تۆتىنچى ھېكايە :
ئىككى ئايال پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ .ئارىدىن بىرى يەنە بىرەيلەندىن سوراپ قاپتۇ ، سىزنىڭ ئوغلىڭىز قانداقراق ؟ كېلىنىڭىز بىلەن ياخشى ئۆتۈۋاتقانسىلەر ؟
ۋاي ئۇنى بىر دېمەڭ ، تازىمۇ بىر بەختسىزلىك بولدى دەپتۇ ئايال ئۇھسىنىپ ، ئوغلۇم تولىمۇ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالدى ، ئۇ ئالغان خوتۇن ھۇرۇن چىقىپ قالدى ، تاماق ئەتمەيدۇ ، ئۆيمۇ تازىلىمايدۇ ، كىر قاتمۇ يۇمايدۇ ، ھەتتا بالىمۇ باقمايدۇ ، ھەر كۈنى ئۇخلايدۇ ، ھازىر مېنىڭ ئوغلۇم ئۇنىڭ تامىقىنى پىشۇرۇپ كارىۋىتىغا ئەكېلىپ بېرىدۇ ! راست ، سىزنىڭ قىزىڭىزچۇ ؟ ئۇنىڭ تۇرمۇشى قانداقراق ؟
ئۇنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى بەختلىك دەپتۇ يەنە بىر ئايال ، مېنىڭ قىزىم ھەقىقەتەن بىر ياخشى ئەرگە ياتلىق بوپتۇ ، ئۇنىڭ يولدىشى ئۇنى ئۆي ئىشلىرىنى قىلغۇزمايدۇ ، ئۆينىڭ ھەممە ئىشلىرىنى كۈيئوغلۇم بىر قوللۇق قىلىدىكەن ، تاماق ئېتىش ، كىر قات يۇيۇش ، ئۆي تازىلاش ، بالا بېقىش دېگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئېرى قىلىدىكەن ، يەنە تېخى ئەتىگەنلىك ناشتىلىقىنىمۇ ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ بېرىدىكەن !
قاراڭ ! بۇ ئوخشاش ئەھۋال ، ئەمما بىز ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن تۇرۇپ كۆزەتسەك ئوخشاش بولمىغان ھېس تۇيغۇغا ئىگە بولىمىز ، باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ كۆزەتسەك ياكى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن تۇرۇپ ئويلىنىپ كۆرسەك نۇرغۇن ئىشلار بىز ئويلىغاندەك بولمايدۇ ، سىز قانچىكى كەڭ قورساق بولسىڭىز شۇنچىكى كۆپ مېھىر – مۇھەببەتكە ئېرىشەلەيسىز .
بەشىنچى ھېكايە :
فىرانسىيىنىڭ بىر چەت – يىراق بازىرىدا بىر خىسلەتلىك بۇلاق بار ئىكەن ، بۇ يەردە پات – پات مۆجىزە يۈز بېرىپ شىپالىق تاپالمىغان نۇرغۇن كېسەللەر بۇ يەردە شىپالىق تاپىدىكەن .بىر كۈنى بىر پۇتىدىن ئايرىلغانلىقتىن ھاسا تاياق تۇتۇۋالغان بىر ئەسكەر بىر پۇتىنى ئاقسىغىنىچە بۇ بازاردىن ئۆتۈپتۇ ، بۇ كەنتتىكى كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ ھېسداشلىق قىلغان ھالدا مۇنداق دەپتۇ : بىچارە بالا ، ئۇ تەڭرىدىن يەنە بىر پۇت ئاتا قىلىشنى تىلىسە بولمامدۇ ؟ دېيىشىپتۇ .
بۇ گەپلەرنى ئەسكەر ئاڭلاپ قاپتۇ ، ئۇ بۇرۇلۇپلا شۇ يەرلىك كىشىلەرگە :مەن تەڭرىدىن يەنە بىر قېتىم يېڭى پۇت ئاتا قىلىشنى تىلىمەيمەن ، بەلكى ئۇنى ماڭا ياردەم قىلىپ بىر پۇت ئارقىلىق ھاياتىمنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى ئۆگىتىپ قويۇشىنى تىلەيمەن دەپتۇ.
ئىنسان ھاياتىدا مەيلى قانداقلا نەرسىسىدىن مەھرۇم قېلىشىدىن قەتئىينەزەر ھاياتىغا يەنىلا ئۈمىد باغلىشى كېرەك ، ئايرىلغان نەرسىلىرى ئۈچۈن ياش تۆكمەسلىكى ، تىرىشىپ ھاياتىدا يېڭى ئۈمىدلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك .
ئالتىنچى ھېكايە :
17 – ئەسىر مەزگىلىدە دانىيە بىلەن شۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ دانىيە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدۇ ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دانىيىلىك بىر ئەسكەر ئولتۇرۇپ سۇداندىكى سۇنى ئىچمەكچى بولۇپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز ئاجىز ئىڭرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالىدۇ ، ئەسلىدە يېقىنلا بىر يەردە يارىلانغان بىر شۋېتسىيىلىك ئەسكەر كۆزلىرىنى تەلمۈرگىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ ياتقان ئىكەن .
ئۇسساپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتۇ دانىيىلىك ئەسكەر ۋە سۇداننى يارىلانغان شۋېتسىيىلىك ئەسكەرگە ئۇزىتىپتۇ ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن شۋېتسىيىلىك ئەسكەر دەرھال نەيزىسىنى چىقىرىپ دانىيىلىك ئەسكەرگە كۈچەپ ئۇرۇپتۇ ، بەختكە يارىشا دانىيىلىك ئەسكەر چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئېلىۋالغاچقا پەقەت بىلىكىلا زەخىملىنىپ ھاياتى ئامان قاپتۇ .
ھەي ! سەن ماڭا مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرماقچىمۇ ؟ دەپتۇ دانىيىلىك ئەسكەر ، ئەسلىدە مەن ساڭا سۇداندىكى سۇنىڭ ھەممىسىنى بەرمەكچى ئىدىم ، ئەمدى پەقەت يېرىمىنىلا بېرىمەن دەپتۇ .
بۇ ئىش يۈر بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي دانىيىنىڭ دۆلەت باشلىقى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپتۇ ۋە بۇ ئەسكەرنى ئالاھىدە چاقىرتىپ ئۇ ۋاپاغا جاپا قىلغان شىۋىتسىيىلىكنى نېمىشقا شۇ يەردىلا ئۆلتۈرۈپ تاشلىمىغانلىقىنى سوراپتۇ .
مەن يارىلانغان ئادەمنى ئۆلتۈرۈشنى خالىمايمەن دەپ جاۋاب بېرىپتۇ دانىيىلىك ئەسكەر .
بۇ ھېكايە بىزگە ئادىمىيلىكنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ، سىز باشقىلارغا چىن كۆڭلىڭىزدىن ياردەم قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ يۈزسىزلىك قىلىشىغا ئۇچرىسىڭىز شۇ چاغدىكى ئاچچىقلىنىش ھېسسىياتىنى بېسىپ داۋاملىق ياردەم قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ ئادالەتكە قايتىشىغا ۋە سىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۆزى يەنە بىر ئۇلۇغلۇق ھېسابلىنىدۇ ، ئەپسۇس ، نۇرغۇن كىشىلەر ئىككىنچى باسقۇچتىلا كەينىگە قايتىپ كېتىدۇ . ئىنساندىكى ئۇلۇغلۇق شۇ بىر قەدەمنى ئوڭۇشلۇق بېسىشتا ئىپادىلىنىدۇ .
مەنبە:تەرمىلەردىن