查看完整版本: [-- ھىيىتلىق قوشاق باشلاندى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> موزىكا -> ھىيىتلىق قوشاق باشلاندى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئىسلام 2011-08-30 13:22

ئۇيغۇرۇمنىڭ داستىخىنى ،
خۇددى ئىچىل داستىخان .
نىمە ئىزدىسەڭ تاپارسەن ،ھىيىت - ئايەمدە بولۇپ خان

ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەزەلدىن ،
مىھماندوست دەپ نامى بار .
قۇرۇق كەلگەن مىھمانغا ،
ئىسسىققىنە چىيى بار .



مىھمان باشلاپ تۆرىگە ،
تۇرار ئۆزى پەگادا .
كەلگەن ئەزىز مىھماننى ،
خىزىر بىلەر ئىڭىدا .


ھەر - بىر ئۆيگە كىرسىڭىز ،
داستىخانلار راسلانغان .
قەنىت - گىزەكلەر بەك سەرخىل ،
مەزە نانلار تىزىلغان .

.
ئاددى ئاۋام پۇقرامۇ ،
تىزار ھىيىتتا داستىخان .
بەرىكەتلىك ھىيىت بۇ ،
ئۆيى بولۇر ئۇنىڭ گۈلخان .

مانا يىتىپ كەلمەكتە ،
مۇسۇلمانغا روزى ھىيت .
كۈنلەر شۇنداق بەرىكەت ،
خەلقىم ئىيتار ئاڭا بىيت .


مۇشۇ ياخشى پۇرسەتتە ،
يازغۇم كەلدى بىر قوشاق .
مۇبارەكلەپ ھىيتىڭلارنى ،
سالام قىلاي بەك ئوماق .



ئىجىل - ئىناق بولۇڭلار ،
ھىيىتتا خۇشال ئۆتۈڭلار .
ھىيتىڭلارغا مۇبارەك ...
سالام قىلىپ تۇرۇڭلار .


مەنبە'؛http://www.iz.la/bbs/iz-15479-1-1.html

ئۇيغۇرا 2011-08-30 15:26
تەشەككۈر ، ھارمىغايسىز ، نادىر تىمىللىرڭىزنى ئايمىغايسىز

almiliq 2011-08-30 15:30
كەلدى بايرام ھيىتىمىز،
مول-ھوسۇللۇق كۈنلەردە.
دىدارلىشىپ ئۆتەيلى،
ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە.

ئىسلام 2011-08-30 16:36
ئۇستىدىكىمۇ ياخشى شىئىىر ئىكەن  

arzuyum 2011-08-30 19:18
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، ھېيىتلىق قوشاق ئۈچۈن سىزگە تەشەككۈر !

dulbarqin310 2011-08-30 19:27
ھېيتنىڭ خاسىيتى ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ھە. بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.


查看完整版本: [-- ھىيىتلىق قوشاق باشلاندى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.055153 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us