باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 338 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۈرك ئاياللىرى - 03
دوستلىشىش
ozturkler
Benim Için Yazilmiş Bir Şarkisin
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 224
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە224دانە
ئۆسۈش: 4540 %
مۇنبەر پۇلى: 5345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-14 23:51

تۈرك ئاياللىرى - 03

رەسىم:
تۈرك ئاياللىرىنىڭ تارىختىكى ئورنى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيۇسى خەۋىرى:
تۈرك ئاياللىرىنىڭ تارىختىكى ئورنىنى تەتقىق قىلغىنىمىزدا، ئىسلام دىنىنىڭ تۈرك ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇشىغا نىسبەتەن مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى كۆرىمىز. كۈچمەنلىك دەۋرىدىكى تۈرك ئاياللىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئەركەكلەرچە خاراكتېرگە ئىگە ئىدى. ئەرلەرگە ئوخشاش ئاتقا مىنەتتى، ئوق ئېتىپ، قىلىچ ئىشلىتەتتى. ھەتتا دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشاتتى. ئۇلارنىڭ كېيىم شەكلىمۇ ئەرلەرنىڭكىگە ئىنتايىن ئوخشىشىپ كىتەتتى. شۇڭا تەبىئىي ھالدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى تۈرك ئاياللىرى پەرەنچە ئورىمايتتى. ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىنمۇ ئىنتايىن تەستە پەرەنجە ئورايدىغان بولغان ئىدى.
ئىبنى فەدلان ئۆز ئەسىرىدە، ۋولغا ئەتراپىدىكى خەلقلەر بىلەن سىلاۋ بولغار ئاياللىرىنى ئىسلامغا كىرگەنكەندىن كېيىنمۇ يۈزىنى يۆگەشكە قايىل قىلالمىغانلىقى ۋە قايىل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن شۇنچە تىرىشچلانلىقلانىڭ بىكار كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۆكۈنۈشلەردە بولغان ئىدى. ئىبنى بەتۇتەمۇ «ھەممە ئىش تۈركلەرنىڭ كۆز ئالدىدا يۈزىگە ھېچ نەرسە تاقىمىغان شەكىلدە داۋام قىلاتتى» دەپ يازغان  ۋە بۇنى ھەر دائىم قاملاشمىغان بىر ئىش سۈپىتىدە كۆرسەتكەن ئىدى. بۇلاردىن ئەسىرلەر كېيىن ئانادولۇدىكى سەيياھلارمۇ خۇددىي شۇلارغا ئوخشاش ھەيرانلىقىنى ئىپادىلەپ، «ئانادولۇق ئاياللار يۈزلىرىنى ئورىمايتتى. تۈرك ئاياللىرى ۋە قىپچاقلارمۇ يۈزىنى ئورىمايتتى» دەپ يېزىشقان ئىدى. پىلان چارپىن  بىلەن بىرلىكتە باشقا كىشىلەرمۇ تۈرك ئاياللىرىنىڭ ئەخلاق - پەزىلەتلىرىگە شاھىد بولغان بولۇپ، ئۇلار: «ئاياللار ناھايىتى پاكىز، نۇمۇسچان، ئەخلاقلىق ئىدى. تۈرك ئاياللىرىنىڭ ئەخلاققا زىت ئىش قالغانلىقى ھەققىدە ئەرلەرنىڭ ئېغىزىدىن بىر ئېغىزمۇ سۆز ئاڭلىغىلى بولمايتتى»  دەپ يېزىشقان ئىدى.
قىزلار ئاساسەن دېگۈدەك ئانىسى بىلەن دادىسىغا مەھكەم باغلىنىشلىق بولاتتى ۋە ئۆي ئىچىدە ئوغۇللار بىلەن باراۋەر سالاھىيەتكە ئىگە ئىدى. 9 - ئەسىردە ئىبنى كۈستەھ ۋە 11 - ئەسىردە بولسا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ توپلىغۇچىسى بولغان ئەل بەكرى، تۈرك قىزلىرىنىڭ بويىغا يەتكەندىن كېيىن ئەركىن بولىدىغانلىقىنى، بويىغا يەتكەندىن كېيىنلا دادىنىڭ قىز ئۈستىدە ھېچ قانداق ھۆكۈمرانلىقى قالمايدىغانلىقىنى، قىزلارنىڭمۇ كىمنى ياختۇرسا، شۇنى ئەرلىككە تاللىيالايدىغانلىقىنى يازغان ئىدى. بۇ ئەركىنلىكنىڭ چەك - چېگراسى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت. جۇڭگۇنىڭ تارىخ مەنبەلىرىگە كۆرە، ئايال ئەرگە باغلىنىشلىق بولغانلىق ئۈچۈن قىزمۇ تەبىئىي ھالدا مەلۇم دەرىجىدە يەنىلا دادىغا باغلانغان بولاتتى. ئەرنى ئەركىن تاللاشقا كەلسەك، نۇرغۇنلىغان تارىخىي مەنبەلەر، تۈرك قىزلىرىنىڭ بۇنداق ئەركىن تاللاش ھوقۇققىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. دەدە قورقۇت داستانىدىمۇ ياشلارنىڭ بىرى - بىرىنى تونۇشلىرى ۋە بىر - بىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ياختۇرۇشلىرى، مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشنىڭ تۈرتكلىك ئامىلى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدۇ.
تۈرك ئاياللىرىنىڭ تەنتەربىيە تۈرىگە كىرىدىغان پائالىيەتلەر بىلەنمۇ ئەركىن  شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېيتالايمىز. بۇرۇنقى دەۋرلەردە جۇڭگۇلۇقلار تۈركلەر ھەققىدە سۆز قىلغاندا، ئەرلەرنىڭ زار ئويناشقا ۋە ئاياللارنىڭ پۇتبول ئويناشقا ئامراق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشاتتى. ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاش ئاتقا مىنەتتى. قىپچاق ئالدىنقى سەپلىرىدە ئورۇن ئالماشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئېغىر ھارۋىلارنى ھەيدەيتتى. قىلىچ ياكى نەيزە كۆتۈرۈپ يۈرۈشەتتى، ئوق ئاتالايتتى. زورۇر تېپىلغاندا ئۇرۇشقا كىرەلەيتتى. ئىبنى بەتۇتە ھەر بىر خانىشنىڭ ئارقىسىدا ئاتلارغا مىنگەن 50 نەپەر ياش قىزنىڭ ھەمدە ھارۋىنىڭ ئالدىدا تەخمىنەن 20 گە يېقىن ئاتلىق  مويسىپىت ئاياللارنىڭ  بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. پىلان چارپىن بولسا، «قىزلار بىلەن ئاياللار ئاتلىق ماڭاتتى. بىرەر ئەر يېتەكچىلىك قىلغاندا ئاتلىرى تۆت پۇتلۇق بولۇپ چاپاتتى» دەپ يازغان ئىدى.  گۇئىللامە دە روبرۇك، ھازىرقىي جەنۇبىي ئوكرائىنا تۈزلەڭلىكلىرىدە، ۋىجىكىننە بىر ئايالنىڭ يىگىرمە - ئوتتۇز ھارۋىنى باشقۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. پىلان چارپىن يەنە، ئۇلارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشاش ئوقدان ۋە ئوقيا ئېسىپ يۈرىدىغانلىقىنى يازغان ئىدى.
شۈبھىسىزكى، ئۇرۇش قىلىش ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس ئىدى، ئەمما شۇنداقتىمۇ زورۇر تېپىلغاندا ئاياللار ئۇرۇشقا قاتنىشىشتىن قەتئىي ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايتتى. يوئىنۋېللەگە ئوخشاش بەزى يازغۇچىلار بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ چىققان ئىدى. تۈرك خەلق ئەدىبىياتىدىمۇ قەھرىمان يېگىتلەرنىڭ يېنىدا بىرگە ئۇرۇشقا كىرگەن ياش قىزلارنىڭ تەسۋىرلىرىنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
تېخىمۇ ئارقىغا قارايدىغان بولساق، ئوتتۇرا ئاسىيادا ھونلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى داۋاملىشىۋاتقان دەۋرلەردە ھون ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمدارى "خاقان"نىڭ ئايالى (يەنى خانىشى) بىلەن بىرلىكتە ھاكىمىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. خەلق ئاراسىدىن چىققان ھون ئاياللىرى ئەرلەر بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا كىرەلىشى ئۈچۈن ياخشى تەربىيەلىنەتتى. بېشىدىن تىرنىقىغىچە تولۇق قوراللاندۇرۇلاتتى. 8 - ئەسىرگە تەۋە ئۇرخۇن يازملىرىدىمۇ تۈرك ئاياللىرى ھەققىدە توختىلىنغان بولۇپ، قەدىمقى تۈرك ئائىلىرىدە بىر قىز پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كېلىشى باشقا مىللەتلەردىكى گە ئوخشاش ئەلەملىك ئىش ياكى نۇمۇسلۇق ئىش ھېسابلانمايتتى. بەلكى ئەكسىچە، بەزى ئاياللارنىڭ قىز پەرزەنتلىك بولۇش ئۈچۈن تەڭرىگە يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇغۇز مەلىكىلىرىنىڭمۇ شۇنداق تىلەكلەردە بولغانلىقى مەلۇم. ئۇرخۇن يازمىلىرىدا يەنە «دۆلەتنى باشقۇرۇدىغان خاقان ۋە دۆلەتنى چۈشىنىدىغان خاتۇن (يەنى خانىش)دۇر» دېگەن جۈملىلەرنى  ئۇچرىتىمىز. ئەنئەنىلەرگە كۆرە، «خاقان بۇيرۇيدۇكى» دەپ باشلانغان بىر ھۆكۈمنامە چۈشۈرۈلسە، ئىناۋەتسىز ھېسابلىناتتى. ئەمما «خاقان ۋە خانىش بۇيرۇيدۇكى» دەپ باشلانغان بولسا، ئىناۋەتلىك ھېسابلىناتتى. چەتئەللىك دىپلوماتلار ۋە ئەلچىلەرمۇ خاقان يالغۇز چاغدا قوبۇل قىلىنمايتتى، بەلكى خانىش بىلەن خاقان بىرلىكتە ئولتۇرغان چاغدىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ ھوزۇرىغا كېرەلەيتتى. خاقان ئوڭ تەرەپتە تۇراتتى ۋە يېنىدىكى خانىشى ئەلچىگە تونۇشتۇرۇلاتتى. مەيلى ئۇرۇشتا بولسۇن، مەيلى سىياسىي يىغىنلاردا بولسۇن، مەيلى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە بولسۇن، ھەممىلا يەردە ئاياللار ئەرلىرىگە ھەمراھ بولاتتى. ئائىلىدە بالىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى يالغۇز ئاياللارنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويۇلمايتتى، ئەرلەرمۇ تەڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالاتتى. تۇل قالغان ئاياللار بالىلىرىنىڭ بىردىن بىر قۇغدىغۇچىسى ۋە ئائىلىنىڭ بىردىن بىر باشقۇرغۇچىسى بولاتتى. ئائىلە سىستېمىسى قەدىمقى گېرمان قەبىلىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئايال بىلەن ئەر ئائىلىنىڭ مەسئۇلىتىنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان سىستېمىنى ئاساس قىلاتتى.  ئائىلىدە ئەر بىلەن ئايال ئۈچۈن "ئود ئاتا" (يەنى ئاتا تەڭرى) ۋە "ئود ئانا" (يەنى تەڭرى ئانا) دەپ ئاتىلىدىغان ئايرىم - ئايرىم تەڭرىلەرنىڭ ھەيكىلى ساقلىناتتى.
ئاياللار ئەركەكلەرچە ياشاش ئىقتىدارىنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئىلگىرى ئۆزلىرىگە خاس ئىشلار بىلەنمۇ شۇغۇللىناتتى. پەرزەنتلىرىنى بويىغا يەتكەنگە قەدەر تەربىيىلەيتتى. يۇڭ ئېگىرىپ، كېيىم تېكەتتى. تون، چاپان، كۆينەك، ئاياغ، خوجۇن قاتارلىق نەرسىلەرنى تېرىلەردىن ياسايتتى. سۇت سېغىش، سىرىقماي ياساش بىلەنمۇ شۇغۇللىناتتى. شۇڭا تۈركلەر ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىنمۇ مۇسۇلمانلىق دەۋرىدىن ئىلگىرىگە ئوخشاش تۈرك ئاياللىرى نە يۈزلىرىنى ئورىمايتتى، نە ئەرلىردىن ئايرىم ئولتۇرمايتتى. ئەرلەر بىلەن ئىنتايىن قويۇق ئىچكى تاشقى مۇناسىۋەت ئىچىدە ياشايتتى. ئەرلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارغا نەسىھەت قىلاتتى، ئەرلەرمۇ ئاياللارنىڭ نەسىھەتىنى ئاڭلايتتى. دەدە قۇرقۇت داستانىدىمۇ «بېگىل ئۆز ئايالىنىڭ ياخشى چۈشىنىپ، ياخشى سۆز قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى» دەپ يېزىلغان ئىدى. ئاياللار ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ۋە ھەر خىل مۇراسىم، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە تەڭ قاتنىشاتتى. مۇراسىملاردا ئەر ئايال مېھمانلار تەڭ چاقىرىلاتتى ۋە ئەر - ئاياللار بىرلىكتە مېھمانغا باراتتى. دەدە قورقۇت داستانىنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا، ھەرقانداق بىر ئەرنىڭ دۇچ كىلىش ئېھتىمالى بولغان تۆت خىل ئاياللار تىپى، ئۇلارنىڭ كەمچىللىكلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى بايان قىلىنغان ئىدى ھەمدە ئۆيدە ئەر كىشى بولمىسىمۇ مېھماننى كۈتۈپ، يىگۈزۈپ، ئىچكۈزۈپ،  مېمھمانغا دوستانە مۇئامىلە قىلغان ئاياللار ئالاھىدە مەدھىيەلەنگەن  بولۇپ، «بۇنداق ئايال ئۆينىڭ تۈرىكىدۇر» دېيىلگەن ئىدى.
ئىبنى بەتۇتە، خارىزىمدا قىپچاقلار دۆلىتىدىكىگە ئوخشاش سەلجۇقىيلار دۆلىتىدىمۇ ئاياللارنىڭ مېھماندوستلىقىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا قاتتىق ھەيران قالغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇ «قەيسىرىدە تاغى خانىش بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئورنىدىن تۇردى. ئەدەپلىك بىر شەكىلدە سالام بەردى. بىز بىلەن ناھايىتى ئالىيجاناپ تىلدا سۆھبەتلەشتى ھەمدە بىزگە يېمەك - ئىچمەك كەلتۈرۈلۇشى ئۈچۈن بۇيرۇق بەردى» دەپ يازغان ئىدى. ئۇ يەنە بولۇ ئەتراپىدا بىر ئايالنىڭ ئۆيىدىمۇ مېھمان بولۇپ تاماق يېگەن ئىدى. ھارزىزىم ئەمىرىنىڭ ئايالى تارابەج، ئىبنى بەتۇتەنىڭ شەرىپىگە ئالاھىدە مۇراسىم ئورۇنلاشتۇرغان ۋە شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىلەن ئىلغار زاتلىرىنى سورۇنغا جەم قىلغان ئىدى. كېيىنكى چاغلاردا تېمورنىڭ دەۋرىدە كاستىيلارنىڭ ئەلچىسى دون رۇي گونزالەسمۇ تۈرك ئاياللىرىنىڭ مۇراسىملارغا قاتناشقانلىقىنى بىر قانچە قېتىم بايان قىلغان ئىدى. ئۇ تېمۇرلەڭنىڭ ئەنقەرەدە بەيازىتقا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، شەرىپىگە بەرگەن زىياپەتكە قاتناشقانلىقىنى ھەمدە تېمۇرلەڭنىڭ بۇ زىياپەتكە دۆلەتنىڭ مۆتىۋەر ئەربابلىرىنى پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە دەۋەت قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىرلىكتە ئۇلتۇرسا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! روبرۇك ۋە رادلوۋغا ئوخشاش كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا كۆرە، خان سارىيىنىڭ، (يەنى ئائىلە) ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ ئەر ئايال  بىلەن  بولغان مۇناسۋەتلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ساراي ئىشىكى قوياشقا ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزسىدىن قوياشنىڭ ئەڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىدىغان  جەنۇپ تەرىپىگە قارىتىلىپ ئېچىلاتتى. ساراي ئىچىدىكى يۇمۇلاق ساھە ئەرلەر غەرپ تەرەپتە ۋە ئاياللار شەرق تەرەپتە ئولتۇرىدىغان شەكىلدە ياسالغان بولۇپ، جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ سېزىلغان ئۇزۇن بىر سىزىق بىلەن ئىككىگە ئايرىلىپ تۇراتتى. بىر تەرىپىدە يېمەك ئىچمەك ۋە ئۆي ئىچى بويۇملىرى قويۇلاتتى، يەنە بىر تەرەپتە تەڭرىلەرنىڭ ھەيكەللىرى قويۇلاتتى. ساھىبخان مېھمان چاقىرغان چاغدا ئازراق غەربكە بۇرۇلغان شەكىلدە ساراي ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلىدا،  ئايالى بولسا، ئەرنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئازراق شەرققە بۇرۇلغان شەكىلدە ئولتۇراتتى. مېھمانلار ئۇنىڭ سول تەرىپىدىكى جايدىن ئورۇن ئاللاتتى. ناۋادا بىرەر ئەلچى ھۆكۈمدارنىڭ بارىگاھىغا قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە،  تەختنىڭ سول تەرىپىدىن، يەنى ئاياللار ئوتتۇرىدىغان تەرەپتىن ئىچكىرىگە ئېلىناتتى ۋە دۆلەت مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپكە يەنى، ئەرلەر تەرەپكە ئۆتەتتى.  بۇنداق بىر سىستېما خۇددى كائىنات سىستېمىسىغا ئوخشاش سارايدىمۇ تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ (يەنى بۇ ئىككى جىنسنىڭ) ئوتتۇرىسىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان توساقلارنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.