ئۇ دەيدۇ ئۇ تەس بۇ دەيدۇ بۇ تەس ،
جاھاندا تەس نەرسە بەك ئېنىق ئەمەس .
چۈمىلدىن ئاجىزسەن باسقىنىدا نەس ،
مۇنبەرداش رەنجىيدۇ داھىم كۆڭلى غەش ،
دەيدىكەن مۇنبەردە ئىنكاس يازماق تەس .
ئاران بىر تىزمىتلىپ كىرسە مۇنبەرگە ،
تىمىلار يېغىپ كىتەر تولۇپ ، ھەر يەرگە.
بىلەلمەيدۇ دەپ ئىنكاسنى يازارمەن نەگە،
كۆزلىرى چەكچىيەر ، پىشانە تەردە .
مۇنبەردە ھەممىدىن ئىنكاس يازماق تەس .
يازغۇچىدىن رەنجىيمىز دەپ ئۇزۇن نىمانچە ،
راسىت گەپ قىلساق سەۋرىمىز يەتمەيدۇ ئۇنچە .
ۋاقىتقۇغۇ يىتەر بىزدە سەۋىيە قانچە ؟
دۇم يېتىپ يازسىمۇ بىز ئوقۇيمىز يانچە .
(ۋاي يازغانمۇ چوڭ ئەمەس پەرۋا ، قىلمايمىز ئانچە )
مۇنبەردە ھەممىدىن ئىنكاس يازماق تەس .
تاپالمايمىز ئىنكاسقا يا بىرەر ياخشى گەپ ،
يا شۇ يازغۇچىغا يا ئۆزىمىزگە يەتكۈزەلمەي نەپ .
يا تولۇق ئوقۇيالمايمىز تىمىغا نەچچە رەتلەپ كەپ ،
بۇ تىمىلارمۇ توختىمايدۇ كىلىدۇ سەپ -سەپ .
( ھە دەپ قويساق يېزىۋىرەر توختىماس خەپ -خەپ )
مۇنبەردە ھەممىدىن ئىنكاس يازماق تەس .
كۈلۈۋېلىڭ دەيدۇ بىرى كۈلمىىز تازا ،
مەرسىيە دەپ يازار بىرى ئاچىمىز ھازا .
گاھى مەشرەپ سەيناسى بۇ مۇنبەر گاھ مازا ،
گاھ مەرىپەت ئوچىقى گاھ قاينايدۇ بازا .
(مۇكاپات بار گاھى خوش قىپ ، گاھىدا جازا) .
مۇنبەردە ھەمممدىن ئىنكاس يازماق تەس .
نىمە ئىزدەيمىز بىلەلمەيمىز ، تىمىلار ئارا ،
ھەممىنى بىر بىرلەپ كۆرىمىز يانا .
ساختىپەزلەك ، نامپەرەسلىك بولىدۇ بالا ،
ئىنكاسقا ئالدىراپ ئوقۇيمىز چالا .
( ئىنكاس قېنى دىگەنلەرگە دەپ ئىنكاس مانا )
مۇنبەردە ھەمممدىن ئىنكاس يازماق تەس .
بىرى دەيدۇ سەھىيەدىن مەن دوختۇرمەن يوللاپ ،
بىرى يوللار پىسخىدىن بۇ راسىت دەپ گوللاپ .
بىرى يوللار ئەسسالام دەپ سالام قوش قوللاپ ،
ۋاي مۇنبەردە سەھىپىلەر كەتتى تولىلاپ ،
( بىلىم دىگەن ئىنچىكلەشتى كەتتى ئۇۋىلاپ )
مۇنبەردە ھەمممدىن ئىنكاس يازماق تەس .
كۆرمىدىڭمۇ بىر تىمنى كۆرىدۇ مىڭى ،
زورلاپ تۇرۇپ ئىنكاس يازار مىڭ تەستە بىرى .
ئىملا خاتا ، ياكى مەزمۇنى ئىككى ئۈچ يېرى ،
تىما يوللايدۇ بىرى ئاڭا مەدىتى قېنى ؟؟؟
( تىما يوللىغۇچى ھېچ بولمىسا ئارزۇلار شۇنى )
مۇنبەردە ھەمممدىن ئىنكاس يازماق تەس .
يازغانلارمۇ بىر - بىرنى قويار نەقىل قىپ ،
بىلمەك قېيىن ئويلىنىدۇ كىملەر پىكىر قىپ .
يازغۇچىلار يازار تاختىغا زىرىكمەي ..تىكىر..تىكىر ..قىپ ،
دەۋەت قىلار بىر ھەق يولغا ھەقنى زىكىر قىپ .
(مۇنبەرداشلار ئوۋ ئوۋلايدۇ يۈرەر شىكار قىپ )
ئىنكاس كۈتكەن تەشنا دىلنى ئىنكاسقا زار قىپ ،
ياكى مۇنبەر ئىنكاس بوشلۇقىنى قىلدىمۇ تار قىپ
ئاشۇ تىما يوللىغۇچى ئەجرىنى كۆرسىتىپ خار قىپ )
مۇنبەردە ھەمممدىن ئىنكاس يازماق تەس .
...
http://bbs.makanim.cn/read.php?tid=12430