باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 928 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يان تېلېفون
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-05 22:04

يان تېلېفون


                                                         (ھېكايە)
                                               ئاندېلې فمولېي (رۇسىيە)

     بىر يولۇچى ئاپتوبۇسقا كەينى ئىشىكىدىن چىقتى.ئۇ ئاپتوبۇستىكىلەرنىڭ يان تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى.يولۇچى ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاچ، ئالدىغا سۈرۈلەتتى.ئاپتوبۇستىكى ھېچكىم ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىدى.ھەممەيلەن يان تېلېفوندا سۆزلىشىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
    ئون ياشلار چامىسىدىكى قىزچاق: ‹‹كىم مېنى ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، –دەيدۇ؟ مەن كىمنى تويغۇزۇۋېتىپتىمەن؟ بىلىپ قوي، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئەسلىي ئۆزۈڭ! ھۇ چارپاقا...››
   سېرىق چاچلىق قىز:‹‹سەن تازا ۋاراڭ – چۇرۇڭ يەردە ئىكەنسەنغۇ؟ ئېيتە، زادى نەدە؟ نېمە، تاماق يەۋاتىمەن؟ نېمە تاماق؟ دوستۇمنىڭ تويىدا؟ ئۇنداق بولسا سۆزلەشسەك نېمىشقا بىئەپ بولغۇدەك؟... ››
    30 ياشلار چامىسىدىكى ئەر: ‹‹ھە، سۆزلە، نېمىشقا بولىس بىلەن تانسا ئوينايسەن؟ سېنى تانسىغا تەكلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلىما؟ يەنە تېخى خىجىل بولماستىن <نېمىشقا ھاراق ئىچتىڭ> دەپ سوراۋاتامسەن؟ ››
    ھەربىي: ‹‹سەن كېرىشوۋدىن سوراپ باق، ئۇنىڭ تانكىسى نەدىكىن. ھە توغرا، ئۇنىڭدىن سوراپ باق، نېمە؟ تانكا يوقمىكەن!ھۇ يارىماس! ››
    پوپ: ‹‹بولمايدۇ، ئۈلگۈرەلمەيمەن، دەپنە مۇراسىمىنى باشلاشقا بولمايدۇ...يەنە كىم توۋا قىپتۇ...يان تېلېفوننى ئۇنىڭغا بەر.مەن ئاڭلاۋاتىمەن! ››
    يولۇچى قىستىلىپ يۈرۈپ شوپۇر بۆلۈمچىسىنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇ بۆلۈمچىنىڭ دېرىزىسىنى ئۇرۇپ توۋلىدى:
    — ماشىنىنى توختىتىڭ، مەن چۈشىمەن.
    شوپۇرنىڭ قولى رولدا بولغاچقا، بېشىنى قىيسايتىپ ئېڭىكى بىلەن ئوڭ مۈرىسى ئارىسىغا قىستۇرۇۋالغان يان تېلېفونىدا سۆزلىشىۋاتاتتى، شۇڭا ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى.يولۇچى دېرىزىنى كۈچەپ ئۇرۇپ ۋارقىرىدى:
    — ماشىنىنى توختات دەيمەن!
    شوپۇر ئاخىرى ئاڭلىدى، ئۇ ئەمدىلا بېشىنى ئارقىغا قايرىۋېدى، ‹‹گۇم›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئاپتوبۇس ئىستولبىغا ئۇرۇلدى.
    يولۇچى كۆزىنى ئاچقاندا ئىككى سېسترا ئۇنى نوسىلكىغا سېلىپ كۆتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ بىرى مۈرىسى بىلەن ئېڭىكىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇۋالغان يان تېلېفونىدا دوختۇرخانىغا يولۇچىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىۋاتاتتى:
—ھەممىسى دېگۈدەك يارىلىنىپتۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر يارىدارنىڭ يارىسى...، –گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە يان تېلېفون ئۇنىڭ مۈرىسىدىن سىيرىلىپ چۈشتى، سېسترا ئامال قىلىپ يان تېلېفوننى ئېلىۋالماقچى بولۇۋېدى، نوسىلكا ئۆرۈلۈپ يولۇچى يەرگە يىقىلدى.
    يولۇچى كۆزىنى ئاچقاندا، ئۇنىڭ ئالدىدا بىر پەرىشتە تۇراتتى، ئۇمۇ يان تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتاتتى:
    — توغرا، ئۇ ھازىرلا كەلدى، ئېيتىڭا، ئۇنى نەگە ئاپىرىمىز؟

                   مەنبە:تەرجىمى ئەسەرلەردىن

دوستلىشىش
ohho~duqu
kvlgenning hemmisi dost emes
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5343
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 622
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە622دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 6531 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-03-31

مەنىلىك فىليەتون
man kangsay azasian