دۇنيا كىنۇچىلىقنىڭ پەخىرى دەپ ئاتالغان چارلىز چاپلىن 1977-يىل 24-دىكابىر شىۋىتسارىيىدىكى بىر قىتىملىق ھاراق زىياپىتىدە ئۇرۇق تۇققان دۇسىت -يارەنلىرى بىلەن جەم بۇلدى .ئۇ شۇ كۇنى ناھايىتى خۇشال ئىدى ،گەرچە ئۇ 88ياشقا كىرىپ قالغان بۇلسىمۇ ،سالامەتلىكى ئىنتايىن ياخشى ئىدى ،ئۇ ھاراق ئىچكەچ ئەتراپدىكىلەرنى قىزىقارلىق گەپ -سۇزلىرى ئارقىلىق تۇختىماي كۇلدۇرۋاتاتتى.
زىياپەتتىن كېيىن ھەممەيلەن شېرىن ئۇيقۇغا كەتتى،ئەمما چارلىز چاپلىننىڭ زىياپەتتىكى خۇشاللىقى تېخى بېسىلمىغاچقا ،پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى ئۇ ئۇيقۇ دۇرىسىدىن بىر قانچە تال ئىچىۋالدى -دە ئۇيقۇغا كەتتى .ئەتىسى سەھەردە ئۆيىدىكىلەر بىلەن ناشتا قىلىشى ئۇچۇن ئۇنىڭ ھۇجرىسىنى ئىشىكىنى بىر قانچە قىتىم چەككەن بۇلسىمۇ ھىچقانداق سادا چىقمىدى ،ئۇلار ئامالسىز قۇلۇپنى چېقىپ كىردى ،بىراق ئۇلار تولىمۇ كېچىككەنىدى ،چارلىز چاپلىننىڭ ۋاپات بۇلغانلىق خەۋىرى پۈتكۇل دۇنيانى زىلزىلگە سېلىۋەتتى.
ئامرىكا ھۇكۇمىتى بىر تۈركۇم مۇتەخەسسسىلەرنى جەسەدنى تەكشۇرۇشكە ئۇرۇنلاشتۇردى ئۇلار لازىر نۇرى ۋە رادىيۇ ئاكتىپلىق ئۇسۇلنى تەڭ قۇللىنىپ ئېلىكتۇرۇنلوق ئۇلتىرا ئاۋاز دۇلقۇنلوق تەكشۇرۇش ئۇسكۇنسى قاتارلىق ئەڭ ئىلغار ئۈسكۇنىلەرنى بىلەن جەسەتنى ئۇمۇمىي يۇزلوك تەكشۇردى ،ئاخرقى تەكشۇرۇش نەتىجسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى ،ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بۇلغىنى دەل ھاراقتىن كىيىن ئىچكەن ئۇيقۇ دۇرىسى ئىكەن .
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى دىن
[ بۇ يازمىنىkuwruk 2011-09-13 01:18قايتا تەھرىرلىدى ]