دىھقانمۇ قۇتۇلدى سىلىق پاراقتىن،
دادۈيجاڭ ئالدىدا سۇئال سوراقتىن،
خامىنى تولغاندۇر بۇغداي قوناقتىن،
قۇتۇلدى جاپاكەش دىھقان ئاتاقتىن،
ئەمدىكى نۆۋەتتە موللام بولماق تەس،
دەردىمنى سۆزلىسەم بىلەرسەنمىكىن،
يا باغرىم يىرىلسا كۆرەرسەنمىكىن،
ھالىمنى ئاڭلىساڭ كۈندە مىڭ مەررە،
موللام بوپ قالماي دەپ تىلەرسەنمىكىن،
ئويلىما موللىلىق بەك ئاسانمىكىن،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
سىملاردا مىڭىپلا كۆرسىتىپ ئويۇن،
بەزىلەر ئاسانلا بولدى چىمپىيۇن،
نەدىكى مۇكاپات ئەگمەستىن بويۇن،
ھەق يولدا ماڭغانغا چىقسىمۇ قۇيۇن،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
ئىماملىق ئورنوڭدىن ھەۋەس قىلىسەن ،
جامائەت باشلىغان يولغا ماڭىسەن ،
جەننەتنى سەن گويا ئەلگە تاڭىسەن ،
ئەل ئۈچۈن قاينايسەن ئوت بوپ يانىسەن ،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
توغۇلۇپ ئۈچ كۈندە لازىم بولىسەن،
تۇپراققا كىرگەندە قارىم بولىسەن ،
ھەر قانداق خىزمەتكە ھازىر بولىسەن،
تاكسىدا بارىسەن يايداق يانىسەن ،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس .
نەزىرگە ھەيدەيدۇ پىشىڭدىن تارتىپ،
ئىتتىرىپ چىقىرار تۆرگىمۇ ئارتىپ،
بارمىساڭ دىيشىەر قاپتۇ ھال تارتىپ،
چەلپەكچى دىيشەر بارساڭ گەپ تارتىپ ،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
ھەر ئىشتا ئاۋامنىڭ كۆزلىرى سەندە ،
سەن ئالغان كونۋىرت، دىمىدە، قەندە ،
ئالمىساڭ خاپىلىق ئالساڭ دەپسەندە،
تىجارەت قىلساڭ دەر دۇنياغا بەندە ،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق .
ھىدايەت چىرىغى ياندۇرۇش ئۈچۈن ،
ئۆلگەن شۇ روھلارغا جان بىرىش ئۈچۈن،
جىنىڭنى بەرسەڭمۇ ئەل-ئۇلۇس ئۈچۈن ،
قىل چىقماس پىتىر دەر چاندۇرۇش ئۈچۈن،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس .
گۈل سۇنار سەنئەتچى غىتمەك بولسىمۇ،
بوي سۇنار ھوقۇقدار سولتەك بولسىمۇ،
باي غوجام سۆزلىسۇن دۆترەك بولسىمۇ،
موللىغا يۈز توقماق بەكرەك كۈلسىمۇ،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
موللا خەق ياۋاشراق بولمىساڭ بولماس،
زىيانغا سەبرىلەر قىلمىساڭ بولماس،
خەق سىنى ئۇرسىمۇ تىللىساڭ بولماس،
ھەممىگە خوش-خوش دەپ تۇرمىساڭ بولماس،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
ئىلمىڭنى بىلمەس ئەل ھىچبىر پۇرسەتتە،
سەللەڭنى چوڭ بىلەر سەندىن ھۆرمەتتە،
شۇڭلاشقا نادانلار توردە سۈلكەتتە ،
ئالىمغا ئورۇن يوق ئۇيغۇر مىللەتتە،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
ھەدىستىن سۆزلىسەڭ قوپار بىدئەتچى،
پىقھىدىن سۆزلىسەڭ غاجار «سۈننەتچى»
تارىخدىن گەپ قىلساڭ قاينار مىللەتچى،
سەن يالغۇز قارشى سەپ دائىم ئون نەچچى
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
ئويغانسا مىللەت دەپ قىلىسەن ھەۋەس،
نەسھەت قىلىسەن كەلسە مەس ئەلەس ،
تەربىيلەپ چىققۇچە بىرەر زەبەردەست ،
ھەركەتكە كىلىدۇ مىڭلاپ زىدى پەست ،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس .
ئاۋامنىڭ رايىغا باقمىساڭ تىخى ،
ھۆكۈمران كۆڭلىگە ياقمىساڭ تىخى،
چوغنى چىڭ قاماللاپ تۇتمىساڭ تىخى،
زۇلمەتكە چىراقلار ياقمىساڭ تىخى،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس .
ئەخلاققا چاقىرساڭ دەيدۇ خۇراپى،
شائىرلار قوشاققا كەلتۈرۈپ قاپى ،
ئىپزوت ئوينۇشۇپ سەھنىدە ساقى
مەسخىرە قىلىدۇ شەيتان سىياقى،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس .
ھوقۇقدار چىشلىرى بىلەكلىك ساڭا،
پىتنىخور بىر سىنى غاجاشقا خۇما ،
دوسلۇرۇڭ خۇشامەت قىلىشار تاما ،
دۈشمىنىڭ دىيشەر ھالىغۇ مانا ،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس .
مەتبەدە ئورنۇڭ يوق ئىنتىرنىتتا ھەم،
سىياسى ھوقۇقۇڭ قاتىلدىنمۇ كەم،
ئىھتىيات قىلساڭمۇ ئىشلەتسەڭمۇ پەم،
يوق ساڭا ئامانلىق بىلىسەن نىكەم،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس .
كۆيۈنۈپ تەنقىتلەر« ئامراقلار» سىنى ،
«دانالار» غاجار ھەم قىزىسا قىنى ،
زىناخور ، ھاراقكەش بىلسەڭ كۈن-تۈنى،
ئۆچمەنلىك تۈپەيلى يەر باسماس يىنى ،
ئويلاپباق سەن ئۈچۈن ھىسسداش قىنى ،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
جاھالەت پەرەسلەر بوغار بىر چەتتە،
سەۋەپسىز تەنىلەر ياغار بىر چەتتە ،
تۇرمۇشنىڭ جاپاسى سوقار بىر چەتتە،
غەيۋەتخور پىتنىلەر توقار بىر چەتتە،
جاھاندا ھەممىدىن موللام بولماق تەس.
قاراڭغۇ ئۆيلەردە ساۋاق بىرىسەن ،
مۇكاپات ، ئالقىشتىن ئەسلا نىرىسەن ،
دۇنيادا ئەڭ ئىغىر كۈندە يۈرىسەن ،
شۇندىمۇ چىدامچان غالىپ كىلىسەن،
ئازغىنا ئۈمىتتىن يايراپ كۈلسەن ،
دۇنيادا سىنىڭدەك ئىنسان بولماق تەس.
ئالدىڭدا «موللىنى ھۆرمەت قىلىشار»،
ئارقاڭدا ئۇخلىماي ئازگال قىزىشار،
قىلدا- قىل سەھۋەنگە ئارخىپ يىزىشار،
ئوقۇغان نامازنى مىننەت قىلىشار،
بىر سالام كەم قىلساڭ مىڭنى تىللىشار،
ساۋاپ كۆپ شۇڭلاشقا موللام بولماق تەس