جىن ۋە شەيتانلار
ھازىر جىن ۋە شەيتان مەسلىسىدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز، چۈنكى جىن ۋە شەيتاننىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشمۇ مۆمىن ئادەم ئەقىدە قىلىش لازىم بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. سەۋەب: جىن بىلەن شەيتان بولسا مۆمىن ئادەم ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە بۇيرۇلغان ۋە ئۇنىڭ توغرىسىدا ئاللاھ تائالا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئېيتقانلىرى راست دەپ ئىشىنىشكە بۇيرۇلغان غايىپ ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. ئەگەر مۆمىن ئەقىدىسىنى تېخىمۇ رۇشەنلەشتۈرۈشكە قىزىغىنلىقىمىز بولمىسا ئىدى، بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە بەھىس قىلىشقا ئېھتىياج چۈشمەيتتى. ئىككى تۈرلۈك سەۋەبتىن بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالدۇق:
1. ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى، بىرلىكى، ئىلمى، قۇدرىتى، ھېكمىتىگە ئىشەنگەن كىشى ئاللاھ تائالانىڭ غايىب نەرسە ياكى ھازىر بار نەرسە توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىگە ئىككىلەنمەي ئىشىنىدۇ. بۇلۇپمۇ جىن، شەيتان مەسىلىسىدەك قۇرئاننىڭ ئونلارچە ئايەتلىرىدە ئىسپاتلان مەسىلىگە ئەلۋەتتە راست دەپ ئىشىنىدۇ.
2. پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش ئۈچۈن ئوتتۇرىدا قويغان ئەقلىي دەلىل ھۆججەتلەرنىڭ ئۆز ئەينىنى جىن شەيتانلارنىڭ بارلىقىغا دەلىل قىلىپ كەلتۈرلىدۇ.
خۇلاسە شۇكى: ئالەمدە بار نەرسىنىڭ ھەممىسى يا غايىب، يا كۆزگە كۆرۈنىدىغان نەرسىلەر تەركىبىگە كىرىدۇ. ئىنسان بىر يەردە بولسا، ئىنسان تۇرغان يەردىن باشقا يەرلەر ئۇ ئىنساندىن خالىي بۇلىدۇ. يىراق بولغىنى ئۈچۈن ئىنسان كۆرمىگەن، ئاڭلىمىغان، سەزمىگەن، يىراق يەردىكى نەرسىلەرگە راست دەپ ئىشەنسە، غايبپقا ئىشەنگەن بۇلىدۇ. ئىنساننىڭ غايىبقا ئىشىنىشنىڭ يولى شۇ غايىبنىڭ ئەسەرلىرى ياكى راست خەۋەرلىرىدۇر. قانداق بىر نەرسىنىڭ ئەسىرى تېپىلسا، ئىنسان ئۇنى كۆرمىسىمۇ، ئاڭلىمىسىمۇ ياكى ئىلىم - مەرىپەت ھاسىل قىلىشنىڭ قۇرالى بولغان سېزىم ئەزالىرىنىڭ بىرسى بىلەن سەزمىسىمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە مەجبۇر بۇلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىنسانغا ئىشەنچىلىك بىر ئادەم مۇمكىن ئىشلاردىن بىرەر ئىشتىن خەۋەر قىلسا، ئۇ خەۋەرگە ئىشىنىدۇ. بىرلىشىپ يالغان سۆزلىشى مۇمكىن بولمايدىغان كۆپ كىشىلەر بىر ئىشتىن خەۋەر قىلسا، ئۇنىڭغا ئىشەنمەي ئامال يوق. ئۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىغا ھەرگىز مەرتىۋىسىدىن تۆۋەن چۈشكەن، ئادەملىك ھۆرمىتىنى يوقاتقان ئادەم ھېسابلىنىدۇ.
ئەسەر ۋە راست خەۋەردىن ئىبارەت ئىككى دەلىل ئارقىلىق خالىس غايىب بولغان پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن ئادەم ئەلۋەتتە غايىب مەخلۇقلىقىدا پەرىشتىلەرگە يېقىنلىشىدىغان جىن - شەيتانلارنىڭ دۇنياسىغا ئىشىنىدۇ.
جىن شەيتانلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى دەلىللەر
پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسەتكىنىمىزدەك، جىن - شەيتانلارنىڭ بارلىقىغىمۇ خەۋەر ۋە ئەسەردىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك دەلىلنى ئوتتۇرغا قۇيىمىز.
1. ئەسەرلەر. جىن شەيتانلارنىڭ بارلىقىغا دەلىل بولىدىغان ئەسەرلەر بەك تولا. ئۇنىڭدىن تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىمىز:
1) ھوشسىزلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغان كىشىلەر ھېچ بىر زامان ۋە ماكان ئۇنىڭدىن خالىي بولماي كېلىۋاتىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ بىر تۈرلۈكى شەيتانلارنىڭ روھلىرىدىن بولغان پاسكىنا روھلار سەۋەبىدىن بۇلىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ قالايمىقان ناچار يېمەكلىكلەر سەۋەبىدىن بولىدىغانلىرى بار. ئۇ باشقا بۇلۇپ ماددىي دورىلار بىلەن ساقىيىدۇ، ياكى ساقايمايدۇ. بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز پاسكىنا ئەرۋاھلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن بۇلۇپ، شۇ ئادەمگە جىن، شەيتانلار ئارلىشىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھوشسىزلىنىشتۇر. بۇنىڭغا ھېچ قانداق تىۋىپ، دوختۇر ئىلاج قىلالماي كېلىۋاتىدۇ. بۇ كېسەل چۇقۇم جىن شەيتانلارنىڭ تەسىرى بۇلۇپ، جىن شەيتاننىڭ بارلىقىغا كەسكىن دەلىلدۇر.
2. جىننىڭ ئادەم ئىچىگە كىرىۋېلىپ، شۇ ئادەمنىڭ تىلى بىلەن سۆزلىشى ۋە ئۇ ئادەم بىلمەيدىغان ئىشلار بىلەن خەۋەر قىلىشىدۇر. ھەتتا ساق ۋاقتىدا بىرەر ھەرىپنىمۇ بىلمەيدىغان بەزى ئادەملەر جىن ئولىشىۋالغاندا ئۆزى بىلمەيدىغان ھەرخىل تىلدا سۆزلەپ كېتىدۇ.
3. ئىچىگە جىن كېرىۋالغان جىنلىق ئادەمگە پاكىزە روھلۇق سالىھ كىشىنىڭ دۇئا ئۇقۇشى بىلەن ياكى جىن شەيتان بىلەن دوست بۇلۇشقان پاسكىنا روھلۇق كىشى (جىنكەش، ساھىرلار)نىڭ سۈپكۈشلىشى بىلەن جىننىڭ ئۇ ئادەمدىن چىقىپ كېتىشى ۋە جىن ئۆزىنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ۋە قايتا چىقىلمايدىغانلىقىنى ئۇچۇق سۆزلىشىدۇر. چىقىپ كېتىشى دۇئا ئۇقۇغۇچىنىڭ قۇرقۇتۇشى بىلەن بۇلىدۇ. بۇ ئىشنى بەزى ئالىملار يات سانايدۇ. ھەتتا ئىنكارمۇ قىلىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەت بۇنىڭ شەكسىز راستلىقىنى ئىسپاتلىدى.
4. جىننىڭ بەزى ئادەمگە كۆرۈنىشى ۋە سۆزلىشىشىدۇر. بۇمۇ ئىنكار قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان راست خەۋەر بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىشەنمەسلىك بولسا بىلىمسىزلىك، گالۋاڭلىق ياكى قەستەن ئەمەلىي ھەقىقەتكە قارشى تۇرغانلىق بۇلۇپ، ئەقىل ئۇنىڭغا رازى بولمايدۇ.
5. بەزى ئادەملەر خەلق ئارسىدا يۈز بېرىدىغان زىنا - پاھىشە، بەچچىۋازلىق، ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوغۇرلۇق قىلىش، ھاراق ئىچىش، دىن ئىسلامغا ئىنكار قىلىش، ئاتا - ئانىنى رەنجىتىش، يالغان سۆزلەش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئەھدى توختامنى بۇزۇشتەك قەبىھ جىنايەتلەرنى ئىنساننىڭ خۇي تەبئىيتى (پىسخولوگىيىسى)گە زىت بولغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنىي يولىغا خىلاپ، دۆلەتلەر قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ بۇلۇپ تۇرۇپ ئىنساندىن سادىر بۇلۇشى، شەك - شۈبھىسىز شەيتانلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىدۇر.
چۈنكى شەيتانلار مەزكۇر قەبىھ قىلىقلارنى ئىنسانغا چىرايلىق كۆرسىتىدۇ. قىزىقتۇرىدۇ. مەقسىدى: ئىنساننىڭ ئاخىرەتتە بەختلىك (ئەھلى جەننىتى) بۇلۇشى، ياكى بەخىتسىز (دوزىخى) بۇلۇشىنىڭ تۇتقۇسى بولغان ئىنسان روھىنى بۇزۇشتۇر. شەيتانلار ئىنسان روھىنى بۇزۇشتا ئىنساننىڭ تەن ساقلىقىنى بۇزۇدىغان مىكروبلارغا ئوخشاش رول ئويناپ ئىنسانلارنىڭ روھىنى چىرىكلەشتۈرىدۇ.
بۇ يەردە ئىنسالاردىن ئەجەپلىنىپ، سۇبھانە ئاللاھ دەيمىزكى: بىر كېسەل ئادەمگە بىز:«سىزنىڭ كىسىلىڭىز پالانى مىكروب سەۋەبىدىن بۇلۇپتۇ، پالانى دورىنى ئىشلىتىڭ، ئاللاھ خالىسا شىپا تاپىسىز» دېسەك، سۆزىمىزگە ئىككىلەنمەي ئىشنىدۇ، شۇ دورىنى ئىشلىتىشكە ئالدىرايدۇ. ئۇنى تەجرىبە قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ كېسەل مەزكۇر مىكروبنى كۆرمەيدۇ ۋە سېزىم ئەزاسىنىڭ ھېچ قايسى بىلەن ھېس قىلالمايدۇ. پەقەت مىكروبنىڭ ئۆز بەدىنىدە بولغان تەسىرىدىن ئىبارەت كېسەل ۋە دەرد - ئەلەمگە ئاساسەن بىزنىڭ سۆزىمىزگە ئىشىنىدۇ. ئەگەر بىز بىر ئادەمگە سىزنىڭ روھىڭىز كېسەل، شۇڭا يالغان سۆزلەشنى خىيانەت قىلىشنى خالايسىز، جىنايەتكە قىزىقىسىز، پاسكىنا قىلىقلارغا بېرىلىسىز، سىزنىڭ بۇ روھىي كېسىلىڭىزنىڭ سەۋەبى شەيتان، شۇڭا سىز بۇ روھىي كېسەلدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇنداق چارە داۋالارنى ئىشقا سېلىڭ، ئاللاھ خالىسا ساقىيسىز، دېسەك كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇ سۆزىمىزگە ئىشەنمەيدۇ. قارشى چىقىدۇ. ھالبۇكى بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ دەلىلى بىر. بۇ بولسا جىسمانىي كېسەلنىمۇ، روھىي كېسەلنىمۇ ئۇچۇق كۆرسىتىدىغان تەسىردۇر. ئادەملەرنىڭ روھىي كېسەللىرى شەيتاننىڭ تەسىرىدىن بارلىققا كېلىشىگە ئىشەنمەسلىكىمۇ، شۇ ئادەمدە شەيتان بارلىقىغا دەلىل، چۈنكى شەيتان ئۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىگە شەك گۇمان تاشلاپ، ئىشىنىشتىن تۇسۇپ تۇرىۋالغان، ئۇنداق بولمىغان بولسا ئۇ ئادەم ئەلۋەتتە ئىشىنەتتى. ئىنكار قىلمايتتى. دېمەك، بەدەندە مىكروب بارلىقىنى ئىسپاتلىغان نەرسىمۇ، مىكروبنىڭ ئەسىرى بولغان كېسەل بولغاندەك ئادەمدە شەيتان بارلىقىنىڭ دەلىلىمۇ ئەسەردۇر، يەنى ئىنساننىڭ خاتالىققا بېرىلىپ كېتىشىدىن ئىبارەت تەسىرىدۇر.
2. خەۋەرلەر.
جىن شەيتانلارنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئاللاھ تائالانىڭ خەۋەرلىرى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ راست، سۆزلىرى بەك كۆپ. ئۇنىڭدىن بىر بۆلۈكىنى سۆزلەيمىز، ئاۋۋال ئاللاھ تائالانىڭ خەۋەرلىرىنى ئوتتۇردا قويىمىز.
ئاللاھ تائالانىڭ خەۋەرلىرى
ئاللاھ تائالانىڭ جىن شەيتانلارنىڭ بارلىقىنى ئوچۇق سۆزلەيدىغان خەۋەرلىرى كۆپ بۇلۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئاللاھنىڭ ئىنساننى، جىننى ياراتقانلىقى ھەققىدە:«(ئاللاھ) ئىنساننى (يەنى ئاتاڭلار ئادەمنى) (چەكسە جاراڭلايدىغان) ساپالدەك قۇرۇق لايدىن ياراتتى. جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى.»[سۈرە راھمان 14-، 15- ئايەتلەر] دېگەن سۆزىدۇر. يەنە:«جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم، ئۇلاردىن مەن رىزق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئۇزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (ئاللاھنىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر.»[سۈرە زارىيات 56-دىن 58- ئايەتكىچە]دېگەن.
يەنە بىرى، ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقى، ئىبلىسنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدىن باش تارتقانلىقىدىن خەۋەر قىلىش توغرىسىدا ۋە ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا يېقىن بۇلۇش، دوست تۇتۇشتىن توسقانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:« ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە:« ئادەمگە سەجىدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجىدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. مېنى قۇيۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئىبلىس زالىملار ئۈچۈن نېمىدىگەن يامان بەدەل! (يەنى ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا شەيتانغا چۇقۇنۇش نېمىدىگەن يامان!).»[سۈرە كەھف 50- ئايەت] دېدى.
يەنە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى يوقتىن بار قىلىپ ياراتقانلىقى، ئىنساننى گۈزەل سۈرەتتە ياراتقانلىقى، پەرىشتىلەرنى ئىنسانغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى، ئىبلىسنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلىشقا ئۇنىمىغانلىقى، سەجدە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ كايىغانلىقى، ئىبلىسنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلماسلىققا سەۋەب كۆرسەتكەنلىكى، ئۇنىڭ سەۋەب كۆرسىتىشى گۇناھىدىنمۇ قەبىھراق ئىش ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىبلىسنى جەننەتتىن قوغلاپ، رەھمەت نەزىرىدىن ساقىت قىلغانلىقى، شەيتانغا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئادەملەرگە دوزاخنى تەييارلاپ قويغىنىنى خەۋەر قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:« شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق، ئاندىن پەرىشتىلەرگە:<سىلەر ئادەمگە (ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن) سەجىدە قىلىڭلار> دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجىدە قىلدى. ئۇ سەجىدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى. ئاللاھ (ئىبلىسقا):<سېنى سەجىدە قىلىشقا بۇيرۇغان چىغىمدا نېمىشقا سەجىدە قىلمىدىڭ؟> دېدى. ئىبلىس:< مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق مېنى ئوتتىن ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ> دېدى. ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى:< سەن بۇ يەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردە ئۆزەڭنى چوڭ تۇتۇشۇڭغا بولمايدۇ، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەردىنسەن>. ئىبلىس:< ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلدىغان كۈنگىچە (يەنى قىيامەت كۈنىگىچە) مۆھلەت بەرگىن>دېدى. ئاللاھ: <ساڭا مۆھلەت بېرىلىدۇ> دېدى. ئىبلىس ئېيتتى:< سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن ئۇلار (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش) ئۈچۈن چۇقۇم سېنىڭ توغرا يۇلۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن. ئاندىن ئۇلارغا چۇقۇم ئالدىدىن ئارقىسىدىن ئوڭىدىن سولىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتڭگە) شۈكرى قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرسىەن>. ئاللاھ ئېيتتى:< جەننەتتىن ئەيىبلەنگەن ۋە (رەھمىتىمدىن) مەھرۇم قىلىنغان ھالدا چىق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قۇشۇپ ھەممىڭلار بىلەن چۇقۇم جەھەننەمنى تولدۇرىمەن>.»[سۈرە ئەئراف 11- ئايەتتىن 18- ئايەتكىچە]
يەنە ئاللاھ تائالانىڭ جىن شەيتانلىرى (توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەن ئازدۇرغۇچىلىرى) ۋە ئىنسانلارنىڭ شەيتانلىرى (ئازغۇن، بۇزۇقلىرى) بىر - بىرىگە ئاساسسىز، يالغان تۇنۇش ۋە قىلىقلارنى، ئىنسانلارنى ئازدۇرۇپ خاتالاشتۇرۇش، يامانلىققا باشلاش ئۈچۈن ئىلھام ۋە ئىشارەت قىلىدىغان (كۈشكۈرتىدىغان)لىقىنى خەۋەر قىلىپ:« شۇنىڭدەك (يەنى بۇ مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر - بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى (يەنى پەيغەمبەرلىرىگە دۈشمەنلىكنى) قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۈزگەن ھىيلە - مىكىرلىرى بىلەن قۇيۇپ بەرگىن (ئاللاھ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ).»[سۈرە ئەنئام 112- ئايەت] دېدى.
يەنە ئاللاھ تائالا ئكز بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن نېمەتلىرى، جىن شەيتانلارنى ئۇنىڭغا بۇيسۇندۇرغانلىقى، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ جىن شەيتانلارنى ھەر تۈرلۈك ئىشلارغا ئىشلەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ:«سۇلايمانغا شامالنى (بۇيسۇندۇرۇپ بەردۇق)، شامال چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس (چىقىدىغان) بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق، بەزى جىنلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بۇيىچە سۇلايماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى، ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز. ئۇلار سولايمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، (مىستىن - ئەينەكتىن ئاجايىپ) ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، (چوڭلۇقتىن) مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى، (ئېيتتۇقكى)<ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! (ئاللاھنىڭ بۇ چوڭ نىئمەتلىرىگە) شۈكرى قىلىڭلار>، مېنىڭ بەندىلىرىمدىن (ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىگە) شۈكرى قىلغۇچى بەك ئاز.»[سۈرە سەبەئ 12-، 13- ئايەتلەر] دېگەن.
يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ:« ھەمدە ئۇنىڭغا (كاتتا بىنالارنى سالالايدىغان) قۇرغۇچى ۋە (دېڭىزلارنى چۆكۈپ ئۈنچە - مارجانلارنى ئېلىپ چىقالايدىغان) غەۋۋاس شەيتانلارنى بۇيسۇندۇرۇپ بەردۇق. نۇرغۇن شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنغاندۇر. (بىز سۇلەيمانغا ئېيتتۇقكى)«بۇ بىزنىڭ (ساڭا بەرگەن كەڭ) ئاتايىمىز، (ئۇنىڭدىن سەن خالىغان كىشىگە) بەرگىن، ياكى بەرمىگىن، (بۇ ھەقتە سەندىن) ھېساب ئېلىنمايدۇ».[سۈرە ساد 37-دىن 39 - ئايەتكىچە]
يەنە «نىجيبين» دېگەن جايدىن كېلىپ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بامدات نامىزىنى بىللە ئۇقۇپ، ئاندىن ئۆز قەۋمى قېشىغا قايتىپ كېلىپ ئۇلارنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشىنىشكە چاقىرغان، ئىشەنمىگەن تەقدىردە دەرتلىك ئازابقا (دوزاخقا) دۇچار بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان جىنلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر قىلىپ ئاللاھ تائالا:«(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر - بىرىگە):<جىم تۇرۇڭلار> دېيىشتى قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بۇلۇپ قايتىشتى. ئۇلار ئېيتتى:< ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق>.< ئى قەۋمىمىز! ئاللاھغا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نىڭ دەۋىتىنى قۇبۇل قىلىڭلار ۋە ئاللاھغا ئىمان ئېيتىڭلار. ئاللاھ بەزى گۇناھلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ>. دېدى»دېگەن. [سۈرە ئەھقاف 29-ئايەتتىن 31- ئايەتكىچە]
يەنە ئاللاھ تائالا جىنلارنىڭ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام قېشىغا كېلىپ قىرائەتنى تىڭشىغانلىقىنى ۋە جىنلار ئۆزئارا ئۆزىنىڭ ئەقىدىلىرى، سۆز - ھەرىكەتلىرى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەن سۆزلىرىنى رەسۇلۇللاھ ۋەھىي قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا رەسۇلۇللاھنى بۇيرۇپ:«(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى «بىر قانچە نەپەر جىننىڭ (مەندىن قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھىي قىلىندى، ئۇلار (قەۋمىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن) ئېيتتى: بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق. پەرۋەردىگاررىمىزغا ھېچكىمنى شىرىك كەلتۈرمەيمىز.»[سۈرە جىن1-، 2- ئايەت] دېدى.
يەنە ئاللاھ تائالانىڭ ئۈچ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ شەيتاندىن ساقلاپ قېلىشىنى تىلەشكە بۇيرۇپ:« سەن قۇرئان ئۇقۇماقچى بولغىنىڭدا قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھغا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. شۈبھىسىزكى مۆئمىنلەرنىڭ ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۇل قىلغۇچىلار (يەنى يۆلەنگۈچىلەر)نىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ (يەنى پەرۋەردىگارىغا چىن يۈلەنگەن مۆئمىنلەرگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى تەسىر قىلالمايدۇ). شەيتان پەقەت ئۆزىنى دوست تۇتىدىغانلار ۋە ئۆزىنىڭ (ئىغۋا قىلىشى) بىلەن مۇشرىك بۇلۇپ كەتكەنلەر ئۈستىدىنلا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.»[سۈرە نەھل98 - ئايەتتىن 100- ئايەتكىچە]
2. سۈرە ئەئراف 200 - ئايەتتە:«ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھغا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئېشىڭنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.»دېگەن سۆزىدۇر.
3. «<ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ)غا سېغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يۇشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن> دېگىن.» [سۈرە ناس]
يۇقىرىقى ئايەتلەر جىن - شەيتانلارنىڭ بارلىقىدىن ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىدۇر.
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇۋەسەللەمنىڭ خەۋەرلىرى
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋەرلىرى كۆپ بۇلۇپ، ئۇنىڭ بىرى بولسا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: ھەر بىر ئادەمگە ھەمراھ قىلىنغان جىن ھەمراھى بارلىقىدىن خەۋەر قىلىپ:« ھەر بىر ئادەمگە جىندىن بىرسى ھەمراھ قىلىندى» دېدى. ئەسھابىلار: ساڭىمۇ ھەمراھمۇ يا رەسۇلۇللاھ! دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ:« ماڭىمۇ بىر جىن ھەمراھ، لېكىن ئاللاھ تائالا ماڭا جىنغا قارشى ياردەم قىلدى. جىن ماڭا تەسلىم بولدى. شۇڭا مېنى ياخشىلىقتىن باشقا ئىشقا بۇيرۇيالمايدۇ»دېدى. بۇ ھەدىسنى ئىمامى مۇسلىم رىۋايەت قىلدى.
يەنە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام، ھەركىم ئۆيىگە كىرسە شەيتان بىللە كىرىدىغانلىقى ۋە ئادەمنىڭ يىمەكلىك، ئىىچىملىكلىرىگە شېرىك بۇلۇپ يەپ - ئىچىدىغانلىقىدىن خەۋەر قىلىپ ئېيتتى: ھەر بىر ئادەم تاشقىرىدىن ئۆيگە كىرەر چاغدا، ئاللاھ تائالانى تىلغا ئالسا، ياماق يەيدىغان چېغىدىمۇ تىلغا ئالسا (ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، دېسە)، شەيتان ئۆزىنىڭ باللىرىغا ۋە بىللە بولغان شەيتانلارغا سىلەرگە بۇ يەردە قۇنۇدىغان يەرمۇ يوق، كەچلىك تاماقمۇ يوق (قايتىڭلار!) دەيدۇ. ئەگەر ئادەم ئۆيگە كىرگەندە، تاماق يېگىلى باشلىغاندا، ئاللاھ تائالانى ئەسلىمىسە، شەيتان ئۆزىنىڭ تاۋابىئاتلىرىغا سىلەرگە قونغىلى يەرمۇ بار، كەچلىك تاماقمۇ بار» دەيدۇ. بۇ ھەدىسنى ئىمامى مۇسلىم رىۋايەت قىلدى.
يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سول قول بىلەن تاماق يېيىشتىن، ئىچىشتىن تۇسۇپ ۋە شەيتاننىڭ سول قۇل بىلەن يەيدىغان ۋە ئىچىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئېيتتى:« ھېچ قايسىڭلار سول قۇلۇڭلار بىلەن يېمەڭلار، ئىچمەڭلار! چۈنكى شەيتان سول قۇلى بىلەن يەيدۇ ئىچىدۇ.» ئىمامى مۇسلىم رىۋايىتى.
يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۆمىنلەرنى قۇلىدا تاماقنىڭ يۇقىسى بار ھالەتتە ئۇخلاپ قالسا، شەيتان كېلىپ ئۇ كىشىنىڭ قولىنى يالاپ زەھەرلەپ قۇيۇشتىن ئېھتىيات قىلدۇرۇپ ئېيتتى:«شەيتان بەك سەزگۈر، بەك يالىغۇچى نەرسىدۇر. ئۆزۈڭلەرگە ئېھتىيات قىلىڭلار! ھەركىم قولىدا تاماق يۇقى بار ھالەتتە ئۇخلاپ قىلىپ ئاپەتكە يۇلۇقسا، ئۆزىگە مالامەت قىلسۇن.» تىرمىزى رىۋايەت قىلدى.
يەنە بىرى، جىنلار ئۆزىنىڭ يېمەكلىكى توغرىسىدىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ جاۋاب بېرىپ:«ئىنسانلار يېگەن گۆشكە (بىسمىللاھ)دەپ يېگەن بولسا، ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى جىنلارنىڭ قولىغا كامىل گۆش بۇلۇپ چۈشىدۇ. ھايۋانلارنىڭ تېزەكلىرى جىننىڭ ئۇلاغلىرىغا يېمەكلىكتۇر.»دېگەن سۆزىدۇر. بۇ ھەدىسنى ئىمامى بۇخارى رىۋايەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆڭەك بىلەن تېزەك بىلەن تاھارەت تازلاشتىن توستى ۋە تۇسۇشقا سەۋەب بايان قىلىپ:«سۆڭەك بولسا سىلەرنىڭ جىن بۇرادەرلىرىڭلارنىڭ ئۇزۇقلۇقى.» دېدى.
يەنە بىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:«ئۆتكەن كېچىدە بىر باشتوڭ جىن نامىزىمنى بۇزۇش ئۈچۈن قېشىمغا كەلدى. ئاللاھ تائالا ماڭا ئۇنى تۇتۇۋېلىشقا كۈچ - قۇۋۋەت بەردى. مەسجىدنىڭ تۈرۈكلىرىدىن بىرىگە باغلاپ قۇياي، تاڭ ئاتقاندا سىلەرنى ئۇنى كۆرسۇن دەپمۇ قەست قىلدىم، لېكىن بۇرادىرىم سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئەسلەپ قۇيۇپ بەردىم» دېگەن.[مۇتتەفەقۇن ئەلەيھ]
يەنە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە خورازنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ئاللاھ تائالادىن ھاجىتىنى تىلەشنى، ئېشەكنىڭ ھاڭرىغىنىنى ئاڭلىغاندا، ئاللاھ تائالادىن شەيتاننىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇغداشنى تىلەشنى تەلىم بېرىپ:«خورازنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ئاللاھ تائالادىن ئىلتىپات، مەرھەمەت تىلەڭلار، چۈنكى خۇراز پەرىشتىنى كۆرىدۇ. ئېشەكنىڭ ھاڭرىغىنىنى ئاڭلىغاندا، ئاللاھ تائالانىڭ شەيتاندىن پاناھ بېرىشىنى تىلەڭلار! چۈنكى ئېشەك شەيتاننى كۆرىدۇ»دېگەن.[مۇتتەفەقۇن ئەلەيھ]
يەنە بىرى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەدەپ - ئەخلاق يولىنى كۆرسىتىپ:«ھا.... دەپ ئەسنەش شەيتاننىڭ (ئاۋاز چىقىرىپ ئەسنىمەڭلار).»دېگەن سۆزىدۇر.[ئىمامى بۇخارى رىۋايىتى]
يەنە بىرى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە شەيتاننىڭ ئادەم كۆڭلىگە تاشلىغان يامان ئوي - پىكىر، گۇمانى، قاراشلىرىغا قارشى قانداق كۈرەش قىلىش ۋە ئۇنى قايتۇرۇش توغرىسىدا يوك كۆرسىتىپ:«ھەر قايسىڭلار قېشىغا شەيتان كېلىدۇ. پالانى نەرسىنى كىم ياراتتى؟ مۇنداق نېمىنى كىم ياراتتى؟ دېگەن ئويلارنى كۆڭلۈگە تاشلاپ ئاخىرىدا سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭنى كىم ياراتتى؟ دېگەن ئوينى ئەكىلىدۇ، شۇ خىيالنى تاشلىغان زامان ئۇ كىشى ئاللاھ تائالادىن پاناھ تىلىسۇن ۋە ئۇنداق پىكىردىن يانسۇن»دېگەن سۆزىدۇر.[مۇتتەفەقۇن ئەلەيھ[
يەنە بىرى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ:«كۈن كەچ بۇلۇپ كېچىنىڭ قاراڭغۇسى كەلگەندە، ئۇششاق بالىلىرىڭلارنى ئۆيگە يىغىڭلار! چۈنكى شۇ چاغدا جىن شەيتانلار سىرىتتا تارايدۇ. »دېگەن[مۇتتەفەقۇن ئەلەيھ]
جىن - شەيتانلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش لازىملىقى
بىز يۇقىرىدا كۆرسەتكەن ئەقلى ۋە ئەمەلىي دەلىللەر سەۋەبىدىن جىن - شەيتانلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش لازىم بولدى. بەلكى، بۇ ئىشىنىش مۆمىن ئادەمنىڭ ئەقىدىسىنىڭ ئايرىلماس پارچىسى بولدى. جىنلار، شەيتانلاردىن ئىبارەت ئىككى ئالەمنىڭ بارلىقىغا راست دەپ ئىشىنىشتىن ئىسلام ئەقىدىسىنى خالىي قىلىشنى ئىرادە قىلىش ئۇچۇق كاپىرلىق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدىن چىقىپ كەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا ئەقىلغا تىنىش، ئەقىلنىڭ ئاشكارا مەلۇماتلىرىنى تاشلاش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھەم رەسۇلۇللاھنىڭ خەۋەرلىرىنى يالغان قىلىش بار. ئاللاھ تائالانىڭ خەۋىرىنى يالغان چىقىرىشمۇ كاپىرلىقتۇر، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋىرىنى يالغان دېمەكمۇ كاپىرلىقتۇر. ئاساسسىز يالغاندۇر.
جىنلار، شەيتانلار ھەققىدە ئومۇمىي مەلۇمات
تۆۋەندە جىنلار، شەيتانلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش پىرىنسىپىنى مۇقەررەر قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدىن يىراقىلىشىپ ياشىغانلارغا يىپىق بولغان مۇشۇ غايىپ ئالەمنىڭ بەلگىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۇچۇقلاش ئۈچۈن، جىن ۋە شەيتاندىن ئىبارەت ئىككى ئالەمنىڭ بەزى مەلۇماتلىرىنى ئوتتۇرىدا قۇيىمىز.
1. جىننىڭ يارىتىلىش ماددىسى
جان ئىسىملىك مەخلۇق پۈتۈن جىننىڭ دادىسىدۇر. بۇ مەخلۇق ئوت ماددىسىدىن يارىتىلغان. بۇنى ئاللاھ تائالا ئادەمدىن بۇرۇن ياراتقان. ئاللاھ تائالا بۇ توغرىسىدا:«شەك - شۈبھىسزكى بىز ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام)نى قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق. جىنلار (يەنى شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىبلىس)نى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇندىن ياراتقان ئىدۇق.»دېدى.[سۈرە ھىجر 26-، 27- ئايەت]
جىنلارنىڭ دادىسى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى يارىتىش ئۇسۇلى ئادەمنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى يارىتىش ئۇسۇلىغا ئوخشاشمۇ؟ يەنى ئادەمنى تۇپراقتىن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى نەسىللىنىش يولى بىلەن مەنى سۇدىن ياراتقان، جاننى ئوتتىن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى نەسىللىنىش يولى بىلەن باشقا ماددىدىن ياراتقانمۇ؟ بۇ بىر ئېھتىماللىق ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ھەممىنى يېگانە بىلگۈچىدۇر.
2. جىن نېمىشقا جىن دەپ ئاتالدى؟
جىن دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا يۇشۇرۇن دېمەكتۇر. جىنلار ئىنسانلارغا يۇشۇرۇن مەخلۇق بولغاچقا جىن دەپ ئاتالغان. ئەرەبلەر جەڭچىلەر بېشىغا كەيگەن قالقاننى، باشنى دۈشمەندىن يۇشۇرغانلىقتىن «جۈننەتۇن» دەپ ئاتايدۇ.
ئاخىرەتتىكى « جەننەت»نى جەننەت دېمەك، جەننەتتىكىلەرنىڭ دەرەخنىڭ كۆپلىكىدىن دەرەخ دالدىسىدا يىراقتىن كۆرۈنمىگەنلىكىدىندۇر. ئەرەبلەر ئايال قورسىقىدىكى بالىنى، كىشىلەردىن يىپىق بولغاچقا «جنين»دەيدۇ. ئاللاھ تائالا جىن ۋە شەيتان توغرىسىدا ئېيتتى:«شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر.»[سۈرە ئەئراف 27- ئايەتنىڭ بىر قىسمى]
3. جىننىڭ ئۇزۇقلۇققا ئېھتىياجى بارلىقى
دۇنيادىكى ئىنسانلار ۋە باشقا جانلىقلار، ئۆسۈملۈكلەر ئۆزىگە مۇناسىپ غىزا (ئۇزۇقلۇق)قا مۇھتاج بولغاندەك، جىن - شەيتانلارمۇ ئۆزىگە مۇناسىپ ئۇزۇقلۇققا موھتاج. بىر تۈركۈم جىنلار رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىلىرىگە يېمەكلىك سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام جاۋاب بېرىپ:«بىسمىللا، دەپ يىيىلگەن گۆشلەرنىڭ سۆڭەكلىرى جىنلارغا كامىل گۆش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا مۇسۇلمانلارنى سۆڭەكتە تاھارەت تازىلاشتىن توستى ۋە سۆڭەكلەر سىلەرنىڭ جىن بۇرادەرلىرىڭلارنىڭ ئۇزۇقلۇقى»دېدى ھەم:«شەيتان چەپ قولى بىلەن يەيدۇ، ئىچىدۇ. سىلەر چەپ قول بىلەن يەپ - ئىچمەڭلار!» دېدى.
ئىمامى بۇخارى ۋە ئىمامى مۇسلىم نەقىل قىلغان مەزكۇر ئىشەنچىلىك ھەدىسلەر ئىسپاتلىدىكى جىنلار ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالا ياراتقان تەن قۇرۇلۇشىغا لايىق غىزا بىلەن ئۇزۇقلىنىشقا ئىھتىياجى بار بولغانلىقى ئۈچۈن يەيدۇ، ئىچىدۇ.
4. جىنلارمۇ بىر - بىرىدىن تۇغۇلىدۇ
جىن، شەيتانلار ئارىسىدىمۇ ئۆزىنىڭ يارىتىلغان تەبىئىتىگە لايىق تۇغۇش، تۇغۇلۇش ئەمەلىيتى ھاسىل بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ باشقا جانلىقلاردەك ئۇرۇق ئەۋلاد بارلىققا كېلىش قانۇنى بارلىقىغا شەك - شۈبھە يوق. ھەر بىر تۈرلۈك مەخلۇقتا ئاللاھ تائالا بىكىتكەن بىر تۈرلۈك يول ۋە قانۇن بار. بۇنىڭغا قۇرئان كەرىم گۇۋاھلىق بېرىدۇ ۋە مۇقەررەر قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا سۈرە كەف50 - ئايەتتە:« ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە:< ئادەمگە سەجىدە قىلىڭلار> دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجىدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. مېنى قۇيۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر، ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئىبلىس زالىملار ئۈچۈن نېمىدىگەن يامان بەدەل!(يەنى ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا شەيتانغا چۇقۇنۇش نېمىدىگەن يامان!).» دېدى.
شۇنىڭدەك ئىمامى مۇسلىم نەقىل قىلغان ئىشەنچىلىك ھەدىس كىتابىدا كەلدىكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام:«ئادەم ئاتام يەيدىغان، ئىچىدىغان چاغدا ۋە خوتۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىشدىغان چاغدا ئاللاھ تائالانى ئەسلەپ، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىسا (بىسمىللاھ، دېمىسە) شەيتان ئۇنىڭ يېمەك - ئىچمىكىگىمۇ، ئائىلىسىگىمۇ شېرىكلىشىدۇ.» دېدى. سەھىھۇل مۇسلىم.
شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام دېدىكى:«ئەگەر مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر قايسى ئۆز خوتۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىشىدىغان چاغدا< ناھايىتى شەپقەتلىك مىھرىبان ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئى ئاللاھ مېنى شەيتاندىن يىراق قىلغىن، شەيتاننى بىزگە رىزق قىلغان (پەرزەنت ۋە باشقىلار)دىن يىراق قىلغىن!> دەپ دۇئا قىلسا، ئاندىن ئەر - ئايال ئارىسىدىكى شۇ مۇناسىۋەتتە، ئاللاھ تائالا پەرزەنت نىسىپ قىلسا، ئۇ بالىغا شەيتان ھەرگىز زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ.»
5. جىن بىلەن شەيتان ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟
ئەلۋەتتە، جىن بىلەن شەيتان ئارىسىدا چوڭ پەرق بار، مۇشۇ ھەقىقەت رۇشەن ئايدىڭلاشسۇن ئۈچۈن شۇنى سۆزلەيمىزكى، ئالىي دەرىجىلىك مەخلۇق تۆت تۈرلۈكتۇر، پەرىشتىلەر، ئىنسانلار، جىنلار ۋە شەيتانلاردۇر.
پەرىشتىلەر بولسا روھانىي ئالەم بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا خۇسۇسىيەتلىرى، سۈپەتلىرى، ئەھۋالىرى بار. بۇ ھۆرمەتلىك يۇقىرى ئالەم بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىش توغۇرلۇق باشتا كەڭتاشا تەتقىق ئېلىپ بېرىلدى. جىن ئىككى تۈرلۈك بۇلۇپ، بىر بۆلۈكى شەيتان، بۇلاردا قەتئىي ياخشىلىق يوق. بىر تۈركۈم جىنلار بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشىلىرىمۇ بار، بۇزۇلغانلىرىمۇ بار، بۇلارنىڭ ئەھۋالى ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىدەك بۇلۇپ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلىرىمۇ بار. لېكىن شەيتانلارنىڭ ئەسلى جىندۇر. چۈنكى ئىبلىس جىن جۈملىسىدىن ئىدى. قۇرئان كەرىم بۇ ھەقتە:«ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە:<ئادەمگە سەجىدە قىلىڭلار> دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجىدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى.»دەپ خەۋەر قىلدى.[سۈرە كەھف 50- ئايەتنىڭ بىر قىسمى]
شەيتان ئۈمىدسىزلەندۈرۈلگەن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان ۋە ياخشىلىقىدىن پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادىمۇ مىراس ھۆكمى بىلەن شەيتان بىلەن ئوخشاش بولدى. ئۇلاردىمۇ ھەرگىز ياخشىلىق يوق. شۇڭا ئۇلار يامانلىقتىن باشقىسىنى تۇنۇمايدۇ. يامانلىقتىن باشقىسىغا كىشىنى چاقىرمايدۇ. بۇنىڭغا يېقىن بىر مىسال يىلان دائىم يىلان تۇغىدۇ. دۇنيادا يىلان يارتىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، زەھىرى يوق، يامانلىقى يوق يىلان تۇغۇلغىنى يوق.
جاننىڭ ئەۋلادىدىن بولسۇن، ئادەم ئەۋلادىدىن بولسۇن. ھەر كىمنىڭ ئىچكى دۇنياسى نىجىس، قىلىقى باشتوڭ (ئىسلام يولىدىن چىققان)ياخشىلىقتىن ئۈزۈلگەن بولسا، شەيتانغا ئايلىنىدۇ. ھەمىشە باشتوڭلۇق قىلسا، مارىد دېيىلىدۇ، باشتوڭلىقى ۋە ھەددىدىن ئېشىشى زىيادە بولسا، ئۇ ئىپرىت دېيىلىدۇ.
قۇرئان كەرىم بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىسپاتلىدى. قۇرئاندا جىندىن بولغان شەيتانلار بار، ئادەمدىن بولغان شەيتانلارمۇ بار دېيىلگەن. ئاللاھ تائالا سۈرە ئەنئامنىڭ 112 - ئايىتىدە:«شۇنىڭدەك (يەنى بۇ مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق. ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر - بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى (يەنى پەيغەمبەرلىرىگە دۈشمەنلىكىنى) قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۈزگەن ھىيلە - مىكىرلىرى بىلەن قۇيۇپ بەرگىن (ئاللاھ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ).» دېدى.
شۇنىڭدەك قۇرئاندا:«جىننىڭ ياخشى ئىش قىلىدىغانلىرىمۇ بار »دېيىلگەن. ئاللاھ تائالا سۈرە جىندا جىنلارنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ:«بىزدىن مۇسۇلمان ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بۇلىدۇ.»(14-ئايەت)دېدى. شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا ئىنساننىمۇ، جىننىمۇ ئاللاھغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، سۈرە زارىياتتا:«جىنلارنى ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم. ئۇلاردىن مەن رىزق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئۇزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر (ئاللاھنىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر.»دېدى. [56- ئايەتتىن 58- ئايەتكىچە]
شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا شەيتاننىڭ ھەمىشە قەبىھ قىلىقلارغا بۇيرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، سۈرە بەقەر 268- ئايەتتە:«شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قۇرقىتىدۇ، يامان ئىشلارغا (يەنى بېخىللىققا زاكات بەرمەسلىككە) بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز مەغفىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.»دېدى.
شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا شەيتانغا ئەگەشكەنلەرنى شەيتان يولدىن ئازدۇرىغانلىقىنى ۋە دوزاخ ئازابى تەرەپكە باشلاپ بارىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ سۈرە ھەج 3-،4- ئايەتتە:«بەزى كىشىلەر ئاللاھ (نىڭ قۇدرىتى ۋە سۈپەتلىرى) ئۈستىدە ھېچقانداق دەلىلسىز مۇنازىرلىشىدۇ، ھەر بىر سەركەش شەيتانغا (يەنى ھەقتىن توسقۇچى كۇففارلارنىڭ كاتتىباشلىرىغا) ئەگىشىدۇ. ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇكى، كىمكى شەيتانغا ئەگىشىدىكەن، شەيتان ئۇنى ئازدۇرىدۇ ۋە جەھەننەمنىڭ ئازابىغا سۆرەيدۇ.»دېدى.
بۇ بىر تۈرلۈكى جىننىڭ شەيتانلىرىدىن بۇلۇپ، ئۇنىڭدا ھەرگىز ياخشىلىق يوق، ئۇ بولسا ئاللاھ تائالانىڭ لەنەتلىرىگە يۇلۇققان ئىبلىستۇر.
جىن، شەيتانلار ھەرخىل شەكىلدە بۇلالامدۇ؟
جىن، شەيتانلارنىڭ ئوخشاشمايدىغان شەكىل ۋە ھەر تۈرلۈك رەڭدە بولالىشى بىر ھەقىقەتتۇر. بۇنىڭغا قۇلاق ئاڭلىغان، كۆز كۆرگەن دەلىللەر بار، ئەقىل ئالدىدىمۇ مۇمكىن ئىش، مۇنداق بۇلۇشى مۇمكىن دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئەقىل ئالدىدا زىت كېلىدىغان بىر نەرسە يوق.
جىننىڭ ھەرخىل شەكىلدە بولىدىغانلىقىغا خەۋەر، دەلىللەر تۆۋەندىكىلەر:
1. شەيتاننىڭ (ئىبلىسنىڭ) مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن ئاچقان سىياسىي كىڭەش مەجلىسىگە قاتناشقانلىقى بۇلۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلامغا چاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، رەسۇلۇللاھنى قاماش ياكى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىش ياكى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا ھەرخىل پىكىرلەر ئوتتۇرىدا قۇيۇلىۋاتقاندا ئىبلىس ئۇلار قېشىغا نەجدى ئۆلكىسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئادەملىرىدىن بىر ئادەمنىڭ سۈرتىدە بۇلۇپ كېرىپ، يىغىنغا ۋە گەپ - سۆزگە ئارلىشىپ، كۆپرەك ئادەمنىڭ پىكىرىنى قۇۋەتلىشىپ بەرگەن، ئۇ ئاخرىسىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەڭ قەبىھ ۋە بۇزۇق پىكىرگە باشقىلارنى كۆندۈرگەن.
بۇ ئىش شۇنچە مەشھۇركى، ئۇنى يالغانغا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس، ھەتتا گۇمانلىق قاراشقىمۇ ئۇرۇن يوق.
2. مەدىنە شەھىرىنىڭ جىنلىرىدىن بىر جىننىڭ يىلان سۈرىتى بولغانلىقىنى ئىمامى مۇسلىم ئەبۇ سەئىد خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلدى. بۇ كىشى دېدىكى:« بىز ئەسھابىلاردىن يېڭىدىن ئۆيلەنگەن بىر ياش يىگىت بار ئىدى. بىز رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىلەن خەندەككە (مەدىنىنى دۈشمەندىن قۇغداش ئۈچۈن مەدىنە ئەتراپىغا خەندەك كولاشقا) مەشغۇل بولغان كۈنلەردە، مەزگۈر ياش ساھابە چۈش ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھدىن رۇخسەت سوراپ ئۆيىگە بېرىپ كېلەتتى. بىر كۈنى يەنە روخسەت سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا:«قورالىڭنى ئىلىۋالغىن. قۇرەيزە كاپىرلىرىنىڭ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن»دېدى. ئۇ يىگىت قۇرالىنى ئېلىپ ئۆيىگە كەتتى. بارسا، خۇتۇنى تاشقىرى ئىشىكىدە ئۆرە تۇرغان ئىكەن. خۇتۇنىنىڭ يات ئادەملەرگە كۆرۈنگىنىگە غەزەپلىنىپ خوتۇنىغا نەيزە تىقماقچى بولدى. خوتۇنى ئۇنىڭغا: ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال! ئاۋۋال ئۆيگە كىرىپ باق. مىنى سىرتقا چىقىشقا مەجبۇر قىلغان نەرسىگە قارىغىن! دېدى. ئۇ يىگىت ئۆيىگە كىردى. چوڭ بىر يىلان كۆرپە ئۈستىگە يۇمۇلاق بۇلۇپ ياتقان ئىكەن. يىلانغا نەيزە تىقتى. يىلان نەيزىگە قاتار تىزىلدى. ئاندىن سىرتقا چىقىپ نەيزىنى يىلان بىلەن بىللە يەرگە چوقۇپ قويدى. يىلان چاچراپ يىگىتكە ئۆزىنى ئاتتى، يىگىتمۇ، يىلانمۇ ئۆلدى. قايسى بۇرۇن ئۆلگىننى بىلگىلى بولمىدى». سەھىھۇل مۇسلىم ھەدىسى.
3. شەيتاننىڭ ئادەم سۈرىتىدە كېلىپ، سەدىقە خورمىدىن ئوغۇرلىغانلىقى. ئىمامى بۇخارى ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلدىكى: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇۋەسسالام ئەبۇ ھۇرەيرىنى زاكاتقا يىغىلغان خورمىنى ساقلاشقا مەسئۇل قىلغان ئىدى. بىر جىن(شەيتان) ئادەم سۈرىتىدە بۇلۇپ كېلىپ سەدىقە خورمىنى ئالغىلى تۇردى. ئەبۇ ھۈرەيرە ئۇنىڭ ئەدىپىنى بەرمەكچى بۇلۇۋېدى. ئۇ ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ ئاچ قالغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئۆزرە ئېيتتى. ئەبۇ ھۈرەيرە ئۇنى قۇيۇپ بەردى. ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇغۇرلىدى. يەنە قۇيۇپ بەردى. ئۈچىنچى قېتىم يەنە كېلىپ خورما ئالغىلى تورغاندا ئەبۇ ھۈرەيرە تۇتىۋېلىپ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام قىشىغا ئېلىپ بارماقچى بولدى. لېكىن شەيتان ئۆزرە ئېيتىپ يالۋۇردى ۋە ئەپۇ قىلىشنى تىلىدى ۋە «ئۇنىڭ ئورنىغا قۇرئاندىن بىر ئايەت ئۆگىتىپ قوياي، ئۇنى ئۇقۇغان كىشىگە شەيتان يېقىن كىلەلمەيدۇ»دەپ ئەبۇ ھۈرەيرەگە ۋەدە قىلدى. ئاتەتۇل كۇرسىنى ئۆگىتىپ قويدى. ئەبۇ ھۈرەيرە ئەپۇ قىلىپ قۇيۇپ بەردى. ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا ئۇچرۇشۇپ قالدى. ئەبۇ ھۇرەيرە گەپ قىلىشتىن بۇرۇن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام:«ئۆتكەن كىچە قۇلۇڭغا چۈشكەن ئوغرى نېمە ئىش قىلدى؟»دەپ سورىدى. ئەبۇ ھۈرەيرە يۈز بەرگەن ئەھۋالنى سۆزلىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:«شەيتان دائىم يالغانچى تۇرۇپ، بىر قېتىم ساڭا راست گەپ قىلىپتۇ.»دېدى.(ئايەتۇل كۇرسى ھەققىدىكى سۆزى راست، دېمەكچى) سەھىھۇل بۇخارى ھەدىسى.
ئاگاھلاندۇرۇش
پەرىشتىلەر ھەرخىل شەكىلدە بولالىغاندەك جىن، شەيتانلارمۇ ھەرخىل شەكىلدە بولالايدىغانلىقىنى مۇقەررەر قىلغىنىمىزغا ئەگەشتۈرۈپ، شۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرىمىزكى، پەرىشتىلەر، جىنلار، شەيتانلارنىڭ قايسى ئۇسۇلدا ھەر تۈرلۈك سۈرەتكە كىلىدىغانلىقى ھەققىدە (سۈرىتى ئۆزگۈرۈشنىڭ ئۇسۇل - چارىلىرى ھەققىدە) راست، ئېنىق بىر خەۋەرنى ئىسپاتلىيالىغىنىمىز يوق، لېكىن ئۇلارغا ئاللاھ تائالا بىر قانچە ئىسىملىرىنى ئۆگىتىپ قويغان، ئۇلار شۇ ئىسىملارنى ئۇقۇپ دۇئا قىلىدىغان، شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئاللاھ رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە خالىغان شەكىلدە بولالايدىغان بۇلۇشنى يىراق سانغىلى بولمايدۇ. شەيتاننىڭ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىدە بولالماسلىقى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام:«ھەركىم مىنى چۈشىدە كۆرسە، راستلا مېنى كۆرىدۇ. چۈنكى شەيتان مىنىڭ سۈرىتىمدە بولالمايدۇ»دېدى.[مۇتتەفۇن ئەلەيھ]
7. جىنلار نەدە ئۇرۇنلىشىدۇ؟
جىن شەيتانلار كۆپىنچە يىقىلىپ ۋەيران بولغان ئۆيلەردە، پاسكىنا ئەخلەت چاۋار بار يەرلەردە، خالا جايلاردا، يۈندە ئازگاللىرىدا ماكانلىشىدۇ، چۈنكى ئىمامى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«خالا جايلاردا ھەرخىل زىيانلىق مەخلۇق بار. ھەر قايسىڭلار خالاغا كىرەر چاغدا، نىجاسەتلەردىن ۋە پاسكىنا جىن شەيتانلاردىن ئاللاھ تائالانىڭ ساقلاپ قىلىشىنى تىلەيمەن، دېگەن دۇئانى ئۇقۇسۇن»
شەيتانلا يامان نىيەتلىك زەھەرلىك مەخلۇق بۇلۇپ، پاسكىنا يەرلەردە يۈرۈيدىغان بولغاچقا ھەمىشە جىنايەت ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، يالغان بۆھتان تۇقۇيدىغان، گۇناھ بىلەن پاسكىنىلاشقان، چوڭ جىنايەتلەرگە ئادەتلەنگەن ئەر، ئايال ئادەملەرگە يېقىن كېلىدۇ. ھەمراھ بۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا سۈرە شۇ ئەرادا:«(ئى مۇھەممەد! مەككە كۇففارلىرىغا ئېيتقىنكى) سىلەرگە مەن شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار ھەر بىر ئىغۋا تۇقۇغۇچى گۇناھكارغا چۈشىدۇ. ئۇلار (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە) ئاڭلايدۇ، ئۇلار (يەنى شەيتانلارنىڭ) تولىسى يالغانچىدۇر.»دېدى.[221- ئايەتتىن 223-ئايەتكىچە]
8. جىنلار يۇقىرى قاتلام پەرىشتىلەردىن ئۇغۇرلۇقچە گەپ ئاڭلامدۇ؟ ھەئە، ئاللاھ تائالا جىن، شەيتانلارغا ئاسمان تەرەپكە يۇقىرى چىقىشقا كۈچ، قابىلىيەت بەرگەن، شۇڭا ئۇلار بولغان يېقىن دوستلىرىغا يەتكۈزىدۇ. شەيتاننىڭ دوستلىرى بولغان جىنكەش ئېزىتقۇ ئىنسانلار ئۇ گەپنى نەچچە ھەسسە كۆپەيتىپ خەلىقلەرگە سۆزلەپ بېرىپ خەلىقنى ئازدۇرىدۇ، بۇ راست ئەمەلىيەتنى ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ئىسپاتلاپ جىننىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ سۈرە جىندا:«(جىنلار ئېيتتى)<بىز(ئاسمان ئەھلىنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسمانغا (چىقىشنى) تىلىدۇق، ئاسماننىڭ كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر (يەنى پەرىشتىلەر)بىلەن ۋە (كۆيدۈرگۈچى) يۇلتۇزلار بىلەن تۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق. بىز ھەمىشە (ئوغرىلىقچە تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان جايلىرىدا ئولتۇراتتۇق، كىمكى ئەمدى (ئوغرىلىقچە) ئاڭلاشقا ئۇرىنىدىكەن، ئۇنى كۈزىتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارنى بايقايدۇ. بىز (جىنلار جامائەسى) زېمىندىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ياخشىلىق ئىراە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز>.» دېدى.[8- ئايەتتىن 10- ئايەتكىچە]
شۇنىڭدەك بۇ ھەقىقەتنى سەھىھۇل بۇخارىدىكى ھەدىس قۇۋەتلەيدۇ، ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:« پەرىشتىلەر بۇلۇتقا چۈشىدۇ. ئاسماندا ھۆكۈم قىلىنغان ئىشلارنىڭ پارىڭىنى قىلىشىدۇ، ئۇ گەپنى شەيتانلار ئۇغۇرلىقچە ئاڭلىۋالىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەردىكى جىنكەش چىراقچىلارغا يەتكۈزىدۇ. جىنكەشلەر بىر گەپكە يۈز يالغاننى قورسىقىدىن قۇشۇپ خەلقىگە سۆزلەيدۇ »[سەھىھۇل بۇخارى 4- جۈزئى]
9. جىننىڭ قەدرى قىممىتى، ھۆرمىتى ئادەمنىڭكىدىن تۆۋەن. جىنلار ھەتتا سالىھ، ياخشىللىرىمۇ ئادەمدىن قەدرى ئاز، ھۆرمىتى تۆۋەن شەرىپى ئازدۇر. چۈنكى ئالەمنى ياراتقۇچى ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ھۆرمىتىنى مۇقەررەر ئىسپاتلاپ سۈرە ئىسرا 70- ئايەتتە:«شەك - شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق. ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاغلارغا) مىندۈردۇق، دېڭىزدا (كېمىلەرگە) چىقاردۇق. ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق. ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. »دېدى.
مۇنداق ھۆرمەتلەش جىنلارغا قۇرئاندىمۇ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىدىمۇ يوق، بۇنىڭدىن ئىنساننىڭ جىندىن شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى ئۇچۇق بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ.
جىنلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنساندىن يىتەرسىز، ئاجىز ئىكەنلىكىنى سەزگەنلىكىمۇ، بۇنىڭغا دەلىل. ئىنسانلارنىڭ (بەزى قۇرقۇنۇشلۇق يەرلەردە) جىنلارنىڭ باشلىقلىرىدىن پاناھ (قۇغداپ قىلىشنى تىلىگەندە ئۇلارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ، كۆرەڭلەپ كېتىپ كاپىرلىقىدا ھەددىدىن ئېشىپ كىتىدىغانلىقى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا سۈرە جىندا جىنلار تۇغۇرلۇق سۆزلەپ:«ئىنسانلاردىن بولغان بەزى كىشىلەر جىنلاردىن بولغان بەزى كىشىلەرگە سېغىناتتى، شۇنىڭ بىلەن جىنلار تېخىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كەتتى.»دېدى.[6- ئايەت]
بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلى شۇكى: ئىنسان ئۇلارغا يىقىنلىشىشقا ۋاستە ئىزدىسە ياكى ئۇلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ۋەسىلە قىلسا ياكى ئۇلارنىڭ شەرەپلىكلىرىنىڭ نامىغا قەسەم قىلسا، قۇبۇل قىلىپ ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى، جىنلار ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى سەزگەنلىكى، ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىپ، يالغۇز ئاللاھغا باش ئىگىپ، تەربىيە قىلىشقا ئاجىزلىقىنى سەزگەنلىكى، ئىبادەتكە ھەقلىقلىقىدا، ئىسىم سۈپەتلەردە ئاللاھ تائالا يالغۇز دەپ ئەقىدە قىلىش يۈزىدىن ئاللاھ تائالا ئالدىدا ھۆرمەتكە ئىگە بولغان (مۆمىن مۇسۇلمان) ئىنسان ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھەقىر، تۆۋەنلىكىنى بىلگەنلىكىدۇر. ئەمما ئىمان، ئىسلامدىن خالىي ئىنسان جىن بىلەن ئوخشاش. جىننىڭ سالىھ، ياخشىلىرى ئادەمنىڭ كاپىر مۇشرىكلىرىدىن ئەۋزەل.
10. جىننىڭ مۆمىن سالىھلىرى جەننەتكە كىرەمدۇ؟
يۇقىرىدا ئۇچۇق بايان قىلدۇقكى، جىنلار ئىبلىسنىڭ ئەۋلادى ئەمەس( ئىبلىس جىن نەسلىدىن) جىنلارمۇ ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىش بويسۇنۇش ئۈچۈن يارىتىلغان، جىنلار بۇ تەرەپتە ئادەم بالىلىرى بىلەن ئوخشاش، جىننىڭ ياخشى سالىھلىرىمۇ بار، ئۇنىڭدىن تۆۋەنلىرىمۇ بار، ئىسلام دىنىغا ئىشەنگە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلانغان ياخشى جىنلار جەننەتكە كىرىدۇ. ئىمان ۋە تەۋھىدە (ئاللاھ تائالا تەڭداشسىز ئۇلۇغ دېگەن ئەقىدە) بىلەن ۋە خۇدادىن قۇرقۇپ، ياخشى ئىشلار قىلىش بىلەن بولغان بولسا جەننەتكە كىرىپ، جەننەتتە نىمەت بىرىلىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شۈبھىسىزكى، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بۇلىدۇ. بۇ چوڭ بەخىتتۇر.»[سۈرە بۇرۇچ 11-ئايەت] بۇ ئايەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بارلىق مۇكەللەپ بەندىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يەنە ئاللاھ تائالانىڭ:« كىمكى مۆئمىن بۇلۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمەلىنىڭ (ساۋابى) زايا كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلىنى (يەنى نامە - ئەمالىنى) چۇقۇم خاتىرلەپ قۇيىمىز.»دېگەن سۆزى دەلىلدۇر.[سۈرە ئەنبىيا 94- ئايەت]
يەنە ئاللاھ تائالانىڭ:«ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغفىرەت ۋە كاتتا ساۋاب ۋەدە قىلدى.»[سۈرە مائىدە9- ئايەت] دېگەن سۆز ئىنسانغىمۇ، جىنغىمۇ ئۇمۇمىيدۇر. ئىمان ۋە ئەمەلىي سالىھ دېگەن شەرتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ئىنسان بولسۇن مەيلى جىن بولسۇن، ئەجرى مەغپىرەت ۋە جەننەتكە تېگىشلىك بۇلىدۇ. سۈرە رەھماندىكى:«پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ (ھېساب بېرىشتىن) قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار.»[46-ئايەت] دېگەن ئايەت تىخىمۇ ئۇچۇقراق دەلىلدۇر.
11. جىنلار ئىنسانلارغا ئازار بىرەمدۇ؟ (زىيانكەشلىك قىلامدۇ؟)
جىننىڭ ئىنسانغا زىيانكەشلىك قىلىشى چۇقۇم، كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ، ئۇ ئەھۋال قۇلاق ئاڭلىغان ھەم سەزگەن دەلىل بىلەن سابىت. ئەقىلمۇ ئۇنى يىراق سانىمايدۇ بەلكى ئىقرار قىلىدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەسئۇل قىلغان ۋە ئادەملەرگە ئەگىشىپ يۈرۈيدىغان پەرىشتىلەر بولمىسا ئىدى. ھېچكىم جىن شەيتانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايتتى. ئىنسان ئۇلارنى كۆرەلمىگەچكە ھەم ئۇلار تىز ئۆزگىرىدىغان، يۆتكىلىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولغاچقا ھەم ئۇلارنىڭ جىسمىنى بىز ھېس قىلىپ بولالمىغاچقا، بىزنىڭ قوغدىنىشىمىز مۇمكىن بولمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى جىننىڭ بەزى ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشتا شەك يوق. چۈنكى ئادەملەر جىنلارغا كۆرمەي قايناق سۇ تۆككەن ياكى ئۈستىگە سىيگەن ياكى بىلمەستىن جىننىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇۋالغاندەك ئىشلارنى قىلىپ سېلىپ رەنجىتكەنلىكتىن، ئۇلار ئادەمدىن ئىنتىقام ئېلىپ زىيانكەشلىك قىلىدۇ ياكى ئىنسانغا زۇلۇم قىلىپ، بەزى ئادەملەر ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بۇرادىرىگە ناھەق زۇلۇم قىلغاندەك، سەۋەپسىز ئاپەت سالىدۇ. بۇ ھەقتە ھىلىقى ياش ساھابە توغرىسىدا ئىشەنچىلىك ھەدىس باشتا ئۆتكەن. ساھابە يىلان شەكىلىدە بۇلۇپ ئۆيگە كىرگەن جىنغا نەيزە تىققاندا، جىن ئۇنىڭدىن ئىنتىقامىنى ئالماي ئۆلمىدى. ئەبۇ سەئىد:«ياش ساھابە بۇرۇن ئۆلدىمۇ ياكى جىن بۇرۇن ئۆلدىمۇ، بىلگىلى بولمىدى»دېدى. بۇ ئەمەلىيەتتە ھەممىگە مەشھۇر بولغاچقا ۋە ھەممە كىشى ئۇنىڭغا قايىل بولغانلىقىدىن بۇنىڭغا باشقا دەلىل كەلتۈرمەيمىز ھەم ئۆز ئۆيىمىزدە يۈز بەرگەن ۋە بىز ئۇنىڭ دەردىنى تارتىپ ئۆتكەن، يامان تەسىرىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن يەنە بىر ھادىسىنى سۆزلەش بىلەن سۆزىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز.
مېنىڭ بىر ئاچام بۇلۇپ، ئىسمى سەئىدىيە ئىدى. بىزنىڭ ھويلىدا بىر تۈپ خورما بار ئىدى. بىز كىچىك بالىلار خورمىنىڭ بىر پۇتىقىغا ئارغامچىدىن يامىشىپ ئۆگزىگە چىقىپ چۈشۈپ ئوينايتتۇق. بىر كۈنى ئاچام ئۆگزىدە تۇرۇپ شاخقا باغلانغان ۋە بىز ئېسىلغان ئاغامچىنى تارتتى. كۈچى تەتمەي ئارغامچا سۆرەپ كېتىپ، ئۆگزىدىن يەرگە يېقىلىپ چۈشتى. نەخ جىننىڭ ئۈستىگە يېقىلغان ئىكەن. جىن ئۇنىڭدىن قاتتىق ئازار يەپتۇ. شۇڭا ئاچامدىن جىن ئىنتىقام ئېلىشقا باشلىدى. ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم يا ئۈچ قېتىم كېچىدە ئاچام ئۇخلىغاندا كېلىپ، گېلىنى سىققىلى تۇردى. جىن ئاچامنىڭ گېلىنى سىققاندا ئاچام پۇت، قۇلىنى يېغىپ سۇنۇپ بۇغۇزلانغان قويدەك جان تالىشاتتى. تاڭ ئاتقاندا ئاچامنى ئۆلۈك شەكىلدە تاشلاپ كېتەتتى. ئاچام بىر قېتىم:«جىن ماڭا شۇ ئازابىنى، ھېلىقى كۈنى خورما تۈۋىدە ماڭا ئازار بەردىڭ، دەپ ئىنتىقام ئۈچۈن قېلىۋاتىدۇ»دەپ ئۆز تىلى بىلەن ئۇچۇق سۆزلىدى. مەزكۇر جىننىڭ ئاچام ئوخلىغاندا كېلىپ، گېلىنى سىقىپ ھۇشىدىن كەتكۈزۈپ ئازابلىشى داۋال قىلىۋېرىپ، ئاخىرى ۋاپات بولدى. ئاللاھ ئاچام نى كەچۈرسۇن ۋە رەھىم قىلسۇن، ئامىن! بۇ ھادىسە مەن بىلەن ياشىغان، كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ھادىسىدۇر. كۆرگۈچى بىلەن ئاڭلىغۇچى ئوخشاش ئەمەس ئەلۋەتتە.(بۇ سۆز كىتابنىڭ ئاپتۇرىنىڭ سۆزى كەڭسايغا يوللىغۇچىنىڭ سۆزى ئەمەس)
چوڭ بىر پايدا
جىن، شەيتانلار ھەققىدىكى تەتقىقاتىمىزنى چوڭ بىر پايدىلىق سۆزنى ئوتتۇرىدا قۇيۇش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز. ئۇ بولسا: شەيتانلاردىن ساقلىنىش، ئۆزىنى قۇغداش تۆۋەندىكى يەتتە چارىنىڭ بىرىنى ئىشلەش بىلەن مۇمكىن. 1- چارە، قوغلاندى قىلىنغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن دېگەن دۇئانى كۆپ ئۇقۇش.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى:«ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ (يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) ئاللاھغا سېغىنىپ(شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تېلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. »دېدى[سۈرە فۇسسىلەت 36-ئايەت]
2-چارە، ئايەتۇل كۇرسىنى ئۇقۇش. (قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى سۈرە بەقەرە 255- ئايەتكە قارالسۇن)
يۇقىرىدا سەھىھۇل مۇسلىمدىكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زاكات خورما ئوغۇرلىغان شەيتان توغرىسىدىكى ھەدىستە ئايەتۇل كۇرسى ئۇقۇغۇچىغا جىن، شەيتان يېقىن كەلمەيدىغانلىقى سۆزلەندى.
3-چارە، سۈرە بەقەرەنى باشتىن ئايغىغىچە تۇلۇق ئۇقۇش. ئىمامى مۇسلىم نەقىل قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئۆيۈڭلارنى قەبرىستاندەك (قۇرئان ئۇقۇشتىن خالىي ئۇرۇن) قىلماڭلار! (يەنى ئۆيۈڭلاردا قۇرئان تىلاۋەت قىلىڭلار!) سۈرە بەقەرە تىلاۋەت قىلىنغان ئۆيدىن شەيتان قاچىدۇ.»
4-چارە، كەلىمە تەۋھىدنى ھەر كۈنى يۈز قېتىم ئۇقۇش. (باش ئىگىپ ئىبادەت قىلىشقا ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقلىق كىشى يوق. ئاللاھ تائالا تەڭداشسىز. يالغۇز، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، بارلىق ئالەم ئۇنىڭ ئىلكىدە، ھەمدۇ - سانا ئۇنىڭغا خاس. ئۇ ئاللاھ ھەر نەرسىگە كۈچى يەتكۈچى) رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام:« ھەركىم بۇ كەلىمىنى يۈز قېتىم ئۇقۇسا، ئون قۇل ئازاد قىلغان بىلەن باراۋەر ھەم ئۇ كىشىگە يۈز ياخشى ئىشنىڭ ساۋابى بۇلىدۇ. يۈز كىچىك خاتالىقى ئۆچۈرىلىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە بۇ كەلىمە شۇ كۈنى كەچكىچە شەيتاندىن قۇغدىغۇچى بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئۇقۇغۇچىدىن باشقا كىشى بۇنىڭدىن ئەۋزەل ئىشنى قىلالمايدۇ»دېدى.
5-چارە، ئاللاھ تائالاغا زىكرى ئېيتىش (دىلدا ياد قىلىپ، تىلدا قۇرئان تىلاۋەت، تەسبىھ، تەھلىل ئۇقۇش)
ئىمامى تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئېيتتى:«زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام، ئوغلى يەھيا ئەلەيھىسسالام خالايىقلارغا ئېيتتى:<سىلەرنى ئاللاھ تائالانى زىكرى قىلىشقا بۇيرۇيمەن. زىكرى ئېيتقان كىشىنىڭ ئەھۋالى ئارقىسىدىن دۈشمەن قوغلاپ ماڭغان ئادەم مۇستەھكەم ئېگىز سېپىل ئېچىگە كىرىۋېلىپ دۈشمەندىن ئۆزىنى قوغداپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ، بەندە ئاللاھ تائالانى ئەسلەش، زىكرى ئېيتىشتىن باشقا چارە بىلەن ئۆزىنى شەيتاندىن ساقلىيالمايدۇ>.»(بۇ ھەدىسنى ئىمامى تىرمىزى رىۋايەت قىلدى)
6-چارە، ئاچچىقى كېلىپ قالغاندا تاھارەت ئېلىش.
ھەر كىم ئاچچىقى كېلىپ قالغاندا تاھارەت ئالسا، شەيتاننىڭ جىنايەت قىلدۇرىشىدىن ياكى ياخشى ئەمەس سۆز - ھەرىكەتتىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاچچىقى كېلىش شەيتاندىن، شەيتان ئوتتىن يارىتىلغان، ئوتنى سۇ بىلەن ئۆچۈرىدۇ. قايسى بىرىڭلارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالسا تاھارەت ئالسۇن»دېدى.(ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى)
ئەسكەرتىش: دىنىنى، يۇرتىنى، ئېلىنى قۇغداش يولىدىكى ئاچچىق شەيتاندىن ئەمەس. ئىماندىن ، ۋىجداندىندۇر. ئۆزئارا تۇغقان، قۇشنا، دوستلار ئارىسىدىكى تۇرمۇش مۇئامىلىرىدە ئاچچىقى يامان بۇلۇپ زىددىيەت، ئاداۋەت، ماجرا تۇغدۇرۇش شەيتاندىن، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇشۇ تەرەپنى دېمەكچى، غالىبەن ۋەللاھۇ ئەئلەم.
مەنبە:مۆئمىنلەر ئەقىدىسى
تىما ئۇزۇن بۇلاپ قالدى ئۇقۇغۇچە كۈزۈڭلارمۇ ئاغرىپ كېتىدىغان بولدىدە