بىدئەت دېگەن نېمە؟
بىدئەت دېگىنىمىز ئىسلام دىنىدا ھېچقانداق ئاساسىي يوق، كىشىلەر تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ساختا ئىشلار.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
(ئەلىف لام را. بۇ ھىكىمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ھەممىدىن خەۋەردار، ئاللاھ تەرپىدىن نازىل بولغان ئايەتلارنىڭ تۈزۈلىشى پۇختا <يەنى ھەممە ئىشلار> تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر).[سۈرە ھۇد 1- ئايەت]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:
(بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېئمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بۇلۇشقا تاللىدىم).[سۈرە مائىد 3 -ئايەت]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:
(پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار).[سۈرە ھەشر 7-ئايەت]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:
(ئى مۆئمىنلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق سۆزنى ياكى بىر ئىشنى ئالدى بىلەن قىلماڭلار).[سۈرە ھۇجۇرات 7 -ئايەت]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:
(ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشقا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا ئەر - ئايال مۆئمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ).[سۈرە ئەھزاب 36-ئايەت]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:
( ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغان سۆزلەش ئۈچۈن <بۇ ھالال، بۇ ھارام> دېمەڭلار، چۈنكى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئۇيدۇرغان بولىسىلەر. ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئۇيدۇرغۇچىلار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ).[سۈرە نەمل 116 -ئايەت]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
( جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى سىلەرنىڭ بېرىڭلارنىڭ خاھىشى مەن ئەكەلگەن نەرسىگە ئەگەشكەن بولماي تۇرۇپ مۆئمىن بولالمايدۇ). [تىرمىزى خاتىرلىگەن]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسى قۇئان كەرىمنىڭ سۆزىدۇر. يولنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ يامىنى دىندا يوق بۇلۇپ كېيىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر، ئەسلى دىندا يوق بۇلۇپ كېيىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر. بىدئەتنىڭ ھەممىسى گۇمراھلىقتۇر. گۇمراھلىقنىڭ ھەممىسى دوزاختىندۇر).[ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(كىمكى ھىدايەتكە چاقىرسا ئۇ ئادەمگە شۇ ھىدايەت ئەگەشكەن ئادەمنىڭ ئەجىرىدىن ھېچنىمە كېمەيتىلمەستىن، ئەگەشكۈچىگە ئوخشاش ئەجىر بۇلىدۇ. كىمكى گۇمراھلىققا چاقىرسا چاقىرغۇچى ئادەمگە شۇ گۇمراھلىققا ئەگەشكەن كىشىنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەستىن ئۇنىڭغا گۇناھ بۇلۇپ تۇرىدۇ).[ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(كىمكى ئىسلام دىنىدا بولمىغان بىر ئەمەلنى قىلسا ئۇ ئەمەل قۇبۇل قىلىنمايدۇ).[ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:
(ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟).[سۈرە شۇرا 21-ئايەت]
سۈننەت دېگەن نېمە؟
سۈننەت دېگىنىمىز رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش دېگەنلىكتۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلاركى ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ).[سۈرە ئال ئىمران 31-ئايەت]
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە يەنە مۇنداق دېگەن:
(پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار).[سۈرە ھەشىر7 -ئايەت]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:
(كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھغا ئىتائەت قىلغان بۇلىدۇ).[سۈرە نىسا 80-ئايەت]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(ماڭا ئەگەشكەن كىشى ئاللاھقا ئەگەشكەن بۇلىدۇ. ماڭا ئاسىي بولغان كىشى ئاللاھقا ئاسىي بولغان بۇلىدۇ).[ئىمام بۇخارى خاتىرلىگەن]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس).[ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(مەن سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قالدۇرۇپ كېتىدىغان بولدۇم. بىرى ئاللاھنىڭ كالامى يەنە بىرى مېنىڭ سۈننەتلىرىم. سىلەردىن كىمكى مۇشۇ ئىككى نەرسىنى چىڭ تۇتالىسا ھەرگىز ئازمايدۇ).[ئىمام مالىك خاتىرلىگەن]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(ئاراڭلاردىن كىمىكى ئۇزۇن ياشىسا كۆپ ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمنى ۋە راستچىل توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار، بىدئەت ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلەر. ھەر قانداق بىدئەت ھەقىقەتەن ئازغۇنلۇقتۇر).[ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى خاتىرلىگەن]
ھەرقانداق مۇسۇلمان ئاللاھ تائالاغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگىشىشى، بىدئەتچىلىككە قەتئى قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى جان تىكىپ قوغدىشى، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ باش تارتالمايدىغان مەسئۇلىيىتى.
ئۆلۈكلەر ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللەرنىڭ ساۋابى ئۇلارغا يېتەمدۇ؟
ئۆلۈكلەر ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەلىنىڭ ساۋابى بەزىسىگە يېتىدۇ، بەزىسىگە يەتمەيدۇ، ساۋابى يەتمەيدىغانلىرى مۇناپىق كاپىرلاردۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:
(ئى مۇھەممەد! ئۇلار <يەنى مۇناپىقلار> ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىل ياكى تەلەپ قىلما <بەرىبىر ئوخشاش>. ئۇلار ئۈچۈن 70 قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ ئاللاھ ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنى ۋە پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ پاسىق قەۋىمىنى ھىدايەت قىلمايدۇ).[سۈرە تەۋبە 80-ئايەت]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(ئەگەر ئىنسان ئۆلسە ئۇنىڭ ئۈچ ئەمەلىدىن باشقا بارلىق ئەمەللىرى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. ئۇ سەدىقە جارىيە، مەنپەئەت قىلىدىغان ئىلىم، ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى بالىنى تەربىيلەپ قۇيۇش).[ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن]
ئىبنى ئابباس مۇنداق دەيدۇ: سەئىد ئىبنى ئۇبادە رەسۇلۇللاھتىن مۇنداق دەپ سورىغان:( ئانام ھايات ۋاقتىدا بىرەر ئىشنى نىيەت قىلىپتىكەن، لېكىن نيتىنى ئشىقا ئاشۇرالماي قازا قىلدى قانداق قىلسام بۇلار؟) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:(سەن ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئۇرۇنلىغىن)دېگەن. سەئىد ئىبنى ئۇبادە:( نېمە سەدىقە قىلسام بۇلار؟) دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:(سۇ سەدىقە قىلغىن) دېگەن. شۇنىڭ بىلەن سەئىد ئىبنى ئۇبادە مەدىنىدە بىر قۇدۇق قېزىپ سەدىقە قىلغان.[ئىمام ئەھمەد ۋە نەسەئى خاتىرلىگەن]
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:
(ئىنسان پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ).[سۈرە نەجم 39-ئايەت]
بۇنداق كىشىلەرگە ساۋابنىڭ يېتىپ تۇرۇشى ئاشۇ ئەمەللەرگە ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ئاساس سالغانلىقى ئۈچۈن. مۇسۇلمانلار ئىمكان قەدەر ئۆز قۇلى بىلەن ياخشى ئىش قىلىشى، ياخشى ئىشلارنى نىيەت قىلىشى لازىم. ھاياتلىقىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئەگەشمىگەن كىشىلەرگە ئۆلگەندە ئۇلار ئۈچۈن قىلغان ھەرقانداق ئەمەللەرنىڭ ساۋابى ئۇلارغا يەتمەيدۇ.
مېيىتىنى قەبرىگە قۇيغاندا مېيتكە نەسىھەت قىلىش، كېسەككە ئىخلاس ئۇقۇپ مېيىت بىلەن كۆمىۋېتىش ۋە قەبرىستانلىقلاردا قۇئان ئۇقۇش توغرىمۇ؟
بەزى كىشىلەرنىڭ قەبرىستانلىقلاردا قۇرئان ئۇقۇۋاتقانلىقىنى، كېسەك تاشلارغا سۈرە ئىخلاسنى ئۇقۇپ مېيىت بىلەن بىللە دەپنە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەم قەبىرىدىكى مېيتكە: ئەگەر مۇنكىر نەكىر سۇئال سورىسا مۇنداق دە، ئۇنداق دە، دەپ نەسىھەت قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز.
قەبرىدىكى ئۆلۈكلەر نەسىھەتنى ئاڭلىيالامدۇ؟
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:
(سەن قەبرىدىكىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن).[سۈرە فاتىر 22-ئايەت]
قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇشنىڭ دۇرۇس ياكى ئەمەسلىگى توغرىسىدا تۆت ئىماملارنىڭ ئىچىدە ئىختىلاپ بار. ئىمام مالىكتىن باشقا ئىماملار قۇرئان كەرىمنى قەبرىستانلىقتا ئۇقۇش مەكرۇھ دەپ قارايدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:
(ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز - نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر).[سۈرە ياسىن 70-ئايەت]
قەبرىستانلىقلاردا قۇرئان ئۇقۇش ساھابىلارنىڭ ۋە ساھابىلارنىڭ باللىرىنىڭ زامانىدا كۆرۈلمىگەن ئىش.
مېيتنى قەبرىگە قويغاندا مېيتكە نەسىھەت قىلىش مەسلىسىمۇ شەرىئەت ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك مەكرۇھ، دەپ قارىغان مەسىلە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېيتنى قەبرىگە قويغاندا مۇنداق دەڭلار دېگەن:
(ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بىلەن سېنى قەبرىگە قۇيدۇم). [ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسەئى خاتىرلىگەن]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېيىتىنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دەيتتى(ئى ئاللاھ! ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنى ئىماندا مۇستەھكەم قىلغىن).[ئەبۇ داۋۇد خاتىرلەنگەن]
ئىبنى ماجە خاتىرلىگەن ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممۇ كۇلسۇمنىڭ قەبرىسىگە(بىز سەندىن يارالىغان، ساڭا قايتىمىز. ئىككىنچى قېتىم يەنە سەندىن چىقىرىلىمىز) دېگەن سۆزنى قىلىپ ئۈچ سىقىم توپىنى قەبرىگە چاچتى دېگەن ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ئاجىز ھەدىس توپىغا بىر نېمە دېيىش، ئايەت ئۇقۇش ياخشى ئەمەس دەيدۇ. مەن بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ بۇنداق بىدئەت ئىشلارنى قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە كەرەملىك ئاللاھ تائالادىن ھەممىزنى توغرا يولغا باشلىشىنى تىلەيمەن. چۈنكى بىدئەت ئەمەل ھەرگىز قۇبۇل قىلىنمايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(كىمكى ئىسلام دىنىدا بولمىغان بىر ئەمەلنى قىلسا بۇ ئەمەل قۇبۇل قىلىنمايدۇ).[ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن]
قەبرىستانلىقلاردا قۇرئان ئۇقۇپ پۇل ئالسا بۇلامدۇ؟
قەبرىستانلىقلاردا قۇرئان ئۇقۇپ پۇل ئېلىش ھارام.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(قۇرئاننى ئۇقۇڭلار ۋە قۇرئانغا ئەمەل قىلىڭلار. قۇرئان ئارقىلىق بىر نەرسە تېپىپ يېمەڭلار ۋە قۇرئان ئارقىلىق دۇنيا جۇغلىماڭلار).[ئىمام ئەھمەد خاتىرلىگەن]
نەزىر دېگەن نېمە؟ ئۆلۈكلەرگە ئاتاپ نەزىر بېرىش توغرىمۇ؟
نەزىر دېگەنلىك ئەھدى قىلىش ياكى نىيەت قىلىش دېگەنلىك. نەزىرنىڭ قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:( ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى:( پەرۋەردىگارىم مەن قۇرسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى <دۇنيا ئىشلىرىدىن> ئازاد قىلىنغان ھالدا چۇقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم، بۇ نەزىرىمنى قۇبۇل قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، بىلىپ تۇرغۇچىسىەن).[سۈرە ئال ئىمران 35-ئايەت]
نەزىر دېگەن يۇقىرىقىغا ئوخشاش ياخشى ئىشلارغا نىيەت قلىش، نىيتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش (نەزىر) دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەزىر قىلىشنى چەكلەپ مۇنداق دېگەن:
(نەزىر دېگەن تەقدىرنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇ پەقەت بېخىللارنى بېخىللىقتىن قۇتقۇزىدۇ).[ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن]
ئۆلۈكلەرگە ئاتاپ نەزىر بېرىش، ئاق باغلاپ قارلىق تۇتۇش 3- 7- 20- 40 - ۋە يىلى دېگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلار بىلەن نەزىر بېرىش بۇددا دىنىنىڭ ئادىتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(كىمكى كاپىر قەۋملەرگە ئوخشاش بىر ئەمەلنى قىلسا، ئۇ كىشى شۇ قەۋىملەردىن بۇلىدۇ).[ئىمام ئەھمەد خاتىرلىگەن]
باشقىلار ئۆيگە كىرگەندە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىش توغرىمۇ؟
مۇنداق قىلىش بىدئەت.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(كىمكى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئورنىدىن تۇرۇشنى ياخشى كۆرسە ئۇ كىشى دوزاختىن ئۆزىگە بىر كىشىلىك جاي تەييارلاپ قويسۇن).[مۇسلىم خاتىرلىگەن]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(سىلەردىن ھېچكىم بىرەر ئادەمنى قۇپقۇزۇۋېتىپ ئورنىدا ئولتۇرۋالمىسۇن، لېكىن سۈرۈلۈپ ئۇرۇن بۇشۇتۇپ بېرىڭلار). [بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن].
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:
(ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ بىر كىمنى ياخشى كۆرۈشى ساھابىلارنىڭ رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرگىنىگە يەتمەيدۇ، ساھابىلار رەسۇلۇللاھنى كۆرگەندە ئورنىدىن تۇرمايتى. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئۆزىگە باشقىلارنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشنى يامان كۆرەتتى)
(ناسارالار مەريەم ئوغلى ئىسانى ماختىغاندەك مېنى ماختىماڭلار، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر بەندە، مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى دەڭلار).[ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن]
باشقىلارغا ئورنىدىن تۇرغانلار توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(بورادىرىڭلارغا زىيان سېلىش ئۈچۈن شەيتاننىڭ بورادىرى بولماڭلار)[بۇخارى خاتىرلىگەن]
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
(ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر).[سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت]
بەزى كىشىلەر ئولتۇرغان سورۇنلىرىدا باي، ئەمەلدار ياكى مەرتىۋىلىك كىشىلەر بولسا، ئۇرۇن بۇشۇتۇپ ھۆرمەت قىلدۇق دېيىشىدىكەن، ئەمما ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشى چۇقۇم ئەڭ تەقۋادار كىشى. ھۆرمەتلەش بولسا كىشىلەرنىڭ قەلبىدە بۇلىدۇ. ئەگەر سىز بىرەر ئۆلىمانى ھۆرمەتلىمەكچى بولسىڭىز ئۇنىڭ توغرا بولغان پىكىرىنى قوللاڭ، ئىش ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىڭ، كۆرسەتمىلىرىگە بۇيسۇنۇڭ.... كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشمەكچى بولغان ھەرقانداق كىشى ئورنىنى سۇرۇننىڭ تۆرىدىن ئەمەس، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ۋە جەننەتتىن ئىزدىشى كېرەك.
تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش توغرىمۇ؟
مۇنداق قىلىش بىدئەتچىلىك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ زامانىدا مۇنداق ئىشلار كۆرۈلمىگەن. مۇنداق قىلمىشلار يەھۇدىي ناسارالارنىڭ ئادىتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(ھەرقانداق بىر كىشى كاپىر قەۋمىلەرگە ئوخشاش بىر ئەمەلىنى قىلسا، ئۇ كىشى شۇ قەۋمىدىن بۇلىدۇ)[ئەبۇ داۋۇد خاتىرلىگەن]
خەتنە چېيى ئۆتكۈزۈش شەرتمۇ؟
بۇنداق قىلىش بىدئەتچىلىك. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلارنىڭ زامانىدا بۇنداق ئىش كۆرۈلمىگەن. بەزىلەر خەتنە چېيى ئۆتكۈزۈش باھانىسى بىلەن پۇل يىغماقتا. بۇ چاكىنا ئادەملەرنىڭ پۇل تېپىشتىكى دەسمايىسى بۇلۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنىدا خەتنە ئۈچۈن چاي ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنمىگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(بەش تۈرلۈك ئىش سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. خەتنە قىلىش، ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى تازلاش، تىرناقنى ئېلىش، قۇلتۇق ئاستىدىكى تۈكلەرنى ئېلىش، بۇرۇتنى قىرقىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت).[ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن]
ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن ھالقا ۋە بىلەيزۈك تاقاش توغرىمۇ؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(ھەرقانداق ئايال كىشى بوينىغا ئالتۇندىن ياسالغان بىر نەرسىنى ئاسىدىكەن، ئاللاھ قىيامەت كۈنى شۇ نەرسىنىڭ شەكلىگە ئوخشايدىغان دوزاخ ئوتىنى ئاسىدۇ. ھەرقانداق بىر ئايال كىشى قۇلىقىغا ئالتۇندىن ياسالغان بىر نەرسىنى ئاسىدىكەن ئاللاھ قىيامەت كۈنى شۇ نەرسىنىڭ شەكلىگە ئوخشايدىغان نەرسىنى قۇلىقىغا ئاسىدۇ. ھەرقانداق بىر ئايال كىشى ئالتۇندىن بولغان بىر نەرسىنى بىلىكىگە تاقايدىكەن ئاللاھ قىيامەت كۈنى شۇ نەرسىنىڭ شەكلىگە ئوخشايدىغان دوزاخ ئۆتىنى بىلىكىگە تاقايدۇ).[ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسنى خاتىرلىگەن]
ئالتۇن تاقىغۇچىلار كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن تاقايدۇ. ھەمدە زىننەت بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بەدەنلىرىنى يېرىم يالىڭاچ قۇيىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(بىر ئادەم يولدا كېتىۋىتىپ چېچىنى ئۇزاق تارىدى ۋە كيىمىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن ئۇزاق غادىيىپ مېڭىپ كۆرەڭلىدى ئاللاھ ئۇ كىشىنى قىيامەتكىچە يەرگە يۇتقۇزدى).[ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىدى]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(يىپەك كېيىم، ئالتۇن زىبۇ - زىننەت ئەر ئۈممەتلەرگە ھارام قىلىندى).[تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد خاتىرلىگەن]
بەزىلەر مۇشۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئاياللارغا ھالال دەپ قارايدۇ. لېكىن رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيۇن، بىلەك، قۇلاق قاتارلىق جايلارغا ئالتۇن تاقاشنى ھارام دېگەنلىكىنى ئويلاپ كۆرۈشى كېرەك. بارماققا ئۈزۈك سېلىش ھالال بۇنىڭدا شەك يوق. ئالتۇن ھالقا، بىلەيزۈك، بۇلاپكا قاتارلىق ئالتۇن بۇيۇملارنى ھالال دېگۈچىلەر ئىختىلاپ قىلشماسلىقى لازىم. چۈنكى شەك بولغان نەرسىلەردىن ساقلىنىش مۇسۇلمانلارنىڭ پەزىلىتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(ھەقىقەتەن ھالال ۋە ھارام ئاشكارا بايان قىلىنغان ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كىشىلەر بىلمەيدىغان نۇرغۇن شۈبھى نەرسىلەر بار، كىمكى شۈبھىدىن ساقلانسا دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى ساقلىغان بۇلىدۇ. كىمكى شۈبھىدىن ساقلانمىسا ھارامنىمۇ قىلىپ قۇيىدۇ. ئۇ ماللىرىنى چېگرا ئەتراپىدا بېقىۋاتقان پادىچىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر دىققەت قىلمىسا ماللىرى چېگراغا كىرىپ كېتىدۇ. ئاگاھ بۇلۇڭلار ھەربىر پادىشاھنىڭ چېگرىسى بار. ئاگاھ بۇلۇڭلار ئاللاھنىڭ چىگرىسى ھارام قىلىنغان نەرسىدۇر. ئاگاھ بۇلۇڭلار بەدەندە بىر پارچە گۆش بۇلۇپ ئۇ تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ. ئەگەر ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئۇ بۇلسىمۇ يۈرەكتۇر).[ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن]
ھەربىر مۇسۇلمان يۈرگىنى، ساپ ئىمانىنى مۇستەھكەم ساقلايمەن دەيدىكەن، چۇقۇم شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ساقلىنىشى كېرەك. ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى شۈبھىلىك نەرسىلەر بۇلۇپ، ئۇ تاماق ئەمەس يېمىسە ئاچ قالىدىغان، كىيىم ئەمەس كەيمىسە يالىڭاچ قالىدىغان.
جۈمە نامىزىدىن كېيىن پىشىن ئۇقۇش توغرىمۇ؟
مۇنداق قىلىش بىدئەتچىلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ زامانىدا كۆرۈلمىگەن ئىش.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
(ئى مۆئمىنلەر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەرزان ئېيتىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىشكە ئالدىراپ بېرىڭلار، ئېلىم - سېتىمنى قۇيۇپ تۇرۇڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ناماز ئۇقۇپ بولغاندا زېمىنغا تارىلىپ (ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بۇلۇپ) ئاللاھنىڭ پەزىلىدىن تەلەپ قىلىڭلار. مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار).[سۈرە جۇمۇئە9 -10 -ئايەت]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
(سىلەردىن بېرىڭلار جۈمە نامىزىنى ئۇقۇسا، پەرزىدىن كېيىن تۆت رەكئەت سۈننەت ئۇقۇسۇن).[ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن].
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دېگەن:
(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمەنىڭ پەرزىدىن كېيىن ھېچقانداق ناماز ئۇقۇماي، تۇرۇپ ئۆيگە قايتىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقۇيتى).[ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن]
ئۆيگە بېرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقۇش ياخشى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دائىم شۇنداق قىلاتتى. ئۆيى يېقىن بولمىغان كىشىلەر پەرزدىن كېيىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، ياكى ئۇرۇن يۆتكىلىپ، ياكى سۆز قىلىپ ئارىلىقنى ئۈزۈپ، ئاندىن تۆت رەكئەت، ياكى ئىككى رەكئەت سۈننەت ئۇقۇسا بۇلىدۇ. لېكىن پېشىن ئۇقۇش ئاللاھ تائالاغا ۋە پەيغەمبەرگە بۇيسۇنمىغانلىق. چۈنكى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر جۈمەدىن كېيىن پىشىن ئۇقۇشنى بۇيرىمىغان. ئۆز كۆز قارىشى بويىچە شۇنداق قىلىش ياخشى دېيىش بىدئەتچىلىك پەيدا قىلغانلىق. ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئاساس قىلمايدۇ.
بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى قوغدايلى(كىتاب)
داۋامى بار