ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم~~~ بۇ پەتىۋالار بىلەن بىزنى ئۇچراتقىنىڭىزغا رەھمەت.
دىنىمىز ئەزەلدىن ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىشىنى چەكلىگەن ئەمەس،بىراق جەمىيىتىمىزدە ئۆزىنى ئېرى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى باشقىلار ئۈچۈن ياسايدىغان ئاياللار ۋە شۇنداق ئايالى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ئەرلەر كۆپىيىپ كېتىۋاتقاچقا،نۇرغۇن ئاياللار ئۆيدە ئۆزىنى تاشلېۋېتىدىغان،سىرتقا ياسىنىپ چىقىدىغان ئەھۋاللار ئېغىر بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.مانا ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى ئاجرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.دىنىمىزنى ھەقىقىي چۈشىنىش ۋە تۇرمۇشىمىغا تەدبىقلاش بىزدە كەم بولىۋاتىدۇ.نەپسىمىزگە مۇۋاپىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ،نەپسىمىزگە زىتلىرىنى ئاللىقانداق باھانىلەر بىلەن ئەتراپتىكى مۇھىتقا ۋە شارائىتىمىزغا ئارتىپ قويىۋاتىمىز.تولىمۇ ئەپسۇس،شۇ باھانىلىرىمىز ئاللاھ ئالدىدا ھەم كۈچكە ئىگە بولسا ئىدى ھە~~~