باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1092 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدىكى ئوپال قەبرىگاھ زىيارىتى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 95
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
ئۆسۈش: 982 %
مۇنبەر پۇلى: 1000 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-04
ئاخىرقى: 2012-04-23
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 05:55

مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدىكى ئوپال قەبرىگاھ زىيارىتى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما uyghur تەرىپىدىن مۇنبەر يېڭىلىقلىرى بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-12-11)
مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدىكى ئوپال قەبرىگاھ زىيارىتى

(ئەدەبىي خاتىرە)





ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي



1



بۇ يىل (2008-يىل) 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى رەھبەرلىكى فاكۇلتېتنىڭ ھەپتىلىك يىغىنىدا: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى بۇ 2008-يىلىدا، بۈيۈك تۈركولوگ مەھمۇد كاشغەرىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 367 ئالىمنى دۇنيا مىقياسىدا خاتىرىلەشكە چاقىرىپتۇ. شۇ ۋەجدىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تىل-يېزىق كومىتېتى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، بېيجىڭدە ‹دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى› ئېچىش تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئاۋاز قوشۇپ، مەكتەپ تەشكىلى ئارقىلىق يۇقىرىغا دوكلات يازدۇق. تەستىقلىنىش ئېھتىمالى ئەڭ كۈچلۈك. شۇڭا، ھەممىمىز ئىلمىي ماقالە تەييارلايلى. گېزى كەلگەندە. بىز ھەممىمىز ھەم يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ھەم يىغىن ساھىبخانى بولىمىز...» دېدى. رەسمىي ئىش بېشىدىكى ۋەلىيلەرنىڭ ئېغىزىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ھەممىمىز خوشال بولغىنىمىزدىن قىن- قىنىمىزغا پاتماي قالدۇق. چۈنكى، بۇ يىل بىز ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە، بېيجىڭ ئولېمپىك يىغىنىنى كۈتىۋېلىش بىلەن دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنى قۇتلۇقلاشتىن ئىبارەت  قوش شادلىق ئېلىپ كەلگەن خاسىيەتلىك بىر يىل بولغانىدى.

مەھمۇد كاشغەرىي يىلى دېمەك - ئىلىم مەرىپەت يىلى دېمەكتۇر. شۇنداق قىلىپ، فاكۇلتېتىمىزدە، « ئوقۇ-ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى يەنە  بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش، مول مەزمۇنلۇق ئىلمىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئەلمىساقتىن بۇيان تۇنجى قېتىم بولغان بۇ مۇبارەك مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنى قىزغىن قۇتلۇقلاش، شۇ ئارقىلىق، 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولېمپىك تەنتەربىيە يىغىنىغا سوۋغات تەقدىم قىلىش» دولقۇنى قوزغىلىپ كەتتى.

دەرس ئىچى ۋە سىرتىدا تەشۋىق ۋە تەرغىب قىلىپ دېدۇقكى: «ئى، ئەۋلادلار! كاشغەرىي يىلى بۇ، ئىپتىخارلىنىڭلار، شادلىنىڭلار؛ شادلىقىڭلارنى، ئىپتىخارلانغانلىقىڭلارنى مۇئەييەن بىر ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلەڭلەر، مەسىلەن، ‹دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى خاتىرە ئىزنىكى› ياسىتىڭلار، باشقا غەلىتە سۈرەتلەر چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىپ يۈرگەننىڭ ئورنىغا، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ پورتىرىتى چۈشۈرۈلگەن مايكا قىلدۇرۇپ كىيىڭلار؛ يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، ئوپالغا بېرىپ، بوۋاڭلارنىڭ قەبرگاھىنى كۆرۈپ، سۆيۈپ ۋە سۈپۈرۈپ كېلىڭلار.كىم بىلىر، سىز-بىزلەر بۇ ئۆمرۈمىزدە، ‹دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى›دىن يەنە بىرنى ياشىيالماسمىز بەلكىم...».

بالىلىرىمىز يەنىلا بىزنىڭ بالىلىرىمىز-دە! ئۇلار دۇرۇست گېپىمىزنى ئاڭلىدى: بەزى ساۋاقداشلار ئىللىپىس شەكىللىك دائىرە ئىچىگە نەۋقىران مەھمۇد كاشغەرىينىڭ (غازىي ئەھمەد ئەپەندىم سىزغان) پورتىرىتى چۈشۈرۈلگەن، رەسىمنىڭ چۆرىسىگە ۋە ئاستىلىرىغا «2008-يىلنىڭ دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز» دېگەن ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئەرەبچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ياپونچە خەت بېسىلغان مايكا ئىشلەتتى. بىز ئۇنى كىيىپ،  56 مىللەتلىك مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قورۇسىدا مەيدىمىزنى كېرىپ يۈردۇق ۋە مۇشۇ پائالىيىتىمىز ئارقىلىق، بۇ يىلنىڭ «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» ئىكەنلىكىنى مەكتەپداشلىرىمىزغىمۇ بىلدۈرگەن بولدۇق. يەنە بەزى ساۋاقداشلار مەزكۇر رەسىم چۈشۈرۈلگەن خاتىرە ئىزناكتىن 1000دانە ياساتتى، بىز ئۇنى غۇرۇر بىلەن كېرىلگەن مەيدىمىزگە ئىپتىخار بىلەن تاقىدۇق.

6-ئاينىڭ 15-كۈنى، «دۇنيا ئاتىلار بايرىمى كۈنى» بولدى. بۇ بىر يەكشەنبە كۈنى ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىي يىلى خاتىرە مايكىسىنى كىيگەن ۋە خاتىرە ئىزنىكىنى تاقىغان ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلار جەم بولۇپ، مەكتەپ باغچىسى ۋە دەرۋازىسى ئالدىدا، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، بۈيۈك ئاتىمىز مەھمۇد كاشغەرىينى رەھمەت بىلەن ئەسلىدۇق ۋە ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلىدۇق.

2006-يىللىق ئۇيغۇر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى باش بولۇپ مەكتەپكە دوكلات يېزىپ، يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، ئوپالغا بېرىپ بۈيۈك بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىپ كېلىشكە ئىزىن-ئىجازەت سورىدى. دوكلات مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن 6-ئاينىڭ 26-كۈنى تەستىقلىنىپ چۈشتى. 27-ئىيۇن كۈنى ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىلگە قويىۋېتىلدى. «بۇ تەتىلدە، بىزمۇ بېرىپ، بوۋىمىزنىڭ قەبرىگاھىغا گۈللەر قويايلى» دېيىشتى ياش ئەۋلادلار كەسكىن قارار بىلەن.

شۇنداق قىلىپ، مەھمۇد كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ قەبرىگاھ باغچىسىدا 25-ئىيۇل كۈنى ئۇچرىشىشقا ۋەدىلەشكەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار تەتىل قىلىپ، يۇرتلىرىغا قايتىشتى.



2



2008-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى جۈمە، قەشقەردە ھاۋا ئوچۇق، قۇياش نۇرى گەردەنلەرنى كۆيدۈرۈپ تۇرسىمۇ، سالقىن شامال ئەركىلىتىپ سۆيۈپ تۇراتتى. بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدا، بۈيۈك ئەجداد قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى» رەسمىي باشلاندى. 39 ئادەملىك بۇ زىيارەتچىلەر كوللىكتىپى سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى توققۇزدا، قەشقەرگە مېھمان ئوقۇغۇچىلار چۈشكەن «سەرمەن مېھمانسارايى» دەرۋازىسى ئالدىدا جەم بولدى. ھايال بولماي، بىر چوڭ ئاپتۇبۇس ئۇلارنى ئېلىپ، ئوپال تامان يۈرۈپ كەتتى.

ئاپتۇبۇس كونىشەھەر (توققۇزاق) ناھىيىسىگە يېتىپ كەلگەندە، ناھىيىلىك پارتكوم ئىدارىسى ئالدىدا ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغان كونىشەھەر ناھىيىلىك مەدەنىي ئاسار-ئەتقىلەر باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى ۋارىسجان ئەپەندى ئىستىقبالدا بولدى. ئۇ زىيارەتچىلەر يېتەكچىسىنىڭ قولىدىكى ئالاقە-تونۇشتۇرۇش خەتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، خاس ماشىنىسى بىلەن ئۇلارغا يول باشلاپ ئالدىدا ماڭدى. ئوپال كەنتىگە يېتىپ بارغاندا، مەزكۇر زىيارەتچىلەر مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن ھىمىت ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

سائەت ئون يېرىملەردە، ئون مىڭ يوللاپ ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ، پايتەخت بېيجىڭدىن كەلگەن بۇ زىيارەتچىلەر بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھى باغچىسىغا ئېھتىرام قەدىمى بىلەن كىرىپ كەلدى. ئۇچىسىغا دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى خاتىرە مايكىسىنى كىيگەن ھالدا، رەتلىك قاتار بىلەن كېتىۋاتقان زىيارەتچىلەر سېپىنىڭ ئالدىدا، «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى يازلىق تەتىل پائالىيەت ئەترىتى» دېگەن بايراق لەپىلدەيتتى؛ قەلبلەردە بولسا، مىڭ يىل مابەينىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىلىم ئەھلىنىڭ قايىللىق تۇيغۇسى ئىچىدە ئەسلىشى ۋە خاتىرىلىشىگە مۇيەسسەر بولغان ۋە بۇ 2008-يىلنى «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» قىلغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىيگە بولغان سېغىنىش، تەلپۈنۈش ۋە غۇرۇرلىنىش تۇيغۇسى مەۋج ئۇراتتى.

قەبرىگاھ باغچىسى ئىچىدىكى توقسان يەتتە پەلەمپەي يېنىدىكى ھاۋالىق كەڭ سۇپىدا، ناھىيىلىك مەدەنىي ئاسار-ئەتىقىلەرنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى ۋارىسجان ئەپەندى پائالىيەت ئەھلىگە مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھى ئورگىنىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەمەلىيلەشتۈرگەن خىزمەتلىرى ۋە مۇندىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە مېغىزلىق قىلىپ ئومۇمىي چۈشەنچە بەردى. زىيارەتچىلەرنىڭ قىزىقىشلىق سوئاللىرىغا ئېرىنمەي، بىر-بىردىن جاۋاب بەردى، ئارقىدىن، توقسانيەتتە پەلەمپەينىڭ ئۈستىدىكى خاسىيەتلىك «ھاي-ھاي تېرەك» كۆكلەپ تۇرغان چەشمە بۇلاق بويىدا، لەۋھە تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا، مەزكۇر زىيارەت پائالىيىتىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى زىيارەت پائالىيىتى ئەھلىگە ۋاكالىتەن، «2008-يىلنىڭ ‹دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى› بولغانلىقىنى چىن يۈرەكتىن قۇتلۇقلايمىز» دېگەن ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان جىگەر رەڭلىك دۇخاۋا لەۋھەنى ۋارىسجان ئەپەندىگە تەقدىم قىلدى. ھاياجانلىق قىسقا نۇتۇق ۋە ۋارىسجان ئەپەندىنىڭ سەمىمىي تەشەككۇرى شۇ مەيداندىكى يۈزلەرچە زىيارەت ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

ئارقىدىن، بۈيۈك بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسى تاۋاپ قىلىندى. مەھمۇد بوۋىمىز ياتقان بۇ ئۇلۇغ ئۆيگە كىرگەندە، ئوغۇل-قىز تاۋاپ ئەھلى ئوڭ قولىنى يۈرىكى ئۈستىگە قويغان، بېشى ئېھتىرام بىلەن ئىگىلگەن ھالدا، قەبرىنى ئاستا بىر ئايلىنىپ چىقتى. ئاندىن، قەبرىگاھنىڭ چەشەندۈرگۈچى خىزمەتكارى دىلنۇر ئابدۇرۇسۇل خانىم ئىپتىخار ۋە سۆيۈنۈش تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇرغان سۈزۈك ۋە ياڭراق ئاۋازى بىلەن، بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئادەمىي ھاياتى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى توغرىسىدا تونۇشتۇرما قىلدى. بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس ۋە ماگىستېر –دوكتور ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلىرى مەزكۇر تونۇشتۇرمىنى ئاشۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى سىنىپلىرى ۋاقتىدىن باشلاپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىماي، خۇددى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقاندەك ئىشتىياق بىلەن بېرىلىپ ئاڭلىدى. ياش ۋە گۈزەل رۇخسارلىق ئەۋلادلار بىلەن تولغان شۇ ئاندىكى بۇ تۇپراق بېشى بەجايىكى رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن پۈركۈنگەن گۈلزارلىقنى ئەسلەتسە، دىلنۇر خانىم بولسا، گۈلزارلىقتا خەندان ئۇرۇپ سايراۋاتقان شوخ بۇلبۇلنى خاتىرىلىتەتتى ئىنسانغا!

ئارقىدىن، زىيارەتچىلەر تىلاۋەت ئۆيىگە كىرىپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت بويىچە دۇئا-تىلاۋەتتە بولدى. كۆرگەزمە ئۆيىگە كىرىپ، 2005- يىلدىكى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتى قاتارلىق مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ئىلمىي پائالىيەتلەر، شۇنداقلا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئاتاقلىق ئالىملارنىڭ زىيارەتلىرى خاتىرىلەنگەن تۈرلۈك بۇيۇملارنى، سوۋغات-ھەدىيەلەرنى مەمنۇنىيەت بىلەن كۆردى.

ئارقىدىن، ئۇزاقتىكى ئاستانە، پايتەخت بېيجىڭدىن كەلگەن بۇ زىيارەتچىلەر قەبرىگاھ باغچىسىدىكى تۈرلۈك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان خىزمەتچىلەر، يەرلىك ئاھالىلار ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن زىيارەتچىلەر ئارىسىدا ھەمسۆھبەت ۋە تەكشۈرۈشلەردە بولدى. ئاندىن، قەبرىگاھ مۇزىيىغا كىرىپ، بۇ قەدىمىي زېمىننىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشىگە تالىق قېزىلمىلاردىن تەييارلانغان ئۆرنەكلەرنى زور قىزىقىش بىلەن كۆردى ۋە ئىلمىي خاتىرىلەر يازدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەر ئەتراپىدا، زىيارەتچىلەر ئوپالئارت تېغىنىڭ چوققا قىسمىدىكى ئېگىز راۋاققا يىلانباغرى پەلەمپەيلەر بىلەن مېڭىپ چىقىپ، مىڭ يىللار مابەينىدە ياشناپ كەلگەن ئوپال ئويمانلىقىنىڭ مىسلىسىز گۈزەل رۇخسارىنى، بۈيۈك بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ چوڭ بولغان بوستانلىق مەھەللە-كويلارنىڭ كۆركەم  مەنزىرىسىنى تويۇمسىزلىق بىلەن تاماشا قىلدى. ئىستىراھەت ئارىلىقىدا، مەزكۇر زىيارەتچىلەر كوللىكتىپىنىڭ يېتەكچىسى راۋاق سەھنىسىنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان زىيارەت ئەھلىگە ئاتاقلىق يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ مەخسۇس مۇشۇ دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى ئۈچۈن ئاتاپ يازغان (ئەمما تېخى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىغان) «باغداد ئوردىسى» ماۋزۇلۇق ھېكايىسىنى ئوقۇپ بەردى.

-« مۆئمىنلەرنىڭ خەلىپىسى ھەر جۈمە كۈنى چەتئەل دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە خەلقئارالىق داڭلىق ئەرباب، مويسىپىت ئالىملارنى، تۆرە ئاقسۆڭەكلەرنى قوبۇل قىلار ئېدى» دەپ باشلانغان بۇ ھېكايە شۇ ئان تىڭشىغۇچىلارنى ئۆزىگە سىماپتەك رام قىلىۋالدى. شۇ ئاندا، راۋاق ئىچى تىمتاسلىققا چۆككەن بولۇپ، راۋاقنىڭ پېشايۋانلىرىغا قونغان قۇشقاچ، كەپتەرلەر يېقىملىق سايراش ۋە ئۈنلەشلىرى بىلەن ھېكايە ئوقۇغۇچىغا جۆر بولماقتا ئىدى. ئوپالئارت تېغى تەرەپتىن ئەسكەن سەلكىن شامال گۈزەل ئۇيغۇر تىلى بىلەن تويۇنغان بۇ ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەرنىڭ جەلبكارلىقى بىلەن قوشۇلۇپ تىڭشىغۇچىلارنى ئۇزاق مىڭ يىل بۇرۇنقى باغداد خەلىپىلىكىنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىپ كەتكەندەك ئىدى. بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆز ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر-تۈرك تىلىنىڭ ئەبەدىي مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاسارىتى، ۋىجدانلىق ئالىملارغا خاس ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئېگىلمەس-سۇنماس جاسارىتى ئارقىلىق، ئەينى زامان باغداد خەلىپىسىنى قايىل قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن مەزكۇر ھېكايە ئاخىرلاشقاندا، تىڭشىغۇچىلار ئۇزۇنغا سوزۇلغان شادىيانە ئالقىش ياڭراتتى. جانغا راھەت سەلكىن شامال بۇ ئالقىش ساداسىنى شۇ ئان پۈتكۈل ئوپال ئويمانلىقى ئاھالىسىنىڭ قۇلىقىغا، ھەتتا مۇقەددەس قەبرىگاھتا ئۇخلاۋاتقان بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى بولغاي...

ئارقىدىن، زىيارەتچىلەر ئېگىز راۋاقتىن ئاستا-ئاستا يۈرۈپ، قەبرىگاھ باغچىسىغا چۈشتى. ئالتە سائەتتىن ئاشقان زىيارەت ئۇلارنى ھېچ چارچاتقاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇلار قەبرىگاھ باغچىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا، رەڭگارەڭ گۈللەر ئارىسىدا ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مەھمۇد كاشغەرىي ھەيكىلىنىڭ ئالدىغا رەتلىك تىزىلىپ تۇرۇپ، ئۇلار بېيجىڭدە ھەر بىر ئىلمىي پائالىيەتتىن كېيىن ھەمىشە ئوقۇيدىغان «ناممۇقام مارشى» نى يۈكسەك ئاۋازدا ئۇقۇدى:



راك، چەببەيات، سەگاھ، چەھارگاھ،

پەنجگاھ، ئۆزھال، ئەجەم، ئوششاق؛

بايات، نەۋا، مۇشاۋەرەك، ئىراق،

ئۇيغۇرنىڭ مۇقامى جاھاندا ياڭراق.



نەقرات:

مۇقاملار مارشىمىز، مۇقامدۇر بايراق،

ئۇيغۇرنىڭ مۇقامى جاھاندا ياڭراق!

ياڭراق، ياڭراق، ياڭراق!...



مارشنىڭ جەڭگىۋار ئاھاڭلىق ياڭراق ساداسى ئۇزاق-ئۇزاقلارغا كەتتى. زىيارەتچىلەر پۇخادىن چىققاندەك بولۇپ، بىر-بىرىنى مۇبارەكلەشتى. بۇ ئارقىلىق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى بۇ قەبرىگاھ زىيارىتىدىن پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ ئالغانلىقىنى ۋە مۇندىن كېيىنكى ھاياتلىرىنى بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىيدەك ئىلمىي ئەمگەك بىلەن ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى گويا.

سائەت بەش يېرىملار بولغاندا، بۇ پائالىيەتكە باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كونىشەھەر ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مۇساجان ئۆمەر ئەپەندى كېلىپ، مەزكۇر زىيارەتچىلەر كوللىكتىپىنى قوبۇل قىلدى. ئارقىدىنلا، ئۇ قەبرىگاھ باغچىسىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى ئورمانلىق ئىچىگە جايلاشقان «نەۋروز بۇلاق» بېشىغا كەڭ داستىخان سېلىپ، زىيارەتچىلەر ئۈچۈن خاس مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەردى. مەشرەبتە، خۇشپۇراق زەئفىران چايلار ئىچىلدى؛ بىر-بىرىدىن لەززەتلىك قوغۇن-تاۋۇزلار پىچىلدى. ھەممىدىن پەيز بولغىنى، ياش مۇزىكانت مۇھەممەتئەلى ئەپەندى دۇتتار بىلەن ئورۇنلىغان «زىيارەت قىلغىلى كەلدىم»، «كىمنىڭ بار سېنىڭدەك ئالىمى قېنى، پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» قاتارلىق نەق ئۆز يېرىدە ۋە دەل ئۆز مۆرىتىدە تەرەننۇم قىلىنغان ناخشىلارنىڭ سېھرىي كۈچى زىيارەتچىلەرنى مەستخۇش قىلىۋەتتى....



3



ئەرتىسى كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزلاردا، دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن، پايتەخت بېيجڭدىن كېلىپ، ئوپالدا مەخسۇس قەبرىگاھ زىيارىتى پائالىيىتىدە بولغان مەزكۇر زىيارەتچىلەر بىلەن قەشقەر شەھرىنىڭ كىندىكى ھېيتگاھ مەيدانىدا ئۇچراشتۇق.

ئوردا ئالدى تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ھېيتگاھ مەيدانى ئۈستىگە سېخى نۇرىنى ئايىماي تۆكۈپ تۇراتتى. ھېيتگاھتا بولغان زىيارەتچىلەر شادلىقتىن كۈلىۋاتامدۇ ياكى گۈل-غۇنچىلار كەبى سۇباتلىق بۇ ياش زىيارەتچىلەرنى ئۆز قوينىغا ئالغان ھېيتگاھ مەيدانى مەمنۇنىيەتتىن كۈلىۋاتامدۇ بىلىپ بولمايتتى، ئەيتاۋۇر ئىنسانمۇ، زېمىنمۇ خوشاللىق ئىلكىدە مەغرۇر ۋە شادىيانە كۆرۈنەتتى.

قەشقەرنىڭ سېمۋۇللۇق قۇرۇلۇشى بولغان ھېيتگاھ جامىئەسى ئالدىدا، زىيارەتچىلەر بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق. بۇنىڭ بىلەن گويا بۇ قېتىملىق زۆرۈر، ساۋابلىق ۋە ماقۇل پائالىيىتىمىزگە نۇسرەت چېكىتىنى مەزمۇت قويدۇق.

- بۇ مېنىڭ قەشقەرگە تۇنجى كېلىشىم،- دېدى قۇمۇللۇق قىز پەزىلەت، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى تامان كېتىۋېتىپ- قەشقەر ھەقىقەتەنمۇ سېھىرلىك شەھەر ئىكەن. بولۇپمۇ، تۈنۈگۈنكى ئوپال زىيارىتى مېنى ئاجايىب بەختىيار قىلدى.

- شۇنداق!،- تالىشىپ ئاۋاز قوشتى تۇرپان ۋە كورلىدىن كەلگەن ساۋاقداشلار- بىز تۈنۈگۈن ئوپالدا بىر ئەسىرگە تاۋاپ بىر كۈن ياشىدۇق.

- 25- ئىيۇل ھاياتىمىز بويى ئۇنتۇلماس بىر نامايەندە كۈن بولغۇسى!



2008- يىل 26-ئىيۇل، قەشقەر.



(«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى)



مەنبە شىنىجاڭ يازغۇچىلار تۇرى



يۇللۇغۇچى مەتۇرسۇن ئېلى نۇرى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8882
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-07
ئاخىرقى: 2011-11-22

ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقىرى توغۇرلۇق كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولۇۋالدۇق،تېما ئېگىسىگە تەشەككۈر.
بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا