باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 936 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: نامازلىرىم
دوستلىشىش
نەزىرە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7503
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 216
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە216دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 2396 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-21
ئاخىرقى: 2011-10-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-03 15:25

نامازلىرىم

       

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ! قېرىداشلىرىم، بۇ تېمىنى توللۇق ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!!!

             

چوڭ ئانىسىنىڭ سۆزلىرى قۇلىقىغا كىردى:
ئوغلۇم، مۇشۇ چاققىچە ناماز ئوقىمىغان بارمۇ؟
چوڭ ئانىسى يەتمىش ياشقا كىرگەن ئىدى. ئەمما ئەزان ئوقۇلغان ھامان ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، يېشىغا ماس كەلمىگەن چاققانلىق بىلەن تاھارەت ئېلىپ نامىزىنى ئوقىيتتى. ئوغۇل بولسا، ھەمىشە نەپىسىنىڭ كەينىگە كىرىپ ، نامازنى ۋاقتى چىقىپ كېتەي دەپ قالغان ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئاران -ئاران ئالدىراپ- سالدىراپ ئوقۇپ تۈگىتەتتى. خىيالىدا بۇلارنى ئويلىغاچ ئورنىدىن تۇرۇپ ، سائەتكە قارىدى. خۇپتەن نامىزى ۋاقتىغا يەنە 15 مىنۇت ۋاقىت قالغان ئىدى. 
پۇشايمان ئىلكىدە بېشىنى ئىككى تەرەپكە چايقىغاچ :< يەنە كېچىكتىم نامازغا > دېدى ئۆز ئۆزىگە.  تاھارەت ئېلىپ، يۈز-كۆزىنى سۈرۈتمەيلا ئۆزىنى ھوجرىسىغا ئاتتى. ئۆزىنى زورلاپ يۈرۈپ تىز-تىز نامىزىنى ئوقىدى. نامازدىن كېيىن تەسۋى سىيرىگەچ چوڭ ئانىسىنىڭ سۆلىرىنى ئەسلىدى. 
- بۇ تۇرقۇمنى كۆرسە ئاچچىق-چۈچۈك گەپ قىلاتتى ماڭا يەنە. - دېدى.
ئوغۇل چوڭ ئانىسىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. بۇ مۇبارەك موماي نامىزىنى شۇنچىلىك بېرىلىپ ئوقۇيتتىكى، ئوغۇل ئۇنىڭغا قاراپ ھەيرانۇ-ھەس بۇلۇپ قالاتتى. موماي نامازدا شۇنچىلىك ئىخلاس بىلەن تۇراتتىكى، ئاللاھتىن ئەيمىنىپ يۈزىنىڭ رەڭگىمۇ ئۆزگىرىپ كېتەتتى. ئوغۇل ئۆزىنى چوڭ ئانىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن قاملاشمىغان بىر ئىش قىلغانلىقىنى ھىس قىلىپ، كۆڭلى بىئارام بولدى. بۈگۈن ئاخشامغىچە قاتتىق ھېرىپ كەتكەن ئىدى. خۇددى ئۈستىنى بىر تۈگمەن تېشى بېسىۋالغاندەك ئېغىر ئىدى بەدىنى. دۇئا قىلغاندا بېشىنى ئىككى ئالقىنى بىلەن تۇتۇپ سەجىدىگە قويدى. نامازدىن كېيىن بىردەم مۇشۇنداق يېتىپ تەپەككۈر قىلىشنى ياقتۇراتتى. كۆزلىرى يۇمۇلدى.  
-نىمانچە ھېرىپ كەتكەندىمەن. - دېدى. مۈگدەك باستى شۇ ياتقانچە...
قىيامەت بولغان ئىدى. مەھشەردە ھەممە يەر ئىنتايىن قىستا- قىستاڭ ئىدى. ھەر تەرەپ ئادەملەر بىلەن لىق تۇلۇپ كەتكەن ئىدى.  بەزىلەر تاڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان بۇلۇپ، جىمجىت ھالدا ئەتراپقا نەزەر سېلىپ تۇراتتى.  بەزىلەر ئوڭ سول تەرەپكە چېپىپ يۈگۈرۈشۈپ يۈرەتتى. بەزىلەر تىزلىنىپ ئولتۇرغان بۇلۇپ، ئىككى ئالقىنى بىلەن بېشىنى تۇتۇپ نېمىنىدۇر ساقلاۋاتاتتى.
يۈرىگى خۇددى كۆكرەك قەپىزىنى تېشىپ چىقىپ كېتىدىغاندەك تىز-تىز سوقۇشقا باشلىدى، چىپ- چىپ سوغوق تەرلەر ئاقتى.
ھايات ۋاقتىدا قىيامەت، مەھشەردىكى سۇئال- سوراق ۋە تارازا ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك بۇ ئۇقۇم، ئاتالغۇلار ئۇنىڭ دىققىتىنى بەك تارتمىغان ئىدى. مەھشەر مەيدانىدىكى بۇ تىتىرەش، قورقۇش ۋە ساقلاشنىڭ بۇنچىلىك دەھشەتلىك بولىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمىگەن ئىدى. 
سۇئال- سوراق داۋاملىشىۋاتاتتى.
بۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ ئىسمى چاقىرىلدى. ھەيران بۇلۇپ ئوڭ-سولغا قارىدى. 
-مىنىڭ ئىسمىمنى ئوقۇۋاتامسىلەر؟ -دېدى لاغىلداپ تىتىرەپ تۇرۇپ.
قىستىلىشىپ تۇرغان ئادەملەر ئىككى تەرەپكە ئايرىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بىر يول ئېچىلغان ئىدى . 
ئىككى كىشى ئۇنى تۇتۇپ ئېلىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ مەھشەر كۈنىدىكى خىزمەتچى پەرىشتىلەر ئىكەنلىگى ئېنىق ئىدى.
قىستاڭچىلىقتىكى كىشلەرنىڭ ئارىسىدا تەمتىرەپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى . مەركىزى بىر يەرگە كەلدى. پەرىشتىلەر ئىككى تەرەپكە كەتتى. ئۇنىڭ بېشى يەرگە ساڭگىلاپ تۇراتتى.
پۈتۈن ھاياتى بىر كىنوغا ئوخشاش ئۆتتى كۆز ئالدىدىن.  
-كۆپ شۈكرى! -دېدى ئۆز ئۆزىگە ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
-دۇنياغا كېلىپ كۆزۈمنى ئاچقاندىن باشلاپ، ھەر دائىم ئاللاھ يولىدا خىزمەت قىلغان ئىسانلارنى كۆردۈم. دادام كىشلەرگە تەبلىغ قىلاتتى. مال- دۇنياسىنى ئىسلام ئۈچۈن سەرپ قىلاتتى. ئانام ئۆيىمىزگە كەلگەن مېھمانلارنى كۈتەتتى.داستىخانلارنىڭ بىرىنى يىغىپ، يەنە بىرىنى ئاچاتتى.كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتەتتى. مەنمۇ مۇشۇ يولدا ماڭدىم. ئىنسانلارغا خىزمەت قىلىشقا تىرىشتىم. ئۇلارغا ئاللاھ ھەققىدە سۆلىدىم. ناماز ئوقۇدۇم. رۇزا تۇتتۇم. پەرىز قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلدىم. ھارام ئىشلاردىن يىراق تۇردۇم.
كىرپىكلىرىدىن كۆز ياشلىرى تامچىلاشقا باشلىدى: < راببىمنى ياخشى كۆرىمەن. ھېچ بولمىغاندىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھىس قىلىۋاتىمەن. > دېدى. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن < راببىم ئۈچۈن قانچىلىك قىلسام ئاز، جەننەتكە كىرىشىمگە يەتمەسلىكى مۇمكىن. > دەپ ئويلاۋاتاتتى.
بىردىنبىر سېغىنىدىغىنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئىدى.
ھېساپ خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتى.
چىپ-چىپ تەرلەپ كەتكەن ئىدى. قەددى پۈكۈلۈپ، لاغىلداپ دىر-دىر تىترەۋاتاتتى. كۆزلىرى تارازىغا تىكىلگەن بۇلۇپ، ئەمەللەر تارتىلغاندىن كېيىنكى نەتىجىنى ساقلاۋاتاتتى. ئاخىردا بىر ھۆكۈم چىقاتتى. 
مەسئۇل پەرىشتىلەر قولىدا بىر قەغەزنى تۇتۇپ، مەھشەر مەيدانىدا يىغىلىپ تۇرغان خالايىق تەرەپكە كەلدى. 
ئالدى بىلەن ئوغۇلنىڭ ئىسمىنى ئوقىدى. بۇنى ئاڭلاپ ئوغۇلنىڭ پۇتلىرى يەردە تۇرالماي قالدى، يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. ھاياجاندا كۆزلىرى يۇمۇلۇپ، ھۆكۈمنى ئاڭلاش تەقەززالىقىدا قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ تۇردى. 
مەھشەردىكى قىستا-قىستاڭ خالايىق <ئاھ! > دېدى.
ئوغۇلنىڭ قۇلىقى خاتا ئاڭلاۋاتامدۇ-يا ؟! 
ئۇنىڭ ئىسمى جەھەننەمگە كېتىدىغانلارنىڭ قاتارىدا ئىدى.
تىزىنىڭ ئۈستىدە يىغىلىپ ئولتۇرۇپلا قالدى. ھەيرانلىقتا داڭ قېتىپ قالغان ئىدى. < بۇ مۇمكىن ئەمەس!!!!!> دەپ ۋاقىرىدى.ئوڭ سول تەرەپكە تىپىرلىدى.
- مەن قانداقسىگە جەھەننەمگە كىرەي؟ ھاياتىم بويىچە خىزمەت ئەھلى بىلەن بىر سەپتە تۇردۇم. ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىدىم. ھەر دائىم رەببىمنىڭ ئىسمىنى سۆلىدىم.- دەيتتى.
كۆزلىرى چەكچىيىپ، لاغىلداپ تىتىرەپ بەدىنىدىن تەر قۇيۇلاتتى.
مەسئۇل ئىككى پەرىشتە ئۇنى بىلەكلىرىدىن تۇتۇپ سۆرىگەن پېتى قىستاڭچىلىقتىن ئۆتۈپ، ئوت يالقۇنى ئېگىزگە ئۆرلەپ تۇرغان جەھەننەمگە ئېلىپ ماڭدى.
ئۇ قاتتىق  تىپىرلايتتى. 
ئەجىبا مەدەت يوقمۇ؟ 
ياردەم قىلغۇدەك بىرەيلەن چىقماسمۇ؟!
يالۋۇرۇش ئارئاش تەلەپپۇزدا كىكەچلەپ ئاغىزىنى ئاچتى:
-خىزمەتلىرىم... تۇتقان رۇزىلىرىم... ئوقۇغان قۇرئانلىرىم... نامىزىم... ھېچ قايسىسى مىنى قۇتۇلدۇرالماسمۇ؟ - دەيتتى.
جان-جەھلى بىلەن توۋلاپ يالۋۇراتتى.
جەھەننەمگە مەسئۇل پەرىشتىلەر ئۇنى سۆرەپ مېڭىۋەردى. جەھەننەمنىڭ ئوتلىرىغا يېقىن كېلىپ قالغان ئىدى. بېشىنى بۇراپ ئارقىغا قارىدى. ئاخىرقى قېتىم تىپىرلاۋاتاتتى. 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :< ئۆينىڭ ئالدىدا ئېقىپ تۇرغان دەريا سۈيىدە كۈندە بەش قېتىم يۇيۇنغان ئىنسان قانداق پاكىزلانغان ئىنسان بولسا ،كۈندە ئوقۇلغان بەش ۋاخ نامازمۇ ئىنساننى گۇناھلىرىدىن شۇنداق پاكلايدۇ.> دېگەن ئىدى.
- مىنىڭ نامازلىرىم ئەمدى مىنى قۇتقۇزماسمۇ؟ - دەپ ئويلاۋاتاتتى .
- نامازلىرىم... نامازلىرىم... نامازلىرىم، - دەپ ۋاقىراپ يىغلاشقا باشلىدى.
مەسئۇل پەرىشتىلەر توختىمىدى. مېڭىشنى داۋاملاشتۇردى. جەھەننەمنىڭ بېشىغا كەلدى. جەھەننەمنىڭ ئوتىنىڭ ھارارىتى يۈزىنى كۆيدۈردى. ئاخىرقى بىر قېتىم ئارقىغا قارىدى. يىغلاپ كۆز ياشلىرى قالمىغان ئىدى. ئۈمىدىمۇ قالمىدى. بېشىنى ساڭگىلىتىپ، ئىككى پۈكلىنىپ قالدى.
بىلىكىدىن چىڭ تۇتقانلار ئۇنى قويىۋەتتى. جەھەننەمنىڭ پەرىشتىلىرىدىن بىرى ئۇنى ئىتتىرۋەتتى. ۋۇجۇدى ھاۋادا لەيلەپ جەھەننەم ئوتىغا چۈشۈۋاتاتتى. دەل بىر ئىككى مىتىر چۈشۈپ بولغاندا، بىر قول ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتتى.
بېشىنى كۆتىرىپ، يۇقىرىغا قارىدى. 
ئۇزۇن ، ئاق سەقاللىق بىر بوۋاي ئۇنى جەھەننەمگە چۈشۈشتىن قۇتقۇزۇپ قالغان ئىدى. بوۋاي ئۇنى ئۈستىگە تارتتى.ئۇ ئۈستىدىكى چاڭ- تۇزاڭلارنى قېقىشتۇرغاچ بوۋاينىڭ يۈزىگە قارىدى:
-سىز كىم؟ -دېدى. بوۋاي كۈلۈمسىرەپ:
مەن سېنىڭ نامازلىرىڭ. -دېدى.
-نېمىشقا بۇنچىلىك كېچىكىپ كەلدىڭىز ؟ ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئاران ئۈلگۈردىڭىز. تۇلا ئولاپ كەتكەن ئىدىم سىزنى.- دېدى. بوۋاي كۈلۈمسىرەپ بېشىنى چايقىدى:
-سەن ھەمىشە مېنى ئاخىرقى ۋاقىتلارغا ئاران يېتىشتۈرەتتىڭ. ئېسىڭگە كەلدىمۇ؟ - دېدى.
ئوغۇل سەجىدىدىن بېشىنى كۆتەردى. بەدىنىدىن چىلىق- چىلىق تەر ئېقىپ تۇراتتى.
سىرتتىكى ئاۋازغا قۇلاق سالدى. خۇپتەن نامىزىغا ئەزان ئوقۇلۇ ۋاتاتتى.
ئوقتەك چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىشقا ماڭدى، خۇپتەن نامىزى ئۈچۈن.


مەنبە: ( ئىبادەتلىرىمنى ئۆگىنىمەن) دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
                                                         
ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 833
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە833دانە
ئۆسۈش: 3300 %
مۇنبەر پۇلى: 10667 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-21

جەھەننەمنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم......................ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن سىڭلىم،
ماڭا ھەقىقەتەن تەسىر قىلدى...................
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 422
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە422دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 4517 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2011-10-02
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-03 23:23

نامازغا نىسبەتەن بىر خىل ئىسسىق سىزىم پەيدا قىلىدىكەن . نىمە دىگەن ياخشى يىزىلغان.
مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. رەخمەت .
32 دۆلەتكە ۋىزا بىجىرمەن.
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 262
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
ئۆسۈش: 980 %
مۇنبەر پۇلى: 3455 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2011-10-17
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-04 10:30

بەك ياخشى يوللاپسىز،رەخمەت سىزگە
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6102
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 141
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە141دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 1524 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-15
ئاخىرقى: 2011-09-04
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-04 11:03

كۆزلەرنىڭ نەمدىلىشىگە سەۋەبچى بولدىڭىز  قىرىندىشىم،  مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى يەنە كۆرۈپ تۇرۇشنى ئىستەيمىز... ...
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇر!!!
دوستلىشىش
muslima32
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 376
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە376دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 4365 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2011-10-21
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-05 23:41

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەمشىرىم بەك ياخشى تېمىكەن مۇشۇنداق ياخشى تېمىلىرىڭىز بولسا پات-پات يوللاپ تۇرارسىز ئاللاھ ئىگەم ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ،ئەزىز تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن ،ئۇللۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئەمىلىنى ئوڭ تەرپىمىزدىن قىلسۇن ئامىن................................
mp3
arslantikin
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8805
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 1296 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-30
ئاخىرقى: 2011-10-06
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-06 00:32

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەمشىرىم بەك ياخشى تېمىكەن  نامازغا نىسبەتەن بىر خىل ئىسسىق سىزىم پەيدا قىلىدىكەن  رەخمەت سىزگە
arslantikin
i love allah
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 255
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە255دانە
ئۆسۈش: 2700 %
مۇنبەر پۇلى: 4457 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-31
ئاخىرقى: 2011-10-21
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 13:24

مەن.بىرقېتىم.ئاڭلىغان.لىكن.ئنىق.چۇشەنمىگەن.ئىدىم.ياخشى.يوللاپسز،ئاللاھ.سزدىن.رازى.بولسۇن
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 669
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە669دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 7012 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2011-10-12
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 16:20

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەمشىرىم بەك ياخشى تېمىكەن مۇشۇنداق ياخشى تېمىلىرىڭىز بولسا پات-پات يوللاپ تۇرارسىز ئاللاھ ئىگەم ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ،ئۇللۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئەمىلىنى ئوڭ تەرپىمىزدىن قىلسۇن ئامىن................................
دوستلىشىش
ئۇچقۇنشاھ؟
ئۇچقۇنشاھ؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8281
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 23
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە23دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-24
ئاخىرقى: 2011-09-24
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-07 18:59

ھەربىر قان ئىگىسى ئولۇمنىڭ تەمىنى تىتىغىچىدۇر .... ئولۇمدىن قورقىمىغانلا خالىغىنىنى قىلسا بۇلۇدۇ . چۇنكى ھەركىم قىلسا ئوزىگە تۇپا چاچار كۆزىگە.
ھەربىر جان ئگىسى ئولۇمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر!!!!!!