مەسچىت نامىزى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھ!
مەن مەسچىتتە كۈپىنچە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىدىن بىرى بولغان تەھىييەتۇلمەسجىد (مەسجىدكە سالام بىرىش يۈزىسىدىن ئوقۇلىدىغان ناماز) نامىزىنى پەقەت جۈمە كۇنلىكىلا ئوقۇپ باشقا ۋاقىتلاردا ئوقۇمىغانلىقىنى كۈرۈپ مۇشۇ توغۇرلۇق بىر ئاز توختۇلۇش نىيتىگە كەلدىم. ئەسلى بۇنى ئاۋۋال شۇ نامازنى تەرك ئىتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇقتۇرۋېتىپ ئاندىن تور يۈزىگە چىقارساممۇ بۇلاتتى.ئەمما بۇ ئىش مىنىڭ قۇلۇمدىن كەلمىدى...
مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرىمۇ بۇ ئىشقا دىققەت قىلمىدىمۇ ياكى باشقىچە كۆز قاراشتىمۇ بۇلار پەرۋاسىزلا ئىمامەتچىلىكىنى قىلىۋەردى. ئەسلى ئىمامنىڭ ۋەزىپىسى ئىسلام دىنىنى رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرى بۇيىچىلا جامائەتلىرىگە يەتكۈزۈش ئىدى،ھەم بۇنىڭ ھېچقانداق خەۋپ-خەتىرىمۇ يوق ئىدى.ئەپسۇس ئۇلار ئىسلام دىننى ياشاش پىروگراممىسىغا بويسۇندۇرۇپ تۈزىۋالدى. ئەسلى ياشاش پىروگراممىسى ئىسلام قانۇنى بۇيىچە تۈزۈلۈش كىرەك ئىدى.ئەپسۇس......
مەخسەتكە كىلەيلى.
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسچىت نامىزى توغۇرلۇق مۇنداق دىگەن.{سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرسە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇمىغۇچە ئولتۇرمىسۇن}(1)
مانا بۇ ھەدىستىن قانداق بىر مۇسۇلمان ناماز ئوقۇشقا لايىق ھالدا مەسچىتكە كىرىدىكەن ۋاقىتنىڭ قانداق بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ نامازنى ئوقۇسا رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر سۈننىتىگە ئەمەل قىلغان بۇلىدۇ. ھەتتا ھەرقانداق مەشغۇلات قىلىش چەكلەنگەن (ناماز ئوقۇشمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ۋاقىت ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقان ھالەتتە مەسچىتكە كىرسىمۇ مەسچىت نامىزىنى ئوقۇش كىرەك. ھازىر بۇ نامازنى قېرىنداشلىرىمىز پەقەتلا جۈمە نامىزىغىلا خاس قىلۋالغان. ھەتتا بەزى قېرىنداشلىرىمىز بۇ نامازنى جۈمە نامىزىنىڭ قاتارىدىن دەپ چۈشىنىۋالغان. بۇنداق چۇشىنىش توغرا ئەمەس. رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇتبە ئوقۇۋاتقان ھالىتىدە بىر كىشى كىلىپ مەسچىت نامىزىنى ئوقۇماي ئولتۇرۋىدى رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: سەن مەسچىت نامىزى ئوقۇدۇڭمۇ؟-دىدى. ئۇ كىشى ياق ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دىگەندە رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:-تۇر ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغىن دىگەن.(2)
بۇ ھەدىستىن ئۇ نامازنى ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتتا مەسچىتكە كىرىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئوقۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلۋالغىلى بۇلىدۇ.
يۇقارقى ھەدىسلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن بىز قانداق ۋاقىتتا مەسچىتكە كىرسەك شۇ نامازنى ئوقۇماي ئولتۇرماسلىققا ئادەتلەنسەك. پەقەت ئىمام پەرز ناماز ئوقۇۋاتقان بولسا ئۇ چاغدا ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ پەرزنى نامازنى ئوقۇشىمىز كىرەك. پەرزنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن مەسچىت نامىزىنى ئوقۇسىمۇ ئوقۇمىسىمۇ بۇلىدۇ.
مەسچىت نامىزى پەرزمۇ ئەمەس ۋاجىپمۇ ئەمەس بۇ ناماز پەقەتلا رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىدىن بولغان نەپلە نامازدۇر.
ئەگەر سىز مەسچىتكە ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن كىرسىڭىز ۋە سىز ئوقۇماقچى بولغان پەرز نامازنىڭ ئالدىدا ئوقۇيدىغان سۈننىتى بولسا سىز شۇنى ئوقۇسىڭىز(مەسلەن : پىشىننىڭ ئالدىدىكى تۆت رەكئەت سۈننىتىگە ئوخشاش،بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىگە ئوخشاش) سىزدىن مەسچىت نامىزى ساقىت بۇلىدۇ يەنى ئوقۇمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.(ئەگەر سىز مەسچىتكە پەرز ناماز ئوقۇلىۋاتقاندا كىرسىڭىز مەسچىت نامىزىنى ئوقۇماي ئىمامغا ئىقتىدا قىلىسىز)
بۇ نامازنى ئوقۇشقا پەيغەمبىرىمىز بۇيرىغان. ساھابىلەر ئوقۇغان ھەم باشقىلارغا بۇيرىغان. بۇ نامازنىڭ ئوقۇلىشىنىڭ توغرىلىقىدا شەك يوق سىز رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان بۇيرىمىغان ،ساھابىلەرمۇ ھەم قىلمىغان بۇيرىمىغان مەۋلۇد ئۆتكۈزۈش،تاش ساناشتەك دىنىمىزدا ئورنى يوق بىدئەت ئىشلارنى قىلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلغاندىن يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ئىككى رەكئەت مەسچىت نامىزىنى ئوقۇسىڭىز بۇنىڭ ساۋابى كۈرنەرلىك ھەم نەتىجىلىك بۇلىدۇ.
دىققەت: بۇ نامازنى ئوقۇمىسىڭىز گۇناھكار بولمايسىز. ئەمما ئوقۇسىڭىز رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر سۈننىتىنى چىڭ تۇتقان بۇلىسىز. قانداق بىر كىشى رەسۇلۇللەسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى چىڭ تۇتىدىكەن قىيامەت كۇنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ شاپائىتىگە ئىرشىدۇ.
مەسچىتكە سىز ساۋاب ئۇمىت قىلىپ بارغان بولغاندىكىن مەسچت نامىزىدىن ئىبارەت ئۆزى يەڭگىل قىلىشقا ئاسان بولغان ئىبادەتنى قولدىن بەرمەڭ.بۇ تىمىدىكى مەزمۇنلارنى ئەتراپىڭىزدىكى قېرىنداشلىرىڭىزغىمۇ يەكتكۈزگەيسىز. پەيغەمبىرىمىز {مەندىن بىر ھەدىس بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار} دىگەن
(1) بۇخارى رىۋايەت قىلغان.(2) ياخشىلار باغچىسى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.
ھازىرلىغۇچى- ئىزباسار
[ بۇ يازمىنىئىزباسار 2011-09-12 06:59قايتا تەھرىرلىد ]