قانچە نەپەر ئىسلام خەلىپىسى بار؟ 
    ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىپ بۈگۈنگىچە دۇنيادىن قانچە نەپەر ئىسلام خەلىپىسى ئۆتتى؟ 
    خېلىپە ئىسمى، ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد (س. ئە. ۋ) ئالەمدىن ئۆتۈپ مۇسۇلمانلارغا باشلامچىلىق قىلغان كىشىلەرگە بىرىلگەن ئىسىم بولۇپ، خەلىپىلەر 6 دەۋىرگە ئايرىلىدۇ. 
    1- قىسىم خەلىپىلەر تۆت خەلىپە دەۋرىدۇر. باشقا خەلىپىلەرنىڭ زامانى 5 خەلىپە زامانى دەپ ئاتىلىدۇ. 
    پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىن جەمئى 117 خەلىپە ئۆتتى. 
    تۇنجى خەلىپە ھەزرىتى ئابابەكرى سىددىق رەزىياللاھۇ ئەنھۇ بولۇپ، ئاخىرقى خەلىپە 2- ئابدۇل مېجىت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. 
    خەلىپىلىك 1924- يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيېتى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرىلدى.     
   1- تۆت خەلىپە ياكى، خۇلەفائى راشىدىن دەۋرى. 
   2- ئەمەۋىلەر دەۋرى (661- 750- يىللىرى ئارىسىدا 14 خەلىپە ئۆتكەن بولۇپ، خەلىپىلىك 89 يىل بويىچە ئەمەۋىلەردە بولدى). 
   3- ئابباسىلەر دەۋرى (750- 1258- يىللىرى ئارىسىدا جەمئى 37 خەلىپە ئۆتكەن بولۇپ، خەلىپىلىك 508 يىل بويىچە ئابباسىلەردە بولدى). 
   4- پاتىمىيە خەلىپىلىرى دەۋرى (910- 1171- يىللىرى ئارىسىدا جەمئى 14 خەلىپە ئۆتكەن بولۇپ، 161 يىلدۇر). 
   5- مەملۇك ھىمايىسى دەۋرى (1259- 1517- يىللىرى جەمئى 18 خەلىپە ئۆتكەن بولۇپ، خەلىپىلىك 258 يىل مەملۇك ھىمايىسىدىكى ئابباسىلەردە قالدى). 
   6- ئوسمان ئىمپىرىيەسى دەۋرى (1517- 1924- يىلى جەمئى 30 خەلىپە ئۆتكەن بولۇپ، خەلىپىلىك 407 يىل بويىچە ئوسمان ئىمپىرىيەسىدە بولدى). 
    1- تۆت خەلىفە ياكى خۇلەفائى راشىدىن دەۋرى. 
    بۇ دەۋىر مۇھەممەد (س. ئە. ۋ) نىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنلا خەلق تەرىپىدىن سايلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن تۆت خەلىپىدۇر. بۇلار- 
    1- ھەزرىتى ئابابەكرى سىددىق ر. ئەنھۇ 
    2- ھەزرىتى ئۆمەر بىن خەتتاب 
    3- ھازرىتى ئوسمان ر. ئەنھۇ 
    4- ھەزرىتى ئېلى ر. ئەنھۇ 
  ئەمەۋىلەر دەۋرىدىكى خەلىپىلەر جەمئى 14 نەپەر 
  1- مۇئاۋىيە 661- 680 يىللىرى ئارىسىدا 
  1- يېزىت 680- 683 
  2- مۇئاۋىيە 683- 684 
  1- مەرۋان 684- 685 
  ئابدۇل مېلىك 686- 705 
  1- ۋېلىد 705- 715 
  سۇلايمان بىن ئابدۇل مەلىك 715- 717 
  ئۆمەر بىن ئابدۇل ئەزىز 717- 720 
  2- يېزىت 720- 724 
  ھىشام بىن ئابدۇل مېلىك 724- 743 
  2- ۋېلىد 743- 744 
  3- يېزىت 744 
  ئىبراھىم بىن ۋېلىد 744 
  2- مەرۋان 744- 750 
ئابباسىلەر دەۋرىدە جەمئى 37 خەلىپە ئۆتتى 
سېففاھ (ئابباسى) (ئەبۇل ئابباس) 750- 754 
مانسۇر (ئابباسى) 754- 775 
مەھدى (ئابباسى) 775- 785 
ھادى (ئابباسى) 785- 786 
ھارۇن رېشىد 786- 809 
ئېمىن (ئابباسى) 809- 813 
مېمۇن (ئابباسى) 813- 833 
مۇتاسىم (ئابباسى) 833- 842 
ۋاسىك (ئابباسى) 842- 847 
مۇتەۋەككىل (ئابباسى) 847- 861 
مۇنتاسىر (ئابباسى) 861- 862 
مۇستائىن (ئابباسى) 862- 866 
مۇتېز (ئابباسى) 866- 869 
مۇھتېدى (ئابباسى) 869- 870 
مۇتېمىد (ئابباسى) 870- 892 
مۇتېزىت (ئابباسى) 892- 902 
مۇكتېفى (ئابباسى) 902- 908 
مۇكتېدىر (ئابباسى) 908- 932 
كاھىر (ئابباسى) 932- 934 
رازى (ئابباسى) 934- 940 
مۇتتاكى (ئابباسى) 940- 944 
مۇستەكفى (ئابباسى) 944- 946 
مۇرتى (ئابباسى) 946- 974 
ئەتتائى (ئابباسى) 974- 991 
قادىر (ئابباسى) 991- 1031 
كائىم (ئابباسى) 1031- 1075 
مۇقتېدى (ئابباسى) 1075- 1094 
مۇستازھىر (ئابباسى) 1094- 1118 
مۇستارشىد (ئابباسى) 1118- 1135 
راشىد (ئابباسى) 1135- 1136 
مۇكتېفى (ئابباسى) 1136- 1160 
مۇستېنجىد (ئابباسى) 1160- 1170 
مۇستېزى (ئابباسى) 1170- 1180 
ناشىر (ئابباسى) 1180- 1225 
زاھىر (ئابباسى) 1225- 1226 
مۇستەنسىر (ئابباسى) 1226- 1242 
مۇستەسىر (ئابباسى) 1242- 1258 
فاتىمىيە خەلىپىلىرى جەمئى 14 نەپەر 
   بۇلار قاھىرەدە ھۈكۈم سۈرگەن شىئە مۇسۇلمان خەلىپىلەر. سۈننى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. 
مەھدى (ئۇبەيدۇللاھ  ئال- مەھدى بىللاھ) (910- 934) فاتىمىيە خانىدانىنىڭ قۇرغۇچىسى 
كائىم (مۇھەممەد ئەل- كائىم بى- ئەمرۇللاھ) 934- 946 
مەنسۇر (ئىسمائىل مەنسۇر بى- نەسرۇللاھ) 946- 953 
مۇئىزز (ئەبۇ تامىم ئەل- مۇ`ئىزز لى- دىنىللاھ) 953- 975 
ئەزىز (ئەبۇ مەنسۇر نىزار ئەزىز بىللاھ) 975- 996 
ھاكىم (ئەل- ھاكىم بى- ئەمرۇللاھ) 996- 1021 
زاھىر (ئېلى ئەز- زاھىر) 1021- 1036 
مۇستەنسىر (مائاد ئال- مۇستەنسىر بىللاھ) 1036- 1094 
مۇستالى (ئەخمەد ئال- مۇستالى) 1094- 1101 
ئامىر (مەنسۇر ئامىر بى` ئاھكامىللاھ) 1101- 1130 
ھافىز (ئال- ھافىز) 1130- 1149 
زافىر (ئال- زافىر) 1149- 1154 
فائىز (ئال- فائىز بى- ئەمرىللاھ) 1154- 1160 
ئاشىد (ئەل- ئاشىد) 1160- 1171 
مەملۈك ھىمايىسى دەۋرىدىكى خەلىپىلەر جەمئى 18 نەپەر 
   ئابباسىلار خانىدانىنىڭ مىسىردىكى مەملۇك سۇلتانلىغى ھىمايىسى ئاستىدا بولغان دەۋىردە ئۆتكەن خەلىپىلەر 
مۇستەنسىر (ئابباسى) 1259- 1261 
1- ھاكىم 1262- 1302 
1- مۇستېكفى 1302- 1340 
1- ۋاسىق 1340- 1341 
2- ھاكىم 1341- 1352 
1- مۇتادىد 1352- 1362 
1-مۇتەۋەككىل 1362- 1383 
2- ۋاسىق 1383- 1386 
مۇتاسىم (ئابباسى) 1386- 1389 
1- مۇتەۋەككىل (ئىككىنچى قېتىم) 1389- 1406 
مۇستائىن (ئابباسى) 1406- 1414 
2- مۇتادىد 1414- 1441 
2- مۇستەكفى 1441- 1451 
كائىم (ئابباسى) 1451- 1455 
مۇستەنجىت (ئابباسى) 1455- 1479 
2- مۇتەۋەككىل 1479- 1497 
مۇستەمسىق (ئابباسى) 1497- 1508 
3- مۇتەۋەككىل 1508- 1517 
ئوسمان ئىمپىرىيەسى دەۋرىدىكى خەلىپىلەر جەمئى 30 نەپەر 
   ئوسمانلى دۆۋلىتى رىدانىيە ئۇرۇشىدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن مەملۈك سۇلتانلىغىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خەلىپە ئۇنۋانىنى ئالغان پادىشاھلار 
ياۋۇز سۇلتان سېلىم 1517- 1520 
قانۇنى سۇلتان سۇلايمان 1520- 1566 
2- سېلىم 1566- 1574 
3- مۇرات 1574- 1595 
3- مەھمەت 1595- 1603 
1- ئەخمەت 1603- 1617 
1- مۇستاپا 16170 1618 
2- ئوسمان 1618- 1622 
1- مۇستافا (2- قېتىم) 1622- 1623 
4- مۇرات (1623- 1640) 
1- ئىبراھىم (1640- 1648) 
4- مەھمەد (1648- 1687) 
2- سۇلايمان (1687- 1691) 
2- ئاخمەد (1691- 1695) 
2- مۇستافا (1695- 1703) 
3- ئەخمەد (1703- 1730) 
1- ماھمۇد (1730- 1754) 
3- ئوسمان(1754- 1757) 
3- مۇستافا (1757- 1774) 
1- ئابدۇل ھېمىت (1774- 1789) 
3- سېلىم (1789- 1807) 
4- مۇستافا (1807- 1808)  
2- ماھمۇد (1808- 1839) 
ئابدۇل مېجىت (1839- 1861) 
ئابدۇل ئېزىز (1861- 1876) 
5- مۇرات 1876 
2- ئابدۇل ھېمىت (1876- 1909) 
5- مەھمەد رېشاد (1909- 1918) 
6- مەھمەد 1918- 1922 
2- ئابدۇل مېجىت 1922- 1924 يىللىرى. بۇ ئاخرقى خەلىپە پادىشا بولماي تۇرۇپ خەلىپە بولغان ئاخىرقى ئوسمان ئىمپىرىيەسى خانىدانلىغىنىڭ بىر ئەزاسىدۇر. 
تەرجىمە قىلغۇچى، مۇزەپپەر
http://www.bilgiufku.com/kac-tane-islam-halifesi-vardir.html[ بۇ يازمىنىmuzepper 2011-09-08 08:42قايتا تەھرىرلىد ]