باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4498 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تېما: كەڭ سايغا قانداق پىكىرلىرىڭلار بار(سامانيولى)
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1745
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1745دانە
ئۆسۈش: 8090 %
مۇنبەر پۇلى: 23682 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-10 01:44

كەڭ سايغا قانداق پىكىرلىرىڭلار بار(سامانيولى)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما jula520 تەرىپىدىن چوققىلاندى(2011-09-14)





ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ ساي ئەھلى،،،ھەممىڭلارغا بۈيۈك ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن.
    
كونا ئەزالارغا مەلۇمكى ، بىرەر ئاي ئىلگىرى پەقىر مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيادا بولسىمۇ كىچىككىنە ئەمەلدار بوپ قالدىم،،مەن مۇشۇ رېئال دۇنيادا بەزى ئىنسانلارنى نىمىشقا ئەمەل تۇتۇش ئۈچۈن شۇنچىۋالا كۈچەپ كېتىدىغاندۇ دىسەم ئەسلى ئەمەلدارلىقمۇ خېلى بولىدىغان ئىشكەن ،باشقىلار قالايمىقان گەپ قىلسا زۇۋانىنى ئۆچۈرۈپ تۇرىدىكەنمىز، يەنە ئانچە مۇنچە خوشامەت ئارىلاش گەپ سۆزلەرگە يولۇقۇپ تۇردىكەنمىز،،،،،ئادەم ئۆزىچە خېلى خوش بوپ قالىدىكەن،،،،ھا،،،ھا،ھ،ا،،،ھا،،،،چاقچاق ھە،،،،،ئاللاھ ساقلىسۇن كىبىردىن،،
    مېنىڭ  ئەزەلدىن ئەدەبىيات بىلەن خوشۇم يوق بولۇشىغا قارىماي كەڭ ساي ئەپەندى تۇرۇپلا مېنى باشقۇرغۇچى قىلىپ قويدى،(كەڭ ساي ئەپەندىنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت )مەنچە بولغاندا باشقۇرغۇچى دىگەن چوقۇم بىر يېزىقچىلىق قابىليىتى كۈچلۈك ،سىياسى سەزگۈرلۈكى يۇقىرى،ھەم ئىمان ئېتىقادى توغرا بولغان بىر كىشى بولىشى كېرەكتى،،بۇ شەرتلەردىن بەزىسگە چۈشسەممۇ بەزىسىگە زادىلا چۈشمەيمەن،،باشقۇرغۇچى بولغاندىن بۇيان مۇنبەر ئۈچۈن ئۆزۈمگە ھەم باشقىلارغا يارىغۇدەك بىر خىزمەت قىلالمىدىم دەپ ئويلايمەن،،،،نىمە قىلالايمەن،مەن بىر مېخاينىك تۇرسام،،،بۇ دىگەن مۇنبەر تۇرسا،،مەن بىر تۇغما ئەدەبىيات دۈشمىنى تۇرسام ،زاۋۇت بولسىغۇ ،خېلى كىشىلەر قىلالمىغان ئىشلارنى قىلالىشىم مۇمكىن ئىدى،،،،،،،لېكىن بۇ يەر زاۋۇت ئەمەستە،،،،ھەي ،بولدىلا،،نىمانچە سۆزلەپ كېتىمەن ئۈزۈم توغرۇلۇق،،،،،،،ماڭىمۇ ئىش چىقىپ قالار،،،،،
    ئەمدى ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك-كەڭ ساي مۇنبىرى مەن تور دۇنياسىغا قەدەم تەشرىپ قىلغاندىن بۇيان مېنىڭ نەزەرىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ سەر خىل مۇنبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى،بەلكىم كەڭ ساي ئەزالىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى ماڭا ئوخشاش تۇيغۇدا بولغان بولىشى مۇمكىن،ئەلۋەتتە بۇ خىل تۇيغۇنىڭ پەيدا بولىشىنى ئىلگىرىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ھەم  ئەزالارنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ،،،،شۇ ۋەجىدىن مەن ھازىر كەڭ ساي ئەپەندى ۋە باشقۇرغۇچىلارغا ۋەكالىتەن بارلىق ئەزالارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن،،ھەممىڭلارغا بۈيۈك ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە سالامى بولسۇن.
ئەزىز قېرىنداشلار ،مۇنبىرىمىزنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىز يەنىلا چوڭ كىچىك ھەممەيلەن ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج شۇنداق بولغان ئىكەن ،بىز چوقۇم بىر بىرىمىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىمىز، بىر بىرىمىزگە خاتالىقلىرىمىزنى كەمچىلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ قويۇشىمىز لازىم ،، 
ئەمدى مەن دىمەكچى، ئەزالارنىڭ مۇنبىرىمىزگە نىسبەتەن قانداق پىكىر تەلەپلىرىڭلار بار،باشقۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن قانداق نارازىلىقىڭلار ،خاپىلىقىڭلار بار،قانداق قىلغاندا مۇنبىرىمىز تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرگىلى بولىدۇ،مۇشۇ ئىشلار توغرىسدا ئەزالار بىلەن پىكىرلىشىپ باقساق دىگەن ئۈمىدتىمەن،ئەزالارنىڭ مەزكۇر مەسىلىلەر توغرىسدا كەڭ كۇشادە پىكىر ،تەلەپ ،مەسلىھەتلىرىنى ئوتىرىغا قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن،،،،،بىز چوقۇم ئەزالارنىڭ پىكىر تەلەپ مەسلىھەتلىرىنى ئەستايىدىل ئويلىشىمىز ،چەكلىك بولغان پىكىر ئەركىنلىكىمىز دائىرىسدە ئىمكانقەدەر ئەزالارنىڭ تەلىۋىنى بەجا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز،،،،

ئالدى بىلەن ئۆزەم پىكىرلىرىمنى ئوتىرىغا قويۇپ باقاي-
مەن مۇشۇ باشقۇرغۇچى بولغاننىڭياقى كەڭ سايدا زادى نىمىلەر كەم دىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىندىغان بولۇپ قالدىم،
ئۆتكەندە كۇلۇپ باشلىقى بولغان غەيرەت ئەپەندى بىر تىما يوللاپ ،پايدىلىق تىمىلار دىگەن بىر تۈرنى قوشساق قانداق دەپ ئەزالارنىڭ پىكرىنى ئالغان ئىدى ،،ھەممىمىز ئاساسەن قوللاشقان ئىدۇق،،كۇلۇپ باشلىقلىرى مۇشۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا سەل ئالدىرىغان بولسا،
سەۋەبى شۇكى -مېنىڭ نەزەرىمدە شۇنداق بىر تىمىلار يوللىنىدۇ ، بۇ تىمىلارنى نادىر تىمىلار قاتارىغا تىزىپ قوياي دىسە،بەزى تەرەپلىرى تازا توشمىغان بۇ ئۆلچەمگە،،تىزماي قويسا ،ئىككى ئۈچ كۈن ئىچىدىلا ئارقا بەتكە ئۆتۇپ كەتكەن،،،،ئادەتتە نۇرغۇن تورداشلار مۇنبەر باش ئېكرانىدىكى تىمىلارنى كۆرۈپ بولۇپلا چىقىپ كېتىدىكەن،سەھىپىلەر بۇيىچە ئارىلاپ كۆرمەيدىكەن،،بۇ خىل ئەھۋالدا ياخشى تىمىلار كۆمۈلۈپ قالىدىغان ،نادىر تىمىلار يېڭىلانمايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالىدىكەن.
    -يەنە بىر پىكىرىم شۇكى ،ئۇيغۇر تورلىرىدا ئەدەبى ئەسەرلەر ھەجمى بەك زور،،،بۇنداق بوپ كېتىشى تازا ياخشى ئەھۋال ئەمەس،مەنچە ھۈنەر كەسىپ ،تىجارەت قاتارلىق تۈرلەرگە زادىلا كۆڭۈل بولۈنمىگەندەك،،،،
ئۇيغۇرلادىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىشى ،ئوقۇش پۈتتۇرگەنلەرنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنىڭ ئەمەلى تۇرمۇشتا قوللىنىشچانلىقىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن بولۇشى ھەم شۇ  سەۋەبلىك بىرەر يول تېپىشتا قىينىلىپ كېتىشى دىگەندەك سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتقاندا ئىگىلىك تىكلەش دەپ بىر  سەھىپە تەسسىس قىلساق ،ئاندىن شۇ سەھىپىگە ھەممىمىز ئاز ئازدىن بولسىمۇ بىلگىنىمىزچە چوڭ كىچىك تىجارەتلەر ،ھۈنەر كەسىپلەر توغرىسدا تىما ئەسەرلەر يوللاپ تۇرساق ،مەيلى ئاددى كىچىك ئىش ئوقەتلەر بولسۇن ياكى چوڭ پەن تېخنىكىلىك تۈرلەر بولسۇن بىلگىنىمىزچە شۇ ئىشلارنىڭ ئۇسۇل قائىدلىرىنى ،ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلار ھەم شۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جەھەتتىكى تەجرىبە ساۋاقلىرىمىزنى يوللاپ تۇرساق ،ئاستا ئاستا بۇ بوشلۇقلارمۇ تولۇپ قالار ئىدى دەيمەن،،،،،،،،بۇ مېنىڭ شەخسى پىكرىم ،،،،،

ئەمدى قالغىنىنى تورداشلار تولۇقلاپ بىر نەرسە دەپ باقامدۇق،،،،



سامانيولى
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2471
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2471دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30391 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10

ۋەئەلەيكۇم_ئەسسالام ، ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز .   مىنىڭ بىر تەكلىبىم بار ، كەڭسايكام ئويلىشىپ كۆرسە .

ئىىنكاس يوللايدىغان رامكىنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنىڭ رەسىمىنى چىقارساق . بۇنداق بولغاندا مۇنبەرگە يېڭى كىرگەنلەر تىزلا ئانا تىلىمىزنى ئىملا خاتالىقى يوق ھالەتتە بېسىشنى ئۈگۈنۈپ كەتكەن بولاتتى .   بەزى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ چىغىناق_تارغاق يېزىقىمىكىن دەپ قالىمەن . گەپ قىلاي دىسە يىڭى ئۈگەنگۈچىلەركەن .  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
بىلىك
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6777
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 55
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە55دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 682 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-10 11:11

كەڭسايدا تىلىمىزنىڭ ئىملاسى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 947
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە947دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 9942 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-05-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-10 11:47

مەن  بۇ  مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىن  تاتىپ ئىنكاس  ياسسام ئۇيغۇرچە يىزىقنى  يازغىلى  بولمىدى . بۇ مىنىڭ كومپۇيۇتىرىمدىكى مەسلە دەپ ئويلاپ باشقا يەرگە ئۇيغۇرچە يىزىپ ئاندىن بۇ بۇنبەرگە كۆچۈرۈپ ئىنكاس  يىزىپ كەلدىم .  قارىسام بۇنداق ئاۋارچىلىققا يولۇققانلار  يالغۇز  مەن  ئەمەسكەنمەن .  خىلى جىق تورداشلار پىنيىنچە  ئىنكاس  يىزىۋاتىدۇ.
سامان  يولى  ئەپەندىم  بۇ  نىمە  ئىشتۇ؟
ئادىيات
a
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2631
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 979
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە979دانە
ئۆسۈش: 1790 %
مۇنبەر پۇلى: 6826 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-04
ئاخىرقى: 2012-05-09
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-10 12:16

بەزى ئىنسانلارنى نىمىشقا ئەمەل تۇتۇش ئۈچۈن شۇنچىۋالا كۈچەپ كېتىدىغاندۇ دىسەم ئەسلى ئەمەلدارلىقمۇ خېلى بولىدىغان ئىشكەن ،باشقىلار قالايمىقان گەپ قىلسا زۇۋانىنى ئۆچۈرۈپ تۇرىدىكەنمىز، يەنە ئانچە مۇنچە خوشامەت ئارىلاش گەپ سۆزلەرگە يولۇقۇپ تۇردىكەنمىز،،،،،ئادەم ئۆزىچە خېلى خوش بوپ قالىدىكەن،،،،ھا،،،ھا،ھ،ا،،،ھا،،،،چاقچاق ھە،،،،،ئاللاھ ساقلىسۇن كىبىردىن،،
سىزنىڭ يۇقارقى چاقچاق لىرىڭىز مىنى تازا كۇلدۇرۋەتتى ھاتتا كۇلۇپ بولالماي ئىېغىز چىشلىرىممۇ ئىېچىلىپ كەتتى ئەمىلى گەپ قىپسىز يەنى بىر پىكىرىڭىز نادىر تىمىلانىڭ ئۇزۇن تۇمايلاپ ئارقا بەتكە يوتكىلىپ كەتكەنلىك مەسىلىس بۇ پىكىرىڭىزنىمۇ مەن قۆللايمەن
مىنىڭ پىكىرىم بولسا  توربەتنىڭ ئىېچىلغان چاغدىكى بەتلىرى باشقا توربەتلەرنىڭ كىدىن سەل جىق سىلە گە توغۇر كەلسە بىر بەتنى قىسقارتىشقا بولامدۇ دەپ تەكلىپ بىرىمەن

  
ناخشا-ئۇسۇل بىزنى سېگانلار ئېگە بولالمىغان‹‹شە ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 561
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 245
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە245دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2705 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-07
ئاخىرقى: 2012-05-07
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-10 12:34

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى تاھىر نىڭ 2011-09-10 11:10 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋەئەلەيكۇم_ئەسسالام ، ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز .   مىنىڭ بىر تەكلىبىم بار ، كەڭسايكام ئويلىشىپ كۆرسە .

ئىىنكاس يوللايدىغان رامكىنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنىڭ رەسىمىنى چىقارساق . بۇنداق بولغاندا مۇنبەرگە يېڭى كىرگەنلەر تىزلا ئانا تىلىمىزنى ئىملا خاتالىقى يوق ھالەتتە بېسىشنى ئۈگۈنۈپ كەتكەن بولاتتى .   بەزى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ چىغىناق_تارغاق يېزىقىمىكىن دەپ قالىمەن . گەپ قىلاي دىسە يىڭى ئۈگەنگۈچىلەركەن .  

قوللايمەن !  بۇ كەڭساي ئەڭ ئاۋال ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسلىلىلەرنىڭ بىرسى !  مەن كەڭسايغا باشلاپ كىرگەن يىڭى كەلدىئاخۇنلارغا يۇقارقىدەك ئىختىدارى بار مۇنبەرلەر گە كىرىپ قول كۆندۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن!  
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6980
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 57
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە57دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 950 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-09
ئاخىرقى: 2011-11-16
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-10 12:40

مەن بۇ پىكىرلەرنى %100 قوللايمەن .....ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق پىكىرلەر بوپتۇ  
ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىيدۇ !!!
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-05-08
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-10 15:05

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،مۇنبەرداشلار،مەن تەتىلنى تۈگۈتۈپ كېلىپ،تۈنجى كۆرگەن تېمام مۇشۇ بوپتۇ.مېنىڭ تۆۋەندىكىدەك پىكرىم بار:1.مەيلى تېما يوللىغاندا بولسۇن،مەيلى ئىنكاس يازغاندا بولسۇن ئىملاغا بەك دىققەت قىلساق.2.تېمىلارنى تەستىقلىغاندا (بولۇپمۇ شېئىرلارنى)مەزمۇنىغا دىققەت قىلغاندىن سىرت،شېئىرنىڭ شەكلىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلساق.مەزمۇنى ياخشى بولسىمۇ ،شەكلى توغرا بولمىسا تەستىقلىمىساق.
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
دوستلىشىش
مۇئەتتەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8889
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 41
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە41دانە
ئۆسۈش: 400 %
مۇنبەر پۇلى: 621 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-07
ئاخىرقى: 2012-05-01
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-10 16:41

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مەن كەڭ ساي مۇنبىرىنى بۇرۇندىن كۆررۈپ كېلىۋاتقان بولساممۇ ،ئەمما تېىخى بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئاران ئەزا بولدۇم.كەڭ ساي مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ يېڭىلىنىشى تېز،شەكىللىرى ھەر خىل ،مەن بۇھالەتنىڭ ئۈزۈلمەي داۋام ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئاتالمىش «چوڭ »مۇنبەرلەرگە بىر نەچچە پارچە تېما يوللىغان ئىدىم .ئەمما نىمە سەۋەپتىنكىن تاڭ بىر پارچە ئەسىرىم قۇلۇپلىنىپ قاپتۇ ،يەنە بىر پارچە تېماممنىڭ ماڭ بىر جاپادا چىقارغان رەسىملىرى ئېلىپ تاشلىنىپتۇ.تۈنۈگۈن قارىسام بىر پارچە تېمام ئىز دىرەكسىز ئۈچۈرلۈپ كېتىپتۇ،ئاچچىقىم غۈژژىدە كەلدىدە ،بىر ئادەمنىڭ كەينىدە لەپەڭشىپ يۈرۈيدىغان ئىتى يۇقاپ كەتسىمۇ ئىزدەيدىغان تۇرسا ،مانچە سائەت ئەجىر سىڭدۈرۈپ يوللىغان نەرسىگە ،بىرەر تال قىسقا ئۈچۈر بولسىمۇ يوللاپ قويماي ئۈچۈرۋەتكىننى نىمىسى؟؟؟!!!ھەممە ئادەمنىڭ مۈنبەرگە نېمە مەقسەتتە چىقىدىغانلىقى ئېنىق ،مەنمۇ ھازىرغىچە مۇنبەردە ئاھ ،كۆيدۈم پىشتىم دىگەندەك تايىنى يوق نەرسىلەرنى يوللاپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ ئولتۇرمىدىم ،پەقەت كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ،ئېنتىرنىت تور دۇنياسىدىن پايدىلىنىپ خەلقىمىزنىڭ دىنى ئېتىقادى ،مەدەنىيتى ،سىياسى تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تېپىپ ،تەرجىمە قىلىپ يوللاۋاتىمەن،بەلكىم مۇشۇ قىلغانلىرىمنىڭ ئاز ساندىكى كىشلەرنىڭ تەپەككۇر دۇنياسىغا بولسىمۇ ئازراق پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس دەپ قارايمەن.بىزلەرمۇ خىېلى ۋاقىتتىن بېرى مۇنبەرگە چىقىپ كىلىگلىك ،نىمىلەرنى يوللاش ،نىمىلەرنى يوللىماسلىقىنى بىلىمىز ،شۇنداقتىمۇ بەزى نەرسىلەر ئېھتىيات يۈزىسىدىن تەستىقلانماسلىقى مۇمكىن ،مۇشۇنداق ئەھۋاللار بولسا مۇنبەر باشلىقلىرىنىڭ «چوڭ »مۇنبەرلەرگە ئوخشاش چۈپەيلىك قىلماي ،بىر تال قىسقا ئۇچۇر يوللاپ بولسىمۇ ،ئەسەر يوللىغۇچىلارنى ۋاقىپلاندۇرۇپ قۇيىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.يەنە ئۈستىدىكى تورداش دىگەندەك ئەدەبى ئەسەرلەردىن سىرىت ،پەن تېخنىكا ،ئىلىم پەن ،ھۈنەر سەنئەت ،دىنى ئېتىقاد توغرىسىدكى تېمىلارنى يوللاشقا كۈچىسەك.
ياخشى ئادەم كۆپ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 900
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 558
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە558دانە
ئۆسۈش: 8600 %
مۇنبەر پۇلى: 10956 سوم
تۆھپىسى: 17 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
گۇرۇپپا: kangsay
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-05-10
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-10 17:00

تېمىلارنىڭ يۇيۇلىشىغا كەلسەك:
  يۇقۇرنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە قارشى بولمىسىلا يۇيۇلىشىغا شەخسەن مەن ئۆزەم قارشى تۇرىمەن....
ھەممە ئادەمنىڭ كۆز-قارىشىنى ئوچۇق ئىپادىلەشكە يول قويىشىمىز كېرەك!

«چوڭ»«داڭلىق»دەپ ناملارنى قويۇپ ،10 مىليون ئۇيغۇر نوپۇسى بار جەمىيىتىمىزدە  نام تالىشىشنىڭ زۆرۈرى يوق.... پۇتۈن دۇنيادىكى خىرىدارىمىز مۇشۇنچىلىكلا دىگەن گەپ.شۇڭا بىز نىڭ تور جەمىيىتىمىز 'يىزىقىمىزنىڭ'تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغاچقا ھازىرقى ھالدىنمۇ ھالقىپ ئۆتەلىشىمىز مۈمكىن ئەمەس.
شەكىل جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ئانچە مۇھىم ئەمەسمىكىن، ...ھازىرقى ھالىتىمىزنى ساقلاپ مەزمۇننى ياخشىلىساق بولا؟؟قاندا دىدىم؟
[ بۇ يازمىنىsirik 2011-09-10 17:56قايتا تەھرىرلىدى ]
تور بەت ئادرىسىنى بىۋاستە بىسىپ كىرىڭ !