باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2935 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: قورقما! مەن مۇسۇلمانمەن
دوستلىشىش
samanyoli
،،،،،،،،،،،،؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1933
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1933دانە
ئۆسۈش: 8610 %
مۇنبەر پۇلى: 26107 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-09-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 15:16

قورقما! مەن مۇسۇلمانمەن




ئالەم يورۇماقتا. كۈننىڭ ئەلچىسى ئۇپۇق گىرۋىكىگە قەدەم باسماقتا. يۇلتۇزلار يوشۇرۇنماقتا. كائىنات يېڭى بىر كۈننى كۈتۈۋالماقتا. قۇشلار ياراتقان رەببىگە ھەمدۇ-سانالارنى ياغدۇرۇپ بەس-بەستە سايرىماقتا. ساباھ مەيىن شامالدا ئۈزۈپ يۈرگەن ساپ ھاۋالار دىماقلارنى راھەتلەندۈرمەكتە.
تېلىم زىكىر بىلەن، قەلبىم پىكىر بىلەن مەشغۇل. نېئمەتلەردىن مېھنىتىمسىز رىزىقلىنىۋاتقانلىقىمغا شۈكرى قىلماق ئۈچۈن، بەندىلىك مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلماق ئۈچۈن تېخى بايىلا قىلغان سەجدە-رۇكۇلىرىمدا نەملەنگەن كۆزلۈرۈم بارغانسىرى ئۆتكۈرلەشمەكتە. دىلىمدا غەيرى بىر سەۋدا، ئالدىمدا يېڭى بىر دۇنيا.
مەسجىدتىن ئۆيۈمگە قايتقۇچە ئاللاھتىن رىزىقنى تىلەپ سەھەردىلا نېسىۋىسىنى ئىزدەۋاتقان بىر مۈشۈك مەندىن ئۈركۈپ قىچىشقا تەمشەلدى. توۋا... نىمە ئىش بۇ؟ مەن ساڭا نېمە دەخلە قىلارمەن؟ ئى جانىۋار... قورقما! مەن بىر مۇسۇلمانمەن. مەن باشقىلاردەك سىنى تۇتۇۋىلىپ ساتمايمەن. ئۆلتۈرۈپ يېمەيمەن. مىنىڭ ئىمانىمدا سىىنىڭمۇ تىگىشلىك ھەققىڭ بار. ئىنسان تۈگۈل ھايۋانلارغىمۇ زۇلۇم قىلىشنى چەكلىگەن ئىسلام-ئۇ مىنىڭ ئىتىقادىمدۇر.
ئەمما ئۇ تېخىمۇ بەكرەك ئۈركۈپ قاچتى. ئۇ ماڭا ئىشەنمىگەن ئىدى. قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟ دىلدىكى ئىمان ۋۇجۇدىنى قاپلىيالمايدىغان مۇسۇلمانغا، قىرىنداشلىرى ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەت يوقالغان جامائەتكە، ئاللاھ قا بولغان ساغلام ئىتىقادى يوقۇلىۋاتقان مىللەت ۋە جەمىيەتكە ئۇ قانداقمۇ ئىشەنسۇن! كۆڭلۈم يېرىم، دىلىم ئاچچىق بولىۋاتاتتى.
مۈشۈك يىراق يەردىن ماڭا خۇددى نەپرەت ۋە ئاچچىق تەنە ئارىلاش مەسخىرىلىك قاراۋاتقاندك قىلاتتى. دىمىسىمۇ مەن دەۋاتقان بۇ مۇسۇلمانلىق ئۇلارغا ئەمىنلىك تۇيغۇسى بىرەلمىگەنىدى. يېرىم ئەسىرگە يىقىن ۋاقىتتىن بىرى قىلىنىۋاتقان زۇلۇم ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا چۇڭقۇر ھاڭلارنى پەيدا قىلماي قالسۇنمۇ؟ جاھان سوراۋاتقانلارنىڭ ئاسماندا ئۇچقان، يەردە يۈرگەننى تىرىك قويمايدىغان ئىشتىھالىرى بۇ ھايۋانلارنى چۈچىتمەي قويارمۇ؟
ئىختىيارسىز تارىخلارغا نەزەر سالدىم. كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئائىلىلىرىمىزدە بىقىلىدىغان شۇنچە كۆپ ئەرمەك ھايۋانلىرىمىز، ئىگىسىز ئىت-مۈشۈكلەرمىز قىنى؟ پىشايۋانلىق ھويلىرىمىزغا چاڭگىلاپ بىز بىلەن بىللە ياشايدىغان قۇچقاچلىرىمىز، پاختەك-كەپتەرلىرىمىز باھار ئەلچىسى قارلىغاچلىرىمىز قىنى؟ ئۇ چاغلار ھەممىمىزگە نېسبىتەن غەمسىز چاغلارمىكىن، تاڭ؟ ئەپسۇس ئۇنى بەزىلەر يەپ كەتتى. ئۇلار بىزنىڭ بىخەتەرلىك چىگرالىرىمىز ئىكەن بىلمەپتۇق. قوغدىيالماپتۇق. بۇرۇن پاقىلارنىڭ ئىگىسى بارمۇ دەپ سورايدىغانلارنىڭ بۈگۈنكى ئوۋچىلارغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ئىنىققۇ؟ ئەمما بىز ئۇنى ئۇنتۇدۇق. لىكىن ھايۋانلىرىمىز ئۇنۇتالمىدى. ئەنسىز زامانلارنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن داۋام قىلىشى نەتىجىسىدە بۇرۇنقى ئەرمەك ھايۋانلىرىمىز ياتلىشىپ ياۋايى ھايۋانلارغا ئايلىنىپ كەتتىيۇ، بىز ياتلار بىلەن بىللە ياشاشقا كۆنۈپ كەتتۇق. توۋا..!
-شۇنداقتىمۇ!.. مەن ئۇنىڭغا قاراپ يەنە خىتاب قىلدىم.
-ئەي جانىۋار! مەن ئۇلاردىن ئەمەس، قورقما! مەن مۇسۇلمانمەن.
ئەمما ئۇ تىخىمۇ يىراقلارغا ئۇزاپ كەتتى. كېتىش ئالدىدىكى مىياۋلاشلىرى ماڭا خۇددى، "-سەن شۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلغىنىڭ ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇلارنىڭ قاتارىدىنسەن" دەپ قىيداۋاتقاندەك قىلاتتى.

بەش-ئالتە يىل ئىلگىرىكى تۇيغۇلىرىمغا ئاساسەن يېزىلدى.
ئاشىق يازمىلىرىدىن پارچە

ئىنسان ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8864
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 75
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە75دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2012-04-19

ئەسسالامۇئەلەيكۇم!! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! نەسىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ، تىلىمۇ شۇنداق پاساھەتلىك نەپىس بوپتۇ. ھەربىر ئىنساننى ئۆكۈندۈرىدىغان،ئويلاندۇرىدىغان تېما بوپتۇ. مۇسۇلمان شۇنداق بىر ئىنسان، ئادەملەر ئۇ ياقتا تۇرسۇن ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ ھەقىقىي مىھىر-مۇھەببەت يەتكۈزىدىغان كىشىدۇر.
ئى مۆمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6647
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 68
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە68دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 840 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-22
ئاخىرقى: 2012-05-23
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 16:58

-شۇنداقتىمۇ!.. مەن ئۇنىڭغا قاراپ يەنە خىتاب قىلدىم.
-ئەي جانىۋار! مەن ئۇلاردىن ئەمەس، قورقما! مەن مۇسۇلمانمەن.
ئەمما ئۇ تىخىمۇ يىراقلارغا ئۇزاپ كەتتى. كېتىش ئالدىدىكى مىياۋلاشلىرى ماڭا خۇددى، "-سەن شۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلغىنىڭ ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇلارنىڭ قاتارىدىنسەن" دەپ قىيداۋاتقاندەك قىلاتتى.
ھەقىقەتەن بىز ئۇيلىنىشقا  تىگىشلىك سۇزلەركەن . توغرا مەنمۇ مۇسۇلمان..............................
ئاجەپ ئۇزۇن بولدى بۇ كىچە....
ئىنمەل مۆئمىنىنە ئىخۋە=مۇسۇلمانلار بىر قىرىنداش
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8824
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 103
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە103دانە
ئۆسۈش: 400 %
مۇنبەر پۇلى: 1359 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-01
ئاخىرقى: 2012-07-11
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 17:21

ھەدىستە كەلتۇرشچە  بىر پائىشە قاغجىراپ كەتكەن ئتنى ئاياق كىيمى بىلەن سۇغارغانلىقى سەۋەپتىن جەننىتى بولغان
چۇنكى بۇ ئەمەلدە ئاللاھقا بولغان ئىخلاس بىكىنىپ ياتقان .ھازىر شۇ ھايۋنلارمۇ بىزگە .ئىشەنمەس بولۇپ قاپتۇ


تىما ئىگىسگە رەھمەت !!!  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5644
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 17
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
ئۆسۈش: -20 %
مۇنبەر پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-10
ئاخىرقى: 2012-08-13
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 17:32

چۇنكى ھايۋانلارمۇ  اللانىڭ  دۇر.بىزنى اللاھ ئۇلارنى قوغداشقا بۇيرىغان.  
باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق كۈندە ئۆلىدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6689
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 802
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە802دانە
ئۆسۈش: 7210 %
مۇنبەر پۇلى: 13357 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2012-09-07
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 18:12

ياخشى يېزىلىپتۇ. ئالدىرماي ئوقۇپ، ئويلىنىپ باقىدىغان بولساق بۇ تېمىدىن خېلە جىق نەرسىلەرنى ئۆگۈنىۋالىمىز.
ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
...
arslantikin
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8805
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 161
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە161دانە
ئۆسۈش: 850 %
مۇنبەر پۇلى: 2078 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-30
ئاخىرقى: 2012-02-26
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 19:49

راس ، بىز قوغداشقا تىگىشلىك  كۆپ نەرسلىرىمزنى  قوغدىيالمىدۇق  بۇيۇك ئاللاھ گۇناھلىرىمنى كەچۇرسىلە
arslantikin
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1148
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1148دانە
ئۆسۈش: 1340 %
مۇنبەر پۇلى: 13294 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-09-03
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-08 20:19

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇنsamanyoli نىڭ 2011-09-08 15:16 يوللىغان يازمىسى قورقما! مەن مۇسۇلمانمەن :
 "-سەن شۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلغىنىڭ ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇلارنىڭ قاتارىدىنسەن" دەپ قىيداۋاتقاندەك قىلاتتى

.......

  بۇ سۈكۈت زادى قاچان قەيەردىن باشلانغان؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئەتە ئۈلۈم!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6889
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 253
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە253دانە
ئۆسۈش: 800 %
مۇنبەر پۇلى: 3194 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-03
ئاخىرقى: 2012-09-06
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-09 17:08

    ھەقىقەتەن ياخشىكەن ،بىراق  ئۈستىدىكى  بېزەك رەسىم بولماپتۇ  چۈنكى قاناتلىق ئادەم خىرىستىئانلارنىڭ نەزىرىدىكى پەرىشتە نىڭ سىمۋولى ، بولسا ئويلىشىپ بېقىپ ئۆزگەرتىۋېتەرسىز  .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6980
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 57
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە57دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 950 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-09
ئاخىرقى: 2011-11-16
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-09 18:27

ھەقىقەتەن ياخشكەن ...مەزمونى چوڭقۇر چۈشەنگەن ئادەمگە
ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىيدۇ !!!