باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2231 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: توي قىلىپ 10 يىلدىن كېيىن...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 95
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
ئۆسۈش: 982 %
مۇنبەر پۇلى: 1000 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-04
ئاخىرقى: 2012-04-23
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 05:40

توي قىلىپ 10 يىلدىن كېيىن...

ئەسكەرتىش: بۇ يازما uyghur تەرىپىدىن مۇنبەر يېڭىلىقلىرى بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-12-11)
ئادىل غوجالىم

             توي قىلىپ 10 يىلدىن كېيىن...

توي قىلغان تۇنجى يىلى ئەر - خۇتۇن ئىككىڭلار ھەر قانداق ئىشتا بىر - بىرىڭلارغا   شەرتسىز يول قويىسىلەر ، 10 يىلدىن كېيىن بىر - بىرىڭلارغا ئامالسىز يول قۇيىدىغان بولىسىلەر .
  توي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىز خىزمەتتتىن كېچىكىپرەك كەلسە ياكى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ كەچ قالسا ، ئەنسىرگىنىڭىزدىن دېرىزە ئالدىغا تۇرۇپ ئۇنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىسىز . 10 يىلدىن كېيىن سىز يېرىم كېچىگىچە كەلمىسىڭىز ئۇيقۇسىز ھالدا دېرىزە ئەينىكىدىن قارايدىغىنى ئايالىڭىز بۇلىدۇ .
  توي قىلغان تۇنجى يىلى دوستلىرىڭىز بىلەن ئولتۇرىدىغان بۇلۇپ قېلىپ ئايالىڭىزدىن 100يۈەن سورىسىڭىز  يەتمەي قالمىسۇن دەپ 200 يۈەن بېرىدۇ ، 10 يىلدىن كېيىن ئىدارىدىن بەرگەن مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىنى چۈشتە ئايالىڭىزغا بېرىپ، چۈشتىن كېيىن 100 يۈەن سورىسىڭىز،ئايالىڭىز كۆزىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ « نېمە قىلىسىز  ئۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى »دېگىنىنى ئاڭلايسىز.

   تۇي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىز ئۆيدىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن خاپا بولۇپ قالسا ئۇدۇللا بېرىپ  سىزنىڭ ئانىڭىزغا دەيدۇ ، 10 يىلدىن كېيىن ئۆيدىكى ئىشلارنى ئىچىڭىزگە پاتۇرالماي ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن دوستلىرىڭىزغا دەيسىز ، دوستلىرىڭىز كەچتە دەيدىغانغا گەپ تاپالمىغىندەك ئايالىغا دەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئەتىسىدىن باشلاپ سىلەرنىڭ ئۆيدىكى ئىشلار داستانغا ئايلىنىپ ھەممە يەردە سۆزلىنىدۇ .
توي قىلغان تۇنجى يىلى سىز ئائىلىدىكى ئەڭ مۇھىم،ھۆرمەتلىك ئادەم بۇلىسىز . 10 يىلدىن كېيىن بۇ ئورۇنغا تەبىئىي ھالدا بالىڭىز ئولتۇرىدۇ ، سىز بولسىڭىز ئىككى بايغا  بىر مالاي بۇلىسىز .
   توي قىلغان تۇنجى يىلى خىزمەتتە نەتىجە يارىتىپ ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانسىڭىز ، گېزىت - ژورناللاردا ماقالىڭىز ئېلان قىلىنسا ، ئايالىڭىز سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ،مەززىلىك تاماقلارنى ئېتىپ سىزنى تەبرىكلەيدۇ . 10 يىلدىن كېيىن  بېرىلگەن مۇكاپات ياكى قەلەم ھەققىنى سۈرۈشتۈرىدۇ .
   توي قىلغان تۇنجى يىلى خوتۇنىڭىزغا« بۇ دۇنيادا پەقەت سېنىلا ياخشى كۆرۈمەن»دېسىڭىز چەكسىز بەخت ئىچىدە تاتلىق كۈلۈمسىرەپ،ناز-كەرەشمە بىلەن سېنى چىڭ قۇچاغلايدۇ. 10 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭغا بۇ گەپنى دېسىڭىز،پەرۋامۇ قىلىپ قويماستىن،بەلكى كۆزىڭىزگە گۇمان بىلەن سوغۇق كۈلۈپ قۇيىدۇ .
  توي قىلغان تۇنجى يىلى ئۆيگە دوستلىرىڭىزنى چاقىرماقچى بولسىڭىز ئايالىڭىز ئۆينىڭ ئىچىدە پايپىتەك بۇلۇپ يۈرۈپ تەييارلىق قىلىدۇ ،خۇشاللىقتىن تېخى ئۆزى قىلالمايدىغان ئۆزگىچە تەملىك تاماقلارنى ئانىسىغا ئەتتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ كېلىدۇ . 10 يىلدىن كېيىن ئۈچ - تۆت دوستىڭىزنى ئۆيگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى دېسىڭىز«قاراڭ ،كۆرۈپ تۇرۇپسىز، بۈگۈن بەك ھېرىپ كەتتىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىنىڭمۇ مىجەزى يوق،بىز ئۆيدە ۋاراڭ-چۇرۇڭنى كۆتۈرەلمەيمىز، ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى ئاشخانىغا باشلىڭە » دەيدۇ .

  توي قىلغان تۇنجى يىلى خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكچى بولغاندا،ئىككىڭلار ياسىنىش ئۈچۈنلا بىر-ئىككى سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىسىلەر.10يىلدىن كېيىن خوتۇنىڭىز:«ئەتە ئائىلە بويىچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشەيلى»دېسە،سىز:«ۋاي،مەن بەك ئالدىراش،ۋاقتىم يوق»دەيسىز.
   توي قىلغان تۇنجى يىلى خوتۇنىڭىز  سىزگە ئارتۇقچىلىقى بەكمۇ كۆپ ، ئىشچان،مۇلايىم،كەمسۆز كۆرۈنىدۇ،10 يىلدىن كېيىن ئۇ ئۇنداق ئەمەستەك،باشقىچە ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك ، كۆزىڭىزگە ھازازۇل،توختىماي سۆزلەيدىغان،بىشەم ، مۇتىھەم،ھورۇن خوتۇندەك كۆرۈنىدۇ .
  توي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۈرۈپ  كۆرۈپ شەھەر بويىچە ئەڭ گۈزەل ، ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن قىزنىڭ بىرسى،ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق دەپ ئۇنى ئېلىۋالغانلىقىڭىزغا پەخىرلىنىپ كېرىلىپ يۈرىيسىز ، 10 يىلدىن كېيىن ئەتىگىنى ئويغۇنۇپلا قاپاقلىرى ئىششىپ ساڭگىلىغان،چاچلىرى پاخپايغان،ئۇخلاش كىيىمى لەپپەڭشىپ تۇرغان،ساپما كەشنى يەكپاي كېيىپ يۈرگەن ئايالىڭىزنى كۆرۈپ ئېغىر خۇرسىنىسىز .

توي قىلغان تۇنجى يىلى سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ كۈچ قۇدرىتى،ياشلىق باھارنىڭ گۈزەل ھېس-تۇيغۇلىرى ئىچىدە ئايالىڭىزنى تۇغۇلۇپلا ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك،گويا ئۇسىز ئۈچۈنلا بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندەك،بىر جان –بىر تەندەكلا ھېس قىلىپ ھاياتتىن تولىمۇ خۇرسەن بولىسىز.10يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ باشقا خەقنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى،بەزەن گەپ-سۆزلىرىدىن،ھەرىكەت قىلىقلىرىدىن،سىزگەبولغان مۇئامىلىسىدىن گويا ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز.
توي قىلغان تۇنجى يىلى سىز ھەر قانچە يالغان گەپ قىلسىڭىزمۇ ئايالىڭىز ئىشىنىدۇ ، بەزىدە مېنى ئەكىلىتىپ چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ . 10 يىلدىن كېيىن سىز قولىڭىزنى يۈرىكىڭىزگە قويۇپ راست گەپ قىلسىڭىزمۇ،ئۇ گېپىڭىزگە ئىشەنمىگەندەك قىلىپ چەكچەيگىنىچە كۆزىڭىزنىڭ ئىچىگە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن قاراپ كېتىدۇ.
   توي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىز بىلەن بازار ئارىلاۋىتىپ بىرەر قىز ساۋاقدىشىڭىز بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ سالاملاشسىڭىز ، ئايالىڭىزمۇ سىز بىلەن تەڭ قىزغىن سالاملىشىدۇ ، ھەتتا ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن«تونۇشۇپ قالايلى،بۇنىڭدىن كېيىن ئارىلىشىپ ئۆتەيلى،ئۆيلەرگە بېرىڭ»دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ.10 يىلدىن كېيىن كوچىدا ئۇچرىشىپ قالغان بىرەر قىز ساۋاقدىشىڭىز بىلەن بەش - ئون مىنۇت چاقچاق ئارىلاش قىزغىن پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالسىڭىز،ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن چاچلىرى پاخپايغان،كۆزلىرى چەكچىيىپ،قاپاقلىرى تۈرۈلگەن بىرى بىلەن بۇلىدىغان بىر مەيدان شىددەتلىك جەڭگە تەييارلىق قىلىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ .
  توي قىلغان تۇنجى يىلى ئايالىڭىز بىلەن بەزى ئىشلار تورىلىق تەگىشىپ قېلىپ ئايالىڭىز ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتسە ، كەچتە ئانىسى قىزىنى قولىدىن يېتىلىگەن پېتى ئۆيىڭىزگە  ئەكىلىدۇ، ئاندىن ئىككىڭلارنى ئولتۇرغۇزۇپ تۇرۇپ ئۆي تۇتۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ، ئالدىڭلاردا تېخى نۇرغۇن كۈنلەرنىڭ بارلىقىنى، بىر - بىرىڭلارنىڭ كەمچىلىكىنى ئەپۇ قىلىپ ئۆتۈشىڭلارنىڭ كېرەكلىكىنى،ئاندىن تۇرمۇش قۇرۇش يولىنىڭ تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ نەسىھەت قىلىدۇ.10يىلدىن كېيىن ئايالىڭىز ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتسە ، سىزنىڭ ئانىڭىز  ئىككى - ئۇچ ئايالنى  ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ ، قولىدا داستىخان كۆتۈرگەن ھالدا قېينىئانىڭىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەپۇ سوراپ ئايالىڭىزنى ياندۇرۇپ كېلىدۇ .
توي قىلىپ 10 يىلدىن كېيىن...
ئادەم تۇرمۇش قۇرغانىكەن،ھەر خىل دىشۋارچىلىقلارغا يولۇقىدۇ ، خوشاللىققا،بەختكە چۆمۈلىدۇ . نىكاھلىق تۇرمۇشتا تۈرلۈك،تۈمەن قىيىن ئىشلار،باش قېتىنچىلىقلىرى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ . مۇھەببەتلەشكەنلەر بىر - بىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىشتىن باشلىنىپ،كېيىن بىر - بىرىدىن ئايرىلالماس  بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشقانلىقى  ئۈچۈن توي قىلىدۇ . ئەمما توي قىلغاندىن كېيىن ھەر ئىككىيلەن ئاستا  - ئاستا ئۆزلىرىنىڭ مېجەز خاراكتېردىن تارتىپ تۇرمۇش ئۇسۇلىغىچە بىر- بىرىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى ئادەم ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىشىدۇ . چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ زېممىسىگە تۇرمۇشنىڭ تۈگمىنىنى چۆرگىلىتىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن بولغاچقا،دەل مۇشۇنداق مۇرەككەپ جەرياندىلا ئاندىن ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ باشقا – باشقا ئىككى ئائىلىدە چوڭ بولغان ئىككى ئادەم ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىدۇ .
  شۇڭا توي قىلغاندىن كېيىنكى 10 يىل ناھايىتى تاتلىق،ئەمما ئۆزىگە چۇشلۇق ئاچچىق-چۈچىكىمۇ بار ھەم خەۋپ - خەتەرگە تولغان پەيت دەپ قارىلىدۇ.بۇ تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل ھەم ئەڭ ئاسان ئادىشىدىغان ۋاقىت. بۇ ۋاقتتا كۆپۈنچە ئەر - خوتۇنلار ئادەتتە بىر ياكى ئىككى بالىلىق بولغان بۇلىدۇ. شۇڭا ئائىلىنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجلىرى،بالىلارنىڭ غېمى،ئەر - ئايال ئىككەيلەننى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن خېلىلا چارچىتىدۇ. ئايال ئەينەكتىن سۇلغان چىرايى ، يوغىنىغان ساغرىسى،بوشۇشۇپ ساڭگىلىغان قۇرسىقى،قورۇق چۈشكەن يۈزلىرىنى كۆرۈپ خۇرسىنىدۇ،ئۆزىدىن زىلۋا،چىرايلىق قىز - چوكانلارغا قاراپ شۇلاردەك ياسانغۇسى ، ئاشۇلاردەك كىيىنىپ ، غەم - غۇسسىسىز يۈرگىسى كېلىدۇ.ئۆزىنىڭ قېرىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ھەسرەتلىنىپ،ئەتراپلارغا قاراپ سالىدۇ، بەزىدە مۇشۇنداق بۇلۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى ئېرىدىن ئىزدىگۈسى كېلىپ  ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشىدۇ،جىدەل قىلىدۇ.ئەرلەر ئۆيدىكى ۋاراڭ – چۇرۇڭ،تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى، جىدەل - ماجرالاردىن زېرىكىپ سىرتلاردا قاڭقىپ يۈرۈشكە،ئۆيگە كەچ قايتىشقا ئادەتلىنىشكە باشلايدۇ . ھەتتا بەزىدە ئۇچۇپ يۈرگەن كەپتەرلەرگە باسماق قۇرۇشنى ئويلاپ قالىدۇ. مانا بۇ تويدىن كېيىنكى 10 يىلنى خەتەرلىك دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى . شۇڭا سىز ئالدىڭىزدا كېلىدىغان 20 يىلىڭىز،30 يىلىڭىزنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەي دېسىڭىز،مۇشۇ 10 يىللىق تۇرمۇش تەجرىبىڭىزنى ئوبدان يەكۈنلەپ ، تۇرمۇشنىڭ يۈگىنىنى قۇلىڭىزدا توغرا ھەم چىڭ تۇتۇڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، ھەممە ئىشنىڭ زىيادە مۇككەممەل بۇلىشىنى تەلەپ قىلىش ئادەمنى بارا - بارا تۇرمۇش لەززىتىدىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇرىۋېتىدۇ. زىيادە قۇسۇرچىلىق ، ئۆزىنىڭىنىلا راست قىلىش،يارقىنلىقنى قوغلىشىش بەختتىن،بارغانسېرى ياتلاشتۇرىۋېتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىر - بىرىگە كەڭ قورساق بولغاندا،بىر – بىرىنى،چۈشەنگەندە، ئىناق ئۆتۈشكە ئادەتلەنگەندە، ماسلاشقاندا،گەپ يوق« ئالتۇن توي » غىچە بىر - بىرىڭلارغا يار-يۆلەك بولۇپ،ئۈمرىڭلارنى جىدەل – ماجراسىز، كۆڭۈل ئاغرىقسىز ئۆتكۈزەلەيسىلەر.شۇڭا كونىلار دېگەندەك تۇرمۇشمۇ،بەختمۇ سەل غۇۋاراق بولغىنى ياخشى.

مەنبە«ئاسىيا كنىدىكى»


شىنىجاڭ يازغۇچىلار تۇرى .
يۇللۇغۇچى مەتۇرسۇن ئېلى نۇرى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1609
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1609دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16867 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-05-10

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ،   بۇ تېمىدىكى بەزى تەرەپلەر راستىنلا....................
اللا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8887
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-07
ئاخىرقى: 2011-09-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 18:26

بۇ تېمىدىكى بەزى تەرەپلەر ئەمەلىيەتكە تازا ئۇيغۇن ئەمەسكەن .لىكىن بەزىلىرى ىەقىقەتەن چۇشۇپ قالىدىكەن
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1609
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1609دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16867 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-05-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 19:29

  ھەي....بەزى تەرەپلىرى راستىنلا چۈشىدىكەن جۇمۇ ،
اللا
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 614
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە614دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6943 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-08
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 23:01

بەزى يەرلىرى راستىنلا تۇرمۇشقا بەك يېقىنكەن،ئوقۇپ قۇيۇشقا ئەرزىيدىكەن،
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ئاتا قىل& ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3033
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 702
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە702دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 4265 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-05-09
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-11 23:50

ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقىسىڭىز ، تۇرمۇشتىكى ئىشلاركەن ، بەزىلىرىنى  ھىساپقا ئامىغاندا .