باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1003 قېتىم كۆرۈلدى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4358
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 67
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە67دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 413 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-06
ئاخىرقى: 2012-02-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-28 15:24

ساراڭ

                                                        ساراڭ
                                           
                                                   ھېكايە  
          
                                              مەمتىلى ھېلىم     
      
     مۇھەررىردىن:   بۇ ھېكايىدە مائارىپتىن ئىبارەت مۇقەددەس تۇپراقنى بۇلغاۋاتقان،ھالال ئەمگەكتىن كۆرە باشلىقنىڭ پېشىدە تەرلەشنى ئەلا بىلىدىغان خوشامەتچى ۋە خوشامەتكە خۇشتار مۇدىر ۋە ئۇنىڭ خوشامەتچى ئاپشاركىسى يېزىلغان.ئەلۋەتتە،بىر نەرسىگە قارىغان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ كۆزىگە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئەڭ روشەن قىسمى تاشلىنىدۇ،شۇنىڭدەك ھېكايىدىكى "مەن"نىڭ كۆزىگە ئاپشاركىنىڭ يالاق يالايدىغان خۇسۇسىيىتىلا يوغىناپ كۆرۈنگەچكە،مۇدىرنىڭ خوشامەتچىسى ئاپشاركا بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ.نەتىجىدە "مەن"باشقىلارنىڭ كۆزىگە "ساراڭ"بولۇپ كۆرۈنىدۇ.....
     بۇ خىل كۆرۈنۈش تەبىئى سىمۋوللۇق ئىشارە تۈسىنى ئالغان بولۇپ،خوشامەتچىنىڭ ھەرىكەت،قىلىقلىرى تەرەققى قىلسا ئاپشاركىدىن پەرقى قالمايدۇ.جەمئىيەتتە خوشامەتچىلىكنى ئەيىپ ۋە نومۇس ئىش دەپ ئەيىپلەشنىڭ ئورنىغا ئىقتىدار ۋە پەزىلەت دەپ قارالغاندا ھەقىقى ئەمگەك ۋە ئىقتىدارلىقلار چەتكە قېقىلىدۇ.....
     لېكىن خوشاللىنارلىق ھالەت شۇكى ھەممە ئۆزگىرىش ئىچىدە.......
    
     ئەتىگەندىلا ئىشقا ماڭغان ئىدىم،خىياللىرىم بالا ئوقۇتماقنىڭ تەسلىكى ئۈستىدە كېتىپ باراتتى."مۇشۇ ئاتا-ئانىلارمۇ-زە،باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتىپ قويامدىكىن-تاڭ؟پادىغا قېتىۋەتكەن قويدەكلا،ئەتىگەندە يولغا سېلىۋېتىپ،ھېچ بىر كارى بولمىغان.بۇ يەردە پادىچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدىمۇ ئەمدى...."
     ئەتراپقا سۇس تۇمان يېيىلىپ چۈشكەن بولۇپ،ئاچچىق سوغۇق جاندىن ئۆتۈپ تۇراتتى.يول بەكمۇ تېيىلغاق ئىدى.ئاپپاق قارلار كۆزلىرىمگە شۇنچە تاتلىق كۆرۈنەتتى.
     مەكتەپ ئالدىغا كەلگىنىمدە دائىم كىچىك ھارۋىسى ئۈستىدىكى تاختايغا ئالما قېقى،كاكىنەچ،جىگدە...دېگەندەك نەرسىلەرنى يېيىۋېلىپ مۈكچەيگەن ھالدا خېرىدار كۈتىدىغان بوۋاي بۈگۈن خۇددى مەن بىلەن كېلىشىۋالغاندەكلا سەھەر كەلگەنىدى.ئۇنىڭ قارىداپ،يول-يول قورۇقلار باسقان يۈزلىرى،پۇلتىيىپ چىققان مەڭز سۆڭەكلىرى،ياشاڭغىراپ جىنچىراغدەك پىلدىرلاپ قالغان كۆزلىرى يۈرىكىمنى ئەزگەندەك قىلدى.مايلىشىپ كەتكەن كۈرەك جۇۋىسى،تاقىرلاشقان قۇلاقچىسى ئۇنى تېخىمۇ مىسكىن كۆرسىتەتتى.بىراق ئۇنىڭ ئاشۇ ۋىجىك تېنى ئىچىدە ھاياتلىق ئۈچۈن سوقۇپ تۇرغان يۈرىكىنى ئويلىسام كۆڭلۈم نىمىسقىدۇر يورۇغاندەك بولۇپ قالاتتى.ئۇ ناماز ۋاقتى بولغاندا كۈرەك جۇۋىسىنى ھارۋا يېنىغىلا سېلىپ،نامىزىنى ئىخلاس بىلەن ئوقۇۋالاتتى.
     پادىچىلار شىمى،ئۇزۇن-قىسقا مودا چاپانلارنى كېيىشكەن ئوقۇغۇچىلار بىر-بىرلەپ مەكتەپكە كېلىشكە باشلىدى.ئۇلار بوۋاي تەرەپكە قاراپمۇ قويۇشمايتتى.
     _ ئوغلۇم...
     _ ھە!..._ مەن ئىتتىك بوۋاي تەرەپكە ئۆرۈلدۈم.
     _ كاكىنەچ بىلەن جىگدىدىن يەنە ئالمامسىز؟_ دېدى بوۋاي خىرخىر ئاۋازدا.
     _ ھەئە،ئالاي..._ مەن بوۋايغا كېلىپلا سالام بەرمىگىنىمگە ئۆكۈندۈم.
     بوۋاي ماڭا چوكىدەك،تىترەپ تۇرغان قوللىرىدا سىقىمداپ كاكىنەچ بىلەن جىگدە بەردى.مەن ئۇلارنى يانچۇقۇمغا سېلىپ بولغاندىن كېيىن،بوۋايغا پۇلىنى بېرىۋېتىپ مەكتەپ قوراسىغا كىردىم.
     _ توۋا،بۇ نىمە ئىش ئەمدى؟! _ئاۋازىم ئۈنلۈكرەك چىقىپ كەتتى.لېكىن كۆرۈۋاتقىنىم رېئاللىق ئىدى.
     مۇدىر بىر ئاپشاركىنى كەينىگە سېلىۋېلىپ مەكتەپ قورۇسىنى ئايلىنىپ يۈرەتتى.ئاپشاركا ئانچە-مۇنچە مۇدىرغا ئەركىلەپ ئېسىلىپ ھەم ئۇنىڭ تاپانلىرىنى يالاپ،ئاجايىپ نايناقلاش بىلەن قۇيرىقىنى پۇلاڭلىتاتتى.مۇدىرنىڭ قولىدا بىر تال قۇرۇق ئۇستىخان تۇراتتى.بۇ ئىشنىڭ تېگىگە ھېچ يېتەلمەي كاللام قىزىپ كەتتى.
     _ۋاي! _ئەنسىز ۋارقىراپ تاشلىدىم.چۈنكى ئاپشاركا ماڭا ئېتىلىپ كەلدى.
     ئۇھ،خۇداغا شۈكرى،ھېلىمۇ ئۇ چىشلىمەي يۈگۈرۈپ كېلىپ ماڭا سىنچىلاپ قارىۋەتكەندىن كېيىن،يەنە كەينىگە بۇرۇلۇپ مۇدىر تەرەپكە يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدى.ئۇنىڭ كۆكۈچ كۆزلىرىنى كىملەرنىڭدۇر كۆزلىرىگە ئوخشىتىپ قالدىم.ئاپشاركا مۇدىرغا نىمىلەرنىدۇر دەۋاتقاندەك قىلاتتى.بەلكىم بۇ خىيالىي تۇيغۇمدۇ؟چۈش ئىچىدە ياشايدىغان بولۇپ قالغان مۇشۇ كۈنلەردە،تۇيغۇمغا نىسبەتەنمۇ گۇمانىم كۈچلۈك ئىدى.ئۇنى گاھىدا مېنىڭ ئەمەستەكلا ھېس قىلاتتىم.
     بايا ئاپشاركا يۈگۈرۈپ كەلگەندە ۋارقىراپ تاشلىغىنىمدىن بىر نەچچە ئوقۇغۇچى كۈلۈشۈپ كەتكەنىدى.مۇدىر نېمە ئۈچۈن ئاپشاركىسىنى مەكتەپكە ئېلىپ كېلىدۇ؟ئاپشاركا مۇدىرنى كۆندۈرىۋالغانمىدۇ ياكى مۇدىر ئاپشاركىنىمۇ؟...ھەيران قالارلىق خىياللار كاللامنى مالىمان قىلماقتا ئىدى.خاتىرەم شۇ قەدەر قالايمىقانلىشىپ كەتتى.ئۇ ئاپشاركىنى بىر يەردە كۆرگەندەكلا قىلىۋاتاتتىم-يۇ،لېكىن شۇنچە ئويلاپمۇ ئەسلىيەلمەيۋاتاتتىم.تىت-تىت بولۇشقا باشلىدىم."ئۇنى نەدە كۆرگەن بولغىيتىم؟قاچان،قەيەردە..."
     نېمىگە قاراپ تۇرۇپ كەتتىڭ؟_ئاۋاز چىققان تەرەپكە ئىتتىك بۇرۇلۇپ قارىسام،چىرايى خۇددى ئۆلۈكنىڭ رەڭگىدەك بىر خىزمەتدېشىم ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراۋاتاتتى.
     _ قارا،مۇدىر ئاپشاركىسىنى مەكتەپكە ئېلىپ كەپتۇ.
     _ نەدە مۇدىرنىڭ يېنىدا ئاپشاركا بولسۇن،كۆزۈڭگە شۇنداق كۆرۈنىۋاتقان ئوخشايدۇ.
     _ ئەنە،قارا،كۆزۈڭ كۆرمەس بولۇپ قالدىمۇ سېنىڭ؟
     _ ۋاي توۋا،كاللاڭدىن چاتاق چىقىپتۇ.مۇدىرنىڭ يېنىدا تۇرغىنى ھاشىم ماشكا ئەمەسمۇ؟
     _ ھەي!مەن بىر مەكتەپتە كۈندە بىللە ئىشلەيدىغان ھاشىم ماشكىنىمۇ تونۇمامدىم ئەمدى؟قارىمامدەن،راستلا ئاپشاركىغۇ ئۇ؟ ئەنە،ئەركىلەپ مۇدىرنىڭ پۇتىغا ئېسىلدى،مۇدىر ئۇنىڭ بېشىنى سىلاۋاتىدىغۇ؟
     _ مېنى ئەخمەق قىلىۋاتامسەن نېمە؟توڭلاپ ئاران كەلگەندە.
     _ ئۇنداق قىلغىنىم يوق.راستتىنلا ئاپشاركا دەيمەن،ئوبدان قارا...
     _ ساراڭ بولدۇڭمۇ ياكىقەستەن ساراڭ سىياققا كىرىۋالدىڭمۇ؟بولدى ئادەمنى تولا كولدۇرلاتما،توڭلاپ ئاران تۇرغاندا،_ ئۇ شۇنداق دەپ كېتىپ قالدى.
     ئۇنىڭ "توڭلاپ ئاران كەلگەندە"دېگەن سۆزىدىن ئۆزۈمنىڭمۇ توڭلاپ كەتكىنىمنى ھېس قىلىپ،ئىشخانا تەرەپكە ماڭدىم.مۇدىرمۇ ئاپشاركىسىنى ئەگەشتۈرۈپ،ئىشخانىسىنى نىشانلاپ كېتىۋاتاتتى.ئۇ ئاپشاركىسى بىلەن نېمىلەرنىدۇر كۇسۇرلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.ئۇ مەنزىرىدىن كۆڭلۈم ئېلىشقاندەك بولۇپ،يېقىمسىز بىر تىترەكتىن چايقىلىپ كەتتىم.
     ئىشخانىغا كىرسەم بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى يوقىلاڭ پاراڭلارنى قىلىشىپ ئولتۇرىشاتتى.ئۇلار بىلەن كارىم بولمىدى.خىيالىمدا مۇدىرنىڭ ئاپشاركىسىلا بار ئىدى...ئاخىر ئەنسىز ۋارقىراپ تاشلىدىم:
     _ مۇدىر ئاپشاركا بېقىپتۇ،ئۇنى مەكتەپكە ئېلىپ كەپتۇ،كۆردۈڭلارمۇ؟
     نېمە؟مۇدىر ئاپشاركا بېقىپتىمۇ،ھېچ بىر ئۇنداق گەپ ئاڭلىمىغان ئېدىققۇ؟
     _ بايا كۆردۈم تېخى،مۇدىر ئاپشاركىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى.شۇنچىلىك سەت جانىۋاركەن ئۇ،خۇددى گېرمانلارنىڭ ياراتماي تاشلىۋەتكەن ئاپشاركىسىدەكلا...
     _ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئامان قېلىپ،پېنسىيىگە چىققان ئاپشاركا دېگىنە،_ دەپ چاخچاق قىلدى بىرى.
     _ توۋا،باقسىمۇ تۈزۈكرەكىنى باقسىچۇ؟خەق تاشلىۋەتكەننى باققىچە،_دېدىم ئۆز_ئۆزۈمگە پىچىرلىغاندەك.
     _ ئۇنىڭ ئەگەشتۈرۈپ يۈرىدىغان مودا پىستىلىرى ئاز ئەمەس جۇمۇ؟مۇدىر ئۇنداق،مۇنداق پىستىلەرنى ئەمەس،مەشقاۋۇللار تەربىيىلىگەن نەسلى ساپ پىستىلەرنى كەينىگە سېلىپ يۈرىدۇ..._ دېدى بايا چاخچاق قىلغان خىزمەتدېشىم.
     _ كۆرۈپ كىرەيلى،ئاجايىپ ئىشكەن بۇ،_ دېدى يەنە بىر خىزمەتدېشىم قىزىقىش بىلەن.
     _ يۈرۈڭلار،مەن كۆرسىتىپ قوياي،_ دەپلا ئورنۇمدىن تۇردۇم.
     ئۇلارنى باشلاپ كارىدورغا چىقىشىمغىلا،ھېلىقى ئاپشاركىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.ئاپشاركا ئۇ_بۇ ئىشخانا،سىنىپلارنى ئىشىكىنىڭ كىچىك دەرىزە كۆزنەكلىرىدىن ماراپ يۈرەتتى.
     _ ئەنە ئاپشاركا! _ ئەنسىز ۋارقىرىدىم.
     _ قېنى؟!دېيىشتى ئۇلار تەڭلا.
     _ ئەنە ماراپ يۈرمەمدۇ،كۆرمەيۋاتامسىلەر؟
     _ ھەي،ئۇ دېگەن ھاشىم ماشكا.
     _ ياق،ماشكا ئەمەس،ئاپشاركا!شۇ نەسلى ياخشى ئەمەستەكلا قىلىدۇ.
     _ نېمە دەيدىغانسەن ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ..._ دېدى ئۇلاردىن بىرى ماڭا ئالىيىپ،_ ساراڭ بولۇپ قاپسەن،كاللاڭدىن چاتاق چىقىپتۇ.
     توۋا،بىر سائەتكە قالمايلا مانا "ساراڭ" ئاتىلىپ قالدىم.راست گەپنى قىلغان ئادەم "ساراڭ" دېگەن نامنى ئېلىپ قالامدىغاندۇ؟بىراق مېنىڭ ئەسلىدىنلا شۇنداق نامىممۇ بار ئىدى.ئۇلارنىڭ ئۇنى ھاشىم ماشكا دېيىشى پەقەتلا ئېدىيەمدىن ئۆتمەيۋاتاتتى.
     دەرىسكە مېڭىۋاتسام يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ قىلىشقان سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى:
     _ بىر ئوبدان ئوقۇتقۇچى ئىدى،قاراپ تۇرۇپ....
     _ نېمە ئىشتۇ بۇ؟دەرىستە بالىلارغا ئالىجوقا سۆزلەپ قالماس-ھە؟
     مەن ئۇلارغا گەپ قىلماي،دەرىسىمگە كىرىپ كەتتىم.دەرىسىمنى تۈگىتىپ چىقسام ئۇ،بۇ ئوقۇتقۇچىلار كۆزۈمگە سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى.مەن ئۇلارنىڭ قاراشلىرىغا پەرۋاسىز ھالدا ئۆز ئىشىمنى قىلىۋەردىم.دېگىنىم يالغانمىتى؟مۇدىرنىڭ ئاپشاركىسىنى مەكتەپكە باشلاپ كەلگىنى راستقۇ؟ "قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا،تاۋۇز يېيىشتىن قورقما"دېگەندەك ئۇلارنىڭ گۇمانىي قاراشلىرىغا پەرۋاسىز ھالدا ئۆز خىيال،ئىشلىرىم بىلەن مەشغۇل بولىۋەردىم.
     چۈشتىن كېيىنلىك دەرىسىمگە كىرسەم،مۇدىر ۋە بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى دەرىسىمنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئولتۇرۇپتۇ.ئوقۇغۇچىلار بىلەن سالاملىشىپ بولۇپ،دەرىسىمنى پىلانىم بويىچە باشلىدىم.ئوقۇغۇچىلار دەسلەپ ماڭا بىر قىسمىلا قارىغان ئىدى،كېيىن ئۆزلىرىگە كېلىپ ئىشلار نورماللاشتى.مۇدىرنىڭ يېنىدا ھېلىقى ئاپشاركىنىڭ يوقلىقىدىن شۇنچىلىك خۇش بولدۇم.
     دەرىسىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ كارىدورغا چىققىنىمدا،ماڭا سوڭدىشىپ چىققان مۇدىر مېنى چاقىرىپ قالدى.ئۇ ماڭا مۇدىردەك ئەمەس،بەلكى مەخسۇس ئاپشاركا كۆندۈرگۈچىلەردەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
     _ بىر ئىش بارمىدى؟دېدىم چىرايىمنى ئاچمايلا.
     _ سېنى بەزىلەر ئاغرىپ قاپتۇ دەۋاتاتتى،بىر ئوبدانكەنسەنغۇ؟ _ دېدى ئۇ ماڭا ھەيرانلىق بىلەن سىنچىلاپ قاراپ.
     _ نېمە بوپتىكەنمەن؟ سىزنىڭ ئەتىگەن ئاپشاركىڭىزنى باشلاپ كەلگىنىڭىز يالغانمۇ؟ _ مەن ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى تۇيۇپ بولغانىدىم.
     مۇدىر دەسلەپ تاتىرىپ،سەلدىن كريىن ئۆزىگە كەلدى.
     _ نېمە دەيدىغانسەن ھەي!مېنىڭ ئاپشاركا باققىنىممۇ،مەكتەپكە باشلاپ كەلگىنىممۇ يوق.ئىتنى كۆرسەم كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ.بۇنداق يالغان_ياۋىداقنى نېمىشقا توقۇيدىغانلىقىڭنى پەقەتلا بىلەلمىدىم.
     مەن ئارتۇقچە گەپمۇ قىلماي ئىشخانامغا كىرىپ كەتتىم.ماڭا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپ تۇرغان كۆزلەر يەنىلا مەۋجۇت ئىدى.كۆزنى قەلبنىڭ ئەينىكى دېيىشىدىكەن،مەن كۆز ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم:كۆز ھەقىقەتەن سېھىرگە تولغان بىر دۇنيا.ئۇ بىر كىشىنىڭ مۇغەمبەرلىكى،ئالىيجاناپلىقى،گۈزەللىكى،مۇھەببەتلىك ۋە مېھىرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.مەن ساناقسىز كۆزلەردىننۇرغۇن ھەقىقەتلەرگە ئېگە بولىمەن.بەزىسىدىن ئىللىق بىر تۇيغۇنى ھېس قىلىپ،يۈرىكىم تاتلىق-تاتلىق تېپچەكلىسە،گاھى كۆزلەردىن شۇنچىلىك يىرگىنىپ،بەدەنلىرىم توخۇ ئەت بولۇپ كېتىدۇ ھەميېتىپ كېلىۋاتقان ئېغىر بىر خەۋپنىمۇ تۇيۇپ ئالالايمەن...ئاپشاركىنىڭ كۆزى كۆكۈچ ئىدى،ئۇنىڭدىن تولىمۇ يېقىمسىز تارىيىۋاتقان نۇر مېنىڭ ھاياتىمغا تەھدىت سېلىۋاتقاندەكلا تۇيغۇنى بېرەتتى.مەن بۇنداق كۆزلەرنى بۇ يەردە بەكمۇ كۆپ كۆرىمەن،شۇڭا ئۆزۈمنى ئەركىن ھېس قىلالماي ھەمىشە ۋەسۋەسە،تۇيۇقسىز چۆچۈش،خۇدۇكسىرەش ئىچىدىلا يۈرىمەن. 
     ھېلىقى بوۋاي مەكتەپ ئالدىدا يەنىلا خېرىدار كۈتۈپ تۇراتتى.ئۇنىڭ شۇ پەيتتىكى تۇرقى ۋۇجۇدۇمدا تەسۋىرلەپ بولغۇسىز بىر خىل ئېچىنىشنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ،لېكىن سەلدىن كېيىنلا ئۇ خىل ھېسسىياتىمنىڭ ئورنىنى قەتئىيلىك،مەمنۇن بولۇش تۇيغۇسى ئىشغال قىلدى.بوۋايغا قارىغانسېرى بۇ خىل تۇيغۇم ھەسسىلەپ ئېشىپ،گويا قىزارغان شەپەق ئۇپۇق كەينىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ،زىمىنغا ئوتلۇق بىر ھارارەت سېپىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى-دە،يۈرىكىم شۇ ھامان يېڭى بىر دۇنيانى كۆرگەندەك دۈپۈلدەپ سېلىشقا باشلىدى.ئۇ قاق،جىگدە،كاكىنەچلەرنى ئەمەس،ھاياتلىق ئۈچۈن تىركىشىۋاتقان قەتئىي روھنى بازارغا سېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
     مەكتەپتىن قايتقان بەزى ئوغۇل بالىلار دەۋازىدىن سەللا ئۇزاپ،تاماكىسىغا ئوت يېقىۋاتقان بولسا،بەزىلىرى قىزلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشتىن قايتقاندەك قىزغىن چاخچاقلىشىپ كېتىۋاتاتتى.يەنە بەزىلەر مەكتەپ ئۇدۇلىدىكى تاللا ماگىزىنلىرىغا يۈگۈرىشىۋاتاتتى.
     سەبىي بالىلارنىڭ ۋاڭ_چۇڭلىرى ئوي خىياللىرىمنى مىسكىنلەشتۈرىۋەتتى.بالىلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن بىر نەچچە ئاتا-ئانا خامۇش ھالەتتە بالىلىرىنى ساقلاپ تۇراتتى.لېكىن ئۇلار بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىن نېمە ئېلىپ قايتقانلىقىنى سوراپمۇ قويمايتتى.
     سوغۇق بارغانچە كۈچىيىۋاتاتتى.يېيىلىپ چۈشىۋاتقان تۇمان ئاجايىپ بىر غېرىپ مەنزىرىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.يول بويىدىكى يالىڭاچلانغان دەرەخلەر نېمىشقىدۇر يۈرىكىمگە سوغۇق ئېقىم يامرىتىۋەتتى.ئۆزۈمنى شۇ قەدەر غېرىپ ھېس قىلدىم.
     خېرىدار كۈتۈپ تۇرغان بوۋاينىڭ يېنىغا بېرىپ،ئۇنىڭدىن يەنە جىگدە،كاكىنەچ سېتىۋالدىم.بوۋاينىڭ بېلىنى چىڭ باغلىۋالغان ئارقىنى بىر خىل مەنىدىن بېشارەت بېرىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
     _ قايتمامسىز،_ دېدىم چۈشىنىكسىز تۇيغۇدا.
     _ بالىلار قايتىپ بولسۇن،_ دېدى ئۇ تىترەڭگۈ ئاۋازدا.ئۇنىڭ ئاۋازىدىن بەدەنلىرىمنى تىترەك بېسىپ كەتتى.ئۇ ئۈمىتكە بەكمۇ يېقىندەك قىلاتتى.
     بوۋايغا ھېلىقى ئاپشاركىنىڭ ئىشىنى دەپ بەرمەكچى بولدۇم-يۇ،لېكىن يەنىلا رايىمدىن يېنىپ،قەدىمىمنى ئۆيگە قارىتىپ توغرىلىدىم.سوغۇق يۈزۈمگە نەشتەردەك ئۇرۇلىۋاتاتتى.مۇدىر ئاپشاركىسىنى نېمىشقا مەكتەپكە ئېلىپ كېلىدۇ؟گېپىمگە مەكتەپتىكىلەر نېمىشقا ئىشەنمەيدۇ؟مېنىڭ كۆرگىنىم راست ئاپشاركا تۇرسا...بۇ خىيال ماڭا ھېچبىر ئارام بەرمەيۋاتاتتى.ئۆز-ئۆزۈمگە تىنماي پىچىرلايتتىم.باشقىلارنىڭ دېگىنى توغرىمىدۇ،يا مەن راستتىنلا ساراڭ بولۇپ قالدىممۇ؟بۇنىمۇ بىر نېمە دەپ بولمايتتى.
     ئۆيگە كىرىشىمگە ئايالىم يۈز-كۆزۈمگە سىنچىلاپ قاراپ كەتتى.ئۇنىڭ قارىشىدىن ئىچىم سىقىلغاندەك بولۇپ:
     _ مېنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغانمىدىڭ؟! _ دېدىم نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي.
     _ بۈگۈن چىرايىڭ ئەجەپ تاتىراڭغۇغۇ؟ئۆزۈڭمۇ بىر ئىشتىن قورقۇپ تۇرىۋاتقاندەكلا قىلىسەن؟
     _ ھېچنېمە بولمىدىم....
     _ ياق،ساڭا چوقۇم بىر ئىش بولدى،_ ئايالىم كۆزۈمگە كىرىپلىۋالدى.
     مەن ئاخىرى ھەقىقى ئىشنى دېيىشكە مەجبۇر بولدۇم.
     _ ۋاي خۇدايىم،مۇدىر راستلا ئاپشاركىسىنى مەكتەپكە ئېلىپ كەپتۇما؟ _ سورىدى ئايالىم جىددى ھالدا.
     _ شۇنداق،ئېنىق كۆردۈم.سەنمۇ ماڭا ئىشەنمەمسەن؟بىر ەەپ ئاڭلاپسەن_دە،_ دېدىم جىلە بولۇپ.
     ھەئە..._ ئايالىم ئويلىنىپ بىر ھازا تۇرۇپ كرتتى-دە،ئاندىن كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قارىدى،_ قىزىق ئىش..._ئايالىم ماڭا گۇمان ئارىلاش قاراپ قويۇپ،ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
     مەن يانچۇقۇمدىكى كاكىنەچ بىلەن جىگدىنى ئېلىپ بالىلىرىمغا بەردىم.چوڭ ئوغلۇم پىرامېدا شەكىلدىكى كاكىنەچنىڭ پوستىنى شۇنداقلا يىرغان ئىدى،چوغدەك قىپقىزىل كاكىنەچ كۆزلىرىمنى چاقنىتىۋەتتى.مەن ئۇنى ئېختىيارسىز ھالدا بوۋاينىڭ يۈرىكىگە ئوخشىتىپ قالدىم.
     كېچىچە قارا بېسىپ،نەچچە قېتىم بوغۇنۇقۇپ ئويغىنىپ كەتتىم.
     _ ئەجەپمۇ ئادەمنى ئۇخلاتمىدىڭ!..._ دېدى ئۇيقۇغا ئامراق ئايالىم زەردە بىلەن غۇدۇراپ.
     _ قانداق قىلىمەن ئەمدى،ھېلىقى ئاپشاركا چۈشۈمدىمۇ ماڭا ئارام بەرمەيۋاتسا،گاھ چىشلىمەكچى بولۇپ كەينىمگە كىرىۋالىدۇ،تۇرۇپ ماڭا قاراپ ئېتىلىدۇ.مەن يا ئۇنى ئۇرالمايمەن....
     ئەجەپ بىر...سەندە باشقىچە ئالامەت يوقتۇ؟ _ دېدى ئۇ يوتقاندىن بېشىنى سەل چىقىرىپ.
     _ بولدى ئۇخلا،كەچ بولۇپ كەتتى،_ ئايالىم يوتقانغا يەنە بېشىنى تىقتى.
     ھېچبىر ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى،كۆزۈمنى سەللا يۇمسام ھېلىقى ئاپشاركا كۆز ئالدىمدا سېسىق ھىڭگاي چىشلىرىنى چىقىرىپ ھازىر بولاتتى.ئۇنىڭ تۇرقى شۇنچىلىك بەدبەشىرە،كۆكۈچ كۆزلىرى تولىمۇ قورقۇنچلۇق ھەم سۈرلۈك ئىدى.
     سىرت مۇڭلۇق تىمتاسلىققا چۆككەن بولۇپ،بىرەر ئاياغ تېۋىشىمۇ ئاڭلانمايتتى.ئادەمنىڭ ئىچىنى سىققۇدەك بۇرۇقتۇملۇق نەپىسىمنى بوغاتتى.ھېلىقى ئاپشاركا نېمىشقا قاۋىمايدۇ؟دېگەن خىيال بىلەن ئورنۇمدىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ،پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ دەرىزە تۈۋىگە باردىم-دە،پۈتۈن دېققىتىم بىلەن تىڭشاپمۇ ئاپشاركىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىدىم.ئاخىرى بولماي ئورنۇمغا كىرىپ يېتىشقا مەجبۇر بولدۇم.كۆزۈمنى يۇمۇشقا جۈرئېتىم يوق ئىدى.ئاچچىق-چۈچۈك خىياللىرىم چەكسىز بىر بوشلۇقتا كېزەتتى....
     ئۇھ،ئاخىرى تاڭ ئاتتى...دەسلەپ ئاسمان ئاقىرىپ،كېيىن بارا-بارا سۈزۈلۈشكە باشلىدى.خۇشلۇقۇم قىن-قىنىمغا سىغماي قالدى.ئەپسۇس،قۇياشنىڭ قىزىرىپ چىقىۋاتقان ھالىتىنى كۆرەلمىدىم،چۈنكى،ھاۋا بۇلۇتلۇق ھەم تۇمانلىق ئىدى.قانداقلا بولمىسۇن تاڭ ئاتتى.ئايالىممۇ ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈپ ئورنىدىن يېرىم تۇردى.
     ھېلىقى ئاپشاركىنى ئەسلەپ قېلىپ يۈرىكىمگە بىردىنلا سانجىق كىردى."ئۇنى يەنە كۆرەرمەنمۇ؟"دېگەن تەشۋىش روھىمنى مالىمان قىلماقتا ئىدى.تۇرۇپلا ئويلىنىپ قالدىم:مۇدىر ئاپشاركىسىنى نېمىشقا مەكتەپ ئورنىغا ئېلىپ كېلىدۇ؟بىزگە كورقاق سالماقچىمۇ-يا؟ئىشقا چىقىشتىن يالتايدىم-يۇ،يەنە چىقماقچى بولدۇم.چۈنكى،بوغۇنلار مېنى ساقلاپ تۇرىدۇ.بىر ئىتتىن قورقۇپ تاشلىۋېتىمەنمۇ؟ئاخىرقى خىيالىمدىن كۆڭلۈم "ۋاللىدە"يورۇپ كەتتى،شۇنداقتىمۇ....
     كەيپىياتىم دەرىسخانىدىلا نورمال ئىدى.دەرىستىن چۈشتۈممۇ بولدى،ھەممە كۆز ماڭا گۇمانلىق نەزەردە قارايتتى.شۇڭا ھەر بىر قەدىمىمنى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن باساتتىم.بىر خىل خۇدۈكسىرەش ھالىمنى قويمايۋاتاتتى.ئويلاپ باقسام،ئۆزۈمگە تەۋە بولماي قاپتىمەن.ئۇنداقتا،مەن زادى كىمگە تەۋە؟ئەپسۇس،بۇنى بىلىشكە ھېچبىر ئەقلىم يەتمەيتتى.
     مۇدىرنىڭ ئاپشاركىسى بىلەن ھەمىشە بىللە يۈرۈشلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئيرىلالماسلاردىن بولۇپ كەتكەنلىكىگە ئاخىرى ئىشەندىم.ئاپشاركىنى ھەر كۆرگىنىمدە تېنىمنى دەھشەتلىك بىر قورقۇنچ چىرماپ ئالاتتى.ئۇنىڭ ئاشۇ يىرگىنىچلىك كۆزلىرى ھامان بىر كۈن جېنىمنى ئالىدىغاندەكلا بىلىنەتتى.شۇڭا ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى تارتىپراق يۈرىدىغان بولۇپ قالدىم.لېكىن ئۇ مەندىن ئۆزىنى تارتىدىغاندەك ئەمەسىدى.قايسىبىر كۈنى خالادا ئولتۇرسام ئۇ ئېتىلىپ كىرمەسمۇ،جان_ئىمانىم چىقىپ كەتتى.خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن ئۆزۈمگە كەلدىم.ھېلىمۇ ياخشى ئۇ مېنى تالىۋەتمىدى.
     مەن مۇدىرنىڭ ئاپشاركىسىغا ئۆچ بولغانسېرى،مۇدىرمۇ ماڭا نەپرەتلىك كۆزىدە قارايدىغان،يوق ئىشلارنى باھانىداپ نەشتىرىنى سانچىيدىغان بولىۋالدى.ئۇنىڭ بىلەن دىيالوگ قىلغاندا،مەنمۇ ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكىنى دەپ توڭ تېگەتتىم.مەن ئۈچۈن ئۇنىڭدىن نېمە قورقۇنچۇم بولسۇن؟
     بىر كۈنى مۇدىر ئىشخانىسىغا چاقىرىپ قالدى.خۇداغا شۈكرى،ئاپشاركىسى يېنىدا يوق ئىدى.
     _ سەن مەكتەپ مۇدىرى يېقىنلىرىنى يېنىغا تارتىش بىلەن بولۇپ كېتىپ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى چىڭ تۇتمىدى.ئۇ خوتۇنباز ئىلمىي مۇدىر بىلەن بىر سېرىق چوكاننى تالىشىپ ئۇرۇشتى،ئۇ خوتۇننى ئەمرىگە ئالىدىكەن.سەركىنىڭ ھالى شۇ بولغاچقا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇزۇلۇشقا باشلىدى،دەپ گەپ تارقىتىپسەن.زادى سېنىڭ نېمە مەقسىتىڭ بار؟ _ دېدى ئۇ خېلىلا ئېتىلىپ كېلىپ،مېنى تالىۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا.
     ئەسلى سۆزۈمگە بىر مۇنچە گەپلەرنىڭ قوشۇلۇپ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلگەن بولساممۇ،لېكىن كاللامغا ئاپشاركا كىرىۋالغاچقا،شۇنىڭلا گېپىنى قىلدىم.
     _ مەكتەپ ئورنىغا ئاپشاركا ئېلىپ كەلگەن نەدە بار.بالىلار نېمىنى كۆرسە شۇنى دورايدىغان تۇرسا.بالىلار ئۇنىڭ خۇيىنى تارتىپ ھايۋاندەك بولۇپ كېتىۋاتىدۇ،_ دېدىم ئاچچىقىم بىلەن،_ ئۇ ئاپشاركا ھەمىشە ئادەمنىڭ كەينىدە يۈرگەن.نېمە قىلىق بۇ؟سىز ئاپشاركىنى كەينىڭىزگە سېلىۋېلىپ قايسى دېلونى ئېنىقلىماقچى؟!
     ھەي ساراڭ،مەن نەدىمۇ مەكتەپكە ئاپشاركا ئېلىپ كەپتىمەن!ھەممىسىنىڭ سېنى ساراڭ دېگىنى راستكەن.مۇشۇنداق ساراڭلىق قىلىۋەرسەڭ،ئائىلەڭگە كېتىپ قالىسەن!
     _ نەگە كەتسەم كېتەي،لېكىن مەن راست گەپنى قىلىمەن.قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل!مەكتەپ ئاپشاركا تەربىيىلەيدىغان ئورۇنمۇ-ھە؟!ئېيتە!!!
     _ چىقە ئىشخانىدىن ساراڭ!سېنى كۆرەر كۆزۈم يوق!
     مېنى ھەيدىگىچە ئاپشاركاڭنى مەكتەپتىن ھەيدە!_ دېدىم ئۇنىڭغا گۆلىيىپ.
     _ يوقال ساراڭ!_ ئۇ ئۈستەلنى ئۇرۇپ قاتتىق ۋاقىرىدى.
     "ساراڭ"بۇ سۆز زادى كاللامدىن ئۆتمەيتتى.مەن راست گەپنى دېگەنلىكىم ئۈچۈنلا "ساراڭ"ئاتىلىپ قالامدىم؟خىزمەتداشلىرىمنىڭ ماڭا بىر قىسىم قاراشلىرى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى."كۆز"لەر شۇنچىلىك كۆپىيىپ كەتكەنىدى.مەن ئاخىرى ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قاراشنى توغرا تاپتىم.ئۇنداق بولمىغاندا،ئۇلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشىم تۇرغانلا گەپ ئىدى.مېنى ئەڭ قىيناۋاتقىنى گاھ،گاھ چۈشۈمگە كىرىپ،پاراكەندە قىلىدىغان ئاشۇ ئاپشاركىلا ئىدى.ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم.ئۇ مېنى چۈشۈمدىمۇ،ئوڭۇمدىمۇ قىيناۋاتسا...
     بۈگۈن كۆزۈم ئەمدىلا ئۇيقۇغا كېتىشى بىلەنلا ئاپشاركا سېسىق چىشلىرىنى چىقىرىپ،ماڭا خىرىس قىلىپ كەلدى.مەن كەينىمگە داجىدىم،ئەمما پۇتلىرىم كالامپايلىشىپ يىقىلدىم.ئاپشاركا كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى.مەن بىر ۋارقىرىدىم-دە،ئېغىر ھاسىراپ ئويغۇنۇپ كەتتىم.ئايالىم كۆزىنى چەكچەيتىپ،ماڭا ھومىيىپ تۇراتتى.
     _ بۇ كۈنلەردە تولا جۆيلۈپ،ئادەمنى ئۇخلاتماس بولدۇڭغۇ؟_ دېدى ئۇ تەرىنى تۈرۈپ،_ زادى ساڭا نېمە بولدى؟
     _ شۇ،ھېلىقى مۇدىرنىڭ ئاپشاركىسى مېنى چىشلەيمەن دەپ ئېتىلىپ كەلدى...
     _ مۇدىر نەدىمۇ مەكتەپكە ئاپشاركىسىنى ئېلىپ كەپتۇ،ئۆزۈڭنىڭ تاپقان گېپى ئىكەن.باشقىلار ئېيتقاندەك راست ساراڭ بولۇپ قالغان ئوخشايسەن!ئادەمگە ئارامچىلىق بېرەمسەن-يوق؟!
     ئۇنىڭ سۆزىدىن مېنىڭمۇ ئاچچىقىم كەلدى.
     _ مەن مۇشۇ يەردە ياتمىساملا بولدىغۇ؟چىقىپ كېتەي مۇشۇ ئۆيدىن!
     _ ئاشناڭنىڭ ئۆيىگە بار!
    كىيىملىرىمنى كىيىپ ئىشىكنى جالاقلىتىپ يېپىپ چىقىپ كەتتىم.لېكىن نەگە بېرىشىمنى بىلمەيتتىم.خىيالىمدا پەقەت ھېرىپ قالغۇچە كوچا ئايلىنىپ،ئاندىن ئۆيگە قايتىپ كىرىپ ئۇخلاشلا بار ئىدى.
     بىنانىڭ ئىشىكىدىن چىقىپلا،ئۆزۈمنى ئەركىن ھېس قىلدىم.بىراق ئاچچىق سوغۇق يۈزۈمنى شۇ ھامان چاقتى.ئەتراپ تىمتاس بولۇپ،قار ئۇچقۇنداپ چۈشىۋاتاتتى.ئاسماندا يۇلتۇزلارمۇ كۆرۈنمەيتتى.مەن راستتىنلا ساراڭمۇ؟دېگەن خىيال كاللامغا كىرىۋېلىپ،مېنى بىئارام قىلغىلى تۇردى.مەن ئۆزۈمنىڭ ساراڭلىقىغا زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى.مەن تامامەن نورمال ئىدىم.
     شۇ خىياللار بىلەن كرتىۋېتىپ،كۆزۈم بىر جۈپ نۇر توچكىسىنى كۆرۈپ قالدى.ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ يان تەرىپىگە سېلىنغان،مەكتەپ ئېگىدارچىلىقىدىكى "يالغۇر كارىياغاچ"رېستۇرانىدىن چىقىپ كېلىۋاتاتتى.ئېغىر ھاسىراش،گۇدۇڭ-گۇدۇڭ قىلغان ئاۋازلار قۇلىقىمغا ئۇرۇلدى.
     _ ۋاي...ئاناڭنى...
     _ ھاۋ...
     _ ھاي...ھۆ...
     پۇت-قولۇمدا جان قالمىدى.مەن ئاپشاركىنى تونىۋالدىم-دە،چاققانلىق بىلەن دەرەخ كەينىگە ئۆزۈمنى ئالدىم.ئاپشاركىغا مىنىپ،ئۇنىڭ بوينىغا چىڭ گىرە سېلىۋالغان مۇدىر ئىدى.
     _ ھۆ،ھۆ...
     مۇدىر ئاپشاركىنىڭ باش-كۆزىگە قۇسۇپلىۋەتتى.
     _ بىئارام بولىۋاتامسىز مۇدىر..._ ئاپشاركا گەپ قىلدى.مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ ھەيران قالدىم.مۇدىر ئۇنىڭغا قانداق قىلىپ گەپ قىلىشنى ئۈگەتكەندۇ؟مۇدىرنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم.
     _ ئاناڭنى...ھۆ...
     مۇدىر يەنە شارقىرىتىپ قۇسۇۋەتتى.ئاپشاركا قۇيرۇقىنى يېنىك شىپپاڭلىتىپ،بېشىنى چايقىدى.
     _ ئاز قالدۇق،بوينۇمنى چىڭ قۇچاقلاڭ...
     _ تولا سۆزلىمەي ماڭ،ئاناڭنى...
     _ ئېغىر ھەرىكەت قىلماڭ،چۈشۈپ كېتىسىز،چىڭ قۇچاقلاڭ...ھە بولدى،ئاز قالدۇق مانا...
     _ ئاناڭنى...
     ئۇلار تۈن قاراڭغۇسىدا بارا-بارا كۆزۈمدىن غايىپ بولدى."توۋا" دېدىم.ئاپشاركا ئەسلى گەپ قىلىدىكەن ئەمەسمۇ؟مەن ھازىرغىچە نىمىشقا بىلمىدىم؟ئۇ گەپ قىلالايدىكەن!مۇدىرنى نېمىشقا تاكسىغا ئولتۇرغۇزمىدى؟كاللام ئۇماچ بولۇپ كەتتى.ئۆيدىن ئارام تېپىش ئۈچۈن سىرتقا چىقسام،بۇ ئىشنى كۆرۈڭ ئەمدى...كۆڭلۈم قاتتىق ئېلىشىپ كەينى-كەينىدىن قۇرۇق "ھۆ"تۇتتى.توڭلاپ كەتكىنىمدىنمۇ ياكى كۆڭلۈمنىڭ ئېلىشقىنىدىنمۇ،بىلەلمىدىم.ئىشقىلىپ جاقىلداپ تىترەپ كەتتىم-دە،قەدىمىمنى ئۆي تەرەپكە بۇرىدىم.بۇ كېچە يەنە ئۇخلىيالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتتى.كۆز ئالدىمدا ئاپشاركىنىڭ كۈچلۈك نۇر چېچىپ تۇرغان سەسكىنىشلىك كۆزى...
     سەھەر.سوغۇق ھاۋا يەنە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتاتتى.قار ئۇچقۇنداپ چۈشىۋاتاتتى.خىيالىمدا مۇدىرنى مىندۈرۈپ كېتىۋاتقان ئاپشاركا...ئۇنىڭ گەپ قىلالىشى مېنى بەكمۇ ئەجەپلەندۈرگەنىدى.تىل ئادەمنى ھايۋانلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئاساسلىق قورال ئېدىغۇ؟ئەھۋالدىن قارىغاندا،تىلمۇ ئادەمنى ھايۋاندىن ئيرىپ تۇرالمىسا كېرەك.
     مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگىنىمدە،بوۋاينىڭ بۈگۈن يوق بولىشى كۆڭلۈمنى پاراكەندە قىلدى.ئۇ ھەر كۈنى چوقۇم كېلەتتى.بۈگۈن ئۇنىڭغا زادى نېمە بولغاندۇ؟چۈشىنىكسىز بىر تۇيغۇدا ئىختىيارسىز تولغىنىپ كەتتىم.ئۇ بەكمۇ ئورۇق،ھالسىزدەك كۆرۈنگىنى بىلەن يۈرىكى ئاشۇ ئۆزى سېتىۋاتقان كاكىنەچكە ئوخشايتتى.ئۇنىڭدىن ئاجايىپ بىر نۇر تارىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولاتتىم.بىردىنلا مۇڭلىنىپ كەتتىم-دە،ئىشخانىغا قاراپ قەدەم ئالدىم.مەكتەپ كورۇسى ئىچىدە مۇدىر بىلەن ئاپشاركا يوق ئىدى،كۆڭلۈم خېلى ئارامىغا چۈشتى.شۇنداقتىمۇ ئېھتىيات قىلماي بولمايتتى،تۇيۇقسىزلا بىر يەردىن ئېتىلىپ چىقىپ قالسا...خۇدا ساقلىسۇن!
     _ بۇ سېنىڭ باغىقىڭ ئىكەن،_ دېدى بىر خىزمەتدېشىم ئىشخانىغا كىرىشىمگە بىر باغاقنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ.
     باغاقتىكى تەكلىپ قىلغۇچىنىڭ ئىسمىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ ئۇنىڭ كىملىكىنى پەقەتلا ئەسلىيەلمىدىم.
     _ بۇ تەكلىپنامىنى ئەۋەتكۈچى كىمكەن؟_ دەپ سورىدىم ھېلىقى خىزمەتدېشىمدىن.
     _ بۇ مەۋسۇمنىڭ بېشىدا مەكتەپتىن قېچىپ كەتكەن بىر ئوقۇغۇچىمىزنىڭ باغىقىكەن.ئۇ ھەممە ئوقۇتقۇچىلارنى تويىغا تەكلىپ قىپتۇ،_ ئۇ شۇنداق دەپ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە بىر خىل گۇمانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ قويدى.ئاندىن ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردى.
     مەن ئۇنداق قاراشلارنى كۆپ كۆرىدىغان بولۇپ قالغاچقا،ئانچە ئەجەپلىنەرلىك تۇيۇلمىدى.
     _ بۇ زىمىستان قىشتا نېمە تويدۇ؟_ دېدى بىر خىزمەتدېشىم.
     _ بالىلىق بوپتۇ،توي قىلمىسىمۇ بولماس،_دېدى يەنە بىر خىزمەتدېشىم.
     _ ئۇنداقتا مۇشۇ مەكتەپتىكى چېغىدىلا....ھا....ھا...ھا....
     _ ئۆزلىرىنى تۇتالماي قالدى-دە...بۇ گۇينىڭ بالىلىرىنى-زە...نېمە بولسا بولمامدۇ،پولۇنى يەپ كەلسەك بولدىغۇ؟ئوقۇتقۇچىلىرى كەپتۇ دەپ دادىسى ئايرىم جوزا قىلامدۇ تېخى؟
     _ ئاخشام مۇدىر مەست بولۇپ قاپتىكەن،ئاپشاركىسى ئۇنى مىندۈرۈپ كېتىۋاتىدۇ.توۋا دەپ قالدىم.ئۇ ئاپشاركا گەپ قىلالايدىكەن...مۇدىر ئۇنىڭ بېشىغا قۇسىۋەتتى.
     سۆزۈمگە ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى.نەچچە قېتىم"ئۇلارغا ئەمدى گەپ قىلمايمەن"دەپ ئۆز_ئۆزۈمگە ۋەدە قىلدىم-يۇ،ئەمما گېپىمدە تۇرالمايۋاتاتتىم.بۇ قېتىم قەتئى ئىرادىگە كەلدىم."ئەمدى ئۇلارغا گەپ قىلمايمەن."
     ھېلىقى ئاپشاركىنىڭ كۆلەڭگىسى ئىدارىدە پەيدا بولغاندەك بولدى-دە،ۋارقىراپ تاشلىدىم:
     _ ئاپشاركا!
     _ ئادەمنى ئەجەپ چۆچۈتتى ماۋۇ..._ دەپ غۇدۇراشتى خىزمەتداشلىرىم.
     ئۇلار مەن بولغاچقىلا "ساراڭ" دېگەن سۈپەت سۆزىنى ئىچىلىرىگە مەجبۇرى يۇتىۋېتىشكەنىدى.چۈشتىن كېيىن بولغاندا مۇدىر مېنى تۇيۇقسىز چاقىرىپ قالدى.
     _ سەن مېنى تۈنۈگۈن كەچ كۆرگەنمىتىڭ؟_ دېدى ئۇ ئادەم يەيدىغاندەك ئەلپازدا.
     _ ھەئە.
     _ سەن "ئاخشام مۇدىر ئۆلگىدەك مەست بولۇپ قاپتىكەن،ئۇنىڭ ئاپشاركىسى ئۇنى مىندۈرۈپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ،مۇدىر ئاپشاركىنىڭ بېغىشا چېلەكلەپ سۇ قۇيغاندەك قۇسۇۋەتتى،ئۇ ئۆلەيلا دەپ قاپتۇ"دەپ گەپ تارقىتىپسەنغۇ؟
     _ كۆرگىنىمنى دېدىم.
     _ سەن راستتىنلا ساراڭ بوپسەن!مەن ئۆلۈپتىمەنمۇ؟مانا ساپساق تۇرمامدىم؟!سېنىڭ ئىشىڭنى قاتتىق بىر ئويلاشمىساق بولمىغۇدەك.
     _ ھەممە جەھەتتىن سىلەر تولا ئويلىشىپ،مېنى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ بولدۇڭلار،ئاۋۇ،بىر سائەت دەرىسنى ئوڭشاپ ئۆتەلمەيدىغان ھاشىم ماشكا مەن ئېرىشەلمىگەن شەرەپكە ئېرىشىپتۇ.يەنە سىلەر نېمىنى ئويلاشماقچى؟ئۆزۈڭگە قوشۇپ ئۇنىڭغىمۇ خوتۇن ئېلىشنىمۇ؟!
     _ نېمىلەرنى دەيدۇ ماۋۇ،چىقەۋا ئىشخانىدىن،ساراڭ!
     _ خالىساڭ چاقىرىدىغان،خالىساڭ "چاغ" دەپ قوغلايدىغان ئاپشاركاڭ كۆرۈپ قالدىڭمۇ مېنى؟بىلىپ قوي،مەن سەن ئىندەككە كەلتۈرگەن خوتۇنلارنىڭ ئېرىدەك يۇمشاقباش ئەمەس جۇمۇ! بۇ ھوقۇقنى ئېلىشقا قانچىلىك مەبلەغ سالغىنىڭنى،كىملەرگە كۈچۈكلەنگىنىڭنى بىلمەيدۇ،دېمە!مەكتەپ خوتۇنلارغا قانات سۆرەيدىغان،ئاپشاركا تەربىيىلەيدىغان ئورۇنما؟! دېدىم بىردىنلا غەزىپىم ئۆرلەپ،_ يوقات ئاپشاركاڭنى!
     _ يوقال ساراڭ!مۇشۇ گېپىڭگە ئىگە بول جۇمۇ!
     _ ئىگە بولىمەن!نەگە بېرىپ ئەرز قىلساڭ قىل!ئەكىلە قەغەز بىلەن قەلەمنى مۇشۇ سۆزلىرىمنى يېزىپ بېرەي،مېنۇ شۇنداق دەپ قورقۇتماقچىمۇ سەن!
     _ خەپ سېنى،قاراپ تۇر،قانداق قىلىۋېتىدىكەنمەن؟!
     _ قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل!_ شۇنداق دەپ ئىشىكنى جالاقلىتىپ چىقىپ كەتتىم.قىزىق ئىش،شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ھەممە خىزمەتداشلىرىم ماڭا گەپ قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن،مەن گويا ۋابا كېسىلىگە دۇچار بولغان ئادەمدەكئۆزلىرىنى مەندىن نېرى تۇتۇپ يۈردى.مەن مەكتەپتە،ياق،يەر شارىدا يەككە-يىگانە قالغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم.مەكتەپكىمۇ بوينۇمدىن باغلىغاندەك باراتتىم.ھەممە مەن ئۈچۈن بىمەنىدەكلا ئىدى.
     گاھى كۈنلىرى ھېلىقى بوۋاينى بەكمۇ سېغىنىپ كېتەتتىم.ئۇنىڭ بىلەن قانغۇچە مۇڭداشقۇم كېلەتتى.ھەر كۈنى كۆزلىرىم ئۇنى ئىزدەيدىغان بولدى.لېكىن ئۇنى ھېچ يەردىن تاپالمايتتىم.ئۇنىڭ كاكىنىچىنى يېيىش ئارزۇيۇم كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتاتتى.مۇھىت بۇلغانسا،گال تولا ئاغرىمدىكىن-تاڭ؟گال ئاغرىقىم تۇرۇپ-تۇرۇپ قوزغاپ قالاتتى.دورىلار ماڭا ئەكس تەسىر بېرەتتى.بوۋاي ساتىدىغان كاكىنەچنى يېگەندىن كېيىنلا خېلى ۋاقىتقىچە ئاغرىقىم قوزغالمايتتى.مەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئاشۇ قىپقىزىل كاكىنەچكە ئوخشاتقان چاغلىرىمدا بىردىنلا روھلىنىپ ئادەم بىلەن ھايۋاننى پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئامىلغا ئىگە بولغاندەك بولاتتىم.
     ئاخىرى تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى.بىر نەچچە ھەپتە "ئۈگىنىش"قىلغاندىن كېيىن ئارامغا چىقتۇق.تەتىل ئاخىرلىشاي دېگەندە شۇنداق بىر خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدىم"مۇدىر ئالمىشىپتۇ!"
     "مۇدىر ئالمىشىدىكەن"دېگەن گەپنىڭ چىققىنىغا خېلى بولغانىدى.شۇڭا ئۇ گەپكە ئانچە ئىشىنىپ كەتمىدىم.مەن ئۈچۈن يەنىلا رېئال پاكىت ئەۋزەل!تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم:ئۇ يوقالسا،ئاپشاركىسىمۇ بىللە يوقىلاتتى،ئۇ چاغدا خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالاتتىم.
     تەتىل ئاخىرلاشتى.مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئالماشقانلىقى راست بولۇپ چىقتى.گاھى ئوقۇتقۇچىلار ئەمدى سابىق مۇدىرنىڭ ئۈستىدىن "ھۆكۈمەت تەكشۈرىۋېتىپتۇ"دېگەندەك گەپلەر تارقىتىپ،ئۇنى سېسىتىشقا يۈزلەنگەنىدى.
     مەكتەپ ئالدىغا كېلىپ،ھېلىقى بوۋاينى كۆرۈپ يۈرىكىم قەۋەتلا يايراپ كەتتى.
     _ كاكىنەچ بىلەن جىگدىنى سېغىنغانسىز-ھە؟قانچىلىك بېرىمەن<_ دېدى بوۋاي كۆزۈمگە ئىسسىق بېقىپ.
     _ ئالاي،ئالاي،قانچىلىك بولسا ھەممىسىنى ئالاي!_ دېدىم مەن بوۋايغا جاۋابەن.راست،مەن بوۋاينى،ئۇنىڭ كاكىنەچ،جىگدىلىرىنى بەكلا سېغىنغان ئىدىم.شۇ تاپتا ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزىدىن كۆتۈرۈلگەن ئوتلۇق قۇياش روھىمنى باسقان مۇزلارنى ئاستا-ئاستا ئېرتمەكتە ئىدى.بوۋايدىن تارالغان بىر نۇر ئالدى بىلەن مېنىڭ قەلبىمگە چۈشتى،ئارقىدىن بارا-بارا كېڭىيىپ،مەكتەپ ئاسمىنىدا پەيدا بولدى.يۈرىكىم شۇ ھامان يېڭى بىر دۇنيانى كۆرگەندەك دۈپۈلدەپ سېلىشقا باشلىاى.


      مەنبە:تەڭرىتاغ ژورنىلى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1265
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: -20 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-28
ئاخىرقى: 2012-01-28

بۇ ھېكايىنى <<تەڭرىتاغ>> ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 2-سانىدا ئوقۇغان ئىدىم. بەك ياخشى يېزىلغان ھېكايە. ھازىرقى مەكتەپلەردىكى قىسمەن ئەھۋاللار ناھايتى ئېنىق ھەم يارقىن يورۇتۇپ بېرىلگەن. شۇنداق مۇدىرنىڭ بىر مەكتەپتە بولغىنى، مائارىپنى پالاكەت باسقىنى... شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى، بەزى سېسىق نامى ھەممە يەرگە پۇر كەتكەنلەر بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇپ تۇرماقتا. بۇ ھېكايىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان ئەشۇ مەسىلىلەرمۇ بىزنى مائارىپىمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ...
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1209
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1209دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 12883 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-28 18:50

ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1265
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: -20 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-28
ئاخىرقى: 2012-01-28
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-30 14:38

karwan ئەپەندى، يوللىغان بۇ ھېكايىنىڭ ماۋزۇسىنى مۇنداق قىلىپ قويسىڭىز بولامدىكىن، دەيمەن: يەنى،
ساراڭ (ھېكايە) دەپ.......... بولمىسا ماۋزۇنى كۆرگۈچىلەر نېمە "ساراڭ"دۇ بۇ؟ دەپ قالىدىكەن...