ئاشۇ كىچە سائەت ئىككىدە،
يۈرىكىمگە تۇتاشقان بىر ئوت.
ئوتمۇشۇمنى قۇچاقلاپ مانا،
جارسالدىغۇ ئاخىرقى ئۈمۈت.

تۇرۇپ قالدىم دەرىزەڭ تۈۋى،
تاتلىق -تاتلىق چۈشلىرىم ئارا.
كۆڭلۈمدىكى يىگانە كۇلبەم،
ماڭا سىرداش قەلبىمدە يىغا.

ئەپسۇس! سەھەر ئاچتىم كۆزۈمنى،
تۇرۇپتىمەن تۇنۇش خانەمدە.
ئوڭۇمدىمۇ كۆرسەم مەيلىتتى،
تىترەت -تىترەپ ھەسرەت تەكتىدە.

بەلكىم كىجە سەئەت ئىككىدە،
ساقلاۋاتقان سىنى ئاتەش بىر جانان.
بەلكىم ئاشۇ سائەت ئىككىدە،
كۈتۈپ ئالار ئۈلۈممۇ ئايان.

گەر خالىساڭ مەلۇم بىر كۈنى،
كىلىپ كەتكىن مىنى سېغىنساڭ.
گۈل تېرىپ قوي قەبرەم تۈۋىگە،
ياش تۆكمىگىن قىلما پۇشايمان.
