خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن توپلاپ رەتلىگۈچى:زۆھرەگۈل ھامۇت L(qQ,1VY
ئىسىم ھەققىدە رىۋايەت rXu^]CK
*G
(چۆچەك) $4&e{fLt|v
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئىنتايىن زالىم بىر پادىشاھ بولغانكەن.پادىشاھ راھەت-پاراغەت ۋەئەيىش-ئىشرەتكەبېرىلىپ،خەلقنىڭ تۇرمۇشى بىلەن كارى بولمىغاچقا،كۈنلەر ئۆتكەنسىرى بۇ مەملىكەتتەئېغىر قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ،خەلق ئىنتايىن تەس كۈنگە قاپتۇ ۋە ئەل ئىچىدە ئۆلۈم-يىتىم بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلاپتۇ. بۇ مەملىكەتتە تۇرسۇن ئىسىملىك بىر تۆمۈرچى بولۇپ،خوتۇنى ئۇنىڭغا ئون بالا تۇغۇپ بەرگەنكەن. ئۇلارنىڭ بەش پەرزەنتى قەھەتچىلىكتىن ئۆلۈپ، قالغان بەش پەرزەنتى تۇرسۇن ئۇستامنىڭ قولىغا قول،پۇتىغا پۇت بولۇپ ياردەملىشىدىكەن.تۇرسۇننىڭ ئاتا-ئانىسى ئىلگىرى بەش پەرزەنت كۆرگەن بولۇپ،ھەمىسى چالا تۇغۇلغان ئىكەن.بالا دەردىدە سەكپارە بولغان تۇرسۇننىڭ ئاتا-ئانىسى ئالتىنچى پەرزەنتى تۇرسۇن يېڭى دۇنياغا كۆز ئاچقاندا،بۇ پەرزەنتىنىڭمۇ ئالدىنقى بەش پەرزەنتىدەك ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ،ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ تۇرسۇن دىگەن ئىسىمنى قويغانكەن.تۇرسۇن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ،ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۇزۇن ئۆمۈر نىسىپ بولسۇن ئۈچۈن،چوڭ-كىچىك تەرتىۋى بويىچە ئۇلارغا تۇردى،تۇرغۇن،تۇراپ،تۇراخۇن،تۇرنىساخان،تۇردىخان،تۇراخان ، تۇرجۇن، تۇرەيسەم،توختى قاتارلىق ئىسىملارنى قويغان بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇردى،تۇراپ،تۇراخۇن، تۇرەيسەم،تۇرنىسا خانلارھايات ئىكەن. .:=G=v=1
بىر كۈنى بۇ ئەلدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ،خەلققە نۇر غۇن تالاپەت يېتىپتۇ.ئۆلگەنلەر ئۆلۈپ،تىرىكلەر جان قايغۇسىدا ئۆزىنى ئەپقاچىدىغان جاي تاپالماي قېلىشىپتۇ.پادىشاھ قورققىنىدىن نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ ۋە ئوردا دانىشمىنىگە دەرھال مەسلىھەت ساپتۇ. =5m~rJ<{
-ئەي كەرەملىك شاھ-دەپ پادىشاھقا ئېگىلىپ تازىم قىلىپتۇ دانىشمەن-قاپساپ كېلىۋاتقان كەلكۈن ئەزرائىل قامچىسىنى ئوينىتىپ مۆھتەرەم ئالىيلىرىغا دىشۋارچىلىق ئېلىپ كەلدى.ئۆزلىرىدەك سەلتەنەت ئېگىسىنى ھەركىمنىڭ جان تىكىپ قوغدىمىقى جايىزدۇر.ئالىيلىرىغا كەمىنىلىرىنىڭ شۇنداق بىر ئاقىلانە مەسلىھەتىم باركى،مۇدھىش كەلكۈننى ئادەمدىن ياسالغان توسمىلاردا توسۇش كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن توختى،تۇردى، تۇراپ،تۇرسۇن،تۇرغۇن...ئىسملىك ئادەملەرنى دەرھال تېپىپ ئۇلاردىن مۇستەھكەم سېپىل قۇرساق،كەلكۈننىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كەينىگە قاچىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلۇغ پادىشاھىم سەلتەنەتلىك تەختلىرىدە بەخىرامان ئولتۇرۇپ،پاراغەتلىك ياشايدىلا- دەپتۇ.
V
t@]
پادىشاھقا دانىشمەننىڭ مەسلىھىتى بەك ياراپ كېتىپتۇ ۋە شۇئان دانىشمەن تىلغا ئالغان ئىسمى بار ئادەملەرنى،ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىغا ئوخشىتىپ قويۇلۇپ، ئاخىرى "خان"بىلەن ئاتالغان ئاياللارنى دەرھال باغلاپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسى ياساشقا يارلىق چۈشۈرۈپتۇ.ھەش-پەش دىگۈچە نەچچە مىڭ ئەر-ئاياللار پۇت-قوللىرى باغلىنىپ،توساق ياساش مەيدانىغا ھازىر قىلىنىپتۇ.ئېرى ۋە بالىلىرىنىڭ ئوردا ياساۋۇللىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرگەن تۆمۈرچى تۇرسۇننىڭ خوتۇنى دەرد-ئەلەمدىن ئۆرتىنىپ شۇنداق قاتتىق يىغلاپتۇكى،ھاۋا گۈلدۈرلەپ،چاقماق چېقىپ،يامغۇر شارقىراپ يېغىشقا باشلاپتۇ. ئايال گاھ ھۇشسىزلىنىپ يىقىلسا،گاھ ھۇشىغا كېلىپ زار-زار يىغلىغانچە دەرۋازا تۈۋىدە پاتقاققا مىلەنگىنىچە يېتىپ قاپتۇ. i@p0Jnh|
كەلكۈندىن مۇداپىئە توسىقى ياساشقا ئېلىپ كېلىنگەن پۇقرالار بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ،ئۇزۇن سەپ تارتىپ باغلىنىپتۇ.تۇرسۇن بالىلىرىغا قاراپ ھۆركىرەپ يىغلاپ نىدا قىپتۇ: Ryrvu 1 k
-ئەي يۈرەك پارىلىرىم،زالىم پادىشاھ مەندەك بىر تۆمۈرچىنى سىلەردەك قاناتلىرىمدىن، ھەرقايسىڭلارنى كۈيۈمچان دادا ۋە مېھرىۋان ئاناڭلاردىن ئايرىدى.مەندىن رازى بولۇڭلار! .8EaFEd
پەرزەنتلەرمۇ ھۆڭرەپ يىغلاپ نالە قىلىشىپتۇ.مەيداننى يىغا-زارە بىر ئاپتۇ.تالاي خەلقنى ئۆز قوينىغا يۈتۈۋەتكەن كەلكۈن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار تۇرغان جايغا يېتىپ كەپتۇ ۋە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مەيداندىكى باغلاققا چۈشكەن ئادەملەرنىڭ بېشىدىن ئارتىلىپ ئۆتۈپ،ئوردا ياساۋۇللىرىنى يالماپ يۈتۈپ،پادىشاھ ئوردىسى تەرەپكە شىددەتلىك ئېقىشقا باشلاپتۇ.ھەش-پەش دىگۈچە ئوردا ئىچىگە شارقىراپ كىرىپ،كەلكۈن مۇداپىئەسىنىڭ خەۋىرىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان تەختتىكى زالىم پادىشاھقا نەرە تارتىپتۇ.قورققىنىدىن جان-پېنى چىققان پادىشاھ ھەر يانغا قېچىپ بېقىپتۇ، بولماپتۇ.كەلكۈن ئىچىدىن يىلان-چايانلار چىقىپ ،چېقىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. HJeZm
تۇتۇپ كېلىنگەن خەلق كەلكۈننىڭ ئۆزلىرىگە ھىچقانداق خەۋىپ يەتكۈزمىگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇشۇپتۇ.ئۇلارنىڭ دەردىدە يىغا-زارە قىلىپ كەلگەن ئائىلە تاۋاباتلىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى باغلاقتىن بوشىتىپ،ئۆز-ئارا تەنتەنە قىلىشىپتۇ.تۇرسۇن پەرزەنتلىرىگە غۇلاچلىرىنى كەڭ يېيىپ باغرىغا بېسىپ،خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈپتۇ ۋە بىر-بىرىنى يېتىلىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ.ئىشىك ئالدىغا بېرىپ قارىسا،تۇرسۇننىڭ خوتۇنى بىھۇش ھالدا ياتقۇدەك.ئۇلار تۇشمۇ-تۇش كېلىپ ئايالنى كۆتىرىپ ئۆيگە ئەكىرىپ ئاغزىغا سۇ تېمىتىپتۇ. ئايال ئالاھەزەل بىر ئاش پىشىم ۋاقىتتىن كېيىن ھۇشىغا كەپتۇ.بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇش شادلىقىدا تەنتەنە قىلىشىپتۇ. aBonq]W
ئەتىسى تۇرسۇن ئاتقا مىنىپ پادىشاھ ئوردىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىكەن،تۇيۇقسىز ئات قاتتىق كىشنەپ، چاپچىپ، تۇرسۇننى يەرگە يىقىتىپتۇ.تۇرسۇن ئېسىنى تېپىپ بولغىچە ئۆزىنى گۈرۈلدەپ ئوت كۈيۈۋاتقان تونۇر ئىچىدە كۆرۈپتۇ.تونۇردىكى ئوت ھەش-پەش دىگۈچە ئۇنىڭغا تۇتىشىپ ،كۆيدۈرۈشكە باشلاپتۇ.ئۇ جان-جەھلى بىلەن تىرمىشىپ تونۇر ئىچىدىن چىقىۋاپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئەتراپىدا نۇرغۇن ئادەملەر پەيدا بولۇپ،ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئوتنى ئۆچۈرىۋاپتۇ ۋە ئۇنىڭ بېشىغا پادىشاھلىق تاجنى ئاۋايلاپ كىيگۈزۈپ،ھەممىسى تىز چۆكۈپ ئۇنىڭغا تازىم قىلىپتۇ.نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي داڭقېتىپ قالغان تۇرسۇنغا ئارىدىكى بىر مويسىپىت كىشى ئالىي ئېھتىرام بىلەن تازىم بىجا كەلتۈرگەندىن كېيىن: JcDcYB
-ئى كەرەملىك شاھىم،بىز بۈگۈن كىمكى مۇشۇ تونۇرغا چۈشۈپ ساق-سالامەت چىقالىسا شۇنى پادىشاھلىققا سايلىماقچى بولغانمىز،ئۆزلىرى شىددەتلىك ئوت يالقۇنىدىن ئامان-ئېسەن قۇتۇلۇپ چىقتىلا..ئالىيلىرىنىڭ باتۇرلۇقى ئاۋامنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى،تەختكە مەرھەمەت قىلغايلا-دەپتۇ. lqoJ2JMy
تۇرسۇن كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە پادىشاھقا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن گويا چۈش كۆرۈۋاتقاندەك بوپتۇ.ھالبۇكى،ئەتراپىدىكى كۆز يەتكۈسىز ئادەملەر توپى ئۇنىڭغا تىك بېقىپمۇ قارىماپتۇ،ھەممىسىلا ئۇنىڭ ئايىقىدا باش قويۇپ ئولتۇرغىدەك.تۇرسۇن دۆلەتنى ئادىللىق بىلەن بىلەن ئىدارە قىلىپ،كېيىنكى ئۆمرىدە تەختنى كەنجى ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، راھەت-پاراغەت ئىچىدە بەختلىك ياشاپتۇ ۋە خوتۇنى بىلەن تەڭ ياشاپ،تەڭ قېرىپتۇ. تۇرسۇن،توختى،تۇردى،تۇرەيسەم،تۇراخۇن،تۇرغۇن،تۇردىخان،تۇراخان تۇ رسۇنخان،تۇرجۇن...دىگەن ئىسىملار ئەنە شۇنىڭدىن قالغانكەن. \x9.[?;=e
]Ll
GLE/ 1
مەنبە شىنىجاڭ يازغۇچىلار تۇرى . fS#I?!*}
يۇللۇغۇچى مەتۇرسۇن ئېلى