئەر ئائىلە ئىچى مۇناسىۋەتلەردىكىگە ئوخشاش ئائىلە سىرتىدىكى ئۈچىنچى شەخسلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىمۇ ئائىلە رەئىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئەرلەر ئاياللار ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىشلاردىمۇ ئائىلىۋىي مەسئۇلىيەتتىن ھەرگىز ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ. ئائىلىنىڭ مال - مۇلكىنى باشقۇرۇش جەھەتتىمۇ مەيلى قانداقلا تۈزۈمنى قوبۇل قىلغان بولۇشىدىن قەتئىي بۇ ئەھۋال ئۆزگەرمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەرنىڭ ئائىلە رەئىسى بولۇشى بىلەن مەيدانغا كېلىدىغان بىر قاتار ۋەزىپىلىرى بولىدۇ. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئايالى ۋە بالا - چاقىلىرى ئۈچۈن مۇناسىپ بىر تۈرمۈش شارائىتى يارىتىپ بېرىش بولۇپ، بىراق قانۇندا «ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر بىرىگە ھەمكارلاشقان ھالدا بىرلىك قۇرۇپ چىقىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن بولغاچقا ئايالمۇ ئەگەر يولدىشى تەلەپ قىلغان تەقدىردە ئائىلىنىڭ چىقىمى ۋە كېرىمى جەھەتتە ئەرگە ياردەمچى بولۇشى ئۇنىڭغا ئىقدىسادىي جەھەتتە يار - يۆلەك بولۇشى لازىم» دېيىلىدۇ. ئەگەر ئائىلىنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈشكە ئايالنىڭ تەڭ ھەسسە قوشۇشى جەھەتتە ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىققان تەقدىردە، تەرەپلەردىن بىرى مەھكىمىگە مۇراجىئەت قىلىپ ھەل قىلىش چارىسى تاپسا بولىدۇ. چۈنكى بەزىدە ئەر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىيالمايدىغان ئەھۋالغىمۇ چۈشۈپ قالىدۇ.

بۇنداق ئەھۋالدا ئىقتىسادىي ئەھۋالى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئايال پەقەت قىلىۋاتقان كىرىمى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن - مال مۈلكى بىلەن بولسىمۇ بۇ ۋەزىپىنى ئۇرۇندىمىسا بولمايدۇ ھەمدە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ۋە شارائىت يار بەرگەن يەرگىچە تىرىشىپ، يولىدىشىنىڭ ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتىنىشىپ، ئۇنىڭ كەسپىنىڭ راۋان بولۇشىغا يارىدەمچى بولۇشى لازىم. بۇلاردىن باشقا يەنە ناۋادا ئەر ئائىلە ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن قەرزگە كىرىپ قالغان بولسا، بۇ قەرزنى قايتۇرۇشتا ئايالمۇ تەڭ مەسئۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاخىرىدا شۇنىمۇ بىلدۈرۈپ ئۆتىشىمىز لازىمكى، ئايال ئەرنىڭ فامىلىىسنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ قانۇن ئارقىلىق ئائىلە ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەھكەملىكى مەقسەت قىلىنىدۇ.  ئائىلە بىر پۈتۈنلۈكىنى رەتكە سالىدىغان بۇ نىكاھ قانۇنىدا ئايالنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ھەققىدە توختىلىنمىغان بولۇپ، 1928 - يىلى ماقۇللانغان تۈركىيە گەزەژدانلىق قانۇنى ئارقىلىق بۇ مەسىلە تۇلۇق ھەل قىلىنغان بولدى. تۈركىيە گەرەژدانلىق قانۇنىغا كۆرە، ھەر قانداق بىر تۈرك ئايال ئەگەر بىرەر چەت ئەللىك بىلەن ئۆيلەنسە، تۈركىيە گەزەژدانلىقىنى يوقاتقان بولمايدۇ. بۇ ھۆكۈم 1964 - يىلى ماقۇللانغان قانۇندىمۇ ئۆز پىتى قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

تۈركىيە نىكاھ قانۇنىدا ئەر بىر تەرەپتىن ئائىلە باشلىقى بولۇپ بەلگىلەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئايالمۇ ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىلەندى ۋە بۇ جەھەتتە قارار بېرىش ھوقۇقىقى ئايالغا خاسلاشتۇرىلدى. بۇ خىل ئائىلە ئىشلىرىنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ بەلگىلەنمىگەنلىكى ئۇقۇشماسلىق سۈپىتىدە مەھكىمىگە قالدۈرۈپ قويۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئائىلە سىرتىدىكى ئۇچىنچى شەخسلەر بىلەن بولغان مۇنسىۋەتلەردە ئەر ئاساسەن ئائىلىگە ۋەكىللىك  ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان، بىراق ئائىلىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا كەلگەندە ئائىلىگە ھەم ئەر، ھەم ئايال، ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ  بەلگىلەندى.

بەلگىلەنگەن قانۇنغا كۆرە ئايال ئۆز نامىدىن ۋە ئۆز ھېسابىغا ھەرىكەت قىلغاندا قىسمەن ئەركىنلىكى بولىدۇ. يولدىشىنىڭ ماقۇللىقىغا ئېھتىياجى بولمايدۇ. ئايال ھەرقانداق مەسىلىدە تەرەپ بولالايدۇ. مەھكمىدە داۋا ئاچالايدۇ، بىرەر كەسىپ بىلەن ۋە باشقا ئىشلار بىلەنمۇ شۇغۇللىنالايدۇ ھەمدە ئىش باشقۇرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئايالنىڭ بۇ ئىقتىدارىغا ئائىلىنىڭ ۋە يولدىشىنىڭ مەنپەئەتى چەكلىمە قويالايدۇ ئايال ئىشلەش ھوقۇقىنى يولدىشىنىڭ ئاشكارا ياكى يېپىق شەكىلدىكى ماقۇللۇقى بىلەن ئىشقا سالالايدۇ.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئايالنىڭ ئىشلەش تەلىپىنىڭ ئەرنىڭ ماقۇللىقىغا سونۇلىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن  بۇ ھۆكۈم، كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزى نەتىجىلەر تۈپەيلى كېيىنكى چاغدا يەنى يېقىنقى چاغلاردا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، بىز بۇنىڭ تەپسىلانى ھەققىدە يەنە توختىلىمىز.

ئەمدى ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئايالنىڭ مال - مۈلكىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىمىز.  تۈركىيە نىكاھ قانۇنىدا بۇ جەھەتتە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى. يېڭى قانۇندا مال - مۈلكنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئەركىن تاللاش ھوقۇقى بېرىلگەن بولۇپ، ئەر - ئايال توي قىلىشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى مال - مۈلۈكىنى باشقۇرۇشتا ناھايىتى كەڭ ئىختىيارلىققا ئىگە. ئەر - ئايال خالىسا مال - مۈلۈكىنى بىرلەشتۈرسىمۇ ياكى ئايرىسىمۇ  ۋە ئورتاقلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ. بۇ ئۈچ ئىش گەرچە قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنمىگەن بولسىمۇ، ئۆزلىگىدىن ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان ۋە تۈركىيەدە ئومۇمەن قوبۇل قىلىنغىنى ئەر - ئايالنىڭ مال - مۈلۈكىنى ئايرىشىدىن ئىبارەت بولۇپ كەلمەكتە. ئەر ئايالنىڭ ئەركىنلىكىگە ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە ئايالنىڭ ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان پىرىنسىپ، بەلكىم مال - مۇلۇكنى ئايرىم تۇتۇش بولسا كېرەك. چۈنكى ئەر ئايال ھەر ئىككەيلەن ئۆزلىرىگە تەۋە مال - مۇلۇكنى قوغداپلا قالماستىن بەلكى ئۇنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە بولالايدۇ. مانا بۇ ئاساسلىق پىرىنسىپقا ئاساسەن ئەر بىلەن ئايالنىڭ نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى قەرزلىرىگە ھەر بىرى ئۆزلىرى مەسئۇل بولىدۇ. ئايالنىڭ مال - مۈلكىنىڭ قانۇنىي قىممىتى ئۇچىنچى شەخسلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى ئۆزى ئالغان قەرز ياكى يولدىشىنىڭ ئائىلىۋىي چىقىملىرى ئۈچۈن ئالغان قەرزىنىڭ سىرتىدىكى ھېچ بىر مال - مۈلكىگە قانۇنىي جەھەتتە چىقىلىشقا بولمايدۇ. دېمەك ئايالنىڭ مال - مۈلكىگە ئەر ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندىلا ئاندىن قونۇنىي جەھەتتە چىقىلىشقا بولىدۇ.

دەرۋەقە ئائىلىدىكى ئورتاق تۇرمۇش، بالىلارغا بولغان مەسئۇلىيەت، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت تۇيغۇلىرى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەتتا مەلۇم يۈزلىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ. ئەر ئايال ئىككەيلەن ئۆز ئارا قەرز ئېلىش ۋە بېرىش، گۆرۈگە قويۇش ۋە گۆرۈگە ئېلىش، ئىئانە قىلىش قاتارلىق كىلىشىملەرنى تۈزەلەيدۇ ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن سوتچىدىن رۇخسەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ. قانۇندا بۇنىڭغا ئالاقىدار نۇرغۇنلىغان بەلگىلىمىلەر بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە ئىنچىكە توختىلىپ يۈرۈشنى ئارتۇقچە دەپ قارايمىز. ئەمدى بىز ئىگدارچىلىق ھوقۇقى ھەققىدە توختالماقچىمىز.

بەلكىم ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىز سىلەرگە تۈركىيە نىكاھ قانۇنىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن ئىلگىرى تۈرك ئائىلىسىدە مىراسخورلۇق ھوقۇقىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك دادادىغا ئائىت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۇ مىراسخۇرلۇق ھەم ئەۋلاتلارنىڭ كىشىلىكىنى، ھەم ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. نىكاھلىنىش ئىشلىرىدا بالا بالاغەتكە يەتكەن چاغقا قەدەر دادا تۇلۇق ھوقۇقلۇق ھېسابلىناتتى. يەنە كېلىپ بۇ ھوقۇق قىز پەرزەنتلەرگە كەلگەندە باشقا ساھالەرگىچە كېڭىيىپ كېتەتتى. ئانا بولسا ئوغۇللارغا 7 ياشقا قەدەر قىزلارغا 9 ياشقا قەدەر ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. «ھىزانەت» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى سايىسىدە ئانا ناۋادا يولىدىشى ئۆزلىگىدىن ئاجراشماقچى بولغاندا بالىلارنى يېنىدا ئېلىپ قىلىش ئۈستۈنلىكىگە ئىگە بولالايتتى. بۇ ئۈستۈنلۈك پەقەت ئاجرىشىدىغان چاغدىلا ئىشقا ئاشاتتى.

ئەر ئايال بىرلىكتە ياشىغان  ۋە پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىنىڭ ئورتاق ئىگەدارچىلىقى ئاستىدا بولغاندا ئەھۋال باشقىچە بولاتتى. بۇنداق ئەھۋالدا ئانىنىڭ بىرەر ئۆزگىچىلىكى ياكى دادىغا سېلىشتۇرغاندا بىرەر ئۈستۈنلىكى بولمايتتى. بىراق ئايال باشقا بىرى بىلەن توي قىلماقچى بولغان ۋە ئۇ ئەر ئايالنىڭ پۈرزەنتلىرى بىلەن ئۆيلىنىشى چەكلەنگەن دەرىجىدە يېقىن تۇغقانلاردىن بولمىغان ئەھۋالدا، ئايال بالىلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىدىن تەبىئىي ھالدا ئايرىلىپ قالاتتى. بالىلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوققىي ئانا بولمىغان ئەھۋالدا بىر دەرىجە تۆۋەن تۇغقانغا يۆتكىلەتتى. رەت بويىچە، ئانا، دادا، ئاندىن سېڭىل، ئۇنىڭدىن قالسا ئۆگەي سېڭىل، ئۇنىڭدىن كېيىن دادىنىڭ ئايال تۇغقانلىرى بۇ ئىگدارچىلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولاتتى. ئەگەر ئايالنىڭ تۇغقانلىرى بولمىغان ئەھۋالدا بۇ ھوقۇق دادىدىن باشلانغانچە دادىنىڭ ئەر تۇغقانلىرىغىمۇ يۆكىلەتتى.

«ھەزانەت»نىڭ سىرتىدىكى ئىگدارچىلىقلار بولسا، پەقەتلا دادىغا ئائىت ئىدى. ناۋادا دادا ئۆلۈپ كەتسە، ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئەھۋاللاردا ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى قانداق بىر تەرپ قىلىنىدۇ؟ بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا دادىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش تۇتىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئانا بالىلار ئۈستىدە ھېچ قانداق ئىگىدارچىلىق قىلالمايدىغان بولۇپ قالاتتى. بالىلارنىڭ مال - مۈلۈك ئۈستىدىكى ئىگىدارچىلىقىمۇ دادىنىڭ قالدۇرغان ۋەسىيىتى بويىچە بەلىگىلەنەتتى. 1917 - يىلىدىكى ئەسمانلى قانۇنىمۇ بۇ بالىلار ئۈستىدىكى ئىگىدارچىلىققا ئالاقىدار ھۆكۈملەرگە ئۆزگەرتىش كىرگىزمىگەن ئىدى. يېڭى تۈركىيە نىكاھ قانۇنى بولسا، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ئاتا - ئانىغا تەڭ بەرگەن بولۈپ، ئاجرىشىش يۈز بەرگەن ئەھۋالدا، سوتنىڭ ھۆكمى بويىچە بەلگىلەنگەن تەرەپ بالىلارغا ئىگدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىغان پىرىنسىپ بەلگىلەندى.