ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەنمۇ ئازراق پىكىر قاتناشتۇرۇپ باقاي.ئەسلىدە مەن بۇنى ئايرىم بىر تىما قىلىپ يوللىماقچى ئىدىم. ئەمما ماۋۇ تىمىنى كۆرۈپ ئايرىم تىما قىلىپ يوللاشتىن ۋاز كەچتىم.
كۈنسىرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەت ئىچىدە كەڭساي مۇنبىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا نۇرغۇن تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى. بۇ زور تۆھپىنى مۇنبەر قۇرغۇچى كەڭسايكام،غەيرەت ۋە ھەر قايسى باشقۇرغۇچىلار،ئەزالارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاكتىپ خىزمەت قىلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ھەممەيلەن بىر-بىرىمىزنىڭ تۆھپىسىنى ئىتىراپ قىلىشساق.
ئەمدى مەن كەڭساي ئۈچۈن پاپدىلىق دەپ قارىغان بىر قانچە پىكىرلەرنى بەرمەكچىمەن.
1- مۇنبەردە دىموكراتىيە تولۇق ئىشقا ئاشسا دەيمەن. ھىس قىلىشىمچە ھەر قايسى ئەزالارنىڭ كەڭسايغا بولغان قىزغىنلىقى يۇقىرى بولسىمۇ ئەمما مۇنبەرنىڭ ئەزالارغا بولغان ھۆرمىتى دىگەندەك ئەمەس. بەزىبىر تىما ئىنكاسلار سەۋەپسىزلا ۋە ئۇچۇرسىزلا ئۆچۈرۈلىدىغان ھەتتا سۈرۈشتۈرسىمۇ جاۋاپ بىرىلمەيدىغان ئەھۋاللار خېلى كۆپ.يەنە بەزى تىمىلار نادىرلىنىپ بولغاندىن كىيىن سەۋەپسىز ياكى ئۇچۇرسىز نادىرلىنىشتىن قالدۇرۇلىدىغان ئىشلارمۇ بار. نادىرلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كۆرە باشتىلا نادىرلىمىسا ياكى نادىرلاشتىن قالدۇرۇشنىڭ سەۋەبى ئوچۇق ئۇقتۇرۇلساتىما ئىگىسىنىڭ پىكرى چىقماسلىقى مۇمكىن.يەنە بەزىدە مۇنبەر بىر نەچچە كۈن تاقىلىپ قالغاندا ئەزالار بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپ ئىنكاس يازسا ھىچكىمدىن تۈزۈكرەك جاۋاپ چىقمايدىغان ئىشلار ئەزالارنى كەمسىتكەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ياخشى كۆڭلى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئىككى ئېغىزمۇ بولسا جاۋاپ يېزىپ قويسا كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. ئەكسىچە بولسا «سىنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن نىمە كارىڭ ،نېنىڭنى يەپ ئىنكاسىڭنى يازە-ماڭ » دىگەندەك تۇيغۇ بىرىپ قويىدىكەن.مۇشۇنداق ئىشلارغا ئەزالارنىڭ نارازىلىقى جىق. بۇ ئەھۋال مۇۋاپىق ھەل قىلىنسا.چۈنكى مۇنبەر دىگەن قۇرغۇچىغا تەۋە بولسىمۇ تىما -ئىنكاسلار ئەزالارغا تەۋە. ھەر ئىككىسى بىر-بىرىگە مۇھتاج. نۇرغۇن مۇنبەرلەرگە تۈزۈك ئادەم كىرمەي ياكى تىما -ئىنكاس يوللانماي توپا بېسىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا كەڭساي مۇنبىرى ئەزالارنىڭمۇ تىگىشلىك ھۆرمىتىنى قىلىپ قويسا. ئاشۇ تىما-ئىنكاسلارنى يوللاش ئۈچۈن ئاشۇ ئەزا جىق ئەجر قىلىدۇ.شۇڭا ئالاھىدە سەۋەپ بولمىسا تىما ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلمىسە ياكى ئاشۇ ئەزاغا ئۇچۇر يوللىغاندىن كىيىن ئۇنىڭ پىكرىنى ئېلىپ تۈزىتىشكە،تەھرىرلەشكە بۇيرۇلسا ،ئامال بولمىسا ئاندىن ئۆچۈرۈلسە. ناۋادا مەدەنىيەتسىز ئىنكاسلار كۆرۈلسە تىمىدىن تارتىپ ئۆچۈرۈلمەي ئاشۇ ئىبارىلەرنىڭ ئۆزى ئۆچۈرۈلسە. بۇ ئىشتا باشقۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلسا.ھەر گىزمۇ تىمىنى تەستىقلاپ قويۇپلا تاشلىۋەتمەي ئىنكاسلارنى ئىز قوغلاپ ئوقۇپ تەھرىرلەپ تۇرسا .
2-باشقۇرغۇچىلار تىمىنى تەستىقلىغاندا تىمىنىڭ ئاخىرىغا ئۆزىنىڭ ئىمزاسىنى قويسا ئەزالار قايسى باشقۇرغۇچىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، قايسى باشقۇرغۇچىنىڭ خىزمىتىنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.ھەم باشقۇرغۇچىلارنى قەرەللىك باھالاپ مۇكاپات -جازا تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ ئەزالارنىڭ ۋە باشقۇرغۇچىلارنڭ ئاكتىپچانلىقى ئاشۇرۇلسا. بۇنىڭ بىلەن باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىمۇ،مەسئۇلىيەتچانلىقىمۇ ئاشىدۇ. ئەزالارنىڭ نازارەت قىلىشىغىمۇ،باھالىشىغىمۇ قولايلىق بولىدۇ.
3- تىما -ئىنكاسلارغا بىرىلىدىغان مۇنبەر پۇلى تەڭشەلسە.ھازىر بەزى مۇنبەرلەر مۇنبەر پۇلىنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇپ بىرىش چارىسىنى يولغا قويۇپ ئۆزىنىڭ مۇنبىرىگە ئەزا توپلاشقا باشلاۋاتىدۇ. ئۇلار 10 سومغا يەتكەندە شۇ ئەزانىڭ كاسىغا نەخ پۇل ئۇرۇپ بىرىش چارىسىنى يولغا قويۇپمۇ ئەزالىرىنى كۆپەيتەلمەيۋاتىدۇ.مۇشۇنداق رىقابەتتتە كەڭساي مۇنبىرىمۇ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ ئەزالارنىڭ تىما ۋە ئىنكاسلىرىغا بىرىلىدىغان مۇنبەر پۇلىنى كۆپەيتىپ بەرسە. بۇنىڭ ئەزالارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشتا ئۈنۈمى زور بولىدۇ. ئاندىن قوچاق ئىنكاس يازغانلار بىلەن ئەھمىيەتلىك ئىنكاس يازغانلارنىڭ مۇنبەر پۇلى پەرقلىق بولسا. چۈنكى بەزى ئىنكاسلار ھەتتا تىمىدىنمۇ ئەھمىيەتلىك . ئۇزۇنراق ئىنكاس بىلەن رەھمەت ،ھەشقاللا دەپ يېزىلغان ئىنكاسلارمۇ پەرقلەندۈرۈلسە.
4- ئىجادى تىما يوللاشقا قىززىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىجادى تىما بىلەن كۆچۈرۈلمە تىمىنىڭ مۇنبەر پۇلى تەڭشىلىپ ئىككىسىنىڭ بىر تاياقتا ھەيدىلىپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنسا.
5-بەزى مۇنازىرىلەردىكى قوپال ئىبارىلەر،بىر-بىرىنىڭ شەخسىيىتىگە تىگىدىغان مەدەنىيەتسىز ئىبارىلەر ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ تاشلانسا.چۈنكى مۇنازىرە دىگەن بىر-بىرىنى تىللىۋېلىش ،كەمسىتىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنىدۇ. شۇڭا ئەزالارمۇ بۇنىڭغا دىققەت قىلسا ھەم ئەسكەرتىش بىرىلسە.
ۋاقتىم قىس بولغاچقا تەھرىرلەشكە ئۈلگۈرەلمەي ئىنكاسلىرىم تاققا -تۇققۇ يېزىلىپ قالدى. كەچۈرگەيسىلەر.
[ بۇ يازمىنىsayram0998 2011-09-13 17:23قايتا تەھرىرل ]