تۆمۈر خەلىپىنىڭ ھەقىقى تەرجىمھالى
شىرىپ خۇشتار ئەپەندى << شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر >> ناملىق كىتاۋىدا،<< تۆمۈر خەلىپە 1891-يىلى تۇرپاندا ئىشلەمچى ( كارىز چاپقۇچى) ئائىلسىدە تۇغۇلغان >> دەپ خاتا يېزىپ ،تۆمۈر خەلىپنىڭ تۇغۇلغان ۋاختىنى 20 يىل سۈرۋەتكەننىڭ ئۆستىگە ،
تۆمۈر خەلىپىنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى ئىش ئىزلىرىنى يازغاندا ،تۆمۈر خەلىپنىڭ يېشىغا ۋە ھايات پائالىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئىشلارنى تەرجىمھالىغا قىستۇرۇپ ،تۆمۈر خەلىپنى قوزغىلاڭ قىلغاندا ۋە ۋاپات بولغاندا 22 ياشلىق بالا قىلىپ تەسۋىرلەپ يازغان .
ئەزىز ئاتاۋۇللا تۈزگەن << ئەدەپ -ئەخلاقتىن تەۋسىيلەر >> ناملىق كىتاپتىمۇ بۇ سەۋەنلىك يەنە تەكرارلىنىپتۇ .
شىرىپ خۇشتار ئەپەندى يازغان كىشىنى گاڭگىرتىپ قۇيدىغان بۇ خاتا تەرجىمھال ،ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە ئوموملىشىپ كىتىپتۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ << ئىز >> ناملىق رۇمانىنى قايتا -قايتا ئۇقۇش ئارقىلىق، تۆمۈر خەلىپىنىڭ بۇ قىسقىچە تەرجىمھالىنى يېزىپ چىقتىم .
تۆمۈر خەلىپە تۇغۇلغىنىغا 140 يىل بولغان بۇ مۇبارەك يىلدا،
تورداشلارنىڭ بۇ تەرجىمھالىنى ھەرقايسى توربەتلەرگە خالىس يوللاش ئارقىلىق بۇ خاتالىقىنى خەلقىمىزگە بىلدۈرشىنى ئۈمۈد قىلمەن .
ئەتە 9-ئاينىڭ 6-كۈنى تۆمۈر خەلىپە ۋە مۆيدىن يىڭجاڭنىڭ مافۇشىڭ تەرپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگىنىگە 98-يىل بولغان كۈن .
تۆمۈر خەلىپىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
تۆمۈر خەلىپە 1871-يلى قۇمۇلنىڭ ئەڭ چەت يېزىلىرىدىن بىرى بولغان بۇغاز دىگەن يېزىدا، نامرات دىھقان ئائىلسىدە تۇغۇلغان.
تۆمۈر يەتتە يېشىدىن 15يېشىغىچە دىنى مەكتەپتە ئۇقۇدى ،ئۇنىڭدىن كىيىن ياغاچچىلىققا ھۈنەرگە كىرىپ ،20 ياشلارغا كىرگەندە ئۇستا ياغاچچى بۇلۇپ قالدى .
ئەمما ھۈنەر ئۇنىڭ ئائىلسىگە بەركەت ئەمەس،ئاپەت ئېلىپ كەلدى .
شامەخسۇتنىڭ قەسرى-ئايۋان قۇرلۇشلىرىغا تۇتۇلۇپ،12 يىل ئۆمرى شامەخسۇتقا ئىشلەش بىلەن ئۆتتى .ھەتتا ئاي-ئايلاپ ئاتا-ئانسى ۋە خۇتۇن بالىلىرى بىلەن كۆرشەلمىدى .
تۆمۈر بۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ تۇرغاندا ،1907-يىلى شامەخسۇتنىڭ زۇلىمىغا قارشى
<< تورپاقلار يېغىلىقى >> پارتىلىدى .تۆمۈر بۇنىڭغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى .
<< تورپاقلار يېغىلىقى >> قانلىق باستۇرۇلۇپ قاتناشقۇچىلار قاتتىق جازالىنىۋاتقان چاغدا ،تۆمۈر
دادىسىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەلدى .
تۆمۈر ئۈرۈمچىگە قېچىپ چىققاندىن كىيىن نەچچە يىللار ئىشلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق جىنىنى باقتى .
تۆمۈر بۇ جەرياندا تۇرپانلىق مۆيدىن،ئۈرۈمچىلىك گامازا دىگەن تۇڭگان بىلەن يېقىن دوسىت بۇلۇپ قالدى .تۆمۈر گامازا تۇڭگاندىن ،ئىچكىردە سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدە مانجۇلارغا قارشى ئىنقىلاپ بۇلۇپ،مانجۇ خانلىقى ئاغدۇرلۇپ ،خەلىق ئۆزى خالىغان كىشىنى سايلىسا بۇلدىغان << خەلىق دۆلىتى >> قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ ،ئۆز يۇرتىدىمۇ زالىم شامەخسۇت خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىستىكى تۇغۇلۇپ قۇمۇلغا قايتىپ كەلدى .
1911-يىلى 12-ئايدا سۇن جۇڭشەننىڭ تەرەپدالىرى (گېلاۋخۇي) ئۈرۈمچىدە ۋە ئىلىدا قۇزغىلاڭ كۈتۈرگەن بۇلۇپ ،شۇ چاغدىكى شىنىجاڭنىڭ باش مەمۇرى ئەمەلدارى يۈەن داخۇا ،قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇتقا خەت يېزىپ ،500 ئاتلىق ئەسكەر تەييارلاپ ئۈرۈمچىگە
ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان .
شۇ بۇيرۇققا ئاساسەن شامەخسۇت ئۇيغۇرلاردىن مەجبۇرى ئەسكەر ئېلىشنى باشلىغاندا ،تۆمۈر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،يۇرتمۇ -يۇرت يۈرۈپ خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق ،بەزى كىشىلەر بىلەن پىكىر بىرلىكىگە كەلدى .ئەسكەر ئېلىش ئىشى تاماملانغاندىن كىيىن ،شامەخسۇت
ئۇلارنى مىلتىق ،قىلىچ قاتارلىق قۇراللار بىلەن قۇراللاندۇرۇپ ،ھاجەر باقى بەگ قۇماندانلىقىدا ئۈرۈمچىگە يولغا سالدى .
بۇ ئەسكەرلەر يولغا چىقىپ توغۇچىدىن ئۆتۈپ، تارانچى كۆمۈر كېنىغا كەلگەندە ،تۆمۈر ئالدىن كىشىۋالغان سەيپۇڭ توختى،ئەنسارى ....قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ھاجەر باقى بەگنى باغلاپ قويغاندىن كىيىن ،تۆمۈر ئەسكەرلەرنى يىغىپ << قېرىنداشلار نەگە بارسىلەر،تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەزىز يۇرتنى تاشلاپ ،ئۈرۈمچى جاڭجۇڭى ئۈچۈن ئۆلگىلى بارامسىلەر ،شامەخسۇتنىڭ شۇنچە قىلغانلىرى يەتمەي ،ئەمدى بىزنى ئوققا تۇتۇپ بەرمەكچى بىلەمسىلەر ...............>> دىگەن مەزمۇندا سۆز قىلىپ ،ئۇلارنى شامەخسۇتقا قارشى كۆرەش قىلىشقا ماقۇل كەلتۈردى .
ئۇلار تۆمۈرنى باش قىلىپ ،تاغلىق رايۇنلاردا شامەخسۇتنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قۇراللىق كۈرەشنى باشلاپ،كۆپ قىتىملىق جەڭلەردە غالىپ كەلگەندىن كىيىن،يۈەن داخۇا ئۆلكە رەئىسلىكىنى ياڭ زېڭشىنغا ئۆتكۈزۈپ بىرىپ ئىچكىرگە قاچتى .
شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزۋالغان ھىلگەر ياڭ زېڭشىن ،تۆمۈر باشچىلىقىدىكى ئىنقىلاپچىلارنى يۇقۇتىشقا كۈچى يەتمەي،تۆمۈرنىڭ تەقۋادار مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ،ئۇنىڭغا شىرىن-شىكەر سۆزلەر بىلەن خەت يازدى ۋە 1913-يىلى 3-ئايدا تۇڭگان باتالىيۇن كوماندىرى لى شۇفۇنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپ ،قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلىش يولى بىلەن ،<< ئالۋاڭ ياساقنى ئازايتىش،ۋاڭغا ھەقسىز بېقىپ بىردىغان " تۆمۈر چارۋا "تۈزۈمىنى بىكار قىلىش،ۋەقە يۈز بەرگەن رايۇنلارنى قوزغىلاڭچىلار ئۆزى ئىدارە قىلىش،قوزغىلاڭ سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلارنى قۇيۇپ بېرىش،ئۆزىنى قوغداشقا قۇرال ئېلىپ قىلىش .....>> قاتارلىق تەلەپلەر قاندۇرۇلغاندىن كىيىن ،تۆمۈر 300 ئەسكىرى بىلەن ئۈرۈمچىگە كىلىپ ھازىرقى 20-باشلانغۇچ مەكتەپ ئورنىغا جايلاشقان گازارمىغا ئورۇنلاشتى. .شۇنىڭدىن باشلاپ تۆمۈر << تۆمۈر خەلىپە >> دىگەن نام بىلەن ئاتالدى .تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىدە 6 ئاي باتالىيۇن كوماندىرى بۇلۇپ ،1913-يىلى 9 -ئايدا ھىلگەر ياڭ زېڭشىن تەرپىدىن قولغا ئېلىنىپ ، 1913-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، تۇرپان ئاستاندا قوزغىلاڭ كۈتۈرۇپ غەلبە قىلىپ ،تۆمۈر خەلىپە بىلەن بىللە ئالدانغان مۆيدىن يىڭجاڭ بىلەن بىللە ،مافۇشىڭ (كىيىن قەشقەرگە دوتەي بولغان ) تەرپىدىن 42 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدى .تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئەسكەرلىرى قۇرالسىزلاندۇرۇلۇپ، يۇرتىغا قايتۇرۇش نامى بىلەن گۇچۇڭنىڭ ئۇلانسۇ دىگەن يىرىدە پۈتۈنلەي قىرۋېتىلىدى .
مەنبە ؛ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ << ئىز >> ناملىق رومانى .
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر ،
[ بۇ يازمىنىقاراخان0998 2011-09-06 00:38قايتا تەھرىر ]