دىلدىكى ئىمان ۋۇجۇدىنى قاپلىيالمايدىغان مۇسۇلمانغا، قىرىنداشلىرى ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەت يوقالغان جامائەتكە، ئاللاھ قا بولغان ساغلام ئىتىقادى يوقۇلىۋاتقان مىللەت ۋە جەمىيەتكە ئۇ قانداقمۇ ئىشەنسۇن! كۆڭلۈم يېرىم، دىلىم ئاچچىق بولىۋاتاتتى.
بۇرۇن پاقىلارنىڭ ئىگىسى بارمۇ دەپ سورايدىغانلارنىڭ بۈگۈنكى ئوۋچىلارغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ئىنىققۇ؟ ئەمما بىز ئۇنى ئۇنتۇدۇق. لىكىن ھايۋانلىرىمىز ئۇنۇتالمىدى. ئەنسىز زامانلارنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن داۋام قىلىشى نەتىجىسىدە بۇرۇنقى ئەرمەك ھايۋانلىرىمىز ياتلىشىپ ياۋايى ھايۋانلارغا ئايلىنىپ كەتتىيۇ، بىز ياتلار بىلەن بىللە ياشاشقا كۆنۈپ كەتتۇق. توۋا..!
ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلىرىمىزغا نىمە دىگەن ماس كەلگەن-ھە. ھەي.....