查看完整版本: [-- گىرىم ۋە ناماز ھەققىدە پەتۋالار --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خانىم - قىزلار -> گىرىم ۋە ناماز ھەققىدە پەتۋالار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ay-turk 2011-09-14 12:43
سۇئال :ئايال كىشى ئۆيىدە زىينەت بويۇمى ۋە گىرىم بويۇملىرى ئارقىلىق گىرىم قىلغان بولسا نامازنىڭ ۋاقتى كەلگەندە گىرىم بىلەن ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟  
جاۋاپ بەرگۈچى ئابدۇللا فەقىھ نازارەتچىلىكىدىكى پەتۋا كومىتىتى.  
  ۋاقتى:2002-يىلى1-ئاينىڭ 8-كۈنى.    پەتۋا نومۇرى:12501  
   بارلىق مەدىيھە ئالاملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاغا مەنسۇپ، رەھمەت ۋە خاتىرجەملىك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئەگەشكۈچىلىرىگە بولسۇن.   
   ئەگەر (پۇراقسىز)گىرىم تاھارەتتن كىيىن قىلىنغان بولسا ياكى تاھارەتتىن بۇۇرن قىلىنغان بولسىمۇ سۇنىڭ يۇزىگە يىتىشىنى توسۇۋالمايدىغان بولسا ئاللا خالىسا مەسىلە يوق. ئەگەر گىرىم تاھارەتتىن بۇۇرن قىلىنغان بولسا ھەم سۇنىڭ يۈزىگە يىتىشتىن توسۇۋالسا سۇنڭ يۈزىگە يەتمەسلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن گىرىمنى يوقىتىش ۋاجىپ. ئەگەر گىرىم نىجاسەت نەرسىدىن ياسالغان بولسا نامازنىڭ دۇۇرس بولۇشى ئۈچۈن سۇ ئارقىلىق ئۇنى يوقىتىش ۋاجىپ. ئاللاھ ئەڭ ئالىم.
 ئادرىسى: http://www.islamweb.net/fatwa/index.php?page=showfatwa&Option=FatwaId&lang=A&Id=12501   
   س: گىرىم بىلەن ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكۈمى نىمە؟  
    پەتۋا بەرگۈچى شەيىخ مۇھسىن ئال ئۇسفۇر.   
   ناھايتى شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.  
ئەگەر گىرىم لەۋ سۇرۇق، مەڭزىگە ئىشلىتىدىغان بوياق،سۈرمىگە ئوخشاش كۆز گىرىملىرى بولسا ئۇنىڭ نامازنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا تەسىرى يوق. ئەمما پىشانە دىگەندەك سەجدە قىلىدىغان ئورۇنلارغا قىلىنغان گىرىم پىشانە تىرىسىنى توسۇۋالمىغۇدەك دەرىجىدە بولسا ناماز دۇۇرس، توسۇۋالغۇدەك دەرىجىدە قىلىن بولسا ناماز باتىل بولىدۇ. يەنە ناماز بولمايدۇ.   
   نۇرغۇن ئاياللار توي مۇراسىملىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن غەيرى مۇسۇلمانلارئاياللارنىڭ ساتراچخانىسىغا بىىرپ گىرىم قىلدۇرۇشدىن بۇۇرن ئەسىر ،شام نامازلىرىغا تاھارەت ئىلىۋالىدۇ.بىز باشتا ئىيتقىنىمىزدەك گىرىم سەجدە ئورۇنلىرىنى توسۇۋالىدۇ، ھەم كافىر ساتراچلا نىجاسەت مايلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلانمايدۇ، پىشانىنىڭ سەجدىگاھقا تىگىشى ۋە كىيىمنىڭ ۋە بەدەننىڭ نىجاسەتتىن پاك بولۇشى نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بولغاچ بۇ خىل ھالەتتە ناماز دۇرۇس بولمايدۇ.
   
  مەنبەسى:
http://www.al-asfoor.com/fatawa/index.ph 
 س:ئەسسالام ئەلەيكۇم ،مەن ئىرىم ئۈچۈن گىرىم قىلىمەن ،يۈزۈمدە گىرىم بار ھالەتتە ناماز ئوقۇسام دۇرۇس بولامدۇ؟
پەتۋا بەرگۈچى  ئىئوردانىيەلىك مۇفتىۋە ئىسلام شەرىئىتى ئۇستازى دوكتۇر شەيىخ ئەھمەد ھەۋۋا.   

ج: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى، ئەگەر گىرىم تاھارەت ئالغان چىغىڭدا سۇنىڭ ئەزالىرىڭغا يىتىشىىدن توسۇپ قالمىسىلا نامىزىڭ دۇرۇس بولىدۇ، توسۇۋالسا تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كىيىن گىرىم قىل.  
مەنبەسى:[url=http://www.baghdadch.tv/fatwa.php?id=1955]http://www.baghdadch.tv/fatwa.php?id=1955
   
  ئايال كىشى ئالتۇن ۋە گىرىم بويۇملىرى بىلەن زىينەتلىنىپ ناماز ئوقۇسا دۇۇرس بولامدۇ؟ [/پەتۋا بەرگۈچى شەيىخ بىن باز رەھىمەھۇللاھۇ ئەنھۇ.  
    ئايال كىشى ئالتۇن، چىرايلىق كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ، گىىرم بويۇملىرى نىجاسەت بولماي پاكىز بولسا  ئاللادىن قوركۇپ،ئاللاغا مۇلاقات بولۇپ ناماز ئوقۇسا ناماز دۇرۇس بولىدۇ، ئاللا قۇرئان كەرىمدە‹‹ ئى،ئادەم بالىلىرى سىلەر نامازغا تۇرغاندا زىينەت كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار.سۈرە ئەئراف 31-ئايەت.››دەيدۇ. مۇسۇلمان ئەر نامازغا تۇرغاندا ياخشى كىيىم،ياخشى سەللە بىلەن ناماز ئوقۇش بەلگىلەنگەندەك مۇسۇلمان ئايالغىمۇ يات ئەرلەردىن يۇشۇۇرنغان بولسا  چىرايلىق كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇسا ھىچقىسى يوق. گىرىم دىگەن يۈزنىڭ زىينىتى، يۈزنى زىينەتلەيدىغان،  نۇرلاندۇرىدىغان ئەمما زىيان قىلمايدىغان نەرسىلەرنى يۈزىگە سۈرىتىشتە چاتاق يوق، ئاللا سىلەرگە مۇكاپات بەرسۇن.

مەنبەسى:
http://www.binbaz.org.sa/mat/14647

مەنبەسى (مىسرانىم تورىدىن يۆتكەلدى)

ay-turk 2011-09-14 19:41
  
   س:ئەسسالام ئەلەيكۇم ،مەن ئىرىم ئۈچۈن گىرىم قىلىمەن ،يۈزۈمدە گىرىم بار ھالەتتە ناماز ئوقۇسام دۇرۇس بولامدۇ؟ ,  پەتۋا بەرگۈچى  ئىئوردانىيەلىك مۇفتىۋە ئىسلام شەرىئىتى ئۇستازى دوكتۇر شەيىخ ئەھمەد ھەۋۋا.    
ج: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى، ئەگەر گىرىم تاھارەت ئالغان چىغىڭدا سۇنىڭ ئەزالىرىڭغا يىتىشىىدن توسۇپ قالمىسىلا نامىزىڭ دۇرۇس بولىدۇ، توسۇۋالسا تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كىيىن گىرىم قىل.    
  ماۋۇ مەزمۇن چاپاق چىقىپ قاپتۇ باشقۇر غۇچىلار ئوڭشاپ قويساڭلار

ئەلى 2011-09-14 20:51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم~~~ بۇ پەتىۋالار بىلەن بىزنى ئۇچراتقىنىڭىزغا رەھمەت.
دىنىمىز ئەزەلدىن ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىشىنى چەكلىگەن ئەمەس،بىراق جەمىيىتىمىزدە ئۆزىنى ئېرى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى باشقىلار ئۈچۈن ياسايدىغان ئاياللار ۋە شۇنداق ئايالى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ئەرلەر كۆپىيىپ كېتىۋاتقاچقا،نۇرغۇن ئاياللار ئۆيدە ئۆزىنى تاشلېۋېتىدىغان،سىرتقا ياسىنىپ چىقىدىغان ئەھۋاللار ئېغىر بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.مانا ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى ئاجرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.دىنىمىزنى ھەقىقىي چۈشىنىش ۋە تۇرمۇشىمىغا تەدبىقلاش بىزدە كەم بولىۋاتىدۇ.نەپسىمىزگە مۇۋاپىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ،نەپسىمىزگە زىتلىرىنى ئاللىقانداق باھانىلەر بىلەن ئەتراپتىكى مۇھىتقا ۋە شارائىتىمىزغا ئارتىپ قويىۋاتىمىز.تولىمۇ ئەپسۇس،شۇ باھانىلىرىمىز ئاللاھ ئالدىدا ھەم كۈچكە ئىگە بولسا ئىدى ھە~~~

زىلالە 2011-09-14 23:51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تېمىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم ، ئەمما ئاخىردىكى :


_  ئەسكەرتىش : بۇ ھەقتە پەتۋالار ناھايتى كۆپ بولۇپ مەزمۇنى ئوخشاش بولغاچقا  مۇشۇلارنى تەرجىمە قىلىش بىلەن كۇپايىلەندىم.بۇ پەقەت تەرجىمە پەتۋا بولۇپ ھۇجۇم قىلىدىغانلار ماڭا ھۇجۇم قىلماي ئەرەپچە بىلسە  ئادرىسنىمۇ يوللدپ قويدۇم ، شۇ تورلارغا كىرىپ ھۇجۇم قىلغاي، ئەرەپچە بىلمىسە ئۈگۈنۈپ ئاندىن كىرىپ ھۇجۇم قىلغاي،

دىگەن گەپلىرىڭىزنى ياقتۇرمۇدۇم . سىزگە بىرەرسى ھۇجۇم قىلغانمىتى ؟ ئەرەپچىگە بەك ئۇستا ئوخشايسىز ھە ؟ ئۇلۇغ ئاللاھ بىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن . ئادەم قانچە بىلىملىك بولغانسىرى شۇنچە كەمتەر بۇلىشى كىرەك . تەكەببۇرلۇق ياخشى ئادەت ئەمەس .........

تاھىربەگ 2011-09-15 00:03
گىرىم بويۇملىرىنىڭ تەركىبىگىمۇ دىققەت قىلىشى كىرەك ، بولۇپمۇ بىزنىڭ دىياردىكى خاتۇن_قىزلار  .  

muslima32 2011-09-15 00:48
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبارىكاتۇھۇ ھەمشىرەم ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ناھايتى ياخشى تېمىكەن ،
ئۇللۇغ ئاللاھ ھەر ئىككىلا ئالەمدە ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن تىمىڭىزنى ئۇقۇپ ناھايتى مەنمۇن بولدۇم  رەھمەت سىزگە مۇشۇنداق ياخشى تىمىلار بولسا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرارسىز مەن بۇ جەھەتتىن ئىكىلنىپ بەك قىينالغان ئىدىم . بۇ تىمىڭىزنى كۆرۈپ خىلىك كۆپ نەرسىنى بىلىۋالدىم . بەلكىم نۇرغۇن ھەمشىرلەر بۇ تىمىڭىزنى كۆرۈپ سىزدىن خوش بولىشى مۈمكىن ،ئاللاھ ئىگەم بىلىمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن ئەزىز تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن ئامىن......................................................

ئۆزتۈرك 2011-09-15 16:40
ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم تىمىڭىزنى بەك ياخش يىزىپسىز  ھەدەلەر سىڭللار بەكمۇ دىققەت قىلىڭلار گرىم بۇيۇملىرى ھەقىقەتەن ئۇيلىنىشقا تىگىشلىك مەسلە بۇلۇپ قالدى ھالالدىن ، ھارامى ، كۇپىيىپ كاتتى شۇ ڭا قاتتىق دىقەت قىلىش كىرەك ئاللا ھەممىڭلاردىن رازى بۇلسۇن،،،،،،،،،

arslantikin 2011-09-15 17:00
ئاللا سىزگە مۇكاپات بەرسۇن   تېمىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم

mujahidin 2011-09-19 18:28
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.قېرىندىشىم.

تېمىڭىزدىن كۆپ مەنپىئەتلەندۇق.

گىرىمنى ئەسلى سەتلەر قىلىدۇ. چىرايلىقلار گىرىم قىلمايدۇ.

مۇسلىمە ئاياللار دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئاياللاردۇر.

مېنىڭچە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىشنىڭ ھىچقانداق زۇرۇرۇيىتى يوق.


查看完整版本: [-- گىرىم ۋە ناماز ھەققىدە پەتۋالار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.048804 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us