باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2212 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: تۈركىيەدىن ئىسرائىلىيەگە ئۇلتىماتۇم
دوستلىشىش
توران
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 942 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-10-18
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 16:14

تۈركىيەدىن ئىسرائىلىيەگە ئۇلتىماتۇم


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ماۋى مارمارا ۋەقەسى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان دوكلاتىنىڭ ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنىشى ھەمدە دوكلاتنىڭ مەزمۇنى تولىمۇ ھەيران قالارلىق ئىدى. دوكلاتتا، ماۋى مارمارا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈرك ۋەتەنداشلىرىغا تۆلەم تۆلىنىشى ۋە تۈركىيەدە كەچۈرۈم سورىلىشى ئۈمىدى ئېتىبارغا ئېلىنمىغىنىدەك، ئىسرائىلىيەگە يېقىن ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن سىياسەتچىلەرنىڭ ھەقىقەتنى بورمىلاشلىرى بىلەن تۈركىيە گۇمان ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشقا ئورۇلۇنىۋاتاتتى. ھېچقانداق بىر تۇزاققا چۈشۈپ قېلىشنى خالىمىغان تۈركىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئىسرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرۇلۇق قارار ئېلىش بىلەن ئىنكاس قايتۇردى. دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بىلدۈرۈلۈشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماۋى مارمارا ۋەقەسىگە قارىتا پەرۋاسىزلىقىنى تەنقىد قىلدى. تۈركىيە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماۋى مارمارا ھۇجۇمىغا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىشىغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ۋە قىلمىشلىرىغا بەدەل تۆلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە تۆۋەندىكىدەك ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى:
ئەگەر ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 2011 - يىلى 6 - سېنتەبىر كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندىمىسا، تۈركىيە مۇنۇ ماددىلاردىن تەركىب تاپقان بىر ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ. تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى 2 - كاتىپ سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈلىدۇ؛ تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق ھەربىي كېلىشىملەر توڭلىتىپ قويۇلىدۇ؛ شەرقىي ئاق دېڭىزدا ئۇرۇش بىخەتەرلىكى خەۋەرلىشىشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەدبىر ئېلىنىدۇ؛ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگو توغرۇلۇق خەلقئارا ئەدلىيە مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇلىدۇ؛ ماۋى مارمارا ھۇجۇمىدا زىيانغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ خەلقئارالىق سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز سۇنۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ.
تۈركىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى مۆلچەردىكىگە ئوخشاشلا پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. تەبىئىي رەۋىشتە ئەڭ دىققەت قوزغىغانلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى ئىدى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پوزىتسىيەلىرىنىڭ قىلچە ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى، تەرەپلەرنى تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون بولسا، ماۋى مارمارا ھۇجۇمى توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان دوكلات توغرۇلۇق ھېچنېمە دېمەسلىك بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە تاپشۇرغان ئۇلتىماتۇمى، تۈرك دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا تاشلىغان ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان قەدەملەردىن بىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن. تۈركىيە، بۇ پوزىتسىيەسى ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ «دەخلى تەرۇز قىلىشقا بولمايدىغان» لىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنيا سىستېمىسىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارىتا «ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش» قارىشىغا ئېتىراز بىلدۈرمەكتە. ئەلۋەتتە ھازىرغىچە ئىسرائىلىيەگە قارشى ئەڭ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقان دۆلەتلەر بولغان، بىراق تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە پەرقلىقتۇر. ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئەڭ ئىشەنچىلىك ئقىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيەنىڭ تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيەسى، ئۆز رايونىدا ۋە دۇنيادا كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىۋېتىش خاراكتېرىگە ئىگە. تۈركىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى پەلەستىن مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم شۇنداقلا يولغا قويۇلغان ھەل قىلغۇچ ئىستراتېگىيە دېيىش مۇمكىن، شۇڭا تۈركىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىگە قىلچە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئۇقۇمى ۋە ئەھمىيىتىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
بىرىنچىسى؛ تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قانچە ئون يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان قانۇنسىزلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ سەل قارىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلغاندىن تارتىپلا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشغالىيەت، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش، زوراۋانلىق قاتارلىق قىلمىشلىرىنى تولىمۇ ئەپسۇسكى خەلقئارا جەمئىيەت كۆرمەسكە سالدى ۋە سېلىۋاتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر، خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە دەپسەندە قىلىنىشىغا قارىتا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىغا قارىتا نە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، نە غەرب ئەللىرى، نە تۈركىيە، نە ئىسلام دۆلەتلىرى ھازىرغىچە ھېچقانداق ئاكتىپ سىياسەتنى يولغا قويالمىدى. ھالبۇكى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇرۇشتىن قىلچە ۋاز كەچمىدى.
ئىسرائىلىيە ئىگە بولغان بۇ «ئالاھىدىلىك ئېڭى»، ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. ئىسرائىلىيە ھەم پەلەستىن مەسىلىسىنى تېخىمۇ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مۇرەككەپ بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى ھەمدە ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى منۇقىمسىزلاشتۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن دۇنيا سىياسىتىدە بىر قىسىم سەلبىي قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى. مەسىلەن «ئەل قائىدە» گە ئوخشىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى سادىر قىلدى. گەرچە بۇنداق قىلمىشلار قانۇنىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىنمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدى.
بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە تاپشۇرغان ئۇلتىماتۇمىنىڭ ئىككىنچى تۈرلۈك ئەھمىيىتى؛ پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ھەم قىلىنىشى ۋە رايوننىڭ تىنچلىقىغا قوشقان ھەسسىسى بولۇپ قالىدۇ. تۈركىيە بۇ ئارقىلىق ئىسرائىلىيەگە قارىتا بېسىمنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن بولدى. بۇنى تۈركىيەنىڭلا ئەمەس خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان بېسىمى دەپ قاراش كېرەك. بۇ ئارقىلىق تۈركىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ھېچنېمە دېمەسلىكتەك پوزىتسىيەسىگە خاتىمە بەرمەكتە، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ساداسىغا ئايلانماقتا. تۈركىيە بۇنى ھەم ھەممىگە مەلۇم بولغان ئىسرائىلىيە لوبىسى ۋە تەسىر كۈچىگە، ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، مالىيە ۋە سىياسىي جەھەتتىن نارازىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىغا قارىماي ئىشقا ئاشۇرماقتا.
ئەگەر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، غەرب ئەللىرى ۋە ئىسلام دۇنياسى پەلەستىن مەسىلىسىنى، ئادىل، ئۈزۈل كېسىل ۋە قانۇنىي جەھەتتىن ھەل قىلىشنى خالىسا، ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتە ئوتتۇرىغا چىققان ئەرەب باھارىنىڭ ئىجابىي شەكىلدە نەتىجىلىنىشى خالىسا، ئەڭ مۇھىمى تۈركىيەنىڭ تىنچلىقنى ياقىلاپ يولغا قويۇۋاتقان دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى خالىسا، ئۇنداقتا تۈركىيەنىڭ ئۇلتىماتۇمىنى قوللاشلىرى كېرەك. چۈنكى بۇ ئۇلتىماتۇمنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى، ئالدى بىلەن تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
تۈركىيەنىڭ ئۇلتىماتۇمىنىڭ ئۈچىنچى مۇھىم تەرىپى بولسا، تۈركىيە- ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كۈچەيتىشتۇر. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە ئوخشاشلا، تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ ئىزچىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى لازىم. مۇناسىۋەتلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنىڭ يوققا چىقىرىۋېتىلىشى، كۆرمەسلىككە سېلىنىشى ۋە سۈنئىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا ئورۇنۇلۇشى تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇنداق كېتىۋەرسە، تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
بۇ نۇقتىنى بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى كەڭ جامائەتچىكنىڭ دىققىتىگە سۇنىمەن. تۈركىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى، پەقەت تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى جەھەتتىنلا ئەمەس، رايوننىڭ تىنچلىقى، خەلقئارا قانۇن ۋە دۇنيا سىياسىتىنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتىنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قەدەم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ، تۈرك دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە تۈپ مەنپەئەتى جەھەتتىن خەۋپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەمما خەۋپتىن قورققاندا ھېچقانداق بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى پۈتكۈل تۈرك خەلقىگە بەش قولدەك ئايان
مەنبە :ترت
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4755
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 52
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 571 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2011-09-26

بۇ ئىشتا تۇركىيە زىيان تارتىدىغان بۇلدىدە
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 545
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە545دانە
ئۆسۈش: 2060 %
مۇنبەر پۇلى: 6862 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2011-10-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 20:46

1-قەۋەت (ablatmamat) نىڭ يازمىسىغا

       زىيان تارتىشتىن قورقسا ، باشقا ئەرەپ ئەللىرىگە ئوخشاش بۇزەك بولۇپ ،  قوساق ئىسىلىپ ئولتۇرسا بولىدۇ شۇ .
بۇ قېتىم تۈركىيە ئەركەكتەك ئىش قىلدى .   ئىسرائىلىيەنىڭ زۇمىگەرلىكىنى بىت-چىت قىلىدىغان ۋاقىت كەلگەندەك تۇرىدۇ ... ياشىسۇن تۇركىيە!!!
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
abduwali123
ئى ئاللا بىر سلگە ئىبادەت قىلمىز ۋە بىر سلدىن ياد ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3898
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 484
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە484دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 4965 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2011-10-18
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 21:00

ئەلۋەتتە شۇنداق بۇلۇشقا تىگىشلىك ، زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش ، زۇلۇم قىلغۇچىغا ياردەم قىلغان بىلەن باراۋەر
ياشسن تۈركىيە ، ھەققانىيەت ئۈچۈن مەيدە كىرىپ چىققانلار
  
adasdsadas
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1766
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 713
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە713دانە
ئۆسۈش: 340 %
مۇنبەر پۇلى: 7525 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2011-10-18
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 22:19

زادى ھەيۋسنى بىر سۇندۇرۇپ قويسا بۇلاتى .مۇناپىق يەھۇدلىنىڭ    
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1276
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1276دانە
ئۆسۈش: 4410 %
مۇنبەر پۇلى: 16016 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2011-10-08
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 23:32

پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقىنى دۇلىتمىزمۇ قەتئى قۇللايدىكەن،،، 
mp3
دوستلىشىش
muhtarbay
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 561
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە561دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7299 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2011-10-19
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 23:52

تۇركىيە قىلتاققا چۇشۇپ كەتمىسە بولاتتىغۇ،ئۇلار تۇركىيەنىڭ قەستەن چىشىغا تىگىپ تۇركىيەنى بىخ ھالىتىدىلا  بىر تەرەپ قىلماقچىمۇ قانداق،تۇركىيەنىڭ ئەتراپىدا چىشىنى بىلەپ تۇرغان قىيامەتلىك دۇشمەنلىرى ھە ھۇ دەپ بۇ ئويونغا سورەپ ئەكىرىپ قويۇۋاتقاندەك،تۇركىيەنىڭ بۇ دۇنيادا بىرمۇ دوس دولىتى يوق،ھىچ قايسى دولەت تۇركىيەنىڭ قۇدرەت تىپىپ تارىخىدىكى سەلتەنىتىگە قايتىشىغا خالىمايدۇ،بولۇپمۇ ئەرەپ دولەتلىرى ،ئەرەپ دولەترىنىڭ ھەممىسى ئىسرائىليەنىڭ يىقىن ئىتپاقدىشى،يىنىدىكى تام قوشنىسى بولغان ئىران،گىرىتسىيە روس ۋە غەرىپ ئەللىرى تېخىمۇ شۇنداق،ھىچ بولىمىدى دىگەندە تۇركىيە 10 يىل مۇشۇ تەرەقىيات يولىنىشىنى ساقلاپ قۇدرەت تىپىۋالسا بولاتتى ،تۇركىيەنىڭ توقۇنۇشقا ئارلىشىپ قىلىشىنى پەقەت خالىمايمەن،مۇشۇ ھاياتىمىزدا بولسىمۇ تۇركىيەنىڭ قۇرەت تىپىپ كۇچلۇك بىر دولەت بولغىنىنى كورسەك بولاتتى
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1276
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1276دانە
ئۆسۈش: 4410 %
مۇنبەر پۇلى: 16016 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2011-10-08
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 23:58

[quote]بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى muhtarbay نىڭ 2011-09-08 23:52 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
تۇركىيە قىلتاققا چۇشۇپ كەتمىسە بولاتتىغۇ،...........
-------تۇركىيە ھۇكۇمىتى دۇلەت ئىچىدىكى خەلىق رايى بۇيىچە ئىسرائىلىيىگە قاتتىق پۇزىتسىيە تۇتىۋاتىدۇ،،،،لىكىن ئىسرائىلىيە تۇركىيە ئۇتتۇرىسىدا ھەربى تۇقۇنۇش كەلتۇرۇپ چىققىدەك بىۋاستە تالاش-تارتىشى يۇق،،تۇركىيە ئۇرشىپ قالسا گىرىتسىيە(؟؟) بىلەن ئۇرشۇپ قالاتتى  ،،،ھازىرقى ۋەزىيەت ئىسرائىلىيە ئۇچۇن پايدىسىز ،،،،پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانى كۇرەشلىرى چۇقۇم غەلبىگە ئىرىشىدۇ ،،،تۇركىيەمۇ دۇلەت ئىچىدىكى كۇرىتلار مەسىلىسى،،،ئىسلامچىلار بىلەن دىمكىراتچىلار ئۇتتۇرسىدىكى زىدىيەتلەرنى تۇغرا ھەل قىلىپ دۇنيادىكى قۇدرەتلىك دۇلەت بۇلۇپ چىقىشى ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۇرسىتىدۇ...!!!!
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 1828
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1828دانە
ئۆسۈش: 4490 %
مۇنبەر پۇلى: 22106 سوم
تۆھپىسى: 171 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-10-19
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-09 00:08

7-قەۋەت (kuwruk) نىڭ يازمىسىغا

ھەي كۆرۈككا ، كۆپرەك كىتاپ ئوقۇغىنا ....  دىمكوراتىيە  ئىسلامنىڭ ئىچىدە بار .
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
مۇھاجىر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7954
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 30
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 310 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-19
ئاخىرقى: 2011-09-20
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-09 10:51

بۇ ئىش بەك ياخشى بۇلۇپتۇ