باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 550 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاسساپ دوستىغا سۆڭەك ساتامدۇ ؟
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 1828
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1828دانە
ئۆسۈش: 4490 %
مۇنبەر پۇلى: 22106 سوم
تۆھپىسى: 171 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 15:26

قاسساپ دوستىغا سۆڭەك ساتامدۇ ؟

 

ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم

 دادام پىنسىيەگە چىققاندىن كىين بىكار تۇرغىسى كەلمەي ئاتا كەسپى بولغان قاسساپلىقنى قىلغان ئىدى . دۇككىنىمىز ناھىيەمىزنىڭ ئاۋات رايۇنىغا ( مەسچىتنىڭ يېنىغا ) جايلاشقاچقا سودىسىمۇ ياخشى ئىدى . تولۇقتا ئوقۇيدىغان چاغلاردا دادام بىلەن تەڭ مال ئېلىشىپ ، سويۇشۇپ ئىككىمىز تەڭ قىلاتتۇق . ھەر يەكشەنبە كۈنى قەشقەر دۆلەتباغدىكى كالا_قوي بازىرىدىن بەش_ئالتە كالا ، 50 گىچە قوي ئېلىپ چىقساق يەنە بىر يەكشەنبە بولغۇچە تۈگەيتى. ھەر يەكشەنبە داۋاملاشتۇراتتۇق . 

بىز باشقىلاردەك ئۆچىكە ۋە قېرى ماللارنى سويمايتۇق  ياش قوي كالىلارنى سويغاچقا گۆشى يۇمشاق ، تەملىك دەپ خېرىدارلىرىمىزمۇ كۆپ ئىدى . كىشىلەرنىڭ ئىشەنچ قىلىپ ئېلىۋىرەتتى
ئۇ چاغلاردا گۆش ئەرزان بولغاچقا خېرىدارنىڭمۇ گىپى ئاز ئىدى ، كىسىپ بەرگەن يەرنى ياغكەنەي،سۆڭەككەنەي دىمەي ئالاتتى . 

ئالى مەكتەپكە ماڭغاندىن كىيىن دادام يالغۇز قالدى ، يالغۇز جاپا چىكىپ قالماي دەپ بازاردىن مال ئېلىپ سويۇشنى توختۇتۇپ ، قەشقەر گۆش مەسھۇلاتلىرى توپ بازىرىدىن بىر كىشى بىلەن توختاملاشتى . ئۇكىشى ھەركۈنى ناماز بامداتتىن كىيىن كىچىك قوزا قوينىڭ گۆشىدىن بەش_ئالتىنى (دادام ھەركۈنى كەچتە تىلفۇن قىلىپ قوياتتى ، بازارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئاز ياكى كۆپ بۇيرۇيتى) ناھىيەمىزگە ماڭىدىغان كىرا ماشىنلىرىغا سېلىپ بىرەتتى . سائەت يەتتىلەرگچە دۇككانغا يەتكۈزۈپ بولاتتى . دادام تەييار گۆشنى پارچىلاپلا سېتىۋىرەتتى . بۇرۇنقىدەك تىرىك قوينى سودىلىشىپ ئېلىپ ، قۇشخانىغا ئاپىرىپ جاپا تارتىپ سويۇپ دىگەندەك ئىشلاردىن قۇتۇلغان ئىدى . 

ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قوي گۆشى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ 50 سومغا چىقتى . بۇرۇنقىدەك 100 سوم پۇلنى كۆتۈرۈپ بەش كىلوگىرام گۆش ئېلىپ كىتىپ   توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇپ بىرەر ئاي يەيدىغان زامانلار  ئۆتمۈشكە ئايلاندى . 
كىشىلەرمۇ گۆشنى ئاياپراق يەيدىغان بولدى . دۇككاننىڭمۇ بازىرى بۇرۇنقىدەك بولمايدىغان بولدى . بۇرۇن 20 كىلوگىرام كىلىدىغان پاقلاندىن يەتتە_سەككىزى تۈگىسە ، ھازىر تۆت_بەشكە چۈشۈپ قالغان ئىدى .   تەتىلدە ئۆيگە قايىتسام دادام شۇ كۈندە تۆت_بەش پاقلاننى تۈگۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ . 

ئەتىسى سەھەردە دادام بىلەن بىللە دۇككانغا كەلدىم . كىلىشىمىزگىلا قەشقەردىن گۆش ئېلىپ چىققان سانتانامۇ دۇككاننىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى . ماشىنىدىن گۆشنى چۈشۈردۈم ، بەش دەنە پاقلاننىڭ گۆشى چىققان ئىدى .   شوپۇر بالا گۆشنىڭ جىڭ سانى يېزىلغان قەغەز  ۋە كارانتىن قىلىنغان قەغەزنى  بىرىپ30سوم كىرانى ئېلىپ كىتىپ قالدى .  (دىققەت ھىساپ باشلاندى ) 
  جىڭ سانى يېزىلغان قەغەزگە كۆز يۈگۈرتتىم .<بەش پاقلان جەمىئىي  97 كىلوگىرام ، ھەركىلوگىرامى 44 سومدىن ، 7_ئاينىڭ 7_كۈنى> دەپ يېزىلغان ئىدى .  
  
  بەش پاقلاننى گىرگە سېلىپ جىڭلاپ باقتۇق . ئىشەنمىگەنلىك ئەمەس ، پەقەت قەشقەردىن چىققىچە قانچىلىك خورىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئىدى. بىزگە گۆش چىقىرىپ بىرىدىغان  كىشى تەقۋادار كىشى ئىدى ، جىڭدا كەم تەرتىپ بىرىشى مۇمكىن ئەمەس
.
  گىر 96 دىگەن ساننى كۆرسىتىپ تۇراتتى . دىمەك قەشقەردىن چىققۇچە بەش پاقلان 200 گىرمدىن جەمىئىي بىر كىلوگىرام خورىغان ئىدى .  ( 44 سوم كەتتى ) . 

بەش پاقلاننىڭ قۇيرۇقىنى كەستى . قۇيرۇق يېغىنى كىسىۋەتمىسەك ھىچكىم ئۇنداق ئالمايدۇ دە . بەش پاقلاندىن يەتتەيېرىم كىلو قۇيرۇق چىقتى ،ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەربىرىدىن بىر يېرىم كىلوگىرام .  ئادەتتە قۇيرۇق ماينى سامسىپەزلەر كىلىپ 25 سومدىن ئېلىپ كىتىدۇ .

شۇنداق بولغاندا يەتتەيېرىم كىلوگىرام  قۇيرۇق ماي 25 سومدىن 187 سوم بولىدىكەن .   ئەمەلىيەتتە بىزگە بۇ يەتتە كىلوگىرام قۇيرۇق ماي ھەر كىلوسى 44 سومدىن 330 سومغا توختىغان . ( بۇيەردىن 143 سوم كەتتى ) 

گۆشنى پارچىلاپ سېتىش جەريانىدا بەزلىرىنى تاشلىۋىتىمىز ، تارغاق سۆڭىكىنىمۇ چىقىرىپ تاشلىۋىتىمىز  . ئەڭ تۆۋەن چەكتە ھىساپلىغاندە بەش پاقلاندىن بەز يۇ ، تاغاق سۆڭەك يۇ بولۇپ يەنە بىر  كىلونى چىقىرىۋتىمىز، ( 44 سوم كەتتى )  .

 جىڭلاپ بەرگۈچە پارچە پۇللارنى ئالمايدىغان گەپ تېخى ، گۆش پاكىز تۈگىگىچە خورايدۇ تېخى ،ئاشخانىلار توپ ئالغاچقا بىرەر كوي چۈشۈرۈپ بېرىمىز . بۇنىڭغىمۇ بىر كىلونى چىقىرۋەتتۇق . (44سوم كەتتى )


ئۆيگە كۈنلىكىگە يېرىم كىلو گۆش كىتىدۇ ئىككى ۋاخ تاماققا ( 22 سوم )  .  ساپ پايدىنى ھىساپلىغانلىقىم ئۈچۈن بۇنىمۇ قوشتۇم .

سودا دانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ، سەھىيە پۇلى ،باج پۇلى ، سۇ پۇلى،توك پۇلى ،تازلىق پۇلى دىگەندەكلەر كۈنلىكىگە 20 سومدىن توغرا كىلىدۇ .(20 سوم كەتتى )

دۇككان ئىجارە ھەققى ئايلىقى 600 سوم . كۈنلىكىگە 20 سومدىن توغرا كىلىدۇ (20سوم كەتتى)

خوش ، ئەمدى رەسمىي ھىساپقا كىلىلى . 

بەش پاقلان يەنى 97 كىلوگىرام گۆشنىڭ دۇككانغا چىقىش باھاسى 44 سومدىن جەمىئىي4270  بولىدىكەن . بىز 50 سومدىن ساتتۇق ، 50 سومدىن ھىساپلىساق 97 كىلو گۆش 4850 سوم بولىدىكەن .  كىرا ھەققى 30 سوم ، خورىغان گۆش  44 سوم ، قۇيرۇق كەلتۈگەن زىيان 143 سوم ، قالغان پارچە پۇرات چىقىملار 150 سوم . جەمىئىي چىقىم 367 سوم .  
   4850_367=4480 سوم .  
4480_4270=210 سوم . 

   دىمەك بەش پاقلان بۈگۈن كەچكىچە ھىسابىمىزدىكىدەك پاكىز تۈگىسە 210 سوم پايدا قىلىدىكەن . كەم دىگەندە 500 سوم  نىسى بولىدۇ تېخى . كۈندە گۆش ئالىدىغان تونۇشلا مۇئاش چىققاندا بىرەي ئۇستام دىسە ياق دەپ دۇككاندىن چىقىرۋەتكىلى بولمايدىكەن . ئىنساۋى بارلىرى بىرەر ھەپتىدە ئەكىلىپ بىرىدۇ . بىرەر ئايغا سوزىۋىتىدىغانلارمۇ بار .


ھىساپنى چىقىرىپ تۇرشىمىزغا <ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ئۇستووووووم ، دۇككان ئاشلىما ؟> دەپ دادامنىڭ يېقىن بىر تونىشى كىرىپ كەلدى .  ۋەئەلەيكۇم_ئەسسالام دەپ سالام قايتۇرۇپ ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلدۇق . تىنىچ ئامانلىق سورىشىۋەتكەندىن كىيىن ،
 يېقىن دوستى دادامغا :
                      _  گوشنىڭ تازا بەلەن يېرىدىن ئىككى كىلو تاتىپ بىرىڭلا ئېدېش ،دىدى .

     دادام ئادەتتە يېقىن بۇرادەرلىرىگە ۋە دائىملىق خېرىدارلىرىغا گۆشنىڭ قول تەرىپىنى تارتىپ بىرەتتى . چۈنكى قول گۆشتە ئازراق سۆڭەك بولسىمۇ لىكىن قارا ھەم يىيىشلىك بولاتتى .   خېرىدارلارمۇ ئادەتتە قول گۆشىنى تىز ئالاتتى .    

دادام ئەمدىلا ئوتتۇردىن ئىككى قىلىپ قويغان پۈتۈن قوينىڭ بىر قولىنى كىسىپ پارچىلىدى . تازا كەلتۈرۈپ تەڭشەپ ئىككى كىلوگىرام گۆشنى تارازىغا سېلىپ تۇرشىغا ھېلىقى ئاغىنىسى :_  توختاڭلاۋا ئېدېش ، <قاسساپ دوستىغا سۆڭەك ساتىدۇ >دەپ غىچلا سۆڭەك گۆش سېلىپ بەردىڭلىمۇ نىمە ؟ دىدى تارازىنىڭ يېنىغا كىلىپ . 
دادام گۆشنى قولىغا ئېلىپ :_ سىلىنى دوستۇم دەپ تازا ياخشى يېرىنى بەردىم ئېدېىېېېېش ، مۇشۇ گۆشنىڭ نەرى سۆڭەك تۇرىدۇ ، دەپ كۆرسەتتى . 

دوستى گۆشنىڭ ئۇياق بۇيىقىغا قاراپ :_ سەل سۆڭەك بولۇپ قاپتۇ ، ئې پۇت گۆشتىن بىرىڭلا خاپا بولماي ، دىدى. 

دادام گەپ قىلماي قولىدىكى گۆشنى ئېسىپ قويۇپ ،پۇت گۆشنى پارچىلاشقا باشلىدى .  پارچىلاپ ئۇنىمۇ ئۇستىلىق تازا تەڭشەپ ئىككى كىلونى تارازىغا سېلىپ : _ ماۋۇ گوشقا قاراڭلا بەلەن بوپتىمۇ يا ، ھىلى ئۆيگە ئاپپارساڭلا ئايالىڭلار ھەيدەپ چىقارمىسۇن يەنە ناچار يېرىنى ئەككەپسەن دەپ ، دىدى چاقچاق قىلىپ .   كۈلكىدىن توختىغاندىن كىيىن دوستى تارازىدىكى گۆشنىڭ ئۇياق بۇيقىغا قارىۋىتىپ :_ ھەي بوپتۇ ، خالتىغا سېلىپ بىرىڭلا ، دەپ يانچۇقىدىن100 سوملۇق پۇلنى ئېلىپ تەڭلىدى . 

   دادام ھەشقاللا دەپ پۇلنى غەللىگە سېلىپ قويدى .  

 دوستى تۇرۇپ كىتىپ : - كىلوسىنى 50كويدىن بەدىڭلىما ئېدېش ؟؟  

دادام :ـ ھەئە ، ھازىر بازار شۇنداق بولاۋاتىدۇ .

دوستى :ـ ماندا بىزدەك تونۇش بىلىشلەرگە 48 كويدىن بىرەسىلە ....

دادام :ـ ھە بوپتۇ بەرسەم بىرەي ئېدېش ، سىلىدىن تالىشىپ ئولتۇرامتىم ، دەپ غەللىدىن تۆت سوم پۇلنى ئېلىپ بەردى .   
ئاغىنىسى خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى . 

ئاغىنىسى چىقىپ كەتكەندىن كىيىن دادام ئۇھسىنىپ :ـ  ھەي بالام تاھىرجان ، تىجارەت مانا مۇشۇنداق قېتىپ كەتتى . بايامقى ھسابلاشنىمۇ كۆردۈڭ . ماۋۇ خېرىدارنىڭ گۆش ئالغىنىمۇ كۆردۈڭ . يېقىن بىر دوستۇم ئەنە شۇنداق تەنە گەپلەرنى قىلىپ ، ئۇيىرىنى بەرسەم ياراتماي ، بۇ يېرىنى بەرسەم ياراتماي ، تالاشسا تېخى چىڭ تۇرۋالغىلى بولمىغان يېقىن تونۇش بىلىشلەر مۇۇنداق قىلىۋاتسا باشقىلارنىڭ قىلغىنىنى دىمەيلا قوياي ....  سەن ياخشى ئوقۇغىن ، ئامال بار مۇشۇ  ئۇششاق تىجارەت قىلىدىغان ئىشنى قىلمىغىن ، ياخشى بىلىم ئىگەللەپ چوڭ تىجارەت قىلغىن ، شىركەتلەرنى قۇرۇپ ئادەم ئىشلىتىپ مىللەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلغىن . خېرىدار دىگەننى رازى قىلماق بەك تەسكەن، سەن شۇنداق ياخشى يېرىنى بەرسەڭمۇ بەرىبىر رازى بولمايدىكەن كۆپۈنچە خېرىدار  ، 10 يىلچە بوپتۇ مۇشۇ ئىشنى قىۋاتقىلى ، قانچىلىغان خېرىدارلار مەندىن رەنجىگەندۇ .... دادام گېپىنى تۈگۈتۈپ ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدى . 


رامىزانغىچە دادام بىلەن بىللە دۇككان ئاچتىم ، رامىزاندا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا دادام ئۆيدە ئارام ئالدى ، دۇككانننى ئاساسلىقى مەن ئاچتىم . 
 
دۇككان ئېچىش جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى تىجارەت راستىلا بەك تەسلىشىپ  كىتىپتۇ .     ھازىرقى كىشىلەر بەكلا گىرىلىشىپ كەتتىمۇ قانداق بىلمىدىم ، بىر كۈنى مويسىپىت ئىككى قوشنام بازارغا كەپتىكەن ، قايتاشىدا دۇككىنىمدا بىردەم ئولتۇرۇپ قالدى . تۇرۇپلا پايدا توغۇرلۇق سۆزلىشىپ قالدۇق . مەن دۇككننىڭ پايدىسىنى يۇقارقىدەك تەپسىلى ھىساپلاپ بەرسەم ئۇلار قەتئىي ئىشەنمىدى .
 بىرى :ـ تاھىرجووووون ، بىزنى بىرنىمە بىلمەيدىغان كۆرەپ قاللىما ، بىر قويدىن زادى 100 سوم پايدا قىلمىسا دادىللىرى ئاۋارە بولاپ ماۋۇ دۇككاننى ئېچىپ يۈرمەيدۇ جۇما ....   زادىغۇ ‹ قاسساپقا قېيىنئاتىسى بىكارغا قوي بەرسە زىيان قىلدى دەيدۇ ›  دىمەمدۇ .  
چوڭ كىشىلەركەن دەپ ھۆرمەتلەپ ئوشۇق گەپ قىلمىدىم .

مانا مۇشۇنداق ، ھىلى ئۇ يېرىنى كىسىپ بەرسىلە دەۋاتقان ، ھىلى بۇ يىرىنى كىسىپ بەرسىلە دەۋاتقان ، تەڭشەپ كىسىپ بەرسە ياراتمايۋاتقان،  ‹قاسساپ دوستىغا سۆڭەك ساتىدۇ › ، ‹ قاسساپقا قېيىنئاتىسى بىكارغا قوي بەرسە زىيان قىلدى دەيدۇ › دىگەندەك تەنە گەپلەرنى قىلىۋاتقان  ، ياغكەن دەۋاتقان ، سۆڭەككىن دەۋاتقان ، خۇددى قوي ساتقان كىشى بىزگە قويىنىڭ قاپقارا سۆڭىكى يوق يىرىنىلا ساتىدىغاندەك .   قوي دىگەننىڭ سۆڭىكى بولىدۇ ، بولمىسا قانداق ئۆرە تۇرىدۇ ؟  يىغى بولمىسا قاپقارا گۆشنىڭ قانداق تەمى بولىدۇ ؟       سۆڭىكىنى ئايرىۋىلىپ ، يېغىنى ئايرىۋىلىپ سىلىگە تازا قاپقارا يېرىنى بەرسەك تۆت كۈندە دۇككاننى تاقىساق بولىدۇ شۇ  .....  

  ئىشقىلىپ خېرىداردا مەسىلە بارمۇ ياكى مەندىمۇ بىلەلمىدىم .       ھەدىستە دىيىلگىنى بويۇنچە خېرىدارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ   ، تارازىنى ئۆلچەملىك تۇتۇپ ، ئەكەكنى ئەكەك ، ساغلىقنى ساغلىق ، قوزىنى قوزا دەپ ، شۇنداق ئۆلچەملىك پارچىلاپ ساتتىم بولمىسا .  
راستىنى دىسەم تەتىلدە تىجارەتتىن سەل زىرىكىپ قالدىم  ،خېرىدارنى رازى قىلماق بەكلا تەسكەن . 



مەنبە تەتىلدە ئۆتكۈزگەن ئىشلار
[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-09-07 17:48قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1309
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1309دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 13928 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2011-10-19

ئەمەلى ئىشلار ئىكەن بۇ ،،، تىجارەتمۇ ياخشى ،، ھالالدىن تېپىپ ، ھالالدىن رىزىقلىنىشقا ھەركەتلىنىشمۇ ئىبادەت دائىرىسىگە كىرىدۇ ،،  ئەمما سىلەردەك قاسساپلارنى تاپماق ھەقىقەتەن تەس ،،  قاسساپنىڭ قولى قانداقلار قىلسا سوڭەككە ئىشتتىك ماڭىدۇ دىسە ،، چاخچاق
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1059
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1059دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 10805 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2011-10-17
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 19:54

ۋەئەلەيكۇم - ئەسسالام  قېرىندىشىم ،ھازىر ھەقىقەتەن  تىجارەت قىلماق تەسلىشىپ كەتتى دىسە ، بۇ كىشلەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىگىدىنمىدۇ ياكىي بارغانچە گىرىلىشىپ كىتۋاتقانلىغىدىنمىدۇ ؟
اللا
ئېتقاد - جاندىن مۇھېمدۇر!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 735
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە735دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 7947 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2011-10-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 20:17

شۇنداق ھازىر بىركوي پۇلنى تاپماق ھەقىيقەتەن تەسلىشىپ كەتتى ...بۇلۇپمۇ ناتۇرال ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان كەسىپلەردە تېخىمۇ شۇنداق ..ئەلۋەتتە ھەرقانداق كەسىپنى ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۇچۇن قىلساق ئاللاھ ھەم ئىقتىساد ھەم ئەجىر بىرىدۇ .
ئائىلە - ئەرنىڭ ئېپپىتى !
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1230
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1230دانە
ئۆسۈش: 5590 %
مۇنبەر پۇلى: 16284 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-10-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 20:28

ھەييييييييييييييييييييييييييييي،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،بۇ دەردى يوق تىجارەت نەدە باردۇ ،،،،،،،،،،،،،بۇ نىسىچىلىكنىڭ دەردى،،،،،خېرىدارنى رازى قىلماقنىڭ تەسلىكى،،،،نىسى بولا مانا بىزنىڭ يۇرتتا بولا ھە،،،،،،،،،ئاجايىپ يەردە بۇ،،،،،،
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 1828
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1828دانە
ئۆسۈش: 4490 %
مۇنبەر پۇلى: 22106 سوم
تۆھپىسى: 171 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-10-19
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 20:28

1-قەۋەت (fatih204) نىڭ يازمىسىغا

ھە... زادى سەن قالغان تەنە گەپ قىلمىغان    
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ