«كاۋاپچى»دەپ ئاتالغان بىز، كېلىڭ مېھمان، كاۋاپ يەيسىز،
ھۈنەر پەمىگە ئۇيغۇرنىڭ بولۇپ ھەيران، كاۋاپ يەيسىز،
تېپىپ تەنگە يېڭى قان ھەم قۇۋۋەت- دەرمان، كاۋاپ يەيسىز،
ھوزۇرىنى سۈرۈپ گوياكى شاھ - سۇلتان، كاۋاپ يەيسىز،
ئېغىز تەگمەكنى مەڭگۈلۈك قىلىپ ئارمان، كاۋاپ يەيسىز.
رىسالەئى غىزادا يەتمىش ئىككى باب تىزىلغاندۇر،
ئۇلۇغ ئەجداد كەشىپ ئەتكەن تائام نامىيېزىلغاندۇر،
ئۇدۇم، خىسلەتلىرى نەق كۆرسىتىلگەندۇر سىزىلغاندۇر،
دېمەك، بۇ ساھا ئۇيغۇر قوۋمىدا چوڭقۇر قېزىلغاندۇر،
ئۇنىڭ بىرسى كاۋاپ بولمىش ئېسىل دىۋان، كاۋاپ يەيسىز.
چېۋەر، ئەمگەكچى ئەجدادىم مۈلۈكدار چارۋىچىنەسلى،
كاۋاپ ئەتمەكنى ئەڭ باشتا شۇڭا بىلگەن ئۇلار ئەسلىي،
كاۋاپ بولغان ئاساسلىق ئوزۇقى يىلنىڭ كى تۆت پەسلى،
ئېرىشكەن قەددى قامەت، تەن ساپاسىغا ھايات ۋەسلى،
كاۋاپقا ئۇستا بۇ مىللەتتە ھەر ئىنسان، كاۋاپ يەيسىز.
قوۋۇرغا، قاقلىما، زىخ، داغلىما، كۆممە، تاۋا... دەيدۇ،
قازان، بەل، قورۇما، سوقما، شىرە، ياقما، چاۋا... دەيدۇ،
يەنە پوستۇمبا، ئاسما، تىكلىمە، قىيما، ياۋا... دەيدۇ،
دۇكان، سەترىدە مىڭ ئۇسلۇب- ئۇسۇل پىنھان، كاۋاپ يەيسىز.
بېلىق، غاز، باچكا، ئۆردەك، توخۇ، قۇشقاچقاخۇمارىم بار،
ئۇلاي، توشقانۇ، كەكلىك، جىگدىچىگە ئىنتىزارىمبار،
ئوماق پاقلانۇ قوي، ئوغلاق، موزاي يەپ كۈچ مادارىم بار... !
كاۋاپ سىمۋولى ئۇيغۇرنىڭ، دېڭىزچە ئىپتىخارىمبار،
بىلىڭ، بىزدە كاۋاپچى بىر ھېكىم لوقمان، كاۋاپ يەيسىز.
يۈرەك، بۆرەك، جىگەر، تالدىن كاۋاپ جان تۇتىياسى دەل،
خۇرۇچلار، دورا- دەرمەكلەر ئاجايىپ بىباھاسى دەل،
جۇلاسى، ئەۋجىدىن قۇترار كىشىنىڭ ئىشتىھاسى دەل،
بۆلەكچە تەمدە ئۇرغاي جىسمىڭىز خەندان، كاۋاپ يەيسىز.
پۈتۈن قوي كاۋىپى بىزدە ئەزىز ئىنسانغاھۆرمەتتۇر،
پۈتۈن ئۇي كاۋىپى تالماس، زېرەك دېھقانغاھۆرمەتتۇر،
پۈتۈن ئات كاۋىپى مەرد، قەھرىمان ئوغلانغاھۆرمەتتۇر،
پۈتۈن تۆگە كاۋاپ ھارماس، بۈيۈك كارۋانغاھۆرمەتتۇر،
ۋەتەن ئەل ئىشقىدا چىن قىلسىڭىز جەۋلان، كاۋاپ يەيسىز.
«پۈتۈن ھايۋان گۆشى پىشقايمۇ...» دەپ كەتمەڭ خىيال ئەيلەپ،
كاۋاپچى چوڭ تونۇرنى راسلىغاي ئەپچىل، ئامال ئەيلەپ،
تولا، غەيرى كاۋاپ سايمانلىرى، يۈرمەي مىسال ئەيلەپ،
كاۋاپلار مەززىلىك، شېرىن، ئېتەرمىز خوش كامال ئەيلەپ،
تۈرى، نۇسخىسى ئۆز ئەينەن، راسا ئوبدان كاۋاپ يەيسىز.
سەپەرگە چىقسىڭىز يوللۇق، بەلەن، ئالىيئوزۇقتۇر ئۇ،
بۇزۇلمايدۇ ئۇزاق ئايلاردىمۇ، پىشقان قۇرۇقتۇر ئۇ،
يىگىت - قىزلار ئارا ياخشى كۆرۈشكە تىل، يورۇقتۇر ئۇ،
يېقىن دوستلارغا سوۋغات تۇتسىڭىز، بەكرەك تولۇقتۇر ئۇ،
كاۋاپسىز بىزدە بولماس دەستىخان ھەرئان، كاۋاپ يەيسىز.
كۆرۈڭ، كاۋاپچىلىقتا كاتتا ئەڭگۈشتەر ياراتتۇق بىز،
لەزىز، خۇش بۇيىنى ھەر لەھزە ئالەمگە پۇراتتۇق بىز،
ماھارەتتە بۇ دۇنيا ئەھلىنى قولغا قاراتتۇق بىز،
مىراس، يىلتىز ھۈنەر جەۋھەرلىرىنى كەڭ تاراتتۇق بىز،
شۇتاپ بولدۇم كاۋاپ ئىشقىدا زور گۈلخان، كاۋاپ يەيسىز!
ئاپتۇر:تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز