باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 929 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: غۇلجا ناھىيىسىدىكى « يۈزلەر »
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 547
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە547دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6355 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-28 13:52

غۇلجا ناھىيىسىدىكى « يۈزلەر »

غۇلجا ناھىيىسىدىكى « يۈزلەر »

تۇرغان ساۋۇت


جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن سۇلالىلەر ۋە خانىدانلىقلار غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن لەشكەر تۇرغۇزۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرا رايوننى قوغداشنى ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى قىلغان. ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭغارلار ئۆز مەركىزىنى قوبۇقساردىن تەبىئىي شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئىلىغا كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ يەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مەلۇم مەزگىل گۈللەنگەن. بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى - جۇڭغار خانىدانلىقىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ،، دېھقانچىلىققا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدە. جۇڭغار خانلىقى ئەسلىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر، قوبۇقساردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن تېرىقچىلار، شۇنداقلا، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنى ئىلىدا تېرىقچىلىققا سالغان. بۇ ئەھۋال غالداندىن كېيىنكى سېۋان ئارابتان بىلەن غالدان سېرىننىڭ دەۋرىدە ئەۋج ئالغان بولۇپ، كۆچۈرۈپ چىققانلارنىڭ كۆپ قىسمى تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئاز ساندىكىلىرى سودا- مۇلازىمەت كەسىپلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. ئۇلار جۇڭغار خانلىقىنىڭ ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي بويلىرىدا دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەڭ غوللۇق كۈچلىرى بولغان. بەزى تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، 1755- يىلى ئىلىغا كەلگەندە خاتىرىلەنگەن ئابدۇل مۆمۈن باشلىق 12 نەپەر ئۇيغۇر زايساننىڭ ئاغزاكى بايانىدا: « بىز 2000 نەچچە تۈتۈن ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن تارتىپ قاش دەرياسى ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىدىكى چاغانئوسۇ غىچە بولغان جايلاردا ئولتۇرغان ئۇيغۇرلار غالدان غالدان سېرىنگە تەۋە ئىدۇق. داۋاچى جېنىمىزدىن جاق تويغۇزىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، بەكمۇ نامراتلىشىپ كەتتۇق. بۇ قېتىم بىز 300 ئەسكەر چىقىرىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ داۋاچىنى يوقىتىشىغا ياردەملىشىشنى خالايمىز » دېيىلگەن. بۇنىڭدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي بويلىرىدا خېلى بۇرۇنلا تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى مىلادى 1755- يىلى جۇڭغارلارنىڭ ئىچكى مالىمانچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپتىن ئىلىغا ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭغارلارنىڭ قەبىلە باشلىقى داۋاچىنى تۈتىۋالغان. مىلادى 1757 - يىلى ئامۇرسانا باشچىلىقىدىكى جۇڭغارلارنىڭ قالدۇق قىسمىنى تازىلاپ، ئىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. چىڭ خانى گازۇڭ مىلادى 1760- يىلى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، « قورال كۈچى ئارقىلىق تېنجىتىش، دېھقانچىلىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى تەڭ تۇتۇش » نى غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. گاۋزۇڭنىڭ پەرمانى بويىچە، ئاتلىق ۋە يېشىل تۇغلۇق لەشكەر قوشۇنىنى ئىلىغا يۆتكەش بىلەن بىرگە، جەنۇبىي شىنجاڭدىن يۆتكىگەن 300 تۈتۈن ئۇيغۇرنى ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا تارقاقلاشتۇرۇپ، بوز يەر ئاچقۇزغان. 1760-، 1761- يىللىرى 2-،3- تۈركۈم ئۇيغۇر تېرىقچىلارنى ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، باي، كۇچا، شايار، ۋە دولان قاتارلىق جايلاردىن كۆچۈرۈپ كەلگەن. مۇشۇ ئىككى يىلدا يۆتكىگەن تېرىقچىلار مىڭ تۈتۈندىن ئېشىپ كەتكەن.
چىڭ سۇلالىسى غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن، جۇڭغار ۋاڭ-گۇڭلىرىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۈلگە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا تەۋرىنىپ قالغان « بەگلىك » تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، ياققا يۇرتلارغا تارقىلىپ كەتكەن تېرىقچىلارنىڭ ئەسلى يۇرت- ماكانلىرىغا قايتىپ كېلىشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەن. نەتىجىدە، بۇنىڭدىن ۋاقىپلانغان تېرىقچىلار تۈركۈم- تۈركۈملەپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇلار دەسلەپتە ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي تاغ بويلىرىدىكى قاينۇق، جاغىستاي ۋە شىمالىي قىرغىقىدىكى غۇلجا، بايتوقاي، قاش، ئارابۇز قاتارلىق جايلاردا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە سېلىنغان.

  1762- يىلى چىڭ ئوردىسى كۆرەدە ئىلى قاتارلىق جايلارنى باشقۇرغۇچى جاڭجۈن تەيىنلەش بىلەن بىرگە، ھەر قايسى رايون، مەھەللەرنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە تېرىقچىلىق قىلىش ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى چوڭ- كىچىك بەگلەردىن 12 نى قويغان. ئۇلار: 3- دەرىجىلىك ھاكىمبەگ، 4- دەرىجىلىك ئىشىكىئاغا بەگ، 5- دەرىجىلىك غەزىنىچىبەگ، 6- دەرىجىلىك قازىبەگ ۋە مىراپبەگ، 7- دەرىجىلىك دوگانبەگ، پاششاپبەگ، شىنماۋۇلبەگ، ئارباپبەگ ۋە مىڭبەگلەردىن ئىبارەت بولۇپ، مىڭبەگ ( مىڭ بېشى) نىڭ قول ئاستىدا يۈز بېگى، ئەللىك بېشى، ئون بېشىلار بولغان. يارلىق ئارقىلىق قەشقەر، خوتەن،، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، يەكەن، قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن زور تۈركۈمدە ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە سالغان. 1768- يىلىغا كەلگەندە، ئىلگىرى -كېيىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن تېرىقچىلار 6383 تۈتۈنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر يىلى رودا قازىدىغان 60 تۈتۈن ئۇيغۇر ۋە چوڭ -كىچىك بەگلەر ئۈچۈن مەخسۇس تېرىقچىلىق قىلىدىغان 323 تۈتۈن يانچىدىن باشقا، قالغان 6000 تۈتۈن ئاھالە 60 يۈزىگە تەقسىم قىلىنىپ، ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي تەرەپلىرىدە بوز يەر ئېچىپ، تېرىقچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  ئىلى جاڭجۈنى 1773 - يىلى سۇ مەنبەلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى توققۇز رايونغا، يەنى ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى خونۇقاي، جاغىستاي، قاينۇق قاتارلىق ئورۇنلارنى ئۈچ رايونغا؛ ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي تاغ باغرىدىكى قاش، بوربوسۇن، قۇلۇستاي، چۇلۇقاي، جىرغىلاڭ، پىلىچى قاتارلىق سۇ ئېقىنلىرىدىكى ئورۇنلارنى ئالتە رايونغا بۆلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنى ئىلىدىكى 9 بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىغا (<توققۇز سۇ رايونى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئورۇنلاشتۇرغان. ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي تاغ باغرىدىكى ساي سۇلىرىنىڭ مەنبەسى مول بولۇپ، سۇغۇرۇش شارائىتى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەرلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغان.
ئەينى ۋاقىتتىكى 60 يۈزنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ يەرلەرگە ئورۇنلاشقانلىقى ئۈچۈن، چيەنلۇڭ دەۋرىدىكى يەرلىك بەگلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈپ، سۇ قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنى چىڭ تۇتقان. ئىلى جاڭجۈنلىرىنىڭ پەرمانى بويىچە، ئىلىدىكى ھاكىمبەگلەر ھەر تەرەپتىن كۈچ توپلاپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ئۇيغۇرلار بىلەن كېچە- كۈندۈز جاپالىق ئىشلەپ، كېيىنكى چاغلاردا داڭقى چىققان ئاق ئۆستەڭنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزغان. شۇنىڭدىن بۇيان، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي تاغ باغرى ۋە ئاق ئۆستەڭ سۈيىدىن سۇغىرىلىدىغان 460 مىڭ مودىن ئارتۇق مۇنبەت بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئارابۇز رايونىدا ئېچىلغان بوز يەر 161 مىڭ مۇ بولۇپ، شۇ ئەتراپتىكى مەھەللەرگە 500 تۈتۈن ئۇيغۇر دېھقان ئورۇنلاشقان. بۇنىڭ بىلەن، ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي تاغ باغرىدىكى رايونلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، دېھقانچىلىققا دەسلەپكى قەدەمدە ئاساس سېلىنغان.

  مىلادى 1804- يىلىغا كەلگەندە يۇقىرىقى 9 تېرىقچىلىق رايونىدىن باشقا، ئۇلاستاي، نىلقا، ئولانكوتەل، چۈنجى قاتارلىق تۆت تېرىقچىلىق رايونى قۇرۇلۇپ، « جىياچىڭ زامانىدا ئۇيغۇرلار ئۆزلەشتۈرگەن تۆت رايون » دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ بىلەن، ئىلى رايونى بويىچە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، تېرىقچىلىق قىلىش رايونلىرى 13 كە، تېرىقچىلىق قىلغۇچى ئۇيغۇرلار 34 مىڭغا يەتكەن.

  يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 13 رايوندىكى تېرىقچىلىق نۇقتىلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن تارتىپ، 1804- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىلىدا قۇرۇلغان يېزا- كەنتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ بوز يەر ئېچىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئورۇن ناملىرى بىلەن ئاتالغان. تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىش ئىشلىرىغا يەرلىك ھاكىمبەگلەر ۋە مىڭبېشىلار مەسئۇل بولغانلىقتىن، تېرىقچىلىق رايونلىرىنى بىر نەچچە «يۈز» گە، ھەتتا ئەللىك ۋە ئونلۇق ئائىلە ماكانلاشقان مەھەللىلەرگە بۆلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى « يۈزى» نامى بىلەن ئاتالغان ئورۇنلار ئەڭ بۇرۇن بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىنىڭ ئىسمى بىلەن كۆرسىتىلگەن بولسا، كۆپ قىسمى ئەڭ دەسلەپ يۈز بېشى بولغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن، بەزىلىرى شۇ كىشىنىڭ يۇرتىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ ئىدارە قىلىنغان.
- يىلىدىكى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى سەۋەبىدىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ بوز يەر ئېچىش دولقۇنى پەسكويغا چۈشۈپ، تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكەن. رۇسىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىلىدىكى تېرىقچىلاردىن 45 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئائىلىسىنى كۆچۈرۈپ كەتكەن. « كۆچ- كۆچ » ۋەقەسىگە دائىر ماتېرىياللاردا ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى < 81 يۈز > ىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بۆلىدىكى، ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئالدى- كەينىدە، ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ( چاپچال ناھىيىسى تەۋەسى) ھەم شىمالىي ( غۇلجا ناھىيىسى) دا يۈزلۈك يېزا- كەنتلەر كۆپىيىپ، 93 كە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىمىزغا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن، غۇلجا ناھىيە تەۋەسىدە يۈزلۈك يېزا- كەنتتىن 81 ى بار دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ھازىرغىچە ئىسمى ساقلىنىپ كەلگەن يېزا- بازار يەتتە بولۇپ، ئۇلار جېلىليۈزى، تۇرپانيۈزى، خۇدىيار يۈزى، ئونيار يۈزى، موللاتوختىيۈزى،، سادىقيۈزى، سامىيۈزى قارارلىقلار؛ مەمۇرى كەنت ۋە مەھەللىلەردىن جېلىليۈزى، تۇرپانيۈزى، كېپەكيۈزى، روزىمەتيۈزى، خۇدىياريۈزى، سادىقيۈزى، موللاتوختىيۈزى، ئىسلاميۈزى، توخوچىيۈزى، ھىدىليۈزى، ئونياريۈزى، تاھىريۈزى، ساقىيۈزى، تۇردىيۈزى، سامىيۈزى، ئاسانيۈزى قاتارلىقلار؛ يەنە بىر قىسىم يېزا- كەنت دەرىجىلىك يۈزىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلاردىكى يۈزى دېگەن ئۇقۇم ئېنىق بولمىغان، ئۇلار:- پەنجىم، ( ئەسلى پەنجىميۈزى )، مەمەيار ( ئەسلى مەمەتياريۈزى)، ئالتە ئۆي ( ئەسلى خۇداقۇليۈزى)، ئابلاش ( ئەسلى ئابلاشەخ يۈزى)، غۇجاش ( ئەسلى غۇجاشيۈزى)، دۆڭ مازا ( ئەسلى قادىريۈزى )، ئۇيغۇر بۆلۈكەي ( ئەسلى رازاقيۈزى)، سېپىل ( ئەسلى بەختىياريۈزى)، قارباغ ( ئەسلى ئاۋاكرى يۈزى)، سالار ( ئەسلى سۇلتانشاخيۈزى)، ئاختام ( ئەسلى ئىبراھىميۈزى)، يېڭىتام ( ئەسلى مەمتىمىن يۈزى )، ئارابۇز ( ئەسلى پولاتيۈزى)، دولان ( ئەسلى دولانيۈزى) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

يەنە بىر قىسىم يۈزلەرنىڭ ناملىرى ئۆچۈپ، بىۋاستە « يۈزى» نامى بىلەن ئاتالمىسىمۇ، ئەممە ئۇلارنىڭ يەر ناملىرىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۈسى ئىنتايىن ئېنىق چىقىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: خوتەن مەھەللە، يەكەن مەھەللە، قاغىلىق مەھەللە، قۇمۇللۇق مەھەللە، ئاقسۇ مەھەللە، گەمە، بوستان، مۇرات، بۇرچى، ئۈچئون. بەشئون، ئالتئون قاتارلىق ناملارمۇ شۇ مەزگىلدىكى ئوخشاش بولمىغان بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تارىخىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەزى يۈزلىك كەنتلەرنىڭ كونكرېت ئورنى يەر ناملىرى ھەققىدە داۋاملىق ئىزدىنىشىمىزگە ۋە تەكشۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە.
مەنبە:http://bbs.elqut.cn/read.php?tid=11670