بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
توشقان گۆشى ھالال،
ھىشام ئىبنى زەيد ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ بوۋىسى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز مەررىززەھران دېگەن جايدا بىر توشقاننى قاچۇرۇپ قويدۇق. كىشىلەر خېلى يۈگۈرۈپ بېقىپ، ئۇنى تۇتالماي ھېرىپ قېلىشقاندا مەن ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋالدىم. ئۇنى ئەبۇ تالھەگە ئېلىپ كەلسەم، ئۇنى بوغۇزلاپ ئىككى ساغرىسى-ياكى ئىككى پۇتىنى-رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى قوبۇل قىلدى.(سەھىھەين: بۇخارى 5535-ھەدىس. مۇسلىم: 1953-ھەدىس)
ئىمام نەۋەۋىي دېدى: "توشقان گۆشىنى يېيىش مالىك، ئەبۇ ھەنىيفە، شافىئىي، ئەھمەد ۋە بارلىق ئۆلىمالار نەزىرىدە ھالالدۇر، پەقەتلا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن ئىبنى ئەبى لەيلا ئىككەيلەندىن مەكروھ دەپ قارىغانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ دەلىلى مۇشۇ ھەدىس بىلەن شۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىسلەردۇر، ئۇنى چەكلەش توغرىسىدا بىرەر سەھىھ دەلىل ئسىپاتلانمىغان."(شەرھى سەھىھى مۇسلىم 13/105)
ئىمام كەرخى مۇنداق دېگەن: "ئىماملىرىمىز توشقان گۆشىنى يېسە بولىدۇ، ئۇ يىرتقۇچمۇ ئەمەس، تاپ يەيدىغان ھايۋانلاردىنمۇ ئەمەس، دەپ قارايدۇ."(ئۇمدەتۇل قارىي 21/136)
دىيارىمىزدىكى بەزى سەھرالىق نادان كىشىلەردىن ئاڭلىشىمچە: توشقاننى يىلدا بىر قېتىم يەپ قويسا بولارمىش، ئۇندىن كۆپ يېسە بولمايمىش. بۇنىڭغا ئوخشىغان ئاساسى يوق گەپلەر كۆپ.
يەنە بەزىلەر: توشقاننى ھەيز كۆرىدىغان بولغاچقا ئۇنى يېسە بولمايدۇ، دېيىشىدۇ.
ئەسلىدە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توشقاننى ھەيز كۆرىدىغانلىقى سەۋەبىدىن يېمىگەنلىكى ھەققىدە بەزى ھەدىسلەر كەلگەن بولسىمۇ بۇ ھەدىسلەر ئاجىز ياكى ئاساسىز.(ئۇمدەتۇل قارىي 21/136-بەتكە قارالسۇن)
ھافىز ئىبنى ھەجەر دەيدۇ: "بۇ رىۋايەتلەر سەھىھ بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدا مەكروھلۇققا دەلىل يوق".(فەتھۇل بارى 9/662)
ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: بىز رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق، ئەئرابىيلاردىن بىرى ئۇنىڭغا بىر توشقان ھەدىيە قىلىۋىدى، بىز ئۇنى يېسەك، ھېلىقى ئەئرابىي: مەن ئۇنىڭدا قان كۆردۈم، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: "چاتاق يوق" دېدى.(ئىبنى ئەبى شەيبە مۇساننىفى 5/117-بەت. 24277-ھەدىس)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەيد ئىبنى ئۇمەير رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كىشى ئۇنىڭ ئاتىسىدىن توشقان تۇغرىسىدا سورىۋىدى، ئۇ: يېسە بولىدۇ، دېدى. ھېلىقى كىشى: ئۇ ھەيز كۆرىدۇ، دېۋىدى، ئاتام: ئۇنىڭ ھەيزىنى بىلگەن زات پاكلىقىنىمۇ بىلىدۇ، ئۇ چوڭ بولسا ھامىلىلەردىن بىر ھامىلە خالاس، دېدى. (ئىبنى ئەبى شەيبە مۇساننىفى 5/117-بەت. 24275-ھەدىس) ئابدۇللاھ تابىئىيلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇبەيد رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا تۇغۇلغان چوڭ تابىئىي، بەزىلەر رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرگەن دەپمۇ قارايدۇ.
ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ھالال دېگەن نەرسە ھالالدۇر، ھېچكىمنىڭ ئاللا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ ئورنىدا بىر نەرسىنى ھارام دەۋېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
مەنبە؛ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2011-09-14 08:42قايتا تەھرىرلى ]