باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1596 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھەقىقىي مۈشكۈلات
دوستلىشىش
samanyoli
،،،،،،،،،،،،؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1933
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1933دانە
ئۆسۈش: 8610 %
مۇنبەر پۇلى: 26107 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-09-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-11 22:54

ھەقىقىي مۈشكۈلات

دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم
 
 ئادەملەر تېڭىرقايدۇ . ھەقنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆزلىرى تاپماقچى بولغىنىدىن تېڭىرقايدۇ . ئالىيجانابلىق -
رەزىللىك، گۈزەللىك- سەتلىك، بەخىت- بەخىتسىزلىك…ۋەھاكازالارغا چىن تەبىر بېرەلمەي تېڭىرقايدۇ.
تۈنۆگۈن ئۆزلىرى ھەقىقەت بىلىشكەن تەبىرىنىڭ بۈگۈن توغرا ئەمەستەك تۇرغىنىنى كۆرۈپ تېڭىرقايدۇ.
ھالبۇكى، ئاللاھ بۇلارغا ئاللىبۇرۇن ھەق ئۆلچەمنى بېكىتكەن. ئىنسان شۇ ئۆلچەملەر بويىچە ھاياتىنىڭ
نىشانىنى بېكىتىپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشسىمۇ ئۇنىڭ يۈكى تولىمۇ ئېغىر ئىدى . لېكىن ،
ئادەملەر ئۆز-ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنۇپ بىھۇدە ئاۋارە بولۇپ،
ئۆزلىرىنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋالدى . ئادىمىيلىككە قاراپ بىر قەدەم ئالماستىن ئەجەل ئوقىنى
ئۆز كۆكرىكىدە كۆردى.
ئاللاھ ئادەم ئاتىنى يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئىلىم ئاتا قىلدى( زېمىندىكى جىمى شەيئىنىڭ نامىنى بىلدۈردى ).
شۇ ۋەجىدىن ئۇنى ئەزىز قىلىپ، پەرىشتىلەرنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،
ئىلىم ئېگىلىرى ئاللاھ نەزىرىدە ئەزىز، ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. قۇرئاننىڭ تۇنجى كەلىمىسى "ئوقۇ" دىن
باشلانغىنىمۇ بۇنىڭغا دەلىل . ئادەم ئاتا ، ھاۋا ئانا شەيتانغا ئەگىشىپ چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىش بىلەن
جەننەتتىن قوغلاندى. ئاللاھ ھۆكمىدىن غاپىل بولۇش ئەنە شۇنداق خارلىققا سەۋەب بولىدۇ.
بىساناق ئەسىرلەر ، تالاي پەيغەمبەرلەر ئۆتتى. شەكىلدە ئادەمزات ئالىمى ئۆزگەرگەندەك قىلغىنى بىلەن
ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى قىلچە ئۆزگەرمىدى . ھېلىھەم ئىلىم ئېگىلىرى ئاللاھنىڭ ھىممىتىگە مۈيەسسەر ،
ئاسىيلار خارلىققا مەھكۈم . ئادەم جىسمىنىڭ مەنبەسى تۇپراقنىڭ ناپاك خۇسۇسىيىتى بىلەن ئاللاھ
جىسمىغا پۈۋلەپ كىرگۈزگەن پاك روھ ئارىسىدىكى زىددىيەت كۈرىشىدە ھېلىھەم ئېلىشماقتا.
تەبىئەت دۇنياسىغا نەزەر سالساق، يېشىللىققا پۈركەنگەن دالىلار، رەڭگارەڭ چېچەكلەر، ئاپئاق قارلار،
كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قوياش باغرىدىن پاكلىق ئۇچقۇندايدۇ . ھالبۇكى، ئادەملەر ئۆز ياۋۇزلىقى ،
ناپاكلىقى تاراتقان بەدبۇيلار بىلەن گۈزەللىك ئالىمىنى بۇلغىماقتا . كۆپ سانلىق ئادەملەرگە ئەگەشسەڭ
ئۆز قەدىمىڭنى گۇمراھلىق مەنزىلىدە كۆرىسەن. چۈنكى، ھىدايەت مەنزىلى كىشىدىن تولىمۇ كۆپ سەۋر
تەلەپ قىلىدۇ.شۇ ۋەجىدىن ھەقنى تەۋسىيە قىلغۇچىلار ئاز ساندا بولىدۇ.
سوقرات: "ھەقىقىي مۈشكۈلات - ئۆلۈمدىن قانداق قۇتۇلۇش ئەمەس بەلكى ، گۇمراھلىقتىن قانداق
ساقلىنىش." دېگەنىكەن. گۇمراھلىق - ياراتقۇچىنىڭ قانۇنىغا قىلىنغان ئاسىيلىقتۇر. ھەممىگە ئايان:
ئىنسان تەبىئەت قانۇنىغا بوي سۇنمىسا تەبىئەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.تەبىئەت قانۇنىنى ياراتقۇچى،
ئەلۋەتتە،جەمئىيەت قانۇنىنىمۇ ياراتقان. بۇ قانۇنغا بوي سۇنمىغانلار ھەم ۋاستىلىق ھالدا جەمئىيەت
جازاسىغا ئۇچراپ،روھىي چۈشكۈنلۈك ئاسارىتىدە شەھۋانىيلىق، زەھەرلىك چېكىملىك،قىمار قاتارلىق
ئىپلاسلىقلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىشى مۇھەققەقتۇر- ئەلۋەتتە.
ئاسماندىكى ساناقسىز يۇلتۇزلار ئاللاھنىڭ مەڭگۈلۈك قانۇنىغا بوي سۇنغىنىدىن، بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ
گۇمران بولۇش خەۋپىدىن ئەمىندۇر. لېكىن، ئادەملەر كۆپ ھاللاردا ئۆز خاھىشىغا ئەگىشىدۇ.دۇنيادىكى
تىنچسىزلىق، ۋەيرانچىلىق، بالايى - ئاپەتلەر دەل شۇ مەڭگۈلۈك قانۇنغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكنىڭ
نەتىجىسى، خالاس.
 
 
arslantikin
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8805
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 161
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە161دانە
ئۆسۈش: 850 %
مۇنبەر پۇلى: 2078 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-30
ئاخىرقى: 2012-02-26

رەھمەت قېرىندىشىم ،ئاللاھ  ھەممە مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ ئيمانىدا مۇستەھكەم قىلسۇن ئامىيىن
arslantikin
ئىنسان ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8864
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 75
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە75دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2012-04-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-14 21:15

ئەسسالامۇئەلەيكۇم!!  
ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ سەۋەبچىسى. ئىنسان ھەقىقەتەن ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغۇچىدۇر.
تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر. ئاللاھ بىزلەرنى ئۆزىنىڭ قانۇنىغا بويسۇنىدىغان ھەقىقى مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن! ئامىين!
ئى مۆمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1736
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1736دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 18357 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-07-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-19 14:42

ئەسسالامۇ -  ئەلەيكۇم  ، رەھمەت .
اللا