جوڭگو ئامىرىكىنىڭ ئالدىغا ئوتەلەمدۇ؟
1. گ د پ ئاشىپ 2-ئورۇندا بولدى، بۇ سان دۆۋلەت قۇدرەت تاپقان ھېساپلانمايدۇ. كىشى بېشى كىرىمىم ئاشسامۇ دۆۋلەت قۇدرەت تاپقان بولمايدۇ.
2. ئامىرىكىدا ئادەتتىكى خىزمەتچى بەش يىلدا 300 كۇۋادىرات مېتىر ئوي سېتىۋالالايدۇ. بىز 100 كىۋادىرات مېتىرلىق ئۆينى 100 يىل ئەتراپىدا سېتىۋالالايمىز.....ئەگەر مۇئاشىمىز مال باھا ئۆسىشىنى يىڭىپ تېز ھالدا بەش ھەسسە ئاشسا. ئوي باھاسى ئۆسمەي تۇرسا...ئاندىن بىز بۇ سەۋيەگە يېتىمىز. شۇندىلا 4% بىلەن قۇرساق ۋە ئائىلىۋى چىقىملار تولىنىدۇ. گېرمانىيەدە شەھەر يېزىلارنىڭ ئۆي باھا پەرقى يوق.
3. 70-80 يىللار نورمال مۇئاشقا دادام 3-5 قوي سېتىۋالاتتى. مەن يېڭى مۇئاشلىق بولغاندا 1 قۇيغا كۇچۇم يەتمەيتى...ھازىر ئىككى چىشلىق ئەركەك قويدىن بىرىلا كېلىدۇ.
4. جوڭگودا ئائىلىۋى ماشىنا سانى 74 مىليون بولۇپ ئامىرىكىنىڭ توتتەن بىرى 1911-يىلىدىكى سەۋىيىسىگە تەڭلىشىدۇ. كىشى بېشىغا سېلىشتۇرمىساقمۇ بولار....ئەگەر كىشى بېشى ئۆلچىمىدە ماشىنىغا ئىگە بولسا دۇنيا نېفىتىنى بەش يىل ئىشلەتمەي جوڭگولۇقلار ئىشلەتسە ئاران بىر يىللا يېتىدۇ؟! ئاسفالىت يول ئۇزۇنلىقىنى سېلىشتۇرمايلا تۇراي. ئامىرىكا 50 يىل يول ياسىماي تۇرسا جوڭگو ئاران يول ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمىگە يېتىدۇ. سۈپەتنى ھېساپلىغىلى بولمىدى!
5. كىشى بېشى كىرىمى بىرى ئالدىدا بىرى كەينىدە تۇرىدۇ. كىشى بېشى كىرىمى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىھال سەۋىيەسىگە يېتىشى ئۈچۈنمۇ ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلالىسا 20 يىل ۋاقىت كېتىدۇ.
6. پەقەت جوڭگودىلا رايونلار ئارا مۇئاش پەرقى 15 ھەسسە. ئوي باھاسىمۇ ئىچكىرىنىڭ تەرەققىي قىلغان شەھەرلىرىنىڭ 10 -15ھەسسە پەرقلىنىدۇ. كۆپ مەملىكەتلەردە بۇ مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس.
دېمەك، يول ئۇزاق؟ يول ئۇزاق!!! شۇندىمۇ ھامان يىتىشىۋالىمىز دەپ توۋلايمىز!
[ بۇ يازمىنىnewruz 2011-09-08 07:24قايتا تەھرىرلىدى ]