ئۇيغۇرۇمنىڭ داستىخىنى ،
خۇددى ئىچىل داستىخان .
نىمە ئىزدىسەڭ تاپارسەن ،
ھىيىت - ئايەمدە بولۇپ خان 
ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەزەلدىن ،
مىھماندوست دەپ نامى بار .
قۇرۇق كەلگەن مىھمانغا ،
ئىسسىققىنە چىيى بار .
مىھمان باشلاپ تۆرىگە ،
تۇرار ئۆزى پەگادا .
كەلگەن ئەزىز مىھماننى ،
خىزىر بىلەر ئىڭىدا .
ھەر - بىر ئۆيگە كىرسىڭىز ،
داستىخانلار راسلانغان .
قەنىت - گىزەكلەر بەك سەرخىل ،
مەزە نانلار تىزىلغان .
.
ئاددى ئاۋام پۇقرامۇ ،
تىزار ھىيىتتا داستىخان .
بەرىكەتلىك ھىيىت بۇ ،
ئۆيى بولۇر ئۇنىڭ گۈلخان .
مانا يىتىپ كەلمەكتە ،
مۇسۇلمانغا روزى ھىيت .
كۈنلەر شۇنداق بەرىكەت ،
خەلقىم ئىيتار ئاڭا بىيت .
مۇشۇ ياخشى پۇرسەتتە ،
يازغۇم كەلدى بىر قوشاق .
مۇبارەكلەپ ھىيتىڭلارنى ،
سالام قىلاي بەك ئوماق .
ئىجىل - ئىناق بولۇڭلار ،
ھىيىتتا خۇشال ئۆتۈڭلار .
ھىيتىڭلارغا مۇبارەك ...
سالام قىلىپ تۇرۇڭلار .
مەنبە'؛
http://www.iz.la/bbs/iz-15479-1-1.html[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2011-08-30 13:56قايتا تەھرىرلى ]